ئىنسانىيەت تارىخىدىكى سەككىز چوڭ تەسادىپىي بايقاش
.1مىكرو دولقۇن
ئامېرىكا لېيسىن شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى پوش سپېنسېر ئېلېكتىرونىكا(ئېلېكتىرون ئىلمى) مۇتەخەسسىسى بولۇپ، 1945 – يىلى رادارنىڭ مىكرو دولقۇن تارقاتقۇچىسى (ماگنىت كونترول لامپىسى)نى سىناۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئىشتان يانچۇقىدىكى شاكىلاتنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ رادارنىڭ مىكرو دولقۇن تارقاتقۇچىسى شاكىلاتنى ئېرىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىپ، ئاشپەزلىكتە مىكرو دولقۇندىن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق بارلىققا كەلگەن.
.2ساخارىن
–1879 يىلىنىڭ بىر كۈنى ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىنىڭ جون خوپكىنسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىلا سەيمۇسىن بىلەن كونېستانتىن فاھىبوگ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپلا تاماققا بارغان، فاھىبوگ تاماق يەۋېتىپ قولىنى يۇيمىغانلىقى يادىغا كەلگەن ھەم كۈتۈلمىگەندە سۈنئىي تاتلىقلاشتۇرغۇچ ساخارىننى بايقاپ قالغان. ئاندىن ئىلا سەيمۇسىن بىلەن بىرلىكتە ساخارىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىنى ئېلان قىلغان. فاھىبوگ ھېچكىمگە دېمەيلا پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىۋالغاچقا، ساخارىننىڭ پاتېنت ھوقۇقى پەقەت فاھىبوگكىلا تەۋە بولغان.
.3 كاۋچۇك(رېزىنكە)لاي
كاۋچۇك (رېزىنكەلاي بالىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچىقىغا ئايلىنىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى لايىھەنىڭ مەقسىتى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تام قەغىزىنى تازىلاش ئىدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازارغا سېلىنىشى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان شىركەتنى قۇتقۇزۇپ قالغان، بۇ قانداقتۇر ئۇنىڭ تازىلاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بالىلارنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئوينىغانلىقىدىن بولغان. شىركەت شۇنىڭدىن كېيىن كاۋچۇك(رېزىنكە)لايدىكى تازىلاش دورىسىنى چىقىرىۋېتىپ،ھەر خىل رەڭ ۋە خۇشپۇراقلارنى قوشۇپ، ئۇنى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرغان.
.4 كۈچلۈك يىلىم
–1942 يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىسمان كېدا تەجرىبىخانىسىدىكى ھاللىي كۇفۇ نېمىگە يولۇقسا شۇنىڭغا چاپلىشىدىغان سيانوئاكرىلات يېپىشتۇرغۇچنى كەشىپ قىلغان، ئەمما ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا سەل قارىغان. ئالتە يىلدىن كېيىن ئۇ ئايروپىلان كابىنكا قاپقىغىنى لايىھەلەۋاتقاندا سيانوئاكرىلات يېپىشتۇرغۇچنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك يېپىشىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەم ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەرنى ئۆزئارا چاپلاشتۇرۇپ سىناپ كۆرگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ يۇقىرى ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇغان، كېيىن ئۇ، بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماس قىلغان،9581–يىلى، بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنغان، ئۇنىڭ يېپىشتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا كۈچلۈك يىلىم دەپ ئاتالغان.
.5 پولىتېترافىتوروئېتىلېن
ئامېرىكا خىمىيە ئالىمى لويى پلانكېد 1938 – يىلى يېڭى بىر خىل فىتورلۇق كاربون بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىۋاتقاندا پولىتېترافىتوروئېتىلېننى بايقاپ قالغان. ئۇ ئەسلىدە لىق گاز تولدۇرۇلغان بىر قاچىنى تەكشۈرگەندە، گازنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىپ، قاچا دىۋارىدا بەزى ئاق داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. پلانكېد بۇنداق سىرلىق خىمىيەلىك ماددىغا قىزىقىپ ئۇنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئاخىرىدا بۇنىڭ ئاجايىپ سىلىقلاشتۇرغۇچى ماددا ئىكەنلىكىنى، ئېرىش نۇقتىسىنىڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ناھايىتى باب كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ھازىر بۇنداق ماددا يېپىشماس قازانلارغا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
.6يۈرەك قوزغاتقۇچ (پاتسېماكېر(
نىيۇيورك ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ۋېلسون گېرتباچ يۈرەك خاتىرىلىگۈچ ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى ئەمدىلا باشلىغاندا، ئەسلى لايىھەدىكى ئون كىلوئوملۇق قارشىلىقنىڭ ئورنىغا خاتا ھالدا بىر مېگائوملۇق قارشىلىقنى ئىشلىتىپ قالغان، ئويلىمىغان يەردىن بۇ توك يولى ھاسىل قىلغان سىگنال ئىنسانلارنىڭ يۈرەك سوقىشى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن گېرتباچ توغرا تەڭشەلگەن توك ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ تومۇرنىڭ سوقۇشىنى كونترول قىلىپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن يۈرەك سوقۇشنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئىلگىرىكى يۈرەك قوزغاتقۇچ(پاتسېماكېر)لار تېلېۋىزوردەك چوڭلۇقتا بولۇپ، ئاغرىقنىڭ بەدەن سىرتىدىن ئىشلىتەتتى، ھازىرقى يۈرەك قوزغاتقۇچ (پاتسېماكېر)لار كىچىك بولۇپ، ئاغرىقنىڭ كۆكرەك بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
.7 يېپىشقاق ئىزما
بىر كۈنى شىۋېيتسارىيەلىك ئىنژېنېر جورج. د. مىستې ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانلىققا ئوۋغا بېرىپ قايتىشىدا، ئىتىنىڭ بەدىنىگە نۇرغۇن قىلتىرىقلارنىڭ چاپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ھەم ئۇلارنى مىكروسكوپتا كۆزەتكەن، نەتىجىدە، قىلتىرىقلارنىڭ كىچىك ئىلمەكلەر ئارقىلىق توقۇلما ياكى ھايۋانلارنىڭ يۇڭلىرىغا چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر خىل توقۇلمىلار ئۈستىدە كۆپ يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى نىلوندىن كۆڭۈلدىكىدەك يېپىشقاق ئىزمىنى ياساپ چىققان.
.8 رېنتېگېن نۇرى
–1895 يىلى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ۋىليام رېنتېگېن كاتوت نۇرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەجرىبىنى ئىشلەۋاتقاندا، كاتوت نۇرى لامپىسىنى قېلىن بىر پارچە توسۇق جىسىم توساپ تۇرغان بولسىمۇ، قارشى تەرەپ تامدىكى يالتىراق قەغەز تاختا كۆيۈشكە باشلىغان، بۇ كاتوت نۇرلىرى ئىچىدە قېلىن توسۇق جىسىمنى تېشىپ ئۆتۈۋاتقان نۇرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. رېنتېگېن تېزلا بۇنداق نۇرنىڭ سۈزۈك سۈرەت ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ نۇر كېيىن رېنتېگېن نۇرى، دەپ ئاتالغان. ھازىر رېنتېگېن نۇرى مېدىتسىنا ۋە سانائەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]