ئامېرىكا غارايىباتلار تورىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق زىبۇ-زىننەت لايىھەلىگۈچىسى خاخ پاۋېر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ‹‹ ئالتۇن بۇيۇم ›› غا ئايلاندۇرىدىغان شىركەتتىن بىرنى ئاچقان. شۇ سەۋەبدىن كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەممىنى ئالتۇنغا ئۆزگەرتەلەيدىغان ‹‹ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە مىداس شاھ ›› ( گىرېتسىيە رىۋايەتلىرىدىكى خالىغان نەرسىسىنى ئالتۇنغا ئۆزگەرتەلەيدىغان بىر پادىشاھ ) دەپ ئاتىغان.
ئىگىلىنىشىچە، خاخ ئىلگىرى ئاتاقلىق ناخشىچى ‹‹ سىنوپى ئىت ›› ئۈچۈن بىر ئالتۇن چىش كولىغۇچ ياساپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ‹‹ ئەسىرى ›› 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 24k ئالتۇندا ھەل بېرىلگەن ۋېلىسپىت بولۇپ، بۇ ۋېلىسپىتكە 500 تال قارا ئالماس، 600 تال كۆك ياقۇت كۆز قويۇلغان، ۋېلىسپىتنىڭ ئىگىرى تىمساق تېرىسىدە ئورالغان.
گەرچە بۇ ۋېلىسپىتنىڭ باھاسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما خاخ ئۇنىڭغا چوقۇم خېرىدار چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، ئۇنىڭ ‹‹ ئالتۇن ئەسەرلىرى ›› دىن يەنە ئالتۇن ئاياق يىپى، ئالتۇن تىڭشىغۇچ، ئالتۇن چوكا، ئالتۇن كۆزئەينەك ۋە ئالتۇندا ھەل بېرىلىپ، ئالماس قويدۇرۇلغان پۇتبول بار ئىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]