خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئادەم تېنىدىكى مۆجىزىلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2015-04-07 22:24

 

  ئادەم تېنىدىكى مۆجىزىلەر ئادەمنى چۆچىتىدۇ

   ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە تەخمىنەن 10 مىليارد دانە نېرۋا ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ئادەم تېنىدىكى باشقا ھەرقانداق توقۇلمىلاردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىنمۇ زىچ بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە نېرۋا ئىمپۇلسىنىڭ بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن يەنە بىر نېرۋا ھۈجەيرىسىگە بېرىشتىكى  ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 250 مىل (ئىنگلىز لىسى) بولىدۇ.
  ئادەمنىڭ يۈرىكى ھاياتلىق گۈلىنى سۇغارغۇچى بولغان قاننى ئۆمۈر بويى توختىماستىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، بىر ساغلام يۈرەك ھېچقانداق «رېمونت» قىلىنمايمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا 100 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىپ، كۈنىگە ئالتە توننىدىن سەككىز توننىغىچە قاننى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان ئارقىلىق 10 مىڭ توننىلىق زور پاراخوتتىن بىرنى لەيلەتكىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا ھەرقانداق بىر خىل سۇ پومپىسى شۇنچە ئۇزاققىچە رېمونت قىلىنماستىن ئىشلەپ باققان ئەمەس.

    ئادەم تېنىدىكى مېتابولىزمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىمىيەلىك ئۆزگىرىشكە تەۋە بولىدۇ. سان – ساناقسىز خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ‹‹ئېنزىم›› دەپ ئاتىلىدىغان نەچچە يۈز خىل كاتالىزاتورلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، بىر قاتار قاتتىق ھەم مۇرەككەپ فورمۇلالار بويىچە بىر – بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىلار بارلىققا كەلتۈرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەڭلىمىلىرىنى ھەرقانداق بىر كاتتا خىمىيە ئەسىرىمۇ تولۇق يېزىپ چىقالمايلا قالماستىن، ھەرقانداق بىر تەجرىبىخانىمۇ بۇنداق خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق ئىشلىيەلمەيدۇ. ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت 1.5 كىلوگىرام كېلىدىغان جىگەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا جىگەرنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك خىمىيە زاۋۇتى دېيىشكە بولىدۇ.

   ئادەمنىڭ پۈتكۈل تېنى سۆڭەككە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدۇ. سۆڭەك كاۋاك، ئەمما نۇرغۇن مېخانىكىلىق تەلەپلەرگە ماسلىشالايدىغان تۈزۈلۈشلەرگە ئىگە بولغاچقا، يەڭگىل ھەم ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەر بىر كۇب سانتىمېتىر سۆڭەك 1.5 توننا بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، چىداملىقلىقى ھەرگىزمۇ گىرانىت تاشتىن قېلىشمايدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى مۇشۇنداق مۇستەھكەم سۆڭەكنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى سۇ بولۇپ، كالتسىي ئومۇمىي ئېغىرلىقنىڭ ئاز كەم يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى بولسا سۆڭەك يېلىمى قاتارلىق يۇمشاق توقۇلمىلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەگەر تۇز كىسلاتاسى ئارقىلىق كالتسىيلار ئېرىتىۋېتىلسە، ئۇ چاغدا سۆڭەكلەر خالىغانچە ئەگكىلى بولىدىغان يۇمشاق نەيچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

   ئادەم تېنى ئالدىن ھېس قىلالايدۇ

   ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نېۋروگرافىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئادەم تېنى ھازىرلا يۈز بېرىدىغان چوڭ ئىشلارنى ئالدىن ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىدە «كەلگۈسى ۋەقە»لەر يۈز بېرىشتىن تەخمىنەن ئون سېكۇنتلار بۇرۇن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن، مەسىلەن، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، كۆز قارىچۇقىنىڭ تارىيىپ كېڭىيىشى ۋە كۆكرەك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار. مۇتلەق كۆپ قىسىم سىناقلاردا قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىدىن خالىغانچە ئۆتۈپ تۇرغان، سىناققا قاتناشقۇچىلار ئون سېكۇنت بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان.

   ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇلىيا. موسسىبۇرىچ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە 24 تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق «ئالدىن ھېس قىلىش» ئېففېكتىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى، چوڭ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن بىرنەچچە سېكۇنت بۇرۇن ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك پائالىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھازىرلا يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلالايدىغانلىقىنى، ئەمما قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق جۇلىيا قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل «ئالدىن ھېس قىلىش» ئېففېكتى تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدار دېيىشكە بولمايدىكەن.

   كۈندۈزدىكى روھسىزلىق يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ:

   ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈندۈزى روھسىز ئۆتىدىغان ياشانغان كىشىلەر كۈندۈزى كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا يۈرەك كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسانلا گىرىپتار بولىدىكەن، شۇنداقلا يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ياشانغانلار ئۈچۈن مۇھىم بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

   بىزگە مەلۇمكى چوڭ مېڭە ئادەم تېنىنىڭ «قوماندانلىق ئىشتابى» بولۇپ كىشىلەرنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى چوڭ مېڭىدىن ئايرىلالمايدۇ. مېڭە ھۈجەيرىلىرى كۆپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولغاچقا، يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يۈرەك سىقىپ چىقارغان قاننىڭ بەشتىن بىر قىسمى مېڭە توقۇلمىلىرىغا بارىدۇ، جىددىي خىزمەت قىلغان چاغلاردا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا پائالىيەتچان مېڭىنىڭ مېتابولىزمى كۈچلۈك يۈرەك ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. يۈرەك بۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئورۇنلاشتا بەدەندىكى ئىككى چوڭ قان ئايلىنىشقا تايىنىدۇ. ئۆپكە قان ئايلىنىشىدا ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەن بولغان ۋېنا قېنى ئۆپكىدىن يېتەرلىك مىقداردىكى ئوكسىگېنغا ئېرىشكەندىن كېيىن يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىشى بىلەن ئارتېرىيە تومۇرىغا ئېقىپ كىرىدۇ؛ بەدەن چوڭ قان ئايلىنىشىدا بولسا ئارتېرىيە قېنى توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئېقىپ ئۇ جايلاردىكى مېتابولىزمنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار