خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بېننو سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىپتۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-10-22 21:32

 
بېننو سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىپتۇ
      
بوزقىر تەرجىمىسى
      
      
       ئىلگىرى يالې ئۇنۋېررسىتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بەننو سىمىت ئالدىنقى كۈنلەردە يالې ئۇنۋېرتسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئاشكارە ماقالە ئېلان قىلىپ ، جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ، جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىغا قارىتا ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىدىكىلەرئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.
      
    جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدە گۈللەنسە گۈللەنگەن  ئەمما، ئارقىغا چېكىنمىگەن «كۈچلۈكلۈك» شامىلىغا قارىتا سىمىت مۇنداق دىگەن : « ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ئۇنۋېرسىتېتلارغا ئېھتىاجى كۆپ ، دەپ قارىغاچقا دەرىسلىكلەر كۆپ بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار كۆپ بولۇش، ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇش، ياتاق كۆپ بولۇش»نى  نەتىجە ، دەپ بىلىدۇ.« ئۇلارنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پىنسىيىگە چىقىش دېگىنى جانباقتىلىق مۇنبىرىدىن ئايرىلىشنى كۆرسىتىدۇ.ناھايتى ئاز ساندىكى ئادەملىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىدە ئۆز كەسپىگە قىزىقىش دېگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ». «ئۇلاردا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پىنسىيىگە چىقىشى بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ پىنسىيىگە چىقىشى ئوپ-ئوخشاش بولۇپ ، ئۇلار پىنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ، پەرزەنىتلىرىگە ياخشى چىقىش يولى تېپىپ بېرىشى كېرەك. يېڭى جۇڭگودا بىرمۇ پىداگوك يوق، ئەمما ، مىنگو دەۋرىدە پىداگوكلار ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ ئىدى».
      
                ئۇ ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ «رەتكە تۇرغۇزۇش» ئارقىلىق، جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى « دۇنيادىكى 100كۈچلۈك ئۇنۋېرسىتېت» قاتارىغا كىرگۈزىۋېلىشىنى سىمىت كىئېركىگارتنىڭ «ئۆز بالىسىنى ئىمپىراتور قىلىۋېلىشى»دېگەن  سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. « ئۇلار ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مائارىپنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قىلىۋېلىپ ، بۇنىڭدىن كېرىلىپ كەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە ،  بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى بىر مەسخرىدۇر» .
      
              جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئۇدا داۋاملىشىپ كەلگەن «قانلىق »ۋەقەلىرىگە قارىتا سىمىت بۇنى ئۇنۋېرسىتېت مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيىتى ، دەپ قارايدۇ ھەم مۇنداق دەيدۇ : « ئۇنۋېرسىتېت مائارىپى ئىنسانىيەتنىڭ خارەكتىرىنى ئازات قىلدى، ئادەمنىڭ مۇستەقىل روھىنى يېتىلدۈردى. شۇنداقلا ئادەمنىڭ كوللىكتىۋىزملىق روھىنى كۈچەيتىپ، باشقىلار بىلەن خۇشاللىق بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان ، خوشاللىق بىلەن قەلىب ئۇچۇرى قىلالايدىغان قىلدى» . « بۇ خىل روھ ئوقۇغۇچىلار ئارا ، ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار ئارا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك ئىدى» . « ئۇلاردىكى پىلانلىق ئىلمىي ساھە ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىلارنى موزدوزغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ باغۋەنلەرگە  ئامراق بولۇپ قالغىنى قىزىق. بىز ئازراقمۇ ئەركىن تەپەككۇرى ۋە مۇستەقىل روھى يوق باغۋەنلەرنى ئەمەس بەلكى ئىسمى جىسمىغا لايىق باغۋەنلەرنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك».  
      
              جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىكى كۈندىن كۈگە ئېغىرلىشىۋاتقان « ئەمەلدارلار مەكتەپ باشقۇرۇش » تۈزۈلمىسىنى سىمىت « زېئۇس  جەنەتتىن قوغلانغاندىن كېيىن ھوقۇق ھەممىگە چات كېرىۋالغان»لىقىغا ئوخشىتىدۇ.  « ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ پىلانلىق ئىلىم ساھەسى ھوقۇقنىڭ تەپەككۇغا يۈرگۈزگەن بۇزغۇنچىلىقى بولۇپ، بۇ جۇڭگو ئالىملىرىنى پۈتۈنلەي تالىپ مىجەز قىلىپ قويغان. ئۇلار ئچكى كۆرەشكە ئۇستا بولغىنى بىلەن دۇنياۋى ئەخلاققا باھا بەردۇدەك تەرەت يوق. كوڭزى-مېڭزىلارنىڭ ماكانى بولغان بۇ زېمىن بىر تۈركۈم غايىسىز ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرمەكتە. بۇ ھازىرقىلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ». سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىنى مۇنداق مەسخىرە قىلىدۇ : « موھىم نۇقتىدىن مەھرۇم قالدى ، يۆنىلىشتىن ئېزىپ كەتتى، ساقلاشقا تېگىشلىك ئەن-ئەنىدىن تېيىپ كەتتى» ، « دەرىسلىكلىرى پاخ-پاق، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئىسراپچىلىق ئېغىر» .  
      
               ئۇ يەنە مۇنداق مەسخىرە قىلىدۇ : « ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۆزىنى تېخى ھەقىقى مائارىپچى ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ بەزى يىغىنلىرىمىزغا قاتنىشىدۇ. بىز ئۇلارنى ئىلمىنى دەپ ئەمەس بەلكى يۈز-خاتىرە قىلىپ چاقىرىپ قويىمىز».
      
             نۆۋەتتىكى ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، سىتودېنىتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشىشىنى تەسلەشتۈرۈپ قويدى. سىمىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : « مائارىپ جەمئىىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ تەشەببۇسچىسى.  ئەمما، مەن شۇنداق دەيمەنكى ، سىتودېنىتلارنىڭ ئىنىستىتۇت مائارىپى سىتودېنىتلارغا خىزمەت تېپىپ بېرىدىغان مائارىپ ئەمەس بەلكى ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ئۈگىتىدىغان مائارىپتۇر». ئۇ ئۇنۋېرسىتېتلار « ياشلارنىڭ مەدەنىي ئادەملەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بويىچە ئىلىم قوبۇل قىلىشىدا چىڭ تۇرىشى ، ئۇلارنىڭ ئاممىۋى ئىشلارغا كېرەكلىك –كېرەكلىك ئەمەسلىكى ، ئەمەلىيەت بىلەن سىغىشىش-سىغىشالماسلىقى ، ئىجتىمائىي قىممەت ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقى بىلەن كارى بولماسلىقى » دا چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇنۋېرسىتېت مائارىپىنىڭ « بىلىمگە سادىق بولۇش» تىن يىراقلاپ كېتىشكە قارشى تۇردى.
      
             ئىمتاھاندىكى كۆچۈرمىچىلىك، دېسسىرتاتسىيىدىكى قۇراشتۇرۇش ۋە تەتقىقاتتىكى ساختىلىققا قارىتا سىمىت مەسىلىلەرنى كۈزىتىشتىكى باشقا بىر نەزىرى بىلەن مۇنداق دىدى : «تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئەگەر ھاكىمىيەت چىرىكلەشسە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىشتىدىغىنىمۇ ئوخشاشلا چىرىكلىككە دائىر خەۋەرلەربولۇپ چىقىدۇ، خالاس» .
      
            ئۇ يەنە مۇنداق دىدى : « جۇڭگونىڭ مۇشۇ بىر ئەۋلات مائارىپچىلىرى  ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. بولۇپمۇ ئەشۇ نامدار پروفېسسورلار تېخىمۇ شۇنداق».
      
              سىمىت جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا ھەقىقى ئىلىم ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىدى  ھەم جۇڭگو ئۇنۋېرسىتېتلىرى « سېياسىيغا ماسلىشىش ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلۇشۇش ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئەقلىي ۋە ھەققانىي تەلپۈنۈشلىرىنى پايخان قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ « ئۇنۋېرسىتېت ئەركىن تەپەككۇرنى ئاپرىدە قىلىدىغان ھەم ئويلىغىنىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغان غايىۋى سورۇن »دۇر . شۇڭا ، ئۇنۋېرسىتېت « تولۇپ تاشقان تارىخىي تۇيغۇ»غا ئىگە بولۇشى ، « ئالغا ئىلگىرلەش ئىدىيىسىگە ھۆرمەت قىلىشى» ، « شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەقىل-ئىدراكنى بولۇپمۇ ئالاھىدە ھەقىقەتنى بىر خىل جەريان، بىر خىل خاھىش قىلىشى كېرەككى، ئۇنى قانداقتۇر ساخاۋەتنىڭ سىرلىق ئەڭگۈشتۈرى،رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان قىيىن تېمىلاردىن پۈتۈنلەي مۇستەسنا ھالەتتىكى ئەمەلىي جىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك». ئۇ مۇنداق دىدى : « بەزى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ ئادەمنىڭ كاللىسىغا تايىنىپ پايدا ھېساپلايدىغان كارخانىدۇر،  خالاس».
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار