خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بىلىم ھەققىدىكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2014-02-14 03:51

 
بىلىم ھەققىدىكى ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

بىلىمگە بېقىپ ئىززەت، ئۇستىغا بېقىپ شاگىرت.
بىلىملىكنىڭ ھۆرمىتى زور، بىلىمسىزنىڭ ھەسرىتى.
بىلىمدىن ئايرىلغان توزار، ھورۇنلۇقتىن ئايرىلغان ئۇزار.
ئالىم يۇرتنىڭ شاھى.
بىلىم ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەشتىن.
بىلىم كۈندە كېرەك، چىراغ تۈندە كېرەك.
بىلىمسىزدە پەم يوق، تۇزسىز تائامدا تەم.
بىلىمسىزنىڭ قىممىتى بولماس، شەپقەتسىزنىڭ ھىممىتى.
بىلىمسىز بولسا كىشى، توغرا چىقماس ھېچ ئىشى.
بىلىكىڭگە ئىشەنگۈچە، بىلىمىڭگە ئىشەن.
بىلىملىك سۆزلىسە ئالقىش، بىلىمسىز سۆزلىسە قارغىش.
بىلىمى تۇرۇپ ئىشلەتمىگەن، يەپ سىڭدۈرمىگەن تاماق.
بىلىملىكنىڭ كۆڭلى گۈلىستان، بىلىمسىزنىڭ كۇڭلى گۆرىستان.
قۇش قانىتى بىلەن ئۇچار، ئادەم بىلىمى بىلەن.
تىل بىلگەن يولدىن ئازماس، ئەقىل بىلگەن چۆلدە.
پىلدەك دۇنيادىن، قىلدەك بىلىم ياخشى.
ئالەمنىڭ چىرىغى كۈندۇر، ئادەمنىڭ چىرىغى بىلىمدۇر.
شۆھرەت ئىزدىگۈچە، بىلىم ئىزدە.
ئوقۇغان ئوڭ بولۇر، ئوقۇمىغان توڭ بولۇر.
مالسىزلىقتىن، ئاڭسىزلىق يامان.
ئادەم نامى ئىلىم بىلەن، ئاتنىڭ نامى يەم بىلەن.
كۆكتە ئۇچقاننىڭ ھۈنىرى بار.
ئالدىنقىسى:بىلىمنى ئۆگىنىش توغرسىدا
كېيىنكىسى: شىراق
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار