كەشپىيات ئۈچۈن سوققان يۈرەك
—شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، 22 ياشلىق تالانتلىق كەشپىياتچى ئەلىجان روسۇل ھەققىدە
ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى
ئالىم كەشپىياتچىلار شۇنداق ئىنسانلاردۇركى، ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ تەڭداشسىز يورۇق يۇلتۇزلىرىدۇر. ئىنسانىيەتنى ‹‹زۆرۆرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە›› (ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزى) باشلاپ مېڭىۋاتقان ئەڭ خالىس سەركەردىلەردۇر .بىز تەبىئىي پەن ئالىملىرى، مۇتەپپەككۇر، پەيلاسوپلارنى ئىنسانىيەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ گۈلتاجى دەپ تونۇشقا ھەقلىقمىز. بىر جەمئىيەتتىن ، بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم، كەشپىياتچىنىڭ يېتىشىپ چىقمىقى ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، ئون مىڭ ئەمەس يۈز مىڭ، ھەتتا مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدىن تالاي يىلدا ئاران بىر ياكى بىر قانچىسى يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن . شۇڭا ئۇلار قەدىرلىنىشكە، تىپ قىلىنىشقا ئەرزىگۈدەك كىشىلەردۇر.
بىزنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىمىزنىڭ ساھىبى بولغان ئۈلگىلىك ياش ئەلىجان روسۇل 1988-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسىدا بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە توغۇلغان. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققۇچە ئالتە تۈردە دۆلەتلىك پاتنېت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئالىي ئېنژىنىرى، ئاقسۇ كەشپىياتچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ناشتا ئىستۇدېنتلار پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى.
ئەلىجان روسۇل ھەقىقەتەن بالقىش ئالدىدا تۇرغان قۇياش . كېچە ئاسمىنىدا پارلىغان نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر . ئۇ 1996-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، ئونسۇ ناھىيە سۇبا كەنت باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە ئىشلەمچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان ، 2009-يىلى ئاقسۇ شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ، ئۈرۈمچى كەسپى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان . 2010-يىلى ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ.
ئەجىر بىكارغا كەتمەيدۇ، تەر بىكارغا ئاقمايدۇ
- 2005يىلى 7-ئايدا، ئەلىجان روسۇلنىڭ 20 نەچچە تۈرلۈك كەشپىيات لايىھەسى ۋە مودېلى ئونسۇ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەقلىي مۈلۈك ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە يول كۆرسىتىشى بىلەن ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت تۈرگە دۆلەت پاتېنت ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇلدى . 2006-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۇنىڭ كەشپىياتى 100 نەچچىگە يەتتى . ئۇ كەشىپ قىلغان ‹‹ ئاپتوماتىك توك قاچىلىنىدىغان ، مۇھىت ئاسىراش تىپىدىكى ئىشىك قوڭغۇرىقى›› 2006-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ‹‹ ئاپتوماتىك توك قاچىلىنىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ساغلاملىق ئايىقى›› 2007-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 22-نۆۋەتلىك ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايون بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 2007-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزگەن ‹‹ئارمان مەرىپەت مەشرىپى››دە 5000 يۈەنلىك ‹‹ئارمان ئوقۇش مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ ئالتە تۈرلۈك كەشپىياتى 2006-يىلىدىن بۇيان، دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى . ئۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹ئوغرۇلىقتىن، يۈتۈپ كېتىشتىن ۋە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق، سىگىنال بېرەلەيدىغان ھەميان›› 2006-يىلى شىياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق شياڭگاڭ خەلقئارا پاتېنت، كەشپىيات، پەن–تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا، ‹‹ بىخەتەر، توك تېجەيدىغان ئاپتوماتىك، مۇھىت ئاسىراش تىپىدىكى چۆگۈن›› بىلەن ‹‹ ئاپتوماتىك توك قاچىلىنىدىغان، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئىشىك قوڭغۇرىقى›› 2007-يىلى شىياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-قېتىملىق شياڭگاڭ خەلقئارا پاتېنت، كەشپىيات پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
بۇ جەرياندا، ئەلىجان روسۇلنىڭ تەرجىمىھالى ‹‹جۇڭگو كەشپىياتچىلار قامۇسى›› نىڭ 8-تومىغا، ‹‹جۇڭگو كەشپىياتچىلار لۇغىتى››نىڭ 2-تومىغا، 2007-يىلى ‹‹دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تۆھپىسى كۆرىنەرلىك شەخىسلەر لۇغىتى›› گە كىرگۈزۈلدى.
ئەلىجان روسۇلنىڭ ئىش-ئىزلىرى خەلق گېزىتى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-قانىلى ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قاناللىرى ، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاقسۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو سودا گېزىتى، شىنخۇا گېزىتى، ئىشچىلار گېزىتى، جۇڭگو ئەقلىي مۈلۈك گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى، بەيدۇ تورى، گوگلې تورى، ئۇلىنىش تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن تونۇشتۇرۇلدى ، تەشۋىق قىلىندى. 2010-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئستۇدېنىتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانى مۇسابىقىسىدە ئەلىجان روسۇلنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تونۇرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2010-يىلى، ئۇ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. شۇ يىلى يەنە، 7-قېتىملىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلان مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، دۆلەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تونۇرى دۆلەتلىك ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن شىېنجېندا ئېلىپ بېرىلغان 2010-يىللىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا سۆھبەت يىغىنىغا شىنجاڭدىن تونۇشتۇرۇلغان ئىككى كەشپىياتنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
ئۇنىڭغا كىچىكىدىلا ‹‹ كەشپىيات جىنى›› چاپلاشقان ئىدى
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىن باشلاپ، 11 ياشلىق ئەلىجان روسۇل باشقىلارنىڭ كاللىسىغا كەلمىگەن ئىشلارنى ئويلايتتى . ئۇ، نامەلۇم دۇنياغا بولغان ئىزدىنىشىنى كىچىكىدىنلا باشلىۋەتكەنىدى. بىر قېتىم ئەلىجان روسۇل مەكتەپكە كېتىۋېتىپ، مېيى تۈگەپ كېتىپ، يولدا توختاپ قالغان تىراكتورنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە كۆڭلىدە: باشقا بىر خىل ئېنىرگىيەنى تىراكتورنىڭ يېقىلغۇسى بولغان دېزىل مېيىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولامدۇ-يوق؟ دېگەننى ئويلاپ ئۈلگۈرىدۇ.
شۇ كۈنى ئەلىجان روسۇلنىڭ پۈتۈن خىيالى تىراكتوردا قالغان بولۇپ ، كاللىسىدا دېزىلنىڭ ئورنىغا نېمىنى ئىشلىتىش ياكى تىراكتورنى قانداق ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئىش يوق ئىدى. دەرسخانىدا مۇئەللىم ئۇنىڭ دەرسكە دىققىتىنى بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە پۈتۈن سىنىپتىكى بالىلار ئالدىدا ئۇنى راسا تەنقىدلەيدۇ.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئەلىجان روسۇل ئۆزگەرتىلگەن تىراكتور مودېلىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا قويغاندا، ئوقۇتقۇچى تۇرۇپلا قالىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئەلىجان روسۇل ياسىغان شۇنچە سىپتا تىراكتورنىڭ باتارىيە قاچىلىغاندىن كېيىن، پارتا ئۈستىدە غىرىلداپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالىدۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەلىجان روسۇلنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ‹‹مەكتەپنىڭ كىچىك كەشپىياتچىسى›› دەپ ئاتىۋالىدۇ . ئوقۇتقۇچىمۇ سىنىپتا ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا كەشپىياتىنى تەقدىرلەيدۇ. ئەلىجان روسۇلنىڭ تەسىرىدە، مەكتەپتە بىردىنلا كەشپىيات-ئىختىرا دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. گەرچە بۇ ئىشقا ئوزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل دولقۇن پۈتۈن ناھىيەنىڭ بولۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بولغاچ ئائىلە مەدەتكار، ئۇ مۇشۇنداق ئىجادكار
— ئەگەر ئاتا-ئانام ۋە تۇغقانلىرىمنىڭ زور مەدىتى بولمىغان بولسا، بەلكىم بۈگۈنكىدەك كەشپىيات نەتىجىلىرىممۇ بولمىغان بولاتتى،–دەيدۇ ئۇ ھەرقېتىم. ئۇ ھەر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغاندا كۆز چاناقلىرىدىن ياشقا تولىدۇ . ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا كېرەكلىك ھەرقانداق نەرسىنى چىشىنى چىشلەپ بولسىمۇ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئەكىلىپ بېرەتتى.2004-يىلى قىشتا، ئەلىجان روسۇل ‹‹ئوغۇرلۇقتىن ، يۈتۈپ كېتىشتىن ۋە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق سىگىنال بېرەلەيدىغان ھەميان›› نى تەتقىق قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ، كۆپ قېتىم سىناق قىلىش جەريانىدا، مىڭ يۈەنگە يېقىن قىممەتتىكى ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ . بىر قېتىم ئۇنىڭ دادىسى روسۇل ھوشۇر سىناققا كېرەكلىك ماتېرىيالنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ، سوغۇققا قارىماي ئاقسۇ شەھىرىگە ئۈچ قېتىم بېرىپ كېلىدۇ. ئەلىجان روسۇل دادىسىنىڭ كۈنسېرى قېرىلىق يېتىۋاتقان چىرايى ۋە سېماسىغا قاراپ، كەشپىيات نەتىجىسىنى سىقىملىغىنىچە ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ.
ئەلىجان روسۇل بىر كۈنى ئاكىسى بىلەن بىرگە، سىناققا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھىرىگە بارىدۇ. شياڭگاڭ بازىرىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ: ‹‹ ئوغرىنى تۇتۇڭلار، ئوغرىنى تۇتۇڭلار، ھەميانىمنى ئوغرى ئالدى›› دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، لېكىن ئەتراپتا ئۇ ئايالنىڭ ھەميانىنى ئوغرىلىغان ئوغرىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىش، ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ يىغىسى ئەلىجان روسۇلنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەلىجان روسۇلنىڭ كاللىسىدا: مەن نېمە ئۈچۈن ئوغرىلىقتىن ساقلىنالايدىغان ھەمياننى كەشىپ قىلمايمەن ؟ دېگەن ئوي پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ھەمياننىڭ سىگىنال بېرىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئوغرىنىڭ قولى باشقىلارنىڭ يانچۇقى ياكى سومكىسىغا سوزۇلغاندا، سىگىنال بېرەلەيدىغان ھەمىيانئاپتوماتىك ئاۋاز چىقىرىپ، ئوغرىنى خەلقىئالەم ئالدىدا ئاشكارە قىلاتتى. يەنە كېلىپ ئەگەر ھەميان ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۈزلۈكىدىن سىگىنال بېرەلەيتتى.
ئەلىجان روسۇل ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ، ئوغرىلىقتىن ساقلىنالايدىغان ھەميان تەتقىقاتىغا جىددىي كىرىشىپ كېتىدۇ.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئوغلىنى كۆرگەن ئەلىجان روسۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كېتىدۇ. قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ كەشىپ قىلغان ‹‹ ئوغرىلىقتىن، يۈتۈپ كېتىشتىن ۋە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق سىگىنال بېرەلەيدىغان ھەميان›› ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك كەشىپ قىلىنىدۇ. ئۇ ئۆيدىن تالاغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ چىقىپ: ‹‹ مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم ، مەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم››، دەپ دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ خۇشاللىق ياشلىرى لىغىرلاپ ئاقىدۇ.
ئەلىجان روسۇل ئالتىنچى كەشپىياتى بولغان ‹‹ناشتا›› ماركىلىق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تونۇرنى كەشىپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر دېھقان بالىسى، ئېسىمنى بىلسەم، ئاپام ھەپتىدە ئىككى قېتىم نان ياقاتتى، ياز كۈنلىرى نان يېقىش ئوڭاي بولسىمۇ، قىش كۈنلىرى تونۇرنى قىزدۇرۇش تەسكە توختايتتى . ئاپامنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا تونۇر بېشىدا مۈكچىيىپ نان يېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . ئۆيىمىز ئاقسۇ شەھىرىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتا بولغاچقا بازاردىن نان ئەكىلىش ئەپسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانامنىڭ قولى تەگمىگەن ، ئانامنىڭ ھىدى سىڭمىگەن نان مەززىلىك تېتىمايتتى . شۇ سەۋەبتىن ، تونۇرنى ئۆيگە ئەكىرگىلى بولارمۇ ؟ تونۇرنى ئەپچىل، مۇھىت ئاسىرايدىغان، كۆپ ئىقتىدارلىق قىلىپ ياسىغىلى بولارمۇ؟ دېگەن خىياللار نەگىلا بارسام كاللامدىن كەتمىدى. يەكۈنۈم شۇ بولدىكى، ئەنئەنىۋى تونۇرلىرىمىزنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تونۇر، كاۋاپدانلار ئاساسەن ئاشخانا ئالدىغا قويۇلغان، يېنىغا كۆمۈر دۆۋلەكلىك بولغاچقا كىشىلەرگە بۇ ئورۇنلارنىڭ تازىلىقى ياخشى ئەمەستەك تەسىر بېرىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ‹‹ قانداق قىلسام مۇھىت بۇلغىشى تۆۋەن، سۈپەتلىك تونۇر ياسىغىلى بولىدۇ؟››، دېگەن ئوي بىلەن ئاخىر بۇ تونۇرنى كەشىپ قىلدىم.مەن باشتا ئۆز ئانامنىڭ جاپاسىنى ئويلاپ بۇ تونۇرنى كەشىپ قىلىش ئويىدا بولغان بولسام، كېيىن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارنى، شۇنداقلا جاپاكەش ناۋاي ئۇستاملارنى ئويلاپ تونۇر تەتقىقاتىغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كىرىشىپ كەتتىم. بۇ تونۇرنىڭ بىرىنچى خىلىنىڭ ئېگىزلىكى 45 سانتېمىتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭدا كاۋاپدان جازىسى بولغاچقا گۆشنان بولكا پىشۇرغىلى ھەتتا تاماق ئەتكىلىمۇ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تونۇردا بىر قېتىمدا ئون گىردە ياققىلى بولىدۇ . ئىككىنچى خىلدىكىسى سامسىپەزلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىردىن 60 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ ، ئۈچىنچى خىلدىكىسى تېز تاماقخانىلار ياكى ناۋايخانىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 70 سانتېمىتىردىن بىر مېتىرغىچە كېلىدۇ. بۇ تونۇرنى يەنە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەر خىل شەكىلدە لايھىلەشكە بولىدۇ.
ئەلىجاننىڭ دادىسى روسۇل ھوشۇر مۇنداق دەيدۇ: نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆيىمىزدە مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا كەشپىياتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەردۇق، چۈنكى بۇ دۆلەتكىمۇ، خەلىققىمۇ پايدىلىق ياخشى ئىشكەن. ئۇنىڭ كەشپىيات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ماتېرىيال ھەققىگە ئاز دېگەندىمۇ 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل خەجلىدۇق. بالىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتكە تېخمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى ئۈچۈن، بىز نامراتلىقتا، جاپادا قالساقمۇ ھېچقىسى يوق. ئۇنىڭ ئاچىسى مۇنداق دەيدۇ: ئىنىم كەشپىياتىنى دەپ قورسىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ، پەقەت بىر ۋاقلا تاماق بىلەنلا كۈننى كەچ قىلىۋەتكەن كۈنلىرىمۇ خېلى بار.
بىزگىمۇ ئالىم، كەشپىياتچىلار كېرەك
بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ، ئابباس بورھان ، خالمۇرات غوپۇر، ھوشۇر ئىسلام، رەنا قاسىم، مەدىنە ئابلىكىم، ساھىبجامال دۆلەت...قاتارلىق ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ نامىنى نەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىزدىن بۇيان ئەمدىلا ئاڭلىدۇق .شۇڭا بىز ئالىملارنى ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەت سۇپىسىدىكى ئادەملەر، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، كەم تېپىلىدىغان گۆھەرلەر دەيمىز. بىراق، بىز يەنە شۇنى ئويلانماي تۇرالمايمىزكى بىزنىڭكەشپىياتچىلارغا، ئالىملارغا بولغان قىزغىنلىقىمىز، سەنئەتكارلارغا، ئەمەل-ئىمتىياز ئىگىلىرىگە، خوجايىن دىرېكتورلارغا بولغان قىزغىنلىقىمىزدىن بەكلا سۇسمۇ قانداق؟ ھەر قانداق بىر ئىلغار خەلقنى دۇنياغا تەبىئىي پەن ئالىملىرى ، مۇتەپپەككۇرلىرى بىلەن زاۋۇتلىرىنىڭ ئىسلىرى ، ياڭراق گۈدۈكلىرى تونۇتۇپ كەلدى . مانا بۇ رېئاللىق . كىشىلەر ھەۋەس بىلەن تىلغا ئالىدىغان يەھۇدىي خەلقىنى دۇنياغا تونۇتقان نەرسە دەل ئۇلارنىڭ تەبىئي پەنلەردىكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يۇقىرى ساپادىكى ئىلىم-پەن، مائارىپ ئاساسچىلىقى ئىدىيەسى، شۇنداقلا ماركىس، ئېينىشتىيىن، مەتىناغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئىلىم-پەن گىگانىتلىرى، مۇتەپپەككۇر ئالىملىرىدۇر.ئەنگلىيەنى ئەينى دەۋر سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دۇنياۋى پاراۋۇزىغا ئايلاندۇرغان نەرسە دەل ئۇلارنىڭ قۇدرەتلىك سانائەت، ئىلىم-پەن مىللىتىگە ئايلىنىشىدا مۇستەھكەم ئۇل سالغان نىيۇتون ، دارۋېن ، ۋات كەبى تەڭداشسىز ئۇلۇغ ئالىملىرىدۇر . كوپېرنىك، گالېلىي، كىيورى خانىم، ئېدىسون ۋە باشقا كۆپلىگەن پەن ئالىملىرى ، ئىختىراچىلىرىنىڭ ئۈن-تىنسىز تەتقىقات، جاپالىق ئەمگەك مېۋىلىرى بۈگۈنكى ياۋروپا-ئامېرىكىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇپ، ئىلىم–پەن كۈچىنىڭ دۇنياۋى قۇدرەتلىك ماكانىغا ئايلاندۇردى.دۇنيانىڭ قىياپىتىنى غايەت زور دەرىجىدە يېڭىلىدى.
دېمەكچى بولغىنىمىز، بىزگىمۇ ‹‹ زامانىمىزنىڭ 2-ئېدىسونى›› بولمىش ئەلىجان روسۇل كەبى ئالىم، كەشپىياتچىلار كۆپلەپ كېرەك . ئەلىجان روسۇل ئەمدىلا 22 ياشتا، بىراق ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئاللىبورۇن ئۆز يېشىدىن ھالقىپ كەتكەن . ئۇنىڭ قەلبى كەشپىيات بىلەن باغلانغان ، ئىرادىسى ئىجادىيەت جەريانىدا تاۋلانغان . ئۇ تالاي كېچىنى كەشىپ قىلىش يولىدا تاڭغا ئۇلىغان . ئۇنىڭ ھەربىر باسقان قەدىمى كەشپىيات دەپ بېسىلىدۇ ، يۈرىكى كەشپىيات دەپ سوقىدۇ .غايىلىك كىشىگە جاپامۇ راھەت تۇيۇلىدۇ. تىرىشچانلىق ‹‹بېغى›› غا تېرىلغان ‹‹گۈل›› ھامان پورەكلەپ ئېچىلىپ، خۇشپۇراق چاچىدۇ. ئۇ ھەر ۋاقىت كۆككە، يىراقلارغا نەزەر سالىدۇ. خىياللىرىنى غايە ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجاد-كەشپىيات يولىنىڭ تېخىمۇ داغدام بولۇشىنى ، يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىلىپ، تۆۋەنگە قاراپ شۈكۈر قىلىدىغان تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، خەلقىمىز قەلبىدىكى ‹‹ تالانتلىق ياش كەشپىياتچى›› دېگەن ئوبرازىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ . خەلق ئۈچۈن مۆجىزە خاراكتېرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]