مۇئەللىم
ئانارگۇل ئادىل
ئويلاندىم نەچچە كۈن كىرپىك قاقماستىن ،
ئايلاندىم تالاي رەت تاڭلار ئاتماستىن .
مۇئەللىم يەنىلا تۇيۇلدى قۇياش،
سۆزلىدىم راستنى ھەم يالغان قاتماستىن .
سىنىپقا كىرەر ئۇ تېنىم تاپماستىن ،
تاپشۇرۇق تەكشۈرەر ئۇخلاپ ياتماستىن .
ھەقىقى تۆھپىكار ئۇلۇغۋار ئىنسان ،
جان بېرەر ئەل ئۈچۈن ۋىجدان ساتماستىن .
مۇئەلللىم ئاجايىپ جاپاكەش ئىنسان ،
زىمىنغا تۆكۈلەر ئۇندىن نۇر-زىيا .
ئانىنىڭ بىر بالا ئۈچۈن باغرى قان ،
ئۇستازغا مىڭ بالا بولدى تۇتىيا !
جان بېرەر ئەل ئۈچۈن پۇلغا باقماستىن ،
نامەرتلىك يولىغا قەدەم باسماستىن .
بىر ئۆمۈر كۆيۈنۈپ باغۋەن بولۇر ئۇ ،
شۇ يۇمران كۆچەتكە ھەم باش تارتماستىن .
مۇئەللىم قەلبى پاك ئۈمۈتۋار ئىنسان ،
راھەتكە قايرىلىپ باقمايدۇ قىيا .
داستان قىپ يازدى ئۇ كۆچەتلىرىنى،
قىپقىزىل قېنىنى قىلىپ ھەم سىيا .
قۇياش بوپ پارلايدۇ خەلقىم قەلبىدە،
چۆلدىمۇ گۈل ئۈنەر تۆككەن تەرىدە.
خەلقىگە بەرگەن ئۇ بارچە مىھرىنى،
تاشمۇ ھەم سۆزلەيدۇ قىلغان ئەجرىدە.
سىنىپتا غايىلىك جەسۇر ئىنسان ئۇ ،
سىرىتتا مۇلايىم كۆيۈمچان ئانا.
بارچە ئەل ماختايدۇ سۆيۈنۈپ ئۇندىن ،
يىتەكلەر ھەممىنى ئۈمۈدتە ئالغا .
بولمايدۇ مىھىرنىڭ مىللەت چىگرىسى ،
بولماس ھەم مىھىرنىڭ دۆلەت چىگرىسى .
دۇنيانىڭ قەلبىدە مۇئەللىم مىھرى ،
يوق يەنە ئۇستازنىڭ ھۆرمەت چىگرىسى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]