بەخىتنىڭ شەكىللىرى
بەخىتنىڭ مۇقۇم بىرئۆلچىمى بولغان ئەمەس .قانچىلىك پۇلى، قانچىلىك ھوقوقى بولغاندا، ئاندىن بەخىتلىك بولغىلى بولىدىغانلىقىنى؛ قانچىلىك قىرىندىشى، پەرزەنتى، دوست-بۇرادەرلىرى بولسا ، ئاندىن بەخىتلىك ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ھىچقانداق بىر ئادەم ئىنىق دەپ بىرەلمەيدۇ.ئادەم قانداق ھىس-تۇيغۇدا بولغاندا، ئۆزىنى بەختىيار چاغلايدىغانلىقىنى ئىنىق ئىيتىپ بىرەلمەيدۇ .... دىمەك ، بەخىتنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆلچىمى ئەسلا بولمايدۇ .ئۇ پەقەت شەخسنىڭ نۇقۇل ھالدىكى ئىش ھەركىتىدىن ئىبارەت ،خالاس. ئەمىليەتتە بەخت ئادەملەردىكى بىر خىل ھىس -تۇيغۇ تەسىراتى بولۇپ ،كۆڭلىدە بەخت ئۇرۇقى بولسىلا ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە لاتىق بەختكە ئىرىشەلەيدۇ .
بۇرۇن ئوقىغان مۇنداق بىر ھىكايە ماڭا ئىنتايىن كاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى . بىر باي بولۇپ ، كىچىك ۋاختىدا ئائىلىسى بەكمۇ نامرات ئىكەن ، بىر كۈنى ئۇ يول ئۈستىدە تۇردا ،ئاق كۆڭۈل بىر ئادەم ئۇنىڭغا بىر تال كەمپىت بىرىپتۇ . كىيىن ئۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ، ئۆزىنىڭ ئۆمرىدە بولۇپ باقمىغان بەختىيارلىق تۇيغۇسىدا بولغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. بۇ نامرات بالا كىيىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كاتتا باي ،شۇنداقلا نامراتلارغا يار- يۆلەك بولغۇچى ساخاۋەتچىگە ئايلىنىدۇ .ئۇ مەن ھەر قىتىم بىر ئادەمگە ياردەم قىلسام ، ئۆز ۋاقتىدىكى ھىلىقى بىر تال كەمپىت ئىسىمگە كىلىدۇ-دە ، شۇ چاغدىكى شىرىن لەززەتنى سىزىمەن ، دەيدۇ .ئەكسىچە ھازىر قانچە چوڭ يەپ ،چوڭ ئىچكەن .قانچىلىك راھەت-پاراغەت كۆرگەن بىلەنمۇ ھىلىقىدەك شىرىن لەززەتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ .دىمەك ، بۇ زەردار بايغا نىسبەتەن ، بەختنىڭ شەكلى قەلبىنى شىرىن لەرزىگە چۈمدۈرگەن ھىس- تۇيغىنى ئىزدەپ تىپىش - بالىلىق ۋاقتىدا تۇنجى قىتىم بىر تال كەمپۈت يىگەن چاغدا ئىرىشكەن بەختكە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ساخاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت .
مىنىڭ بىر قوشنام بولۇپ ئۇنىڭ ئىرى بەكمۇ ئۈژمە كۆڭۈل ،شاللاق ئادەم ئىدى .ئۇلار نىكاھتىن ئاجرىشىدىغان چاغدا ، خوتۇنى سوتچىغا پەقەت ئوغلىنى ئوغلىنى ئۆزى بىقىش شەرتىنىڭ لا بارلىقىنى ئىيىتقان .ئۇ ئايالنىڭ كىرىمى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ ، چىرايىدىن ئىللىق كۈلكە - تەبەسسۇم كەتمەيتى يەنى كىلىپ بۇ كۈلكە - تەبەسسۇم ھەرگىزمۇ سۈئى ئەمەس ئىدى .ئۇ ئغلۇمنىڭ چىرايىدا كۈلكە كۆرسەملا ، ئۆزۈمنى دۇنيادا ئەڭ بەختىيار ئادەم ، دەپ ھىس قىلىمەن ، دەيدۇ .شۇڭلاشقا ئۇ ھىچ چۈشەنمىدىم ، باللىرىنى تاشلىۋەتكەن ئانىلار ئۆزلىرىنى بەختلىك ھىسابلامدىغاندۇ ، ھەپ ئويلايدۇ . ئوغلىنىڭ تەبەسسۇم چىقىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۈشنى ئۆزى ئۈچۈن بەخت ھىساپلايدۇ .
بىرەر ئوبدان كىتاپ ئوقۇش ، ماختاشقا سازاۋەر بولغىدەك بىرەر پارچە ماقالە يىزىش ، ئىسىل پىۋىدىن بىرەر ئىستاكان ئىچىش ، دوست يارەنلىرى بىلەن قىزىەق پاراڭلارنى قىلىش ، قىرى ئانام ۋە پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ سالامەت ، ساغلام ،خوشال يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش ..... مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت .
بەختنىڭ ئۆلچىمى بولغان ئەمەس ۋە بولمايدۇ . لىكىن بىر ئادەم قەلبىگە بەختنى سىغدۇرالايدىغانلا بولسا . ئۇ ھالدا ئۇ ئادەم ئۆز گىچە بەختتىن بەھرىمان بولىدۇ .