بۇ يىل 15 – ئاپرېلدىن 21 – ئاپرېلغىچە مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى. ‹‹مۇھىتنى ئاسراپ، ئۆسمە كېسىلىدىن يىراق تۇرايلى›› بۇ يىلقى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىنى تىزىملاش مەركىزى كىشىلەرنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئۆسمە كېسىلى سەۋەبلىك قازا قىلغانلار بولسا 2 مىليون 500 مىڭغا يېتىدىكەن.
بىز يېقىندا ئوقۇرمەنلەرنى ئۆسمە كېسىلى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن تەپسىلىرەك خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹خەلق›› دوختۇرخانىسى ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى روشەنگۈل ئېزىزنى زىيارەت قىلدۇق.
راك كېسىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟
روشەنگۈل ئېزىز مۇنداق دېدى: راك ھۈجەيرىلىرى نورمال توقۇلمىلارغا ماس ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇ بىر يۈرۈش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. راك كېسىلى مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق باشقا كېسەللەردىن پەرقلىنىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى مۇنداق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1) ئۆزىنى باشقۇرۇشچانلىقى. راك ھۈجەيرىلىرى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە نورمال باشقۇرۇشتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، بۆلۈنۈشى ناچار بولىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى، دەپ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشچانلىقى ئاشقانسېرى ئۆسۈشنى كونترول قىلالماسلىقى شۇنچە ئېنىق، كۆپىيىش سۈرئىتى شۇنچە تېز، بۆلۈنۈش دەرىجىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ھۈجەيرىلەرنىڭ كۆپىيىشى، چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئۆلۈشى تەڭ بولىدۇ. ناۋادا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بۆلۈنۈشىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان مېخانىزم توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا ھۈجەيرىلەر باشقۇرۇشتىن ئايرىلىدۇ – دە، خالىغانچە ئۆسۈش، بۆلۈنۈش، كۆپىيىشتەك يامان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. 2)سىڭىشچانلىق ۋە تارقىلىشچانلىق. ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنى باشقۇرۇش، كۆپىيىپ مونەك ھاسىل قىلىش، مونەك ئاستا – ئاستا يوغىناپ ئەتراپىدىكى نورمال توقۇلمىلارنى بېسىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، بىراق نورمال توقۇلمىلارغا سىڭىپ كىرمەيدۇ؛ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىگە كەلسەك، ئۇلار تېز كۆپىيىپلا قالماستىن، بەلكى چۈشۈپ قېلىش، ئېرىپ كېتىش، ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا سىڭىپ كىرىپ، سىڭىپ كىرىش خاراكتېرلىك كېسەللىك پەيدا قىلىش ياكى قان تومۇر، لىمفا ئارقىلىق بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا تارقاپ، يېڭىدىن كېسەللىك پەيدا قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش بىيولوگىيەلىك، فىزىكىلىق، بىيوخىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3)ئېرسىيەتچانلىق. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان بالا ھۈجەيرىلەر ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق خۇي – پەيلىنى(خۇسۇسىيىتىنى) تولۇق ساقلاپ قالىدۇ. بۇنداق يامان سۈپەتلىك ئالاھىدىلىكلەر ئۇلارنىڭ ئېرسىيەتچانلىقى ئارقىلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدۇ.
ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
روشەنگۈل ئېزىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئادەتتە، بۇنىڭغا 20 – 10 يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىكەن. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكى ھەر خىل مۇھىت ئامىللىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ باشلىنىشى ئىنتايىن ئاستا، كېيىنكى دەۋرلىك تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز، ئاخىرقى دەۋرى بولسا پارتلاش خاراكتېرلىك بولىدىكەن. ئەتراپىمىزدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇن ئامىل بولۇپ، ھازىرغىچە ئېنىقلانغان خىمىيەلىك ئامىللار 6000 خىلدىن ئاشىدىكەن. بۇنداق ئامىللار بىلەن كۆپ ئۇچراشقانلارنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. مەسىلەن، ئۇزاق مەزگىل تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش تارىخى بارلاردا ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچ، ئۆپكە، ئۈچەي ئۆسمىسى؛ كۆپ تۇغقان، جىنسى تازىلىققا دىققەت قىلمىغان ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى ئۆسمىسى؛ بالا ئېمىتىش تارىخى قىسقا ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسمىسى دېگەندەك ئۆسمىلەر كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان كىشىلەر توپىغا قايسى خىلدىكى كىشىلەر كىرىدۇ؟
روشەنگۈل ئېزىز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: 1) ياشانغانلار. ئۆسمە ھەرقانداق ياش باسقۇچىدا پەيدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 50 ياشتىن ئاشقانلاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. بۇ نىسبەت ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ. 65 ياشلىق ئادەمنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 25 ياشلىق ئادەمنىڭكىدىن 50 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ياشتىكىلەر سالامەتلىكىنى چوقۇم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. 2) ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلار. بۇ كۆپىنچە كەسپىي خاراكتېرلىك ئۆسمىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، رېنتىگېنچى، كان ئىشچىسى، تاشپاختا ئىشچىسى قاتارلىقلار. بۇنداق كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ئادىتى بولسا، بۇنداق ئادەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ غىدىقلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنداق بولسا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ. 3) بىۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بىۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئىچىدە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا %15 يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئۆسمە كېسەللىكىگە ئائىت بىلىملەرنى، بۇنداق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر. 4) ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ساقايغانلار. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئورگانىزمىدا ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى زور بولغاچقا، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى، شۇنىڭدەك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە قارشى تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك. 5) يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈۋاتقان كىشىلەر. بەزىدە ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇ ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قارىماي، ئاكتىپ داۋالانسا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
روشەنگۈل ئېزىز مۇنداق دېدى: تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەر خىل مۇھىت ۋە ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت قايتا – قايتا تەسىر قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا بۇنداق ئامىللار بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن، ئورگانىزمىدىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. ئۆسمىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 15 يىلدىن 30 يىلغىچە بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار ھازىرقى زامان ئىممۇنولوگىيە ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېغىرلىقى بىر مىللىگىرامغا يەتمەيدىغان، دىيامېتىرى ئۈچ مىللىمېتىردىن ئاشمايدىغان مىكرو تىپتىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە مونەكچىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن ئالتە يىل، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئېغىرلىقى بىر مىللىگىرامدىن ئاشىدىغان، دىيامېتىرى ئۈچ مىللىمېتىردىن بەش مىللىمېتىرگىچە كېلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە مونەكچىسىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئالتە يىلدىن توققۇز يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. شۇڭا 30 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى، ئۆسمىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى سەزگەن ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىشى، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى، تاماق تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى، مۇۋاپىق دەرىجىدە بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]