خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپنىڭ نىداسى ۋە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساداسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2014-05-22 17:03

 
مائارىپنىڭ نىداسى ۋە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساداسى
 
ئەخمەتجان قاسىم
 
(مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

ئويلىنىش ئىجادىيەت ئەھلىنىڭ خىسلىتى،ئويلاندۇرۇش ئۇستازلىق روھىنىڭ بەرق ئۇرۇشى.
         
 - ئابدۇقادىر جالالىدىن
 
ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتېيىن: «مەسىلىنى بايقاش مەسىلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم» دېگەنىدى. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى، ئەۋلادلار قەلبىگە ئىلىم - مەرىپەت تاراتقۇچى ۋە «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپتىكى مەسىلىلەرنى ئەڭ بۇرۇن بايقىغۇچىدۇر.ئەمما، كۆپ ھاللاردا مائارىپتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى بايقىغۇچى زەكىي ئوقۇتقۇچىلار مەسىلە بايقىغۇچى بولالىدى - يۇ، مەسىلە ھەل قىلغۇچى بولالمىدى. بەلكى مەسىلە ھەل قىلىشتا، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىغا ئىگە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئاغزىغا قاراشقا مەجبۇر بولدى. مەكتەپ قورۇسىدىكى ھەر قانداق بىرجىسىم، ھەر قانداق بىر ھالەت تەلىم-تەربىيەگە پايدىسىز بولىدىكەن، ئۇنى تۈپتىنئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش لازىم ئىدى . ھالبۇكى، بەزى چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلارتەرىپىدىن مەسىلە دەپ قارالغان ئىشلار مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن«مەسىلە» دەپ قارالماي، خاتاسى خاتا پېتى يىللار تامان داۋاملىشىشتىنمۇ ساقلانغىلىبولمىدى. شۇنداقتىمۇ مائارىپنىڭ نېنىنى يەپ، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدەئېقىۋاتقان، ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارمائارىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، تەرەققىياتيۈزلىنىشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشتىنھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ. مەسىلە بايقالغان ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېتىراپقىلىنغانىكەن، ئۇنىڭ ھەل قىلىنىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. مائارىپتىكى بەزىمەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىنچە ھەل قىلىنماسلىقى ئۇنىڭ «مەسىلە» دەرىجىسىگەكۆتۈرۈلمىگەنلىكى ياكى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكىئۇنىڭغا بەلگىلىك ۋاقىت ۋە مۇئەييەن جەرياننىڭ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس. ئۇستازئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ تەييار جاۋابى بولمايدۇ، تەييار جاۋابسىز ئۆزىڭىز دۇچ كەلگەن تۈگۈنگە دال بولالمايدۇ. ھەركىم ئۆز مەسىلىسىگە ئۆزى جاۋابتېپىشى كېرەك. سىز پىكىر قىلىشقا ئىنتىلسىڭىزلا، جاۋابقا ئېرىشتۈرىدىغان تۈرتكىنىتاپالايسىز» دېگەنىدى.
ھەر بىر مائارىپچى تەلىم - تەربىيەجەريانىدا، ئۆز نۆۋىتىدە بىر بولسا مەسىلە سادىر قىلغۇچى، بىر بولسا مەسىلەبايقىغۇچى، ياكى مەسىلە ھەل قىلغۇچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆزگە بىرى بولۇشى مۇمكىنئەمەس. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيەتچان ۋە ئاڭلىقلىق بىلەن، مائارىپتا قاچانمەسىلە بايقالسا، شۇ ھامان ھەل قىلسا، ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ھەلقىلىدىغانلارنىڭ دىققەت - نەزىرىنى قوزغىسا، مائارىپتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانمەسىلە بولمايدۇ. مائارىپ ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن داۋام قىلىدۇ. مائارىپتىكى خوراشكۆپ، ئۈنۈم ئاز بولۇشتەك مەسىلىنى ھەل قىلغىلى؛ ئايرىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى قېيىداشپىسخىكىسىغا خاتىمە بېرىپ، زارلىنىش سادالىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. شۇندىلا مەكتەپتەلىم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى ۋە تەلىم ئالغۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مەرىپەتباغچىسىغا ئايلىنىدۇ.
مائارىپنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى مەسىلە سادىرقىلىش بولماستىن، بەلكى تەربىيەلەنگۈچىلەرگە مەسىلە ھەل قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى.ئەمما بۈگۈنكى كۈندە رايونىمىزدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ ئاساس مائارىپى تالايمەسىلىلەرگە ھامىلىدار، مەسىلە ھەل قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىنتىزار.ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ مەسىلىلەر ئايرىم ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مائارىپمەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن «مەسىلە» ھېسابلانماستىن، شۇ پېتى داۋام قىلىشىبولماقتا. نۆۋەتتە جىددىي ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغانمەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە ئىستىخىيىلىك رەۋىشتەشەكىللەنگەن پەنلەرنى «ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن»گە ئايرىپ، ئاساس پەنگە ئېتىباربېرىش، قۇشۇمچە پەنگە سەل قاراش؛ مەكتەپلەردە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭئورنى «ئاساس پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىشتۇر.توخۇنىڭ ئۆزى تۇغقان تۇخۇمنىڭ تەمىنى بىلمەسلىكىدىن ھەيران قېلىشنىڭ ئورنى يوق.ئەمما، مائارىپ، تەلىم - تەربىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ ئۆز كەسپىدائىرسىدىكى مەسىلىلەرنى بايقىيالماسلىقى، بايقىسىمۇ ئۆزگەرتمەسلىكى كىشىنى ھەمھەيران ھەم پەرىشان قىلىدۇ. دېموكراتىك مائارىپتا پەنلەر ئوتتۇرىسىدا بىرلىشىشبولىدۇ، ئايرىلىش بولمايدۇ؛ پەنلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمدەملىك بولىدۇ، يەكلەشبولمايدۇ. ھەر بىر پەن «پەن» بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپ تەلىم - تەربىيەسىدە،تېگىشلىك ئورۇن ۋە رولغا ئىگە بولىدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، مەكتەپ تەلىم -تەربىيەسىدە «ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن» دەيدىغان پەن يوق. پەقەت ئىجتىمائىي پەنۋە تەبئىي پەن دەيدىغانلا پەن بار. ئەمما، ئاساس قاتلامدىكى يېزا - بازارلىقئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ھەتتا شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچمەكتەپلەردە خۇددى يۇقىرىدىن ھۆججەت چۈشۈرۈپ بەلگىلەپ بەرگەندەكلا، «ئاساس پەن» ۋە«قۇشۇمچە پەن» بار؛ شۇنىڭغا ماس ھالدا «ئاساس پەن»نى چىڭ تۇتۇش، «قۇشۇمچە پەن»گەسەل قاراش بار. ئۇلار ئۆزلىرىچە تەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە گۈزەل - سەنئەت (رەسىم)دەرسىنى «قۇشۇمچە پەن» كاتېگورىيىسىگە؛ ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىنى«ئاساس پەن» كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈۋالغان. مەيلى دۇنيادا ياكى جۇڭگودا بولسۇن،خاس «ئاساس پەن» ئوقۇتىدىغان مەكتەپ يوق. ئاتالمىش «قۇشۇمچە پەن»لەرمۇ ئاساس پەنئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپتە ئۆتۈلىدۇ. دەرسلىك كىتابنىڭ ھېچ يېرىدە «ئاساس پەن» ياكى«قۇشۇمچە پەن» دەپ يېزىپ قويۇلغىنىمۇ يوق. ئەمما ئاساس قاتلامدىكى بىر قىسىممۇدىر، ئىلمىي مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلار پەنلەرنى «ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن»لەرگەئايرىۋالغان، كۆڭۈللىرىگە مۆھۈر قىلىپ ئويۇۋالغان. بۇنى دەرسخانا ئىچى ۋە سىرتىدائوقۇغۇچىلارغا ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە سىڭدۈرگەن. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىسىز مەكتەپبولمىغىنىدەك، «قۇشۇمچە پەن»سىز ئوقۇتۇش بولمايدۇ. ئاساس پەن مەكتەپ تەلىم -تەربىيەسىدە قانچىلىك مۇھىم بولسا، «قۇشۇمچە پەن»مۇ ھەم شۇنچىلىك مۇھىم.ئەدەبىياتتىن ئىبارەت «ئاساس پەن»نى ئۆتىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز دەرسىگە ئەھمىيەتبېرىپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىبارىنى قوزغاش ئارقىلىق، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى لېف.تولستوي، لۇشۈن ۋە زوردۇن سابىر كەبى يازغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالىشىناتايىن. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ماتېماتىكىنىڭ ئاساس پەن ئىكەنلىكىنى پەشقىلىپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئېينىشتېيىن ۋە خۇالوگېڭ كەبى ئالىملاردىن قىلىپتەربىيەلەپ چىقالىشى ناتايىن… بەلكى ئۇلارنىڭ بەزىسى پىكاسۇغا ئوخشاش رەسسام بولۇشى،بەزىسى بېتخوۋېنغا ئوخشاش مۇزىكانت بولۇشى، يەنە بەزىسى ياۋمىڭغا ئوخشاشتەنھەرىكەتچى بولۇشى مۇمكىن. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالساق، ئۇلۇغئالىم ئېينشتېيننىڭ ئىسكىرىپكىچى؛ تەۋپىق (مەمتېلى ئەپەندى)نىڭ كومپوزىتور ۋەشائىر؛ ل.مۇتەللىپنىڭ شائىر ۋە رەسسام؛ زوردۇن سابىرنىڭ شاھماتچى ۋە سازەندە؛چىخوفنىڭ يازغۇچى ۋە دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنىيېتىلدۈرۈش ئاساسىدا، ئۇلارنى «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» قىلىپ تەربىيەلەش ساپامائارىپى ۋە يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بارلىقپەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس رولى ۋە قىممىتى بار. شۇڭا، رەھبەرلىكتىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغىچە «قۇشۇمچە پەن»لەرگىمۇ «ئاساس پەن»لەرگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشىزۆرۈر.
مەكتەپنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا قاتلامرەھبەرلىرى، ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى قانداقتۇر ئوقۇغۇچىلارغا پەنلەرنى«ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن» دەپ ئايرىش، «ئاساس پەن»گە ئېتىبار بېرىپ، «قۇشۇمچەپەن»گە سەل قاراشنى ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى مەكتەپ تەلىم - تەربىيەسىدىكى بارلىقپەنلەرنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ پەنلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋەئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رولى بارلىقىنى؛ ئىمكانىيىتىنىڭيېتىشىچە ھەممە پەنلەرنى تەكشى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس ۋە تەۋسىيە قىلىشمەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما، بۇ نۇقتىنى ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارتونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تونۇپ يەتكىنى يوق. ناۋاداھەممە ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۆتىدىغان پەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، باشقا پەنلەرنى چۈكۈرسە،ئوقۇغۇچىلاردا پەن تاللاش خاھىشى ھەتتا قىزغىنلىقى پەيدا بولىدۇ-دە، ئاتالمىش«قۇشۇمچە پەن»لەر ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان پەن بولىدۇ. نەتىجىدە«قۇشۇمچە پەن»نى تاشلىۋەتكەن ئۇ ئوقۇغۇچى ئۇزۇن ئۆتمەي «ئاساس پەن»نىمۇتاشلىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئوقۇغۇچىغا ھېچقانداق نەسىھەت ۋە بېسىم كار قىلمايدۇ.ئايرىم ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى بىلىپ - بىلمەي ئوقۇغۇچىلارغا «ئاساس پەن»نىڭمۇھىملىقى، «قۇشۇمچە پەن»نىڭ ئېتىبارسىزلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، بۇ قىلمىشىسەۋەبلىك يەۋاتقان ئېشىغا ئۆزى تۇپا سېلىۋاتىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،ئوقۇغۇچىلارغا «ئاق كۆڭۈل»لۈك بىلەن زىيان سېلىۋاتىدۇ. ئۇستاز ئابدۇقادىرجالالىدىن: «بىر مائارىپچى مائارىپنى كىشىلەرگە (بولۇپمۇ بالىلارغا) زىيانكەشلىكقىلىدىغان تەتۈر فۇنكىسىيەلىك نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەنەرسىگە گۇمانىي پوزىتسىيە بىلەن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئەمگىكىنىڭ يادروسىقىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي، ئىلگىرى تەجرىبىدىن ئۆتۈپ ئىسپاتلانغان ۋە شۇئاساستا بېكىتىلگەن نەرسىلەرنى ئۆگىتىش بىلەن بولۇپ كەتسە، ئىندىۋىدۇئالئىجادچانلىقتىن ئىبارەت قىممەتلىك نەرسىنى دەپسەندە قىلىدۇ. بۇ ئاخىرقى ھېسابتائۇلۇغ مەقسەت پەردىسى ئارقىسىدا ئوينالغان ئەڭ رەزىل ئويۇن بولۇپ قالىدۇ»دېگەنىدى.
مائارىپ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇقمۇتەخەسسىسلەر ۋە داڭلىق پىداگوكلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ھەمدە يۈكسەكدەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن «قۇشۇمچە پەن»لەر نېمە ئۈچۈن ئاساس قاتلامدىكى بىرقىسىم رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟ بۇ يەردەمۇتەخەسسىس ۋە پىداگوكلار خاتالىشىۋاتامدۇ ياكى رەھبەرلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ؟ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇزۇندىن بىرى تەنتەربىيە دەرسىگە ئېتىبارسىز قاراشبىلەن تالاي ياۋمىڭ ۋە لىيۇشىياڭلارنىڭ تالانتىنى نابۇت قىلىۋەتتۇق؛ مۇزىكادەرسىگە ئېتىبارسىز قاراش بىلەن تالاي بىتخوۋېن ۋە ئاماننىساخانلارنىڭ تالانتىنىنابۇت قىلىۋەتتۇق؛ رەسىم دەرسىگە ئېتىبارسىز قاراش بىلەن تالاي پىكاسۇ ۋەداۋېنچىلارنىڭ تالانتىنى نابۇت قىلىۋەتتۇق. بىز تەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە رەسىمگەقىزىقىدىغان ۋە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ تالانتىنى جارىيقىلدۇرىدىغانغا پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت يارىتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش ئورنىغا، ئۇلارنىئۆزلىرى پەقەتلا قىزىقمايدىغان ۋە ئىقتىدارى يەتمەيدىغان پەنلەرنى ئۆگىنىشكەمەجبۇر قىلدۇق. ئۇلار رايىشلىق بىلەن بىز باشلىغان يولغا ماڭدى، ئەمما ئۇلارنىڭقىزىقىشى، تالانتى ۋە ئىقتىدارى نابۇت بولدى. بۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېسقىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش ئورنىغا، بارچە گۇناھنى ئوقۇغۇچىغايۈكلىدۇق. گەرچە تەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە گۈزەل- سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ مەقسىتىتەنتەربىيە ۋە سەنئەت ساھەسىنىڭ چولپانلىرى ۋە گىگانىتلىرىنى تەربىيەلەشبولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيەتپەنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ بېرەتتى. ئەدىبئوشنىسكىي: «تەربىيەچى ئەمەلدار، تۈرە ئەمەس. ئەگەر ئۇ ئەمەلدار، تۈرە بولسا،دېمەك ئۇ تەربىيەچى ئەمەس» دېگەن بولسا، چېخ پىداگوكى كومېنىسكىي: «بالىلارنىئۆزلىرى ئۆزلەشتۈرۈپ ئالالايدىغان دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى ‹مەن ئۈزۈم خالىغاندەرىجىدە ئوقۇتۇشۇم زۆرۈر› دەپ ھېسابلايدىغان كىشى مۇتلەق ئەقىلسىزلىق قىلغانبولىدۇ» دېمىگەنمىدى؟  
       بەزىمەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئىلمىي مۇدىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە «قۇشۇمچەپەن»گە ئورۇن يوق. «قۇشۇمچە پەن» ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇبولىدىغان، ئۆتسىمۇ بولىدىغان، ئۆتمىسىمۇ بولىدىغان پەن بولۇپ قالدى. تولۇقئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، كەسىپتىن ئالاھىدىلىكى بار، كەسىپتىن ئىمتىھانبېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەشق قىلىدىغانغا سورۇن، ئەسۋاب يوق، ھەممىدىن يامانبولغىنى مەشق قىلدۇرىدىغانغا ئوقۇتقۇچى يوق. بۇ ھال كەسىپتىن ئىمتىھان بېرىدىغانئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىپبارىدۇ. بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرىغا تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، گۈزەل - سەنئەتماتېرىياللىرى ۋە چالغۇ - ئەسۋابلارنى سېتىۋېلىش ۋە تولۇقلاش ھەققىدە گەپ بولۇنسا،قولىقىنى يوپۇرۇپ يۈرگىنى يۈرگەن. گويا بۇ نەرسىلەرگە چىقىم قىلىش پۇلنىبۇزغانلىق، توغرىسىنى ئېيتقاندا «ئازغان»لىق ھېسابلىنىپ، مەبلەغ سېلىشنىخالىمايدۇ. يۇقىرىدىن كەلگەن مەبلەغنى ساپ - ساق تۇرغان ئىشخانا ۋە ئاشخانىلارنىچېقىپ سېلىشقا ئىشلىتىشكە رازىكى، «قۇشۇمچە پەن»لەرنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپسېتىۋېلىشقا رازى ئەمەس. نەتىجىدە بۇنىڭ زىيىنى كىمگە بولىۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتەكەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بولىۋاتىدۇ.«ئاساس پەن»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «قۇشۇمچە پەن»گە سەل قارايدىغانئوقۇتقۇچىلارمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋاتىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىجتىمائىيمەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۆگىتىدىغان جاي ئىدى. ھالبۇكى، بىر قىسىمئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئېتىبارسىز قاراش بىلەنئوقۇغۇچىلارغا سەلبىي جەھەتتىن ئۈلگە بولىۋاتىدۇ.
ئايرىم جايلاردىكى مەكتەپ رەھبەرلىرى«قۇشۇمچە پەن»گىلا ئەمەس، «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ ئېتىبارسىز قارايدۇ.بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى بىر مەۋسۈم، ھەتتا بىر يىل ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەن، مەكتەپتەبار - يوقلۇقى يادىغا كەلمەيدىغان تەنتەربىيە ياكى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەكتەپياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردىلا ئاندىنئېسىگە ئالىدۇ. ئىلمىي مۇدىرلار دەرس سېتكىسى تۈزگەندە، كۆپ ھاللاردا «قۇشۇمچەپەن»لەرنى چۈشتىن كېيىنگە ياكى ئەڭ ئاخىرقى دەرس سائىتىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلاربۇ پەنلەرنى ئامالسىزلىقتىن چۈشتىن بۇرۇنغا ئورۇنلاشتۇرمىسا، چۈشتىن بۇرۇنقىدەرسلەر «ئاساس پەن»لەردىن ئاشمايدۇ. ئۇنۋان باھالاش ۋە يىل ئاخىرىدىكى مۇنەۋۋەرباھالاشلاردا «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۇنتۇلىدۇ. مەكتەپرەھبەرلىكىنىڭ «قۇشۇمچە پەن»گە تۇتقان بىر تەرەپلىمە مۇئامىلىسى، باشقا دەرسئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ تەسىر قىلىپ، «قۇشۇمچە پەن»نى كۆزگە ئىلمايدىغان، «قۇشۇمچە پەن»ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياراتمايدىغان بىنورمال ھالەت پەيدا بولدى. ھەممىدىن يامىنى«قۇشۇمچە پەن»لەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بولۇپ، بەزىئوقۇغۇچىلار «قۇشۇمچە پەن»لەردە تولا ئاغرىپ قالىدۇ؛ ھېچ بولمىغاندا دەرسكەكېچىكىپ قالىدۇ؛ ھېچقاچان چىقمىغان ئىشى «قۇشۇمچە پەن» دەرسىدە چىقىدۇ. بەزىئوقۇغۇچىلار دەرسكە تولۇق قاتناشقان ۋە ۋاقتىدا كىرگىنى بىلەن، «قۇشۇمچە پەن»لەرگە«ئاساس پەن»لەردىكىدەك قىزىقىش ۋە قىزغىنلىق يوق؛ ئەستايىدىللىق ۋە ئىجتىھاتتېخىمۇ يوق. ئۇلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىشى بىر رەسمىيەت يۈزىسىدىن بولسا، دەرسئۆگىنىشى ۋە ئىمتىھان بېرىشى يەنە بىر رەسمىيەت بولۇپ قالدى. رەھبەرلىكنىڭيېتەرلىك قوللىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، خىزمەتداشلىرىنىڭ چۈشىنىشىگەئېرىشەلمىگەن بەزى «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرى «خوجا كۆرسۇن» ۋە شەكىلگە دەرسئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. بەزى رەھبەرلەر ۋە ئايرىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەرىدەئېتىبارى يوق «قۇشۇمچە پەن»لەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە تولىمۇ ئېتىبارى بار ئىدى. ئوقۇشيىلى «ئاساس پەن»لەردىن بەك پەرقلەنمىگىنى بىلەن ئوقۇش پۇلىدا خېلى پەرق باربولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا ۋە گۈزەل - سەنئەت كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇش پولىھەممىدىن يۇقىرى. بىر مەكتەپتە سان جەھەتتە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز بولغانتەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە رەسىم ئوقۇتقۇچىلىرى ئەتىۋارلىنىش ئورنىغا ئېتىبارسىزقارالسا، بۇنى «قارا يۇمۇر» دېمەي نېمە دەيمىز؟ ئايرىم ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭئالاھىدە كەسىپتە ئوقۇپ قالغىنى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، گۇناھى تېخىمۇ ئەمەس. بەلكىئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرىپى.ئالاھىدە پەن تىلغا ئېلىنسىلا، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ھەمىشە: «ئۇنىڭدىن ئىمتىھانئالمىسا، نېمە قىلىدۇ كۈچەپ ئۆتۈپ» دېگەن سۆزنى ھېچ ئويلانمايلا قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە پەنلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن تۈزۈلگەنمۇنتىزىم كىتابى بار؛ ئۇنىڭدىن مەۋسۇملۈك ئىمتىھان ئېلىنىدۇ؛ ھەتتا ئىمتىھانبېرىشنى خالايدىغان ۋە ئىقتىدارى بارلاردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىمۇ ئېلىنىدۇ.«قۇشۇمچە پەن»لەرگە ئېتىبارسىز قارايدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت پەنلىرىدىكى نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەسلىكىگە رازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى جارىيقىلدۇرۇپ ئالاھىدە كەسىپتىن ئىمتىھان بېرىشنى تاللىمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپئېيتقاندا، ئۇلار كەلگۈسىدە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.نۆۋەتتە ئايرىم ساندىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىگە «غەلىتە» كۆرۈنگەن«قۇشۇمچە پەن» ئۆتۈلمەيدىغان بىرمۇ مەكتەپ يوق. بۈگۈنكى كۈندە بالىلاريەسلىلىرىدىمۇ مۇزىكا ۋە رەسىمدىن دەرس ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىمەيلى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن يەسلىدىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگۈچە «ئاساسپەن» بىلەن بىرگە «قۇشۇمچە پەن»نى ئوقۇيدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ رايىبويىچە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. «قۇشۇمچە پەن»لەرنىڭمۇ «ئاساس پەن»لەرگە ئوخشاشلامۇھىملىقىنى سانسىز تەجرىبە - ساۋاقلار ۋە پىداگوكلار يەكۈنلەپ چىققان.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى باشلانغۇچمەكتەپلەردە ماتېماتىكا بىلەن خەنزۇ تىلىدىن باشقا پەنلەر ئۆتۈلمەيدۇ، ئۆتۈلگەنتەقدىردىمۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن تارتىپ ئوقۇغۇچىلارغىچە يېتەرلىك ئەھمىيەتبېرىشكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ مەكتەپلەر «شىنجاڭ سىنىپى»غا كۆپرەك ئوقۇغۇچىئەۋەتىش ھەلەكچىلىكىدە، ئىمتىھان ئالىدىغان پەننى بارلىق مېھرى ۋە قەھرى بىلەنئۆتىدۇ - يۇ، باشقا پەنلەرنى ئۆتۈشكە ھەپسىلىسى يوق. بۇنىڭ بىلەن «ھەممەئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن» بولۇشقا تېگىشلىك مائارىپ، «ھەممە ئىمتىھان ئۈچۈن»بولۇپ قېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئېغىزدىكى شۇئارغائايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، بەزى پەنلەردەساۋاتسىز ياكى يېرىم ساۋاتلىق قېلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا ئاز بولمىغانقىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھالەت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە،«ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپى»لىرىغا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش رىقابىتىدە يەنە بىر قېتىمتەكرارلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن» چۈشەنچىسى تېخىمۇ «بېيىپ»ۋە «چوڭقۇرلاپ» بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بەزى مەكتەپلەر بارلىق ئوقۇغۇچىلارغابىرلىككە كەلگەن بىرلا ئۆگىنىش نىشانىنى بېكىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ نىشان بولسائوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان تۈزۈلمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ھەربىر پەندىن ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىشتىن ئىبارەت. ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدار،ئالاھىدىلىكىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۆگىنىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش - چىقالماسلىقىدىنقەتئىينەزەر، ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. بۇ جايدا پەقەت ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشلامەۋجۇت بولۇپ، جانلىق ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە ئادەمنىڭ تاللىشى ۋە ئارزۇسى ئېتىبارغائېلىنمايۋاتىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلاردىكى ئاكتىپلىق ۋە پائالىيەتچانلىق ئېتىبارغائېلىنمايدىكەن، مەكتەپ تەلىم - تەربىيەسى قاتمال ۋە ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش قىلىشنىلا ئەمەس، بەلكى ئارزۇ – ئىستەكنى ۋە ئۇنى روياپقاچىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىمۇ ئۆگىتىشىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەتقىلىشىمىز كېرەك.
مەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «قوش تىل»ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى بويىچە، 2010 - يىلىدىن 2012- يىلىغىچە شىنجاڭپىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەربىيەلەندىم. شۇ جەرياندا بىر قانچە نەپەرئالاھىدە كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكرى - مۇلاقاتتە بولدۇم. مەندە چوڭقۇر تەسىرقالدۇرغان بىر نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەنئورتاقلاشماقچىمەن. بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى سۆھبەت جەريانىدا ماڭا مۇنداق دېدى:«مەن ئۈزۈمنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغانلىقىمدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن، بەلكىپەخىرلىنىمەن. ئۆز ۋاقتىدا مەن تەربىيەلىگەن بىر ئوقۇغۇچۇم ئالدىمغا چىقتى، تېخىمېنىڭ ياتىقىمغا كىرىپ مۇزىكا چېلىپ بەردى. ئوقۇغۇچۇم چالغان تەمبۇرنىڭ ياڭراقسادالىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. مەن ئەنە شۇنداق مۇزىكانتلارنىتەربىيەلەيدىغان ئۇلۇغ كەسىپتە ئوقۇغانلىقىمدىن ئىچ - ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن». بىرتەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۆز كەسپى ھەققىدە ھاياجان ۋە نادامەت ئىلكىدە مۇنداقدېدى: «مەن مەكتىپىمىزدىكى بىردىن - بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئەمەس، بىرنەچچە نەپەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىرى. شۇنداقلا مەكتىپىمىزدىكى تەنتەربىيەئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈزىنى كۆتۈرگەن، ھەرخىل مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە ئېلىپ،مەكتىپىمىزنى ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايونغا تونۇتقان ئوقۇتقۇچىمەن. مەن ۋىلايەت ۋەئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ شان - شەرەپ قازاندىم. ئەممامەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ تېشىغا چىقىپ باقمىغان، ھېچقانداق مۇسابىقىلەرگىمۇ قاتنىشىپباقمىغان، ھەتتا مەكتەپ دەرىجىلىك كۆرەك دەرسلىرىنىمۇ ئۆتۈپ باقمىغان ‹ئاساس پەن›ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مېنى ‹قۇشۇمچە پەن› ئوقۇتقۇچىسى، ‹تەنتەربىيەچى›، ‹پۇت - قولىئىشلىگىنى بىلەن كاللىسى ئىشلىمەيدۇ› دەپ مەنسىتمەسلىكى ئوغامنى قاينىتىدۇ. ئەمما،مەن بۇنىڭلىق بىلەن بۇشىشىپ قالمايمەن، ‹تەنتەربىيە›چىنىڭمۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىئىكەنلىكىنى ۋە ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدىغانلىقىنى ئۆزئەمەلىيىتىم بىلەن ئىسپاتلايمەن». رەسساملىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن گۈزەل -سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، «دولان رەسساملىق سەنئىتىنى»نى ۋايىغا يەتكۈزگەن بىرئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مەڭگۈ گۈزەل - سەنئەتئوقۇتقۇچىسى، ‹قۇشۇمچە پەن› بېرىدىغان رەسسام بولۇشقا رازىكى، بۇ سەۋەبلىك مەھرۇمقالغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەئىشەتلەر ئۈچۈن ۋاھىم يېمەيمەن. ئەمما، مەن باشقائوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشسەم دەيمەن». شۇنى ئېتىراپ قىلىشكېرەككى، «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ «ئاساس پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاش ئۆزكەسپىنى سۆيىدۇ، كەسپىگە بارلىقىنى بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ كەسىپچانلىقى، كەسپىگەئۆزىنى بېغىشلاش روھى مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەمما، رېئال تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭئېرىشكىنى مەدھىيە بولماستىن، مەسخىرە، كەمسىتىش بولسا بولمايدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىكمائارىپ يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارغا موھتاج. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى ۋەتىرىشچانلىقى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېتىراپ ۋە رىغبەتكە ئېرىشەلمىگەندە، ئۇلارنىڭيۇقىرى ساپالىق بولۇشىدىن ئەمەس، خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىدىنمۇ ئېغىز ئاچقىلىبولمايدۇ. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسالئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز، دەپ كارنىيىمىز يىرتىلغۇچە توۋلاپ تۇرۇپ، ئۆزقوشۇنىمىزدىكى كەسىپداش، خىزمەتدىشىمىزغا ئادىل مۇئامىلە قىلالمىساق، مائارىپئادىللىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتىن قانداقمۇ ئېغىزئاچقىلى بولسۇن؟ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى قانداقمۇ جارىي قىلدۇرغىلىبولسۇن؟ مائارىپتا قاچانىكى «قۇشۇمچە پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىيېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشەلىگەن، «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتەلىم - تەربىيەسىدىكى رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كۈندە، مائارىپ ئادىللىقى ھەقىقىييۇسۇندا ئىشقا ئاشىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ،يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش خىيالدىكى چۈش بولماستىن، رېئاللىقتىكىئىشقا ئايلىنىدۇ. مائارىپنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىشتەك تۈپكى نىشانى ھەقىقىي يۇسۇندائەمەلگە ئاشىدۇ.
پەنلەرنى «ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچەپەن»لەرگە ئايرىش، «ئاساس پەن»گە ئەھمىيەت بېرىپ، «قۇشۇمچە پەن»گە سەل قاراشمائارىپ قانۇنىيىتىگە، بولۇپمۇ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا خىلاپ. ئاتالمىش«ئاساس پەن» بىلەن «قۇشۇمچە پەن» بىرى - بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى ئۆزئاراھەمدەمدە بولىدۇ. ئامېرىكا پەيلاسوپى ۋە پىداگوكى جون دېۋېي «دېموكىراتىزىم ۋەمائارىپ» دېگەن ئەسىردە: «ھازىر مائارىپىمىزدا ئۆزگەرتىدىغىنىمىز - ئېغىرلىقنىيۆتكەشتۇر. بۇ، بىر خىل ئۆزگىرىش، بىر خىل ئىنقىلابتۇر. بۇ، كوپېرنىكنىڭئاسترونومىيىدە ‹يەر شارى مەركەز›لىك قارىشىنى ‹قۇياش مەركەز›لىك قارىشىغايۈتكىگەندەك ئىنقىلابتۇر. بۇ يەردە بالىلار قۇياشقا ئۆزگىرىشى، مائارىپنىڭ بارلىقتەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدەپ تەشكىل قىلىنىشى لازىم» دېگەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭئوقۇغۇچىلارنى ئەنئەنىۋى مەشق ۋە دوگما ئەقىدىلەر ئىچىدە چەكلەپ قويۇشى توغرائەمەس. پەنلەرنى «ئاساس پەن» ۋە «قۇشۇمچە پەن»لەرگە ئايرىشى تېخىمۇ توغرا ئەمەس.تەلىم - تەربىيە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت «قۇياش»نى مەركەز ۋە ئۇنىڭ ئېھتىياجىنىئاساس قىلىشى كېرەككى، سىرتتىن زورلاپ تېڭىلغان «ئاساس پەن»نىلا مۇھىم بىلىشنىئاساس قىلىۋالماسلىقى كېرەك. مائارىپنىڭ چىن مەنىسى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى كۆزئالدىدىكى مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى كەلگۈسىگەيۈزلىنەلەيدىغان، كەلگۈسىدىكى رىقابەت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدىغان،جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. مائارىپنوقۇل ھالدا ئەۋلادنىڭ ئەجدادنىڭ ئىزىدا مېڭىشى ۋە ئۇلارنى قارىغۇلارچە دوراشئەمەس، ئەجداد روھى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ ئەۋلادلارنى چۈشەپ قويۇشى تېخىمۇ ئەمەس. يوسۇنئۆزگەرگەنىكەن، پاسۇنمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىشى؛ دەۋر ئۆزگەرگەنىكەنئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك. ھەقىقەت پەقەتئۈنۈملۈك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئىلمىي تەسەۋۋۇر بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۇزۇنزامان ئۆزگەرمەيدىغان كونا قائىدە - يوسۇن بولماسلىقى كېرەك. پەنلەر ئوتتۇرىسىدىكىبىرىكىش ۋە سىڭىشىش كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى پەنلەرنى زىيادەئۇلۇغلاپ، بەزى پەنلەرنى تۈۋەن كۆرۈش مائارىپ ۋە مائارىپچىغا خاس ئەمەس. مەكتەپتەلىم - تەربىيەسىدە ھەممە پەننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى، ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگەچۇشلۇق ئورنى بار. بۇنى ئىنكار قىلىش مائارىپقا قىلىنغان خىيانەت، ئەۋلادلارئالدىدىكى جىنايەتتۇر.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار