خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

Apple شىركىتى جۇڭگودا قۇياش ئېلكتىر ئ‍ىنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرماقچى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2015-04-20 23:29



Apple شىركىتى جۇڭگودا قۇياش ئېلكتىر ئ‍ىنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرماقچى

Apple شىركىتى جۇڭگودا قۇياش ئېلكتىر ئ‍ىنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرماقچى

ئامېرىكا پەن-تېخنىكا شىركىتى Apple، ئامېرىكا سىرتىدىكى تۇنجى قۇياش ئ‍نىرگىيە ئىستانسىسىنى جۇڭگودا قۇرماقچى بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى يۇقارقى پلاننى ئامېرىكىدىكى قۇياش ئ‍ىنىرگىيە شىركىتى SunPower بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. ئىككى شىركەت جۇڭگۇدا قۇرماقچى بولغان ئىنىرگىيە ئىستانسىسى بىر يىلدا 80 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئىستانسىنىڭ قۇرۇلۇش كۈچى 40 مىگاۋات ئەتراپىدا بولۇپ 61 مىڭ ئائىلىنىڭ توك ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
ئالما ئىنىرگىيە مەسئۇل خادىمى لىسا جاكسون، يېڭى پىلاننىڭ ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشخانا ۋە دۇككانلىرىدا ئىشلىتىلگەن توكتىن تېخىمۇ كۆپراق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كۆپ مىقداردىكى ئىشلەپچىقىرىلغان توكنىڭ جۇڭگو ئېلىكتىر تورىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاكسۇن، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن كېيىن گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئاۋىسترالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قۇياش ئىنىرگيە ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئالما شىركىتى، ئىلىكتىر ئىنرگىيە ئىھتياجىنىڭ يۈزدە 87% نى يېڭىلىنىدىغان «تەبئىي» مەنبەلەردىن قامدايدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەتنى يېقىن كەلگۈسىدە يۈزدە 100% گە چىقىرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار