مۇئەللىم
(نەسىر)
ئارمان ئابدۇراخمان
مۇئەللىم!
ئېھ، مېھرىبان مۇئەللىم، مۇئەللىم دېگەن شەرەپلىك نامىڭىزنى تىلغا ئالغىنىمدا يۈرۈگۈمدە ياق، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا سىزگە بولغان ھۆرمەت كۈيلىرىم ياڭرىماقتا..! كۆز ئالدىمىزدا جانلىق ئوبرازىڭىز قۇياش كەبى پارلىماقتا.
ئەنسىز، يېزىلارنى ئارىلاپ، گۈدەكلەرنى باشلاپ، چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتىسىز تېز. ئەنە سىز، شەھەردە، تاغلاردا، ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئاقارتىش، نادانلىقنى يۇيۇش يولىدا، بىلىم تەشنالىقىدا چاڭقىغان خەلقىڭىزنى سۇغۇرىۋاتىسىز-ئەقىل بولىغىڭىزدا، ئەنە سىز دەرس مۇنبىرىدە، ياق، مۈكچىيىپ ئولتۇرسىز ئۈستەل ئالدىدا، تۈن نىسپىدە پۈتۈن كائىنات كەتتى ئۇيقىغا، لېكىن سىز ئويغاق چىراق ئالدىدا دەرس تەييارلاۋاتىسىز، چېكىڭىزدىن تاراملاپ ئېقىۋاتىدۇ تەر، مىستەك قىزىپ كەتكەن ئەتراپ ھەممە يەر، زىڭىلداپ ئاغرىماقتا بېشىڭىز، كۆپ چارچىغانلىقتىن قىلىپ شىكايەت پۈتۈن جاھاننى مۇز ئىلكىگە ئالدى. قوللىرىڭىز قولاشماي قالدى. پۇتلىرىڭىز سىقىراۋاتىدۇ. قەۋەت، لېكىن سىز ئەنە ئورنىڭىزدا شەرەپلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىۋاتىسىز. جاپانى شەرەپ دەپ بىلىپ، ئىككىلەنمەي ھەرگىز. بىر مەقسەت، بىر نىشان، بىر غايە ئۈچۈن ئوتقا ھېرىسمەن پەرۋانىدەك كۆيىۋاتسىز.
مۇئەللىم!
ئېھ مېھرىبان مۇئەللىم! ئەنە شۇجاپالىق ئەمگىكىڭىز، ئەجرىڭىز، تۆھپىڭىز، ئېسىل پەزىلىتىڭىز، ئۇلۇغ نامىڭىز كۈيلەشكە، مەدھىيىلەشكە، ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك.
ئەي مۇئەللىم مېھرىبان، قەدىرلىك ئۇستاز،
تەربىيلەيسەن ئەجرى قىلىپ بىزنى قىشمۇ-ياز.
بولبۇل بولۇپ گوياكى كۈيلەيمىز سېنى،
ياڭرىتىمىز دىللاردىن يۈكسەك ناخشا-ساز.
مۇئەللىم، مەن شائىر بولمىغانلىقىم ئۈچۈن شېئىر مىسرالارنى تۈزگەندە تۇراق، بوغۇم، قاپىيە چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، سىزگە بولغان ھۆرمەت كۈيلىرىمنى تولۇق ئىپادىيەلمەيدىكەنمەن، ھېسسىياتىم بوغۇلۇپ قالىدىكەن. مېنىڭدەك تىلدا نامرات شاگىرىتىڭىزنى ئەيىپكە بۇيرۇغايسىز.
مۇئەللىم!
ئېھ، مېھرىبان! گويا چىراق، ياق، پارلاق قۇياش، قۇياش ئۆزىنىڭ چەكسىز نۇرلىرى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتسا، سىز ئەقىل ئوچقۇنلىرىڭىز بىلەن ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىسىز. سىز گويا دەريا، دەريا ئۇسسىزلىقىنىڭ دورىسى بولسا، سىز نادانلىقنىڭ شىپاسى. مۇئەللىم، كشىلەر سىزنى ھۆرمەتلەپ «مەرھابا باغۋەن» دېيىشىدۇ.بۇ ئوخشۇتۇش ناھايىتى مۇۋاپىق، باغۋەن كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرسە، سىزئادەم تەربىيلەپ يېتىشتۈرسىز.
مۇئەللىم!
ئېھ، مېھرىبان مۇئەللىم! سىزبولغان ھۆرمەت كۈيلىرىمنى تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن ياخشى سۈپەت تاپالمايۋاتىمەن.
مۇئەللىم!
ئېھ، مېھرىبان مۇئەللىم! سىزگە بولغان ھۆرمەت كۈيلىرىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا سىغمايۋاتىدۇ. پۈتۈن ئەتراپىمدىكى مەن ياشاۋاتقان مۇھىت يېقىملىق ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ. ياق، پۈتۈن تەبىئەت دۇنياسى سىزگە ئاتاپ، ھەيۋەتلىك سازنى، ھۆرمەت كۈيلىرىگە چېلىۋاتىدۇ.
«مەشئەل» ژورنىلىدىن ئېلىندى