كىنو قانداق بارلىققا كەلگەن؟
«پويىز ئىستانسىغا كىردى» ناملىق كىنو
1873-يىلى ئامېرىكىلىق بىئولوگ گېلەي تەتقىقاتلاردىن ئات چاپقاندا ئالدى بىلەن بىر پۇتىدا تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۈچ پۇتىدا،ئىككى پۇتىدا، ئاخىردا بىر پۇتىدا تۇرىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. بىر مۇنچە بايلار بۇنداق دېيىش زادىلا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قول باغلاشقان. ئەگەر ئات چاپقان ۋاقىتتا تۆت تۇۋىقىنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا يەردىن ئايرىلمايدىغانلىقى ئىسپاتلانمىسا، بايلار گېلەيگە 25مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغان بولۇپ كېلىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بايلار سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئوپېراتور ئىزدىگەن. سان-فىرانسسكودىكى ئەڭ ئۇستا ئوپېراتور مۇشلىچ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ خىزمەتنى باشلىغان. گەرچە، ئۇ ئاق تامنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تۇرۇپ، ھەتتا بىر قانچە سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ سۈرەتكە ئالغان بولسىمۇ، كىشىنى رازى قىلغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. قېرىشقاندەك ئۇ خۇسۇسىي تۇرمۇشتىكى جىنايى ئىشلار ئەرزيىتى سەۋەبىدىن 15يىل تۈرمىگە قامالغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى تەجرىبىسنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ئات چاپتۇرۇش مەيدانىدا مۇنچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىچىك 12ئېغىزلىق ياغاچ تاختىلىق ئۆي ياساپ، ئاپپارات بېشىنى ھەربىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئۈستىگە قويۇپ، تۇنجى قېتىملىق تۇتاشتۇرۇلغان سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىغان، بۇ سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىدا زور ئىلگىرلەش بولغان. 1894-يىلى يازدا فىرانسىيەنىڭ رىئاندىكى ئوپېراتور ئانتونى لومبىر پارىژدىكى بىر ماگىزىندىن ئېدىسون كەشىپ قىلغان كىنونىڭ كۆرۈش ئەينىكىدىن بىرنى 6000فىرانىكقا سېتىۋىلىپ فىلىم قويۇشتا ئىشلىتىشكە تەييارلىغان، بىراق ئۇ ياردەمچىسى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم سىناق قىلغان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.
ئانتوننىڭ ئوغۇللىرى ئاۋگوست بىلەن رويى مالەننىڭ «جانلىقلارنىڭ ھەركەتلىنىشى» پىرىنسىپى بويىچە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئاخىر 1895-يىللىرى دۇنيادا تۇنجى ھەركەتلىنىدىغان كىنو ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ ئاپپارات پۇختا، يېنىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، سۈرەتكە ئالغىلى، قويغىلى، يۇيغىلى بولاتتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە رويى لومبىر پارىژدىكى بىر يەرئاستى ئۆيىدە ئۆزىنىڭ ھەركەتلىنىدىغان كىنو ئاپپاراتى بىلەن تاماشىبىنلارغا «تام چېقىش»، «پويىز ئىستانسىىغا كەلدى»، «بوۋاقنىڭ شورپا ئىچىشى»قاتارلىق فىلىملەرنى قويۇپ بېرىپ، زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، تاماشىبىنلار كۆرۈپ ھەيران قېلىشقان، شۇنىڭدىن باشلاپ كىنو دۇنياغا كەلگەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]