چىۋىن- ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت قۇشى
نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە، چىۋىن كۆپ بولغىنى بىلەن لېكىن ھەممىلا جايدا بولۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئاۋستىرالىيەدە ئۇنداق ئەمەس. بۇ يەردىكى چىۋىنلار ناھايىتى جىق بولۇپ قالماي، ھەممە يەرگە دېگۈدەك تارقالغان. مەيلى قۇرغاق رايونلار ياكى يېشىللىققا پۈركەنگەن دېڭىزگە يېقىن شەھەرلەر بولسۇن چىۋىننى ھەممە يەردە ئۇچرىتالايسىز. ئۇلار دائىم توپ-توپ بولۇپ ئۇچىدۇ. بۇ يەردىكى چىۋىنلار كىشى يۈزى ئەتراپىدا ئۇچۇشقا ئامراق بولۇپ، ئادەمنىڭ ئېغىز بۇرۇنلىرىنى ياشاش ماكانى قىلىشقا ئامراق.
ئاۋسترالىيەدىكى كۆپ قىسىم رايونلار قۇرغاق بولغاچقا، چىۋىنلار نەملىكنى ياخشى كۆرگەچكە، مۇشۇ سەۋەبتىن چىۋىنلار ئادەملەرنىڭ سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان كۆز، بۇرۇن، ئېغىزلىرىنى قونۇشتىكى ياخشى جاي قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئاۋستىرالىيەدە كىشىلەر ئاغزىنى ئېچىپ گەپ قىلغاندا چىۋىنلارنىڭ ئۇچۇپ كىرىپ كېتىشى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
چىۋىن ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغىلا تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن مەدەنىيىتىگىمۇ سىڭىپ كىرگەن. بەزىلەر ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئالاھىدە تەلەپپۇزى چىۋىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشىدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئاۋسترالىيەلىكلەر گەپ قىلغاندا چىۋىننىڭ ئاغزىغا كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاغزىنى كىچىك ئېچىپ، تېز گەپ قىلىدىكەن، ئېنگلىزتىلىدىكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى قىسقارتىپلا دەيدىكەن. ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ماقال تەمسىللىرىدىمۇ چىۋىن ئوبزارىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. مەسىلەن:«سىزگە چىۋىن قونماپتۇ» دېگەنلىك بىر كىشىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى،«بىر تال چىۋىنغىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ» دېگەنلىك بىر كىشىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىنى، «چىۋىن بىلەن بىللە ھاراق ئىچىش» بىر كىشىنىڭ ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئاۋسترالىيەلىكلەر يۈزىنىڭ ئەتراپىدىكى چىۋىننى قولى بىلەن قوغلاش ھەرىكىتىنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆزگىچە بولغان سالاملىشىش ئۇسۇلى قىلغان. 1954-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابىت ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، چىۋىن يۈزى ئەتراپىدا ئۇچراپ يۈرگەنلىكتىن، ئاۋسترالىيە خەلقى بىلەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك سالاملىشىش ھەرىكىتى بىلەن سالاملاشقان. ئېلزابىتنىڭ بۇ ھەرىكىتنى پۈتۈن ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
دەسلەپكى دەۋردىكى ئاۋسترالىيەلىكلەر چىۋىننىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىلىرىگە قونۇۋېلىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۆشلەرنى تۇزغا ياكى مايغا سېلىپ قويۇپ ئۆزگىچە تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئات مايىقى چىۋىننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئات بەيگە مەيدانى چىۋىنلەر كۆپ توپلاشقان رايونغا ئايلانغان. ھەر قېتىملىق ئات بەيگىسى بايرىمىدا، خانىملار پۇرىقى غەلىتە بولغان چىۋىن قوغلاش سۇيۇقلۇقىنى چاچقۇسى كەلمەيدۇ، لېكىن يەنىلا چىۋىندىن ساقلانمىسا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەرخىل ئاماللارنى تېپىپ چىۋىندىن ساقلانماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن خانىملارنىڭ ئات بەيگىسى مەيدانىدىكى كىيىنىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تولىمۇ تارتىدۇ. بەزىلەر شىلەپىسىگە تور تاقاپ، يۈزىنى توسىۋالىدۇ. يەنە بەزىلەر شىلەپىسىگە رەڭگارەڭ پەيلەرنى تاقىۋېلىپ، چىۋىننىڭ پەيلەرگىلا قونۇپ، يۈزگە قونۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
گەرچە ئاۋسترالىيەلىكلەر چىۋىنگە ئامالسىز قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن چىۋىنلارنى كەڭ كۆلەمدە يوقاتمايدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا چىۋىنلارغا يول قويىدۇ. ئېسىڭىزدىمىكىن، 2000-يىلىدىكى سېدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاۋسترالىيە چىۋىنى شەكلىدىكى غايەت زور شارنى ئاسمانغا قويۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىنلا ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ يىرگىنىشلىك چىۋىننى چەتكە قاقمايلا قالماي، چىۋىننى دۆلەت ئوبرازى ئورنىدا دۇنياغا تونۇتماقتا.
ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ چىۋىننى دۈشمەن ئورنىدا كۆرمىگەنلىكىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن: بىرىنچى:ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا پاكىز، ھەرگىزمۇ چىۋىننىڭ بولغانلىقىدىن كەڭ كۆلەمدە كېسەل پەيدا بولمايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەر يىلى ئاۋسترالىيەدىن مىكروبسىز چىۋىن سېتىۋېلىپ، پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش، بېلىق يېمەكلىكى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاۋسترالىيەلىكلەر چىۋىننى ئېكىسپورت قىلىش ئارقىلىق خېلى كۆپ تاشقى پېرىۋوتقا ئېرىشىدۇ. ئىككىنچى:ئاۋسترالىيەلىكلەر چىۋىننى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلايدۇ، چىۋىنلار جەسەت ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى پارچىلاپلا قالماي، تېخى ھەسەل ھەرىسىدەك گۈللەرنىڭ چاڭلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۈچىنچى:ھەر يىلى ياز پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چىۋىنلارمۇ تەبىئىيلا يوقاپ كېتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئاۋستەلىيەلىكلەرگىمۇ كۈندە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىۋەرمەيدۇ.
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىن ئېلىندى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]