ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

ئۇنتۇلغان تارىخچى ئابدۇللا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى

ۋاقىت : 2015-04-06 19:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئۇنتۇلغان تارىخچى ئابدۇللا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى
 
تۇرسۇن قاھار

ئۇنتۇلغان تارىخچى ئابدۇللا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى

   19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20-ئەسىردىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئىستىبدات ھاكىميەتلەرنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماي، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، مەرىپەتچىلىرى ۋە تارىخچىلىرى ئۆز خەلقىنىڭ شانلىق كۈرەشلىرى، تارتقان زۇلۇم-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىرى تېخىچە ئۆز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكىنى يوق. بەزىلىرى ھەرخىل سىياسىي مالىمانچىلىقلاردا ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ مەڭگۈلۈك يوقالدى. ئەمما ئۆز تارىخىنى، ئۆز خەلقىنىڭ ئەمگەكلىرىنى كۆز قارىچۇغىدەك ئەزىزلىگەن، خەلق نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى قوليازما ھالىتىدە ساقلاپ قالدى.
   ئىلى تەۋەسىدە 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تارىخچى ئابدۇللا غوجامبىر ھاجى بىلەن زامانداش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۆتكەن تارىخچىلاردىن ئىمىن ھۈسەيىن بىلەن ئىمىنجان باھاۋۇدۇنلار بىزگە مەلۇم. ئىمىن ھۈسەيىن «ئىمىن تارىخ» نامى بىلەن ئىلى دىيارىدا مەشھۇر. ئۇ «شىنجاڭ تارىخى»نىڭ ئاپتۇرى. بۇ كىتاب 1946-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئون بىر پەسىل، 134 ماۋزۇدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قوليازما شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ ئىلىنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشتە مۇھىم مەنبەدۇر.
   تارىخچى ۋە فولكلورشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇنمۇ (1897-1948) ئابدۇللا غوجامبىر ھاجىنىڭ ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلغان تارىخچىلىرىمىزنىڭ بىرى.
ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئۆز ھاياتىدا ئىلىم ئىگىلەش يولىدا كۆپ ئىزدەنگەن. ئۇ «ئىسلام ئۆلىمالىرى»، «ئىسلام خەلىپىلىرى»،«ئىسلام تارىخى»، «ئىلى تارىخى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغان. («ئىلى دەرياسى» 1985-يىللىق 1-سان، 70-بەت)
   ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى جاھانغا تونۇتۇشتا جاپالىق ئەجىر قىلغان ئېتنوگراف، تارىخچى، ئالىم ئابدۇللا غوجامبىر ھاجى ئوغلى 1897-يىلى ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق قورغاس ناھىيىسىنىڭ قورغاسمازار يېزىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇللانىڭ جەددى-جەمەتى بىلىملىك، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بولغاچقا، بۇ مۇھىت ئۇنىڭ كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپ زوقمەنلىك بىلەن بىلىم ئېلىشىغا، تىرىشچان، ئەدەبلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلغان.ئۇ دەۋرلەردە ئادەملەردە ئۆز پەرزەنتلىرىنى مەدرىسە ۋە بىلىملىك خەلپەتلەردە ئوقۇتۇش ئادەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇللا مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە شائىر ئېلى ھاجىم ئىسىملىك خەلپەتتە ساۋادىنى چىقىرىپ، 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا ياركەنتتىكى شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدىن بىلىم ئېلىشقا باشلىغان. شائىرلارنىڭ غەزەل، رۇبائىيلىرىنى تەھلىل قىلىپ، بىلىمىنى كۈندىن-كۈنگە ئاشۇرغان، ئوغلىنىڭ بىلىم ئېلىشتىكى ئىشتىياقىغا ھەۋەس كەلگەن ئاتا ئۇنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا بەل باغلىغان. يەركەنتتە نىزامىدىن ئاخۇنۇم ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئابدۇللا غوجامبىر ھاجى ئۆزى ئوقۇغان مەدرىسىدە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈپ، دادىسى مەككىگە كەتكۈچە مۇددەرىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
   پەرزەنتىنى ئوقۇتۇش ئارزۇسىدا يانغان غوجامبىر ھاجى 1904-يىلى ئابدۇللانى ئىستامبۇلدا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى مەككە-مەدىنىگە كەتكەن. ئابدۇللا ئىستامبۇلدىكى تىل-ئەدەبىيات، تارىخ دارىلفۇنۇنىدا بىر قانچە يىل بىلىم ئالغان. دادىسى غوجامبىر ھاجى 1910-يىلى ئىككىنچى نۆۋەت ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغىنىدا ئابدۇللانى ئىستامبۇلدىن ئۆزى بىلەن بىللە ھەج قىلشقا ئېلىپ بارغان.
   قورغاسمازار خەلقى غوجامبىر ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ھاجىلارنىڭ مەككە-مەدىنىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى چوڭ داغدۇغا ۋە خوشاللىقلار بىلەن كۈتۈۋالغان. ئۇلارنىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، قورغاسمازاردا مەسچىت، مەكتەپ، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا ئاق يول تىلىگەن.ئابدۇللا قورغاسقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دادىسىغا ياردەمچى خەلپەت بولۇپ تالىپلارغا دىنىي دەرس بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قورغاسمازار يېزىسىدا يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ ئۆسمۈرلەرنى زامانىۋى يېڭى ئىستىقبالغا ئېلىپ چىقىش ئىدى. ئۇ مانا يولدا ھارماي-تالماي خىزمەت قىلدى.
      1916-يىلى قورغاسمازار خەلقى ھاياتىدا چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى. خەلق ئۆزلىرى ئىئانە قىلغان خىراجەتلىرى بىلەن تۆت سىنىپلىق زامانىۋى مەكتەپ بىناسىنى تىكلەپ، ئۆسمۈرلەرگە بىلىم ئىشىكىنى ئاچتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يىراق-يېقىندىن يۇرت مۆتىۋەرلىرى، ئىلىم ئەھلى، قارىلار، خەلپەتلەر ۋە ئابدۇللا ھاجى ئەپەندىنىڭ يېقىن سەبداشلىرى ئابدۇقادىر ئەپەندى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، لۇتپۇللا قارى، سېيت ئەپەندى، قارى بوساقۇفلار قاتناشتى، بۇ مەكتەپ قورغاسمازار تەۋەسىدە دەسلەپكى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپى دەپ ئېلان قىلىندى. مەكتەپكە «نىجات» دەپ نام بېرىشتى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇللا ھاجى ئەپەندىنىڭ بۇ دىياردا ياندۇرغان مەرىپەت چىرىقى يالقۇنلاشقا باشلىدى. ئەگەر بىز 1870-يىلى ئىلى بەيتۇللا مەسچىت يېنىدىكى مەدرىسىدە سالدۇرغان تۆت سىنىپلىق مەكتەپنى ئىلى ۋىلايىتى تارىخىدىكى تۇنجى زامانىۋى مەكتەپ («شىنجاڭ سودا گېزىتى» 1993-يىل ماي) دەپ ئېيتساق، قورغاس ناھىيىسىدە تۇنجى يېڭى مەكتەپنىڭ ئاساسىنى 1916-يىلى ئابدۇللا ئەپەندى غوجامبىر ھاجى سالغان دېيىشكە ھەقلىقمىز.
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ قورغاس ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۆسمۈرلەرگە بىلىم بېرىش، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرى يۈكسىلىشكە باشلىدى. ئامما ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىدىكى مۇنداق تەرەققىيات ۋە يېڭىلىقىنى كۆرەلمىگەن نادان، خۇراپات جاھالەت تەرەپدارلىرى ئابدۇللا ئەپەندىگە تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلاپ:«ئابدۇللا ئەپەندى بىر كالتە قۇيرۇق چىقتى، بالىلارغا قالايمىغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ...» دەپ كۆرە ناھىيىسىدىكى جاڭجۈنگە چېقىپ، شىكايەت قىلىپ باردى، شۇ تۈپەيلى ئابدۇللا ئەپەندى تۈرمىگە تاشلاندى.
    1920- 1930-يىللىرى ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ھاياتى تولىمۇ مۇرەككەپ شارائىتتا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش توغرىسىدىكى ئارزۇلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنى زامانىۋى يېڭى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش دېگەن مەقسەت پائالىيەتلىرى يەرلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى  تەرىپىدىن تەقىپ قىلىندى. ئۇنى ئاللىقانداق تۆھمەتلەر بىلەن قامىدى، ئازابلىدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرى بولغان جېرجىس ھاجى، ئابدۇراخمان، يۈسۈپ ئاخۇن باقىيىف، ياقۇپجان باقىيىف، سالجانباي، مەسئۇت سەبىرىي، تۇرسۇن ئەپەندى، سېيت ئەپەندى، پاتىمە زەينالوۋاغا ئوخشاش ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىمۇ شۇ چاغدىكى دوتەي يامۇلى 1926-يىلى قامىدى. ئابدۇللا ئەپەندىمنى سوراق قىلغاندا: «سەن پانتۈركىست، ئىسلام جەمئىيىتى قۇرماقچى، «نىجات» دېگەن تەشكىلاتىڭلار قەيەردە؟ 1926-يىلى باكۇدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا نېمە ئۈچۈن بارماقچى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا كىملەر بىلەن ئالاقەڭ بار» دەپ سوراق قىلىپ قىيىن-قىستاققا ئالدى.
   ئابدۇللا ئەپەندى 1932-يىلى قاماقتىن بوشىنىپ تا 1938-يىلىغىچە ئۆزى سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، 1938-يىلى كۈزدە، شېڭ شىسەي ئۇنى يەنە قاماققا ئالدى. غۇلجىدىكى جىڭساجۈي تۈرمىسىگە سولىنىپ، 1944-يىلى كۈزدە بوشاندى.
   ئۇ تۈرمىدىن بوشىنىپ چىقىپلا ئىلىدىكى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى. ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە ئىلىم يولىغا كىرىشىشىدە قەدىمىي شەھەر ئالمالىقنىڭ، توغلۇق تۆمۈرخان مازىرىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ خەلق ئىچىدىكى رىۋايەتلەر، خەلق تارىخچىلىرىنىڭ يازمىلىرىغا، ئېغىزچە خاتىرىلىرىگە، بۇ يەرگە كەلگەن چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە بەك قىزىقتى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئالمالىق شەھىرىنىڭ تارىخى، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىنىڭ بىنا بولۇشى ۋە ئۆتمۈشتىن قالغان يادىكارلىقلار توغرىسىدىكى مەنبەلەرگە ياندىشىپ، بۇ قەدىمكى جايلاردا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش يۈرگۈزۈش كېرەك دېگەن خۇلاسىگە كەلدى. 1920-يىللىرى ئابدۇللا ئەپەندى ئالمالىق شەھەر خارابىسىدىن 100 مو يەرنى ئابدۇراخمان دېگەن كىشىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆزى باشلىق بىر نەچچە كىشى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە ئۇ يەردىن قەبرە تاشلىرى (مەڭگۈ تاش)، قورال-ياراغ، قاچا-قۇمۇش، كۆمۈش تەڭگە، مىس ۋە باشقا مەدەنلەردىن ياسالغان جابدۇقلار، پىچاق، پالتا، خەنجەر، چىراقپاي ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى قېزىۋالدى.
   مەن ئابدۇللا ئەپەندى ۋاپات بولۇپ (1956-يىلى) بىر-ئىككى يىلدىن كىيىن ئۈرۈمچىدە زىكرى ئەلپەتتا بىلەن قورغاسمازار، ئالمالىق دېگەن سۆزلەر ھەققىدە سۆزلىشىپ قالدىم. شۇنىڭغىچە زىكرىكامنىڭ ئابدۇللا ئەپەندىگە كۈيئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. زىكرىكام كەمتەرلىك قىلدىمۇ، ئەتىمالىم، قېينائاتىسىنىڭ تەرىپىنى ئانچە ئېيتمىدى. پەقەت بىر تارىخىي كىتاب يازغانلىقىنى، ئالمالىق شەھىرىنى قېزىپ، ئاسارە-ئەتىقىلەر تاپقانلىقىنى قىسقىغىنە سۆزلەپ بەردى. «تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئالمالىق» دېگەن قوليازمىسى بىر نەچچە دەپتەردە بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
   ئىلى تەۋەسىدە ئابدۇللا غوجامبىر ھاجى ئوغلى ئابدۇللا تارىخ نامى بىلەن مەشھۇر. بىراق بىر تارىخچى ئابدۇللا ئەپەندىنى بەك ئاز ئۆگەندۇق. ئۇ ھايات ۋاقتىدا (40-يىللىرى) ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى، ئالمالىق شەھىرى، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى، يازغان تارىخلىرى ۋە باشقىلار توغرىسىدا ئاز ئىزدەندۇق. ئۇنىڭ زامانداش مەسلەكداشلىرىنىمۇ بىلمىدۇق. ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تارىخچى، يازغۇچى تېىيپ ھاجى قاتارلىقلارنى بىلىشى مۇمكىن.
ئابدۇللا ئەپەندى 1944-يىلدىكى ئىلى ئىنقىلابىدىن كىيىن ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش، ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلىپ چىققان ماتېرىياللىرىنى رەتلەش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم «قەشقەر تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ قوليازمىسىنى يېزىپ تاماملىغان. بۇ تەخمىنەن 1945-يىلى بولۇپ، ئەپسۇسكى بۇ ئەسەر مەتبۇئات يۈزى كۆرەلمىگەن. ئۇنىڭ «قەشقەر تارىخى» ناملىق كىتابنى يازغانلىقىنى ئۆزى ياشىغان يۇرت ئىچىگە ۋە يېقىن مەسلەكداشلىرىغا مەلۇم بولغان. بۇ ئىزگۈ ئىشتىن خەۋەر تاپقان سابىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە قورغاسمازارغا چىقىپ، ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن سۆزلىشىپ، مەزكۇر تارىخنى ئېلىپ كەتكەن. 1946- يىلى ئېلىخان تۆرە غايىپ بولغاندا «قەشقەر تارىخى» قوليازمىسىمۇ تەڭ غايىپ بولۇپ كەتكەن.
   ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ئەمگىكى «ئۇيغۇرلار تارىخى» قول يازمىسى ئىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، مەسلەكداش بۇرادەرلىرى مەزكۇر قوليازمىنىڭ بەك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ يۈرگەن. ئۇ تەخمىنەن 200 ۋاراق ھەجىمدە ئىكەن.
   مەن ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئوغلى شائىر شۈكرى ئابدۇللا (ئۇ ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە تۇرىدۇ) ۋە باشقىلار بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەت قىلدىم، ئۇ ئاتىسى توغرىسدا خېلى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەردى: دادمنىڭ تارىخ ھەققىدە خېلى قىممەتلىك ۋە پۇختا ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنى بىلىمەن، «ئۇيغۇرلار تارىخى» قوليازمىسى ئۆزى ۋاپات بولغاندا بېشىدىكى ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن چىققان. دادامدا ئالمالىق شەھىرى ھەقىدە كىتاب يېزىش نىيىتى بار ئىدى. تارىخقا دائىر يازغان نەرسىلىرىنى جۈملىدىن «ئۇيغۇلار تارىخى»نىڭ مەن بىلىدىغان بىر توپ كىشىلەرگە بېرىۋەتكەن. مىللىي ئىنقىلاپتىن كىيىن بولسا كېرەك، دادامدىن ئاسار-ئەتىقىلەرگە دائىر بىر قىسىم نەرسىلەرنى بىر تۈركۈم كىشىلەر كېلىپ ئېلىپ كەتكەن. 1948- يىلى «ئۇيغۇرلار تارىخى»نىڭ يەنە بىر نۇسخا قوليازمىسىنى بىز باستۇرىمىز دەپ ئېلىپ كەتكەنلىكى ئېسمىدە... دەيدۇ.
    ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ تارىخ توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىرسى «ئىلى تارىخى» (ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخىدۇر). ئاپتۇر بۇ ئەسىرىنى 1920- يىللىرى قورغاس ناھىيىسىدە يازغان بولۇشى كېرەك. ئەسلى نۇسخا (مۇئەللىپنىڭ قوليازمىسى) بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. پەقەت 3-قېتىم يەنى 1923-يىلى ئەسلى نۇسخىدىن يۈسۈپجان غاپپاروف كۆچۈرۈپ ئالغان. بۇ نۇسخىدىن 1930-يىلى غۇلجىدا ھېسامىدىن ئابلىز ئوغلى كۆچۈرۈپ ساقلىغان. بۇ قوليازمىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئاخىرقى كۆچۈرگۈچى: بۇ قوليازمىنى قورغاسمازارلىق (تۇغلۇق تۆمۈرخانلىق) ئابدۇللا ئەپەندى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەر دەپ يېزىپ قويغان. قوليازما 96 بەت بولۇپ، چوڭ-كىچىك 26 ماۋزۇغا بۆلۈنگەن، 80-بەتكىچە كۆك سىياھتا، ئۇنىڭدىن كىيىنكى بەتلىرى سۆسۈن قېرىنداش بىلەن غۇلجىدا كۆچۈرۈلگەن. بۇ قوليازما ھازىر مېنىڭ يېنىمدا ساقلانماقتا.
    بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر تارىخچىسى، ئېتنوگراف ئابدۇللا غوجامبىر ھاجىنى ئەسلىگىنىمىزدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى، تارىخىي ئاسارە-ئەتىقە، ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ماتېرىيال ۋە قوليازمىلىرىنى  يىغىپ، توپلاپ، ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسىگە كىرگۈزىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆزى دىللاردا، نامى قامۇستا قالغۇسى.
(سۈرەت ئابدۇرېشىت سىراجىدىن خەلپەت ئوغلىنىڭ 1956- يىلى تارتقان سۈرىتىدىن قايتا تارتىلغان)

(«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى)
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار