1. كاربون (Ⅳ) ئوكسىد. كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ كۆپ مىقداردا توپلىنىشى يەر شارى سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
2. كاربون چالا ئوكسىد. كاربون چالا ئوكسىدنىڭ كۆپ مىقداردا توپلىنىشى ستراتوسفېرا، يەنى تەڭ تېمپېراتۇرىلىق قاتلامنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
3. گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد. گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ئاتموسفېرانى بۇلغاپ، كىسلاتالىق يامغۇر ۋە كىسلاتالىق تۇمان شەكىللەندۈرۈپ، سىنتېتىك تالا ۋە مېتال ئۈسكۈنىلەرنى چىرىتىدۇ ۋە كىشىلەردە ھەر خىل نەپەسلىنىش يولى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
4. ئازوت (Ⅳ) ئوكسىد. ئازوت (Ⅳ) ئوكسىد شەھەر ھاۋا بوشلۇقىنى قاپلاپ تۇرىدىغان ئىس - تۈتەكنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، بۇ خىل گازمۇ خۇددى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد گازىغا ئوخشاش كىشىلەردە ھەر خىل نەپەسلىنىش يولى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى. كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى دەريا ۋە كۆللەرنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. سىماب. سىماب يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بۇلغايدۇ. ئادەم تېنىدە سىمابنىڭ يىغى−لىپ قېلىشى نېرۋا سىستېمىسىغا زىيان سالىدۇ.
7. نېفىت. نېفىتنىڭ دېڭىز - ئوكيانلارغا ئېقىپ كىرىشى دېڭىز - ئوكيانلاردىكى لەيلىمە جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە بېلىق تۈرىدىكىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دېڭىز ساھىلى ۋە پورتلاردىكى ئۈسكۈنىلەرنى بۇلغايدۇ.
8. قوغۇشۇن. قوغۇشۇن ئېنزىم ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
9. tdd دېھخانچىلىق دورىلىرى (ھاشارات يوقىتىش دورىسى). ddt دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلىشى قۇشلار ۋە جانلىقلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئىنسانلارنىمۇ ھەر خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ.
10. رادىياتسىيە. رادىئاتسىيە ئون چوڭ بۇلغىغۇچى ماددا ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىكى بولۇپ، ئەگەر ئۇنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا، كىشىلەردە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]