خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قانداق باشقۇرۇلىدۇ؟

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-12-27 19:48



چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قانداق باشقۇرۇلىدۇ؟

چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قانداق باشقۇرۇلىدۇ؟

ئامېرىكىدا باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سېرىق بويالغان ۋاگونسىمان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئاپتوموبىلدىن ئاپتوماتىك ھالدا «stop» (توختاڭ) دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل رەڭلىك تاختا بىلەن ئوڭ ئالدى تەرەپتىن بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى رېشاتكا بىرلا ۋاقىتتا چىقىرىلىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مەكتەپ ئاپتوموبىلىدۇر. بۇنداق ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى شەكلىدە ئازراق «ئۆزگىرىش» بولسىلا، ئارقىسىدىكى ئاپتوموبىللار دەرھال توختايدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.

ئامېرىكىدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا ئائىت قانۇن – نىزاملار 500 دىن ئاشىدۇ. قانۇن – نىزاملاردا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدا ئاسانلا سىلكىنىش كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئورۇندۇقتا قايچىلاشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك تاسمىسى سەپلىنىشى؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى بالىلار ئاپتوموبىلغا چىقىپ چۈشكەندە بالىلارنى يوقلىما قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

ياپونىيەدە بالىلار باغچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرىدا شوپۇردىن باشقا يەنە ئىككى ئوقۇتقۇچى بولۇشى، ھەر قېتىم ئاپتوموبىلغا چىققاندا ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن بالىلارنى بىر – بىرلەپ ساناپ، تولۇق چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۆزى چىقىشى، ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە ئوقۇتقۇچى ئالدىدا چۈشۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىم ساناپ، ئاتا – ئانىلارغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇشى؛ شوپۇرلار مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.

تايلاندتىكى مەكتەپلەردە ئادەتتە ئون نەچچە بالىلار ئولتۇرىدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن مىنىبۇسلار ئىشلىتىلىدۇ. تايلاند ھۆكۈمىتى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئايال شوپۇرلار ئەر شوپۇرلاردىن ئەستايىدىل دېگەن قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئايال شوپۇرلارنى مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرى قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تايلاندنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدا بىخەتەرلىك چىرىغى بولۇپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى بولغان رايونلاردا سېرىق چىراغنى ياندۇرۇپ يول يۈرىدۇ.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار