خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-11-26 22:24

  

 مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى : ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا

ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ


   مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى : ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ

  گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سىدنېي 19 – نويابىر تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ ئانچە چوڭ رولى يوق.

   ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بىر كىتابتا تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت – سائەتلەپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بالىلارنىڭ سىنىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆتۈرۈلمەيدىكەن.

  رىتچارد  ۋالكېر ۋە مىك  خورسلېي يازغان «ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىسلاھ قىلايلى» ناملىق ماقالىدە، ئائىلە تاپشۇرۇقىغا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت قانچە كۆپ بولسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، دېگەن يەكۈن دەلىللەنگەن.

  سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ۋالكېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ 70 – يىللاردىكى تەتقىقات ۋە ئەڭ ياخشى ئىستاتىستىكىلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ناھايىتى ئېنىق خۇلاسە ، بۇ خۇلاسە ئىنتايىن ئىشەنچلىك».

   ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ نۇقتىئىينەزىرى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئىلىم – پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دەرىجىگە تۇرغۇزغاندا ئائىلە تاپشۇرۇقى كۆپ دۆلەتنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ئاز دۆلەتتىن كېيىن تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

   ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى گېرمانىيە تۇبىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئالىم ئۇلرىش  تروۋتۋېينىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوپئوخشاش چىققان.

   ئادەتتە ئائىلە تاپشۇرۇقىنى كۆپ بېرىشتىكى مەقسەت بالىلارنى ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ۋە بىر قىسىم تەشكىللەش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن، ۋېلكېرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئۇ: «تەشكىللەش ماھارەتلىرىنى بالىلار پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايىنىش ئارقىلىق يېتىلدۈرمەستىن، بەلكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىلدۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ.

   ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل ماھارەتلەر دەسلىپىدە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولىدۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىش داۋامىدا بالىلارنىڭ شەخسىي ماھارىتىگە ئايلىنىدۇ. بىراق، كىشىلەر نوقۇل ئۆگىنىش قىلىشقا تايىنىپ بۇنداق ماھارەتلەرنى ھەرگىز يېتىلدۈرەلمەيدۇ».

   بىراق، بىرقىسىم ئاتا – ئانىلار ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، تاپشۇرۇقنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ئوقۇتقۇچىنى باھالايدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار