خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«سۈنئىي يۈرەك» سىلىنغان قوينىڭ ھايات تۇرغىنىغا 61 كۈن بولدى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-05-20 19:05



«سۈنئىي يۈرەك» سىناق قىلىنغان قوينىڭ ھايات تۇرغىنىغا 61 كۈن بولدى

«سۈنئىي يۈرەك» سىلىنغان قوينىڭ ھايات تۇرغىنىغا 61 كۈن بولدى

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سىناق قىلىنغان قوي «تيەنجيۇ» كۆپچىلىككە كۆرسىتىلدى.

  13-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئالاھىدە قوي تيەنجىن تەيدا خەلقئارا يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تەيدا دوختۇرخانىسى دېيىلىدۇ) پەيدا بولدى. ئۈستىگە ئېسىلغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەركىن-ئازادە مېڭىپ يۈرگەن بۇ قوي ساغلام، تېتىك بولۇپ، ئادەتتىكى قويلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى. لېكىن، بۇ قويغا ئېسىلغان ئۈسكۈنە كەلگۈسىدە مەملىكىتىمىزدىكى نەچچە مىليونلىغان ئاستا خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سىناق قىلىنغان قوي «تيەنجيۇ»غا جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ 18-تەتقىقاتخانىسى ۋە تەيدا دوختۇرخانىسى ھەمكارلىشىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسىغان، مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى كۆچۈرۈشكە بولىدىغان 3-ئەۋلاد يۈرەك قېرىنچىسى قوشۇمچە ئەسۋابى ـــــ ماگنىتلىق قوش سوسپېنزىيە قان پومپىسى ئورنىتىلغان. خەۋەر ئارگىنالى يوللانغان ۋاقىتقا قەدەر «تيەنجيۇ»نىڭ ساغلام تۇرۇۋاتقىنىغا 61 كۈن بولغان بولۇپ، دۆلەت بويىچە 3-ئەۋلاد يۈرەك قېرىنچىسى قوشۇمچە ئەسۋابى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ھايات تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇش رېكورتنى ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى كۆچۈرۈش سېنىقى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم باتارىيە ۋە كونتىروللىغۇچنى كۆتۈرۈپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى بولۇپ، قان پومپىسىنى كېلىنىكىلىق كۆچۈرۈشنىڭ تەقلىدىي ھالىتىگە يەتكەن. بۇدۆلىتىمىزنىڭ 3-ئەۋلاد يۈرەك قېرىنچىسى قوشۇمچە ئەسۋابى تەتقىقاتىدا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار