بۈگۈنكى دەۋر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى شەكىلسىز بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقىمىز ئارىسىدا كارخانا، شىركەت قۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى كۈچىيىپ، بىر تۈركۈم قابىل، ئىقتىدارلىق ياشلار دادىللىق بىلەن بۇ يولغا كىردى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، مىللىي كارخانىلار سان، كۆلەم ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشتى. كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدىغىنى، بەزى كارخانىچىلىرىمىز سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى. بۇنىڭ ئىلھامىدا، ئىگىلىك تىكلەش كويىدا يۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سېپىگە قوشۇلۇپ، مىللىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «يېڭى قان»غا ئايلاندى.
ئەمما، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن، ئەخلاق مىزانى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ناتوغرا رىقابەت يولىدا پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش يولى توغرا بولمىغاچقا، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ زىيان سالدى. «قاناس»، «مۇبارەك» شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
بۇ بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم كارخانىچىلارنىڭ سودا ئەخلاقى، تىجارەت باشقۇرۇش ئېڭى ۋە ئىگىلىك تىكلەش نىشانىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلاردا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، شۇنداقلا كارخانا باشقۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر بىلىمىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بىر ساھەدە بىر بىرىدىن ئۈگىنىش، مۇۋاپىق تەقلىد قىلىش(قانۇنلۇق يوسۇندا) ئاساسىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش يېڭى قۇرۇلغان، تەجرىبىسى كەمچىل كارخانىلاردا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان نورمال ئەھۋال. لېكىن بۇ، باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنىڭ، ئىستېمالچىلارنى ئالداشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ. شۇڭا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلىش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشەلىسە، بۇنى كارخانىچىلارلا ئەمەس، جەمئىيەتتىكى ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرسا، ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، بىلىمنىڭ قەدرىنى قىلىش ئاخىرقى ھېسابتا ھەممىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]