جاڭ جىمىن
قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر دىئالوگ بار. خەن شەنزى شى دېدىن : « ھاياتتا بەزىلەر ماڭا قارا چاپلاپ، مېنى ئالدىسا؛ بەزىلەر مېنى ھاقارەتلەپ، مەسخىرە قىلدى؛يەنە بەزىلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى، كەمسىتتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. شى دې كۈلۈپ تۇرۇپ :« ئۇنىڭغا چىدا،يول قوي؛ ئۇنىڭدىن ساقلان،ئۇنى مەيلىگە قويىۋەت؛ ئۇنىڭغا سەۋر قىل،ھۆرمەت قىل؛ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. نەچچە يىل ئۆتكەندە ئاشۇلارغا قايتا قاراپ باققىن» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
بۇنداق دۇردانە جۈملىلەر نۇرغۇن ھايات ھېكمىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان. كەڭ قورساقلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھايات پەلسەپىسىدۇر.سىز ھاياتىڭىزدا كۆكسى –قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ بۇ ئۈچ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.
ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. ھاياتتا قىلغان ئون ئىشىڭىزنىڭ سەككىز-توققۇزى دېگۈدەك كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقمايدۇ. جاھاندا كەم-كۇتىسىز ئىش بولمايدۇ.شۇنداقلا، ھەممە ئادەمنىڭ كەتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقتى ۋە قىلالمايدىغان ئىشى بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز دائىم ئۆز- ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەۋەرسىڭىز، ھاياتىڭىز ئۈمۈتسىزلىك پاتقىغىقا پېتىپ قالىدۇ.ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىز تۈزەلمەيلا قالماي ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ سادىر بولىدۇ. شۇڭا، سىز ھەر ۋاقىت تەبەسسۇمىڭىز بىلەن ئۆز -ئۆزىڭىزگە كەڭ قورساق بولۇڭ.
دۇشمەنلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ.رىقابەت كەسكىن بۇ دەۋردە قاچانلاردا بىر دۈشمىنىڭىزنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىسىز.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك خىزمەت بېسىمى كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان زاماندا بەزى كىشىلەرنىڭ سىز بىلەن ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولىشىدىن خالىي بولماق تەس.
ئۇ، بەلكىم كەينىڭىزدىن گەپ تاپقاندۇ،سىزگە قارا چاپلىغاندۇ ياكى سىزنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرگەندۇ. شۇنداق ،گەرچە سىز بىر يۇۋاش-يۇمشاق ئادەم بولسىڭىزمۇ ئاۋارىچىلىقلار بۇسۇغىڭىزدىلا ئەگىپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق چاغدا قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ دۈشمىنڭىزگە ئوخشاش پىتنىخورلوق قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى سىزنى ئورىغا ئىتتىزگەنلەرگە ئاداۋەت ساقلاپ ئۆتۈشىڭىز كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە،ئۇلارغا يەنىلا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.
چۈنكى، غەزەپلەنسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمەس ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىسىز. دۈشمىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ،ئاشۇ رەزىللىكلەر سىزنى ھاياتتىكى گۈزەللىكلەرنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگەتتى.سىزگە ھەقىقىي بەختنىڭ نىمىلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تۇنۇتتى.
سىز يەنە دوستلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ. خوشاللىق ئىزدەش سەپىرىدە ئېھتىمال ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىز سىزگە ئەڭ ئېغىر تالاپەت كەلتۈرگەندۇ. بىراق،دوستلىرىڭىز بۇلارنى مەقسەتسىزلا ياكى بىر دەملىك ھەسەتخورلۇقتىن قىلىپ سالغان بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا،سىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىڭ.چۈنكى،ئۇلار ئىلگىرى سىزگە ياردەم بەرگەن ۋە خوشاللىق ئاتا قىلغان.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]