پەزىلەت ئابدۇلېتىپ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتا – ئانىلىرىمىزدا بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولسىلا‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› بولۇپ باھالىنىشى كېرەك، دەيدىغان قاراش كۈچىيىپ قالدى.
‹‹بالام تولۇق نومۇر ئالسا نېمە ئۈچۈن ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنالمىدى؟››
يېقىندا مەكتىپىمىزدە ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› لار تەقدىرلەندى. XX ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن‹‹قىزىلگۈل ئۆسمۈر››بولۇپ باھالىنىپتۇ. لېكىن ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىسى مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ تەقدىرنامىنى يىرتىپ ئوقۇتقۇچىغا ئېتىپتۇ. ئۇ مۇئەللىمنىڭ شۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دەماللىققا ھوشىنى تاپالماي قاپتۇ، بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغاچقا، مۇئەللىمدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، X مۇئەللىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل سىنىپ مەسئۇلى بولۇپتۇ، ئۇ ئىنتايىن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىكەن. X مۇئەللىم X ئوقۇغۇچىغا باشقىچە نەزەردە قارىغىنى يوق، بەلكىX ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى›› بولۇپ باھالىنىشقا توشمايدۇ.
ھازىر، ئاتا – ئانىلار ئارىسىدىكى بۇنداق قاراش ئەتراپتىكىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. مائارىپ مۇتەخەسسىلىرى بىردەك ‹‹ئەگەر 100 نومۇر بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئىپادىلەپ بېرەلىسە، بۇ بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ھەقىقىي مەنىسىنى يوقاتقان بولىدۇ، ھاياتى تولىمۇ مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇ ھازىرقى مائارىپىمىزدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان خاتا قاراش››.
نەنجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىلمىي ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسىنتى يىن فېي مۇنداق دېدى: ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۈچتە ياخشى بولۇپ باھالىنىش – باھالىنالماسلىقىغا بولغان ئەندىشىسى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئارزۇسىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن نەتىجە باھالىشىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈش ۋە پەرزەنتلەرنىڭ يەككە پەندىكى نەتىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەخلاق – پەزىلەتكە سەل قاراش ئىدىيەسى يىراقنى كۆزلىمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر››.
بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ يۇقارقىدەك قىلمىشلىرى قارىماققا بالىلىرىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنگەندەك تۇيغۇ بەرگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بالىلىرىغا ناچار تەسىر بېرىپ قويىدۇ.
مەكتەپ بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››نى باھالىغاندا ئامال بار ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالماي، ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باھالىشى كېرەك.
ھازىرقى مائارىپىمىز ئۇنىۋېرسال ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا بۇ نىشان ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ئىدىيەسى ئۆزگەرمەكتە، ئامال بار ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەش مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]