‹‹1–ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ گېزىتى 2011-يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدىكى خەۋىرى :
2011 – يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 20 – ئاپرېل «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2011 – يىللىق قىسمەن دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، 2011 – يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
4 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى (سەيشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
ئادەت بويىچە، 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ. يەنى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشقا چىقىپ 30: 11دا ئىشتىن چۈشىمىز، چۈشتىن كېيىن سائەت 00: 14تە ئىشقا چىقىپ 00: 18دە(ئۈرۈمچى ۋاقتى) ئىشتىن چۈشىمىز.