ئىمپورت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆت جەھەتتىن قاتتىق تۇتىلىدۇ

دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارسى يېقىندا چىڭداۋدا مەملىكەتلىك چېگرىدىن كىرىپ چىقىشنى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش سىستېمىسى ئىمپورت يېمەكلىكلىرى بىخەتەرلىك ئېغىزى سەپىرى باش تېما كۈنى پائالىيىتىنى باشلىدى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ چىڭخەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەتىرى ئامىلى بارغانسېرى مۇرەككەپ بولماقتا، ئېلىمىز ئىمپورت يېمەكلىكىرى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى مۇنداق تۆت جەھەتتىن ئاشۇرىدۇ، بىرىنچى، ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۇقتۇرىدۇ، ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر مەنبىيى چەتئەللەردە، شۇڭا ئېكىسپورت قىلىغۇچى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلىشنى ئۆزىگە قاراشلىق يېمەكلىكنى ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت ساھەسىدىكى بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك تەرتىپ قىلىدۇ، ئىككىنچى بازار ئاساسى گەۋدىسىنى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگەللەيدۇ، ئىككى تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مېخانزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى خەتەرنى باھالاش، بازارغا كىرىش ئۆلچىمى، باھالاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى، بازار ئاساسىي گەۋدىسىگە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگۈزۈپ، بۇ ئاساستا سىستېمىغا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ياخشى مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئ ىلگىرى سۈرۈپ، مۇكەممەل سىستېما كۈچى ھاسىل قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ، تۆتىنچى، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىزگىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تۈزەش جەمئىيەت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ، كەسىپلەر چوقۇم ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.