خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مۇلايىملىقنىڭ قۇدرىتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئەمگەك2013-07-25 18:59

مۇلايىملىقنىڭ قۇدرىتى

 ئىرىم بىلەن ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولۇپ ئۆيگە قايتىشتا بىر ئىغىزمۇگەپلەشمىدۇق .ھاۋا تۇتۇلۇپ سىم-سىم يامغۇر يىغىشقا باشلىدى ،كۈنلۈك ئىلىۋالمىغاچقا ، يامغۇر ئۈستىبىشىمىزنى ھۆل قىلىۋەتتى،بىز بىر-بىرىمىزگە قاراشقىمۇ پىتىنالمايتۇق، پەقەت ئىغىر قەدەملەر ئىچىدە ئۈن –تىنسىز ماڭاتتۇق .

ئون نەچچە يىللىق ئۇزۇن نىكاھ تۇرمۇشىمىز خۇددى كىشىنى بۇرۇختۇرما قىلىدىغان مۇزىكىدەك ئەڭ ئاخىرقى كۈيلىرىنى ئورۇنداپ بولغانىدى .بىر نەچچە يىللار مابەينىدە ھىسسىياتسىزلىق، غېرىپلىق،قايمۇقۇش ئىچىدە ئۆتتۇق . بۇنى ئۆزگەرتەيلى دىسەكمۇ قۇربىمىز يەتمىدى .
مەن ئۇنىڭ ھەقىقى قەلب مونۇلوگىيىسىنى بىلەلمىدىم،لىكىن ئۇنىڭ قايتىپ كەلمەس قەلبىنى تۇتۇپ قالالمىغانلىقىمنى،ئۈزۈل- كىسىل مەغلۇپ بولغانلىقىمنى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم .ئىلگىرى بۇلارنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئۇ ماڭا ھىچقانداق ئىمكانىيەت بەرمىدى .
سىم-سىم يامغۇر يىغىۋاتاتتى ، بىز يەنىلا ئۈندىمەستىن كىتىپ باراتتۇق.توي خىتى ئالغان كۈنىمۇ مۇشۇنداق سىم-سىم يامغۇر ياققانلىقى ھىلىمۇ ئىسىمدە .بىز كۈنلۈك ئىلىۋالمىغاچقا ، ئۇ چاپىنىنى يىشىپ ئۈستىمىزگە تۇتۇپ ، يامغۇر تامچىلىرىنىڭ يىقىملىق سۆيۈشلىرىدىن ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالغانىدۇق .
بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭ ھەممىسى سىم-سىم يامغۇر بىلەن تۈن قاراڭغۇسىدا يوقالدى مەن ئۇنىڭ قانداق كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە مەن بىلەن ئاجرىشىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلەلمىدىم.ئاپام ماڭا بەك قابىل ئاياللارنى ئەرلەر ياقتۇرمايدۇ ،دىگەنىدى.لىكىن مەن بۇنىڭغا سەل قاراپتىمەن. مەن چوڭ بانكىنىڭ باش دىرىكتورى بولغاچقا،ئىرىم مىنى قابىليەتلىك دەپ قارايدىغۇ،دەپ ئويلاپتىمەن.لىكىن، ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بىرى مەندىن زىرىككەنلىكىنى،بىزار بولغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟ئۇ ئاخىرقى ھىسابتا ماڭا قارشى چىقتى .
بۇ نىكاھنىڭ بۇزۇلىشى ماڭا ئەرلەرنى چۈشەندۈردى ئۇلار مۇلايىملىققا مۇھتاج ئىكەن .ئۇلارنىڭ سىرىتقى قىياپىتى مۇستەھكەن بولسىمۇ ،لىكىن ھىسسىياتى نىمە دىگەن نازۇك-ھە!ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ئەيتالايمەنكى،مەن خاتالىشىپتىمەن،ئۆزۈمدىكى مۇلايىملىقنى ئۇنىڭغا بىغىشلىيالماپتىمەن .ھازىر ھەممە ئىش كىچىكتى .
ئۇ نەرسا-كىرەكلەرنى يىغىشتۇرىۋاتاتتى.ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە يىغلىۋەتتىم.ئىسەدەشلىرىمنى ئاڭلاپ قالماسلىقىئۈچۈنمۇ،بوينۇمدىكى شارپا بىلەن ئاغزىمنى مەھكەم ئىتىۋالدىم،خۇددى تەقدىرنىڭ قامچىسىدا رەھىمسىز ساۋالغاندەك كارۋاتتا دۈم يىتىپ ئۈنسىز ئىڭرايتىم .شۇنچە يىللاردىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئاجىزلىق ھىس قىلىۋاتاتتىم،لىكىن ئىرىم شۇنداق بەردەس ئىدى.بۇنىڭغا نە ئىلاج.....
ئىشىك قوڭغۇرىقى چىكىلدى.ئىشىكنى ئاچسام بىر ئايال تۇرۇپتۇ.
ئىرىم نەرسا-كىرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ،يىنىك قەدەملەر بىلەن ئىشىككە قاراپ ماڭدى ۋە ماڭا قاراپمۇ قويماستىن:‹‹مەن كەتتىم››دىدى .
ئۇلار كەتتى .
دىرىزىدىن قارىغىنىمدا ئۇ شۇنداق بىمالال كىتىپ باراتتى ،ھىلىقى ئايال بولسا ئۇنىڭغا مەھكەم يىپىشىۋالغانىدى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەمگەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-07-18 09:07 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-10 16:09