ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بىلىم قانداق ۋۇجۇتقا كىلىدۇ؟يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مەسىلىگە مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ:«كىشى بىلىمسىز تۇغۇلۇر،يۈرۈپ ئۈگۈنۈر،بىلىم بىلسە ئىشلار ئۇتۇقلۇق بولۇر»(1680-بېيىت).بۇ يەردە بىلىم ئاسماندىن چۈشىدۇ دېگەن قاراشمۇ،بىلىم كىشىلەر مېڭىسىدە ئەزەلدىن بار ،دېگەن قاراشمۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ.«بىلىمنى يۈرۈپ ئۆگىنىدۇ،كىشى ئۆگەنسە بىلمىگەننى بىلەلەيدۇ،بىلىمنى كىچىك ۋاقتىدىن ئۆگىنىش كېرەك»دېگەن قاراش تەشەببۇس قىلىنىپ ،ئىنكاس نەزىرىيىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.بىلىم ئۆگىنىش جەمئىيەت ئىشى،دەپ قارالغان.بىلىم ئۆگىنىش ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى دەيدىغان ئىدىيە رەت قىلىنغان.
يۈرۈپ ئۆگىنىدىغان بۇ بىلىم قانداق يول بىلەن ئۆگىنىلىدۇ؟يۈسۈپ خاس ھاجىپ :ئوقۇش ،كۆرۈش،ئاڭلاش،ئىشلەش ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.بىلىمنى بىلىپ بولىدىغان ۋاقىت بولامدۇ؟«بىلىم بىر دېڭىزدۇر ئۈچى تۈۋى يوق،نەچچە بىلگەن بولساڭ يەنە ھەم تىلە»،يۈسۈپ خاس ھاجىپ مانا مۇشۇنداق :بىلىم دېڭىزدەك چەكسىز بولىدۇ،بىراقلا ھەممىنى بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ،بىلگەن بىلىم بىلەن قانائەتلەنمەسلىك كېرەك،دەيدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ قارىشى بىلىم مەزمۇنىنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان،بىلىمنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكىلى بولىدۇ دېگەن قاراشتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزنى بىلىم توغرىسىدا قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى،ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي نۇقساندىن خالى بولىشىنى تەلەپ قىلىش تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس.«قۇتادغۇ بىلىك»ۋاللىدە نۇر چاقناپ ئۆچۈپ قالىدىغان ئۇچقۇن بولماستىن،داۋاملىق نۇر چىچىپ تۇرىدىغان ئۆچمەس يۇلتۇز،ئېسىل تارىخى مەنىۋى بايلىق.يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزگە ھەدىيە قىلغان «قۇتادغۇ بىلىك» بەخت سائادەتكە ئېرىشىش توغرىسىدىكى دەستۇر.ئۇ تارىختا يۈز بەرگەن تەبىئەت بىلەن جەمئىيەتنى بىر-بىرسىدىن ئايرىۋېتىدىغان ،تەبىئەت ئۈستىدىلا توختىلىپ جەمئىيەتنى تىلغا ئالمايدىغان كىشىلەردىن پەرقلىنىدۇ،شۇنداقلا مېخانىكا ئىلمى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىلىم كۈچ»دېگەن ھۆكۈمدىن جاراڭلىق ۋە ۋەزىنلىك.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]