ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇلايىملىقىنى كىم ئوغۇرلاپ كەتتى ؟

مائارىپتا مېھرىبانلىقنىڭ تاياققا قارىغاندا ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، كىمنىڭمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ 40مىنوتنى توشقازغۇسى يوق ؟مەيلى جەمىيەت ياكى ھۆكۈمەت بولسۇن ئوقۇغۇچىنى جازالاشنى ھەتتا تەنقىدلەشنىمۇ خاتا دەپ قاراۋاتقان ، چەكلەۋاتقان ۋاقىتتا ؛"كۈيۈنۈش تەربىيىسى" بىلەن "ھۆرمەت تەربىيىسى "نىڭ رولىنى زىيادە چوڭ ئورۇنغا قۇيۇۋاتقان بۇ جەمىيەتتە ئوقۇتقۇچى قاتمۇ –قات مۇھاسىرىدە قالغان ئىگىسى يوق يىتىم بالىغىلا ئوخشاپ قالدى .
بىر ئوقۇش مەۋسۈمى ئاخىرلاشتى ، كەچتىكى يىغىلىشلارغا قارىسىڭىز كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلار ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرىدۇ ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار كۈلۈپ تۇرۇپ پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى گۈزەل تىلەكلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ قۇيىدۇ ، سەپكە يېڭى قۇشۇلغانلارنى قارشى ئالىدۇ ، ئاخىردا ھەممەيلەن بىردەك مۇنداق خۇلاسىگە كىلىدۇ : ئوقۇتقۇچى چوقۇم قالتىس بۇلۇشى كېرەك !چۇقۇم قالتىس بولۇشى كېرەك !
قالتىس بولۇشنىڭ مۇنداق ئىككى مەنىسى بار .
بىرسى كەسىپتە قالتىس بۇلۇشى كېرەك ، ھازىر ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى ئاتا-ئانىلار بولسۇن تەلىپى بەك يۇقىرى ، قۇسۇر چىقارغىلى ئارانلا تۇرىدۇ شۇڭا كەسىپتە ئادەتتىكىدەك ئوقۇتقۇچىىڭ بۇ ساھەدە نان تېپىپ يېيىشى تەسكە توختايدۇ .
يەنە بىرى "ئۆزىنى تۇتۇش" تا قالتىس بولۇشى كېرەك ، ئوقۇغۇچى چۇقۇم سىزدىن قورقۇشى ، ئەيمىنىشى كېرەك ، بولمايدىكەن دەرسخانىدا تەرتىپ ساقلىغىلى بولمايدۇ ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرسىلا دەرسخانىدا تەرتىپ ساقلىمايدىغانلىقىنى ، دەرسىڭىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا تاپشۇرۇقنى ئەستايدىل ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ، ئۇنى ھۆرمەت قىلسىڭىزلا سىزنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئامالسىزلىق ئىچىدە ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ ، تەلىم-تەربىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوقۇتۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى ، قانداق قېلىپ دەرسخانا تەرتىپىنى ساقلاش ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا قۇيۇلغان قىيىن سۇئال .
قاراپ باقسام ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بارا-بارا " مۇز چىراي " بولۇپ قالىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئەمدىلا سەپكە قېتىلغانلار.بىر نەچچە مەۋسۈم ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلۈمسىرەش ، مۇلايىملىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ ، مىجەزى كۆز قاراشلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاسمان زىمىن پەرقلىق ، ئوقۇغۇچىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش توغۇرلۇق ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ قالسا ئاجايىي-غارايىپ چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالغاندەك ھەيران قالىدۇ .
ئوقۇتقۇچى بولغىلى 20 يىل بولغان ماڭا بۇ ئۆزگىرىشلەرنى قۇبۇل قىلماق بەسى مۈشكۈل كىلىۋاتىدۇ ، بەزىدە سەۋر قاچام توشۇپمۇ كىتىدۇ .
بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بەك ئاسان ئاچچىقلايدىغان بۇلۇپ قالدىم ، ھېلىقى دائىم قاپىقى تۈرۈك تۇرىدىغان ، ئاچچىقى يامان، كۈندە تاپشۇرۇق ۋە ئىنتىزام ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ، سىنىپتا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك قىلىۋىتىدىغان بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتقاندەك ھېس قىلىپ بەزىدە ئۆزۈمدىن مەن كەينىمگە چىكىنىپ كەتتىمۇ قانداق ؟ دەپ سوراپمۇ قالىمەن،ئەلۋەتتە ياش ۋاقتىمغا ئوخشىمايدىغان يېرى جەڭنى يىغۇشتۇرغاندا تەنقىد بىلەن ئەمەس يۇمۇرىستىك ئاخىرلاشتۇرىمەن ، شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىم مىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدۇ بىراق بۇنداق تەربىيە ئۇسولىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسسول ئەمەسلىكىنى بىلىمەن .
ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى نىمىشقا مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ؟ چۇقۇم قاتتىق يۇمشاق ۋاستىنى تەڭ قوللىنىش كېرەكمۇ ؟ ئۇقۇتقۇچىنىڭ مۇلايىملىقىنى كىم ئوغۇرلاپ كەتتى ؟ ئۆزەمچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ باقتىم .بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن زېرىكىشى ئەڭ مۇھىم ئامىل .
ئوقۇغۇچىلار نىمىشقا ئوقۇشتىن زېرىكىدۇ ؟ ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋىتىپ (ئەلۋەتتە بۇنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ) تەھلىل قىلساق ئانچە تەسمۇ ئەمەس ،جۇڭگو مائارىپنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى نىشانى ۋە ئەندىزىسى بىرلا خىل يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى ، قىزىقىشى ، ئالاھىدىلىكىگە قارىماي ھەتتا قۇرۇلۇش ئۇسلوبىمۇ بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان مەكتەپلەردە خۇددى پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرگەندەك ئۇلار خالىسۇن –خالىمىسۇن ھەممىسىنى تەربىيەنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبورلايمىز ، نەتىجىسى قانداق بۇلىدۇ ؟بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى خۇشاللىقى يۇقايدۇ، قەدر-قىممىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ ، ناھايىتى تىزلا ئوقۇشتىن ، ئوقۇتقۇچىدىن زېرىكىدۇ .
ئوقۇشتىن زېرىككەن ئوقۇغۇچى ئەلۋەتتە سىنىپتا جىم ئولتۇرمايدۇ ، ھەممىمىز بىلىمىز مائارپ تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى بەكمۇ ئاستا كۆرۈلىدۇ،مەسلىگە يۇلۇققاندا ئۆچكىگە چىگىت بېرىپ قۇيرۇقىنى تۇتقىلى بولمايدۇ ، بىراق قانداق قىلىمىز ، ۋاقىت شۇنداق قىسقا ئاران ئۈچ يىل ، ئوقۇغۇچى يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇمىسا بولمايدۇ ، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ نەچچىنچى بولغانلىقىنى ئىنىقلاپ تۇرىدۇ ، جەمىيەت تېخى ئۇلاردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بار كۈچى بىلەن ئۈچ يىلدا تۈمۈردىن ئالتۇن تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ، سىنىپقا كۈلۈپ كىرىپ ئاچچىقتىن قىزىرىپ چىقىشقا ، كىسەل ئات بۇلامدۇ ياكى ئاللقاچان ئۆلگىنى بۇلامدۇ ئوخشاش دورا بېرىشكە ؛ ئەقلى بۆلۈنمىسى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن قەلەم ۋە ئەلەم جېڭى قىلىشقا مەجبور بۇلىدۇ بولمىسا مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئائىلە باشلىقلىرى ئۇلارنى بوش قۇيىۋەتمەيدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنى كىم قوغدايدۇ ؟
مەن ماتىريال كۆرۈپ باقتىم ، بۇ خىل ئەھۋال ھەممە دۆلەتتە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بار ئىكەن ، مەكتەپ جەمىيەتتىكى ئەڭ ئاجىز ئورۇن ، ئوقۇتقۇچى بولسا ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپىغا ئايلانغان ، بىراق دۆلىتىمىزدە ھازىر ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۈلۈش تارىختىكى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشتى ، مەلوم مەنىدىن ئېيتقاندا جەمىيەت ئاللىقاچان ئوقۇتقۇچىلارنى جاھاننىڭ ئۇ چىتىگە پالىۋەتتى .
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى جازالاشقا بولمايدۇ ، ھەتتا تەنقىدلەشكىمۇ بولمايدۇ ئۇنداق بولمايدىكەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ ، يەنە بىرى مەيلى جەمئىيەت ياكى ھۆكۈمەت بولسۇن ؛"كۆيۈنۈش تەربىيىسى" بىلەن "ھۆرمەت تەربىيىسى "نىڭ رولىنى زىيادە چوڭ ئورۇنغا قۇيۇلغان بولۇپ چەتئەلنىڭ "باراۋەرلىك ، كەڭ قورساقلىق" مائارىپىنى قارىغۇلارچە ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ كېلىپ بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو مائارىپىنى قۇتقۇزۇش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىدۇ ، جانابىي رەھبەرلىرىمىز ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىيەتتە چەتئەلنىڭ ئۇ خىل مائارىپىنىمۇ ئۆزىمۇ تازا بىلىپ كەتمەيدۇ ، نەزەرىيە قانچىلىك دەبدەبىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ دېگەن بەرىبىر نەزەرىيە ،تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيەتتە ئۆي تۇتقانغا ئوخشايدۇ ، بەزىدە قازان –چۆمۈچكە تېگىپمۇ كېتىدۇ ، بۇ چاغدا چوڭ نەزەرىيە سۆزلەپ تۇرۇۋالغان بىلەن ، كەپسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاچقان يېرىگە بارمايدۇ ، بەك قاتتىق تۈتىۋەتسە تېخى بولمايدۇ ، ئەگەر بۇ سىنىپتا مۇشۇنداقتىن ئونلا بالا بولسا بىچارە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي ! شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى خاتالىقىغا چۇشلۇق جازالىيالمىغاچقا سىنىپقا مۇز چىراي بولۇۋېلىپ كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ .
مائارىپ ئەسلى ئۆزى ناھايىتى يېقىملىق ، گۈزەل كەسىپ ئىدى ، بىراق بىزنىڭ مۇلايىملىقىمىزدىن ئەسەرمۇ قالمىدى ئەكسىچە قەلبىمىز زەردابقا تولۇپ كەتتى.شۇڭا مەن قەدىرلىك كەسىپداشلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەرمەكچى :
ئالدى بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار ، چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق ئاللىقاچان ئەقلى ئەمگەك ساھەسىدىن ھالقىپ كەتتى ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ ھەم ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك .مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شېرىن شېكەر گەپلىرىگە ئېشىنىپ كەتمەڭ ، كۆيۈنۈش تەربىيىسى تەلىم –تەربىيىنىڭ مۇھىم ئامىلى لېكىن بىردىنبىر ئۇسسول ئەمەس ، چوقۇم قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ، پەقەت كۆيۈنۈش بىلەنلا بالا تەربىيىلەيمىز دېسىڭىز بوزەك بولغىنىڭىز بولغان .
تىرىشىپ ئۆگىنىڭ ، ئۈزلۈكسىز بىلىم يېڭىلاپ تۇرۇڭ .سىزدە چوقۇم سىنىپ مەسئۇلىنىڭ 36 تەدبىرى بولۇشى كېرەك .ئەڭ ئاخىردا ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ھۆكۈمەتتىن ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىمىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك .
ئوقۇتقۇچىلار ئاللىقاچان ھەممىنىڭ مازاق ئوبيېكتىغا ئايلاندى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى بىزنىڭ قابىلىيەت دائىرىمىزدىن ئېشىپ كەتتى ، ھەتتا بەزىدە ھاياتى بىخەتەرلىكىمىزمۇ زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ ، شۇڭا بىزگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ "ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى " بولمىسا بولمايدۇ ،بىز ئەۋلىيا ئەمەس ئادەتتىكى ئادەم ، بىرلا ۋاقىتتا مەشقاۋۇل ، ساقچى ھەم بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولالمايمىز .