خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئامانلى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : گوۋۇيۈەن2011-02-06 11:20

 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

38-نومۇرلۇق

<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى >2005- يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 17- يىغىنىدا ماقۇللاندى ، ھازىر ئېلان قىلىندى ، 2006- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

2005- يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى(2005- يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتىنىڭ 17- يىغىنىدا ماقۇللاندى )

 

مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

2- باب جازانىڭ تۈرى ۋە بېرىلىشى

3- باب ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ۋە بېرىلدىغان جازا

1- پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلىمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

2- پاراگراف جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

3- پاراگراف جىسمانىي ھوقۇققا ، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

4-پاراگراف جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

4- باب جازا تەرتىپى

1- پاراگراف تەكشۈرۈش

2- پاراگراف قارار قىلىش

3- پاراگراف ئىجرا قىلىش

5-  باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش ، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

 2- ماددا جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن، جىسمانىي ھوقۇق، مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغان، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن ئىجتىمائى خەۋپى بولغان، < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى > دىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە توشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، جىنايى جازا بەرگىلى بولمايدىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

3- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىش تەرتىپى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرى < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى > دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ .

4- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى تەۋەسىدە سادىر بۇلغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ كېمە – پاراخوتلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرىدە سادىر بولغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

5- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشتە، پاكىتنى ئاساس قىلىش، بېرىلدىغان جازا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ خاراكتىرى، ئېغىر – يېنىكلىكى ۋە ئىجتىمائى خەۋپنىڭ دەرىجىسىگە لايىق بولۇشى شەرت .

ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشتە، ئاشكارا، ئادىل بولۇش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرانىڭ ئىنسانىي ئىززىتىنى قوغداش كېرەك.

ئامانلىق دېلوسى بېجىرىشتە، تەربىيە بىلەن جازانى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

6- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىشپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى پەسەيتىشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك.

7- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش خىزمىتىگە  مەسئۇل بولىدۇ.

ئامانلىق دېلوسىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

8- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش باشقىلارغا زىيان سالسا، قىلمىشچى ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيسى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

9- ماددا ئەل ئىچىدىكى ماجىرا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇشۇش ياكى باشقىلارنىڭ مېلىغا زىيان سېلىش قاتارلىق ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلاردىن يېنىكرەكلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇرەسسە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن، ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلسا، جازا بېرىلمەيدۇ. مۇرەسسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئادا قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا ھەق تەلەپ تالاش – تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

2- باب جازانىڭ تۈرى ۋە بېرىلىشى

10- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسىنىڭ تۈرى :

(1)ئاگاھلاندۇرۇش :

(2)جەرىمانە قويۇش

(3)مەمۇرىي توخـتىتىپ قويۇش :

(4)جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىش .

ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغان چەت ئەللىكلەرگە سۈرۈك ئىچىدەچېگرىدىن چىقىپ كېتىش ياكى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش قوشۇمچە جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.

11- ماددا ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە قولغا چۈشكەن زەھەر، شەھۋانىي بۇيۇم قاتارلىق مەنئى قىلىنغان بۇيۇم، قىمار سايمىنى، قىمار دەسمايىسى، زەھەرنى چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش سايمىنىنى شۇنىڭدەك شۇ كىشىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىشقا بىۋاستە ئىشلەتكەن بارلىق سايمىنىنى يىغىۋىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلىپ ئېرىشكەن مال – دۇنيا زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولمىسا، مال – دۇنيا تىزىمغا ئېلىنىپ، ئاشكارا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋىتىلىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، تاپاۋەت دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

12- ماددا يېشى 14كە توشقان ، 18گە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا يىنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدۇ، يېشى 14كە توشمىغانلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

13-ماددا روھىي كېسەللەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونتىرۇل قىلالمايدىغان بۇلۇپ قالغاندا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى ۋە داۋالىتىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلشى كېرەك. ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەردىن روھىي ھالىتى نورمال چاغدا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىش كېرەك.

14- ماددا ئەمالار ياكى ھەم گاس، ھەم گاچىلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا بېرىلمىسە بولىدۇ.

15- ماددا مەستلەردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جازا بېرىلىشى كېرەك. مەستلەردىن مەستلىكىدە ئۆزىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغانلىرىنى مەستلىكى يېشىلگىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ، چەكلەپ تۇرۇش كېرەك.

16- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ئىككى خىلدىن ئارتۇق قىلمىشى بارلارغا ئايرىم – ئايرىم قارار چىقىرىلىپ، جازا قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلىرىنىڭ قوشۇپ قوشۇپ ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى ئۇزاق بولغاندا 20كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

17- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا بىرلىكتە خىلاپلىق قىلغانلارغا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشتا ئوينىغان رولىغا قاراپ، ئايرىم –ئايرىم جازا بېرىلدۇ.

باشقىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارغا كۈشكۈرتىش، زورلاش، ئازدۇرۇش قىلمىشىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

18- ماددا ئورۇنلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوخشاش قىلمىش ئۈچۈن ئورۇنغا  جازا بېرىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

19- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا يىنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا بېرىلمەيدۇ:

(1) قىلمىشى ئالاھىدە يىنىك بولغانلار:

 (2) قانۇنغا خىلاپ ئاقىۋەتنى ئۆزلۈكىدىن تۈگەنكەن ياكى يېنىكلەتكەن ھەمدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنغانلار:

 (3) باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلانغان ياكى ئازدۇرۇلغانلار:

 (4) ئۆزلۈكىدىن دېلو مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئەينەن ئېيىتقانلار:

 (5) خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار.

 20- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ:

(1) ئېغىرراق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار:

 (2) باشقىلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلار:

(3) دېلو مەلۇم قىلغۇچى، شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىلاردىن ئۆچ ئالغانلار:

(4) ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلگىنىگە 6ئاي بولمىغانلار.

21- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن مۇشۇ قانۇن  بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدىغانلىرىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى ئىجرا قىلىنمايدۇ:

(1) 14ياشقا توشقان، 16ياشقا توشمىغانلار:

  (2) يېشى 16گە توشۇپ، 18گە توشماي، ئامانلىق باشقۇرۇشقا تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلار:

  (3) 70ياشتىن ئاشقانلار :

 (4) ھامىلىدارلار ياكى ئەمچەكتىكى بالىسى بىر ياشقا توشمىغانلار:

 22- ماددا ائامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى 6ئايغىچە سەزمىگەنلەرگە جازا بېرىلمەيدۇ.

 ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلىەنگەن مۆھلەت ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ: ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ئۈزۈلمىگەن ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، قىلمىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

3- باب ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ۋە بېرىلدىغان جازا

1- پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

 23-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 5كۈنىدن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ: قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

 (1) ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر زىيان سالمىغانلار :

 (2) بېكەت- ۋوگزال، پورت، پرىستان، ئايرۇدرۇم، ماگىزىن، باغچا،كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار:

 (3) ئاپتوبوس، تىراللىبوس، پويىز، كېمە- پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرى ياكى باشقا ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار:

 (4)ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ، كېمە- پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرى ۋە باشقا قاتناش ۋاستىلىرىنى قانۇنسىز توسىۋالغانلار ياكى ئۇلارغا مەجبۇرىي چىقىۋېلىپ، ئېسىلىۋېلىپ، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر:

 (5) قاۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام تەرتىپىنى بۇزغانلار.

 ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنى توپلىشىپ سادىر قىلغانلارنىڭ باشچىلىرىغا 10 كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

24- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى پائالىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ: قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

(1)مەيدانغا باستۇرۇپ كىرگەنلەر:

  (2) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەيداندا پوجاڭزا ئاتقانلار ياكى باشقا بۇيۇملارنى كۆيدۈرگەنلەر:

 (3) ھاقارەت تۈسىنى ئالغان لوزۇنكا، پلاكات قاتارلىق بۇيۇملارنى ئاسقانلار:

 (4) رېپىر، تەنھەركەتچى ياكى باشقا خادىملارنى قورشىۋالغانلار:

(5)توسىسىمۇ ئۇنىماي، مەيدانغا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئاتقانلار:

 (6) چوڭ ئاممىۋى پائالىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار:

تەنتەربىيە مۇسابىقىسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلەر 12ئاي ئىچىدە شۇ تۈردىكى مۇسابىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيە مەيدان – سارىيىغا كىرگۈزۈلمىسە بولىدۇ: بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەنتەربىيە مەيدان- سارىيىغا كىرگەنلىرى مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

25- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلىمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

 (1) ئىغۋا تارقاتقان، خەتەر ئەھۋالى، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئاگاھ ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلغان ياكى جامائەت تەرتىپىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قەستەن قالايمىقانلاشتۇرغانلار:

 (2) پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلارنى ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى ماددا قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلارنىڭ ساختىسىنى قويۇپ قويۇپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار:

 (3) ئوت قويىمەن، پارتىلىتىمەن، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قويۇپ قويىمەن دەپ داۋراڭ سېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار:

26- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ: قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن  تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار:

 (2) باشقىلارنى قوغلىغان، توسىۋالغانلار:

 (3) جامائەتنىڭ ۋە شەخىسنىڭ پۇل – مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالغان ياكى ئۆز مەيلىچە بۇزۇۋەتكەن، ئىگىلىۋالغانلار:

(4) ئۆكتەملىك قىلىپ باشقا چاتاق چىقارغانلار:

27- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىتپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ:قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:قىلىمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) باشقىلارنى بىدئەتچىلىك، خۇيداۋمېن پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللىگەن،كۈشكۈرتكەن،زورلىغان، ئازدۇرغان، قۇتراتقان ياكى بىدئەتچىلىك، خۇيداۋمېن پائالىيىتى، خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر:

 (2) دىن، يەل گۇمپىسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرغان، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر.

 28- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسسگە خىلاپلىق قىلىپ، سىمسىز رادىئو كەسپىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە قەستەن كاشىلا قىلغان ياكى نورمال ئىشلەۋاتقان سىمسىز رادىئو ئىستانسى (ئۇزېلى) غا زىيانلىق كاشىلا پەيدا قىلىپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، كاشىلىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلەرگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ: قىلىمىشى ئېغىرلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

29- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ: قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

 (1) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپىيۇتىر ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرىپ خەۋپ پەيدا قىلغانلار:

 (2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلىپ ، كومپىيۇتىر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىپ، ئۆزگەرتىپ، كۆپەيتىپ، كاشىلىغا ئۇچرىتىپ، كومپىيۇتىر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ قويغانلار:

 (3) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتىر ئۇچۇر سىستېمىسدا ساقلىنىۋاتقان، بىر تەرەپ قىلىنىدىغان، يەتكۈزىلىدىغان سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىي پروگراممىسىنى يوقىتىۋەتكەن، ئۆزگەرتكەن، كۆپەيتكەنلەر :

 (4) كومپيۇتىر ۋىرۇسى قاتارلىق بۇزغۇنچى پرۇگراممىنى قەستەن تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، كومپىيۇتىر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر.

2- پاراگراف جامائەت خەۋپسزلىكىگەدەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېىلدىغان جازا

30- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پارتىلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلارنى ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلارنى ياسىغان، ئېلىپ – ساتقان، ساقلىغان، توشۇغان، پوچتىدىن ئەۋەتكەن، ئېلىپ يۈرگەن، ئىشلەتكەن، بەرگەن، بىر تەرەپ قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

31- ماددا پارتلايدىغان، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق، چىرىتكۈچى ماددىلار ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچى  قاتارلىق خەتەرلىك ماددىلار ئوغرىلانغان، بۇلانغاندا ياكى يىتىپ كەتكەندە، بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغانلارغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىتپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قەستەن يۇشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى،10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

32- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلەىنىدىغان قورال- ياراغ، ئوق- دورا ياكى قونداقلىق ئوقتا، خەنجەر قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرگەنلەرگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ،قىلمىشى يىنىكرەكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان قورال- ياراغ، ئوق – دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىقلارنى جامائەت سورۇنىغا ئېلىپ كىرگەن ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىگە ئېلىپ چىققانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توخـىتىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

33- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بىرىلىدۇ:

 (1) نېفىت- گاز تۇرۇبىسى ئەسلىھەلىرى، ئېلىكتىر- تېلېگراف ئەسلىھەلىرى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، سۇچىلىق- كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەلىرىنى ياكى ھېدرولوگىيلىك كۆزىتىش، ئۆلچەشم، مېتېئورۇلوگىيىلىك ئۆلچەش – مەلۇم قىلىش، مۇھىت كۆزىتىش، گېئولوگىيلىك كۆزىتىش، يەرتەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر:

 (2) دۆلەت چېگرىسىدىن چېگرا تاختىسى، چېگرا قوزۇقى شۇنىڭدەك باشقا چېگرا بەلگىسى، چېگرا ئەسلىھەسى ياكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكى بەلگىسى ئەسلىھەسىنى يۆتكىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەنلەر:

 (3) دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) لىنيىىسى بويىدا قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان ياكى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) باشقۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز ياسىغانلار.

 34- ماددا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋىئاتسىيە ئەسلىھەسىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەن ياكى ئاۋىئاتسىيە ۋاستىسىنىڭ ھەيدەش بۆلىمىگە باستۇرۇپ كىرگەنلەرگە 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىشلىتىلىۋاتقان ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرىدە يول باشلاش سېستىمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئەسۋاب، سايماننى ئىشلەتكەنلەردىن، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىرىغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

35- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدۇ، قۇشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ،قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

 (1) تۆمۈر يول ئەسلىھەلىرى، ئۈسكىنلىرى، پاراۋۇز- ۋاگون زاپچاسلىرى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەنلەر:

 (2) تۆمۈر يولغا توساق قويغان ياكى پويىزغا قەستەن نەرسە ئاتقانلار:

 (3) تۆمۈر يول، كۆۋرۈك، تونېلدا ئورەك كولىغانلار، قۇم – تاش ئالغانلار:

 (4) تۆمۈر يولدا ئۆز مەيلىچە ئاچال قۇرۇۋالغان ياكى كەسمە يول ياسىۋالغانلار:

36- ماددا تۆمۈريول مۇداپىئە تورىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەن ياكى پويىز كېلىۋاتقاندا، تۆمۈر يولدا مېڭىپ، ئولتۇرۇۋېلىپ، يېتىۋېلىپ، كىسىپ ئۆتۈپ، پويىزنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.    

37- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ،قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

 (1) ئېلىكتر تورىنى تەستىقلاتماي ئورناتقانلار، ئىشلەتكەنلەر ياكى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئېلېكتر تورىنى ئورناتقان، ئىشلەتكەنلەر:

 (2) قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەر ماڭىدىغان جايدا قۇرۇلۇش قىلىپ، كولىغان قۇدۇققا، ئورەككە قاپقاق ياپمىغان، ئۇنى چىتلاپ قويمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاگاھ بەلگىسى قويمىغان ياكى قاپقاق، چىتلارنى ۋە ئاگاھ بەلگىسىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەن، يۆتكىۋەتكەنلەر:

 (3) يولدىكى قۇدۇق قاپقىقى، يورۇتۇش ئەسلىھەسى قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەنلەر.

38- ماددا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيتى قاتارلىق چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتە، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىسى خەۋپى پەيدا قىلغانلار پائالىيتىنى توختىتىپ، دەرھال تارقىتىۋىتىشكە بۇيرۇلىدۇ،تەشكىللىگۈچىگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ،قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

39- ماددا مېھمانخانا، كىنو- تىياتىرخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، تەنتەربىيە مەيدانى ، كۆرگەزمىخانا ياكى باشقا جامائەت سورۇننى باشقۇرغۇچىلاردىن بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ سورۇندا بىخەتەرلىك ھادىسىسى خەۋپى پەيدا قىلغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

3- پاراگراف جىسانىي ھوقۇققا، مال- مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

40- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى يىنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) 16ياشقا توشمىغانلارنى ياكى مېيىپلارنى ۋەھىملىك، ئېچىنىشلىق ئويۇنلارنى قويۇشقا تەشكىللىگەن، مەجبۇرلىغان، ئازدۇرغانلار:

 (2) زورلۇق، تەھدىت ۋاستىسى ياكى باشقا ۋاستىلەر بىلەن باشقىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلار:

 (3) باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلىگەن، باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەن ياكى باشقىلارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلار.

41- ماددا باشقىلارنى تىلەمچىلىك قىلىشقا زورلىغان، ئازدۇرغان ياكى تىلەمچىلىك قىلدۇرغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

        يېپىشىۋېلىپ، ئۆكتەملىك قىلىپ تىلەمچىلىك قىلغان ياكى پاراكەندە قىلدىغان باشقا قىلىقلار بىلەن تىلەمچىلىك قىلغانلارغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

42- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ،قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

    (1) تەھدىت خېتى يېزىپ ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلار:

   (2) باشقىلارنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەتلىگەن ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلار:

  (3) پاكىت ئويدۇرۇپ، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ، باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزماقچى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاتماقچى بولغانلار:

  (4) گۇۋاھچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار:

  (5) شەھۋانىي ئۇچۇر، ھاقارەتلەيدىغان، تەھدىت سالىدىغان ئۇچۇرلارنى ياكى باشقا ئۇچۇرلارنى كۆپ قېتىم يوللاپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلغانلار:

  (6) باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى كۆرۈۋالغان، سۈرەتكە تارتىۋالغان، ئاڭلىۋالغان، تارقاتقانلار.

 43-ماددا باشقىلارنى ئۇرغان ياكى قەستەن زەخمىلەندۈرگەنلەرگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) توپلىشىپ ئۇرۇشقان، باشقىلارنى زەخمىلەندۈرگەنلار:

  (2) مېيىپلار، ھامىلدارلار، 14ياشقا توشمىغانلار ياكى 60ياشتىن ئاشقانلارنى ئۇرغان، زەخمىلەندۈرگەنلەر:

 (3) باشقىلارنى كۆپ قېتىم ئۇرغان، زەخمىلەندۈرگەن ياكى بىر قېتىمدا كۆپ ئادەمنى ئۇرغان، زەخمىلەندۈرگەنلەر.

44- ماددا باشقىلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى جامائەت سۇرۇنىدا قەستەن يالىڭاچ بۇلۇۋالغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئەقلىي مېيىپلار، روھىي كېسەللەر، 14ياشقا توشمىغانلارغا پەسكەشلىك قىلغانلار ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

45- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ:

  (1) ئائىلىسىدىكىلەر خورلانغاندا، خورلانغۇچى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا:

(2) مۇستەقىل تۇرمۇش ئىقتىدارى يوق بېقىلغۇچى تاشلېۋېتىلگەن بولسا.

46- ماددا تاۋارنى زورلۇق بىلەن ئالغان- ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا زورلىغان ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

47- ماددا مىللىي ئۆچمەنلىكنى، مىللىي كەمسىتىشنى قۇتراتقان ياكى نەشىر بۇيۇمى، كومپىيۇتىر ئۇچۇر تورىدا مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

 48- ماددا باشقىلارنىڭ پوچتا يوللانمىسىنى ئېلىۋالغان، تىقىۋالغان، تاشلىۋەتكەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاچقان ياكى قانۇنسىز تەكشۈرگەنلەرگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 49- ماددا جامائەتنىڭ ياكى شەخسنىڭ پۇل – مېلىنى ئوغرىلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان، تالاپ كەتكەن، تارتىۋالغان، قاقتى – سوقتى قىلغان ياكى قەستەن زىيان سالغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى ،10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

4- پاراگراف جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلدىغان جازا

 50- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ،قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

 (1) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھالەت كۆرۈلگەن ئەھۋالىدا قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار.

 (2) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

 (3) جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ساقچى ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار.

 (4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىگەن ئاگاھ دائىرىسى، ئاگاھ رايونىغا بېسىپ كىرگەنلەر.

 خەلق ساقچىسىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

 51- ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ياكى باشقا يالغان سالاھىيەت بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 ھەربىي، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلدۇ.

 52- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ئېلىپ ساتقانلار.

 (2) دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتىنى ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر.

 (3) ئاپتوموبىل – پويىز بېلىتى، پاراخوت بېلىتى، ئايرۇپىلان بېلىتى، ئويۇن بېلىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقە بېلىتى ياكى باشقا باھالىق تالون- ئىسپات، دوكۇمېنىتلارنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ۋە ھايىنىغا ساتقانلار.

 

 (4) كېمە -  پاراخوت نام تاختىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان كېمە پاراخوت نام تاختىسىنى ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر ۋە ياكى كېمە – پاراخوت ماتور نومۇرىنى ئۆزگەرتكەنلەر.

53- ماددا كېمە – پاراخوتنى دۆلەت كىرىشنى مەنئىي قىلغان، چەكلىگەن سۇ دائىرىسى ياكى ئارالغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەيدەپ كىرگەن، توختاتقانلارنىڭ كېمە – پاراخوت مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار جاۋابكارلىرىغا 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن  تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىش ئېغىرلىرىغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

54- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى،15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ،قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلغان، بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنلەر.

 (2) قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر.

 (3) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجازەت بېرىدىغان كەسىپ بىلەن ئۆز مەيلىچە شوغۇللانغانلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار بىكار قىلىنىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان تىجارەتچىلەردىن دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

55- ماددا قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى قۇتراتقان ۋە پىلانلىغانلاردىن نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

56- ماددا مېھمانخانا خادىملىرىدىن يۇلۇچىلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىمىغانلىرى ياكى مېھمانلارنىڭ خەتەرلىك بۇيۇمنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توسىمغانلىرىغا 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

مېھمانخانا خادىملىرىدىن مېھمانلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى ياكى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا 200يۈەندىن يۇقىرى،500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ،قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

 57- ماددا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئۆيىنى سالاھىيەت ئىسپاتى بولمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرگەنلىرى ياكى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى، سالاھىيەت ئىسپات تۈرى ۋە نومۇرنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتمىغانلىرىغا 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ شۇ ئۆيدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

58- ماددا ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن پەيدا بولغان بولغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەشكە ئائىت قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاۋقۇن پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

59- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

(1) گۆرۆخانا خادىملىرىدىن گۆرۆ بۇيۇمىنى ئالغاندا، ئالاقىدار ئىسپاتنى تەكشۈرمىگەن، تىزىملىمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى، ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرى.

(2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈر يول، نېفىتلىك، توك، تېلېگىراف، كان، سۇچىلىق، ئۆلچەش ئەسلىھەسى ۋە شەھەر جامائەت ئەسلىھەسىنىڭ كاردىن چىققان سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلار.

(3) دۆلەت سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلار.

(4) دۆلەت سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلار.

60- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگـان قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان، پىچەتلەنگەن، توڭلىتىپ قويغان مال – دۇنيانى يۇشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، ساتقان ياكى بۇزۇۋەتكەنلەر.

(2) دەلىل- ئىسپاتنى ياسىۋېلىپ، يوشۇرۇپ قويۇپ، يوقىتىۋىتىپ ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، دېلو ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر.

(3) ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يۇشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن  ياكى سېتىشىپ بەرگەنلەر.

(4) رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى جازا كېچىكتۈرۈش، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش قاتارلىق جازاسى تۈرمە سرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەرياكى جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇن بويىچە قوللىنىلغانلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشى بولغانلار.

61- ماددا باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەشكە ياكى ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ياردەملەشكەنلەرگە 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن يۇقىرى، 5000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

62- ماددا دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 2000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

63- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) دۆلەت قوغدايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، مەشھۇر ئاسار- ئەتىقىلەرنى جىجىغان، مەينەت قىلىۋەتكەن ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر.

(2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ئەتراپىدا پارتلىتىش، قېزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر.

64- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) باشقىلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر.

  (2) باشقىلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋاستىسىنى، ماتورلۇق كېمىسىنى پراۋىسىز ھەيدىگەن ياكى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر.

65- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5كۈندىن يۇقىرى، 10كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

  (1) باشقىلارنىڭ قەبرىسىنى بۇزۇۋەتكەن، مەينەت قىلىۋەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ جەسىتى، جەسەت كۈلىنى بۇزىۋەتكەن، تاشلىۋەتكەنلەر.

  (2) جامائەت سورۇنىدا جەسەت قويغان ياكى جەسەت قويۇپ باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا، خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلار.

 66- ماددا ئىپپەت- نومۇسىنى ساتقان، پاھىشۋازلىق قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  جامائەت سورۇنىدا زىناغا چاقىرغانلارغا 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

67- ماددا باشقىلارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا قىزىقتۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  68- ماددا شەھۋانىي كىتاب- ژورنال، سۈرەت، فىلىم، ئۈن- سىن ھاسىلاتى قاتارلىق شەھۋانىي بويۇمنى ئىشلىگەن، توشۇغان، كۆچۈرگەن، ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى كومپىيۇتىر ئۇچۇر تورى، تېلېفون ۋە باشقا خەۋەرلىشىشى قورالىدىن پايدىلىنىپ شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ،قوشۇمچە 3000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

   69- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 1000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) شەھۋانىي ئۈن- سىن فىلىمى قويۇشقا قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر.

 (2) شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر ياكى شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار.

(3) توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلار.

باشقىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى قىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

70- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە قىمار ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر ياكى كۆپرەك دەسمايە بىلەن قىمار ئوينىغانلارغا5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 3000يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

71- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) 500تۈپتىن ئاز ئەپيۇنگۈلىنى ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا زەھەر ئۆسۈملۈكىنى قانۇنسىز تېرىغانلار.

   (2) بىىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۇنگۈلى قاتارلىق زەھەر ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۇرۇقى ياكى مايسىسدىن ئازراقنى قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن، ئىلكىدە ساقلىغانلار.

  (3) ئازراق كۆكنار غوزىسىنى قانۇنسىز توشۇغان، ئېلىپ- ساتقان، ساقلىغان، ئىشلەتكەنلەر.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىرقىلغانلاردىن تېرىغىنى پىشقىچە ئۆزى يۇلۇۋەتكەنلەرىگە جازا بېرىلمەيدۇ.

72- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000يۈەندىن تۆەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە 5كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) 200گىرامدىن ئاز ئەپيۇن، 10گىرامدىن ئاز خىروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن ۋە ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا زەھەرنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلىغانلار.

(2) باشقىلارغا زەھەر بەرگەنلەر.

(3) زەھەرنى چەككەن، ئوكۇل قىلىپ سالغانلار.

(4) تىببىي خادىملارنى مەجبۇرلاپ، ئالداپ ناركوز دورىسى، روھىي دورىلارنى ئېلىۋالغانلار.

73- ماددا باشقىلارنى زەھەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ سېلىشقا كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان، ئالدىغانلارغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.قوشۇمچە 500يۈەندىن يۇقىرى، 2000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

74- ماددا مېھمانخانا، يېمەك –ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، ئىپپەت – نوموسىنى سېتىش، پاھشۋازلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا 10كۈندىن يۇقىرى، 15كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

75- ماددا ھايۋانات بېقىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ياكى ھايۋانلارنى قويۇپ بېرىپ باشقىلارنى قورقۇتقانلارغا 200يۈەندىن يۇقىرى، 500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ھايۋانلارنى كۈشكۈرتۈپ، باشقىلارنى زەخمىلەندۈرگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 43- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاز بېرىلىدۇ.

76- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 67-، 68-، 70- ماددىلىرىدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، قايتا – قايتا تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي تەربىيە بىرىش تەدبىرى قوللىنىلسا بولىدۇ.

4- باب جازا تەرتىپى

1- پاراگراف تەكشۈرۈش

77- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى مەلۇم قىلىنغان دېلو، ئەرز- شىكايەتنى ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلغان دېلونى شۇنىڭدەك باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق، ئەدلىيە ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ دېلولارنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە تىزىملىشى كېرەك.

78- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى مەلۇم قىلىنغان دېلو، ئەرز- شىكايەت ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دېلونى قوبۇل قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش دەپ قارىغانلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈشى، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش ئەمەس دەپ قارىغانلىرىنى دېلو مەلۇم قىلغۇچى، ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

79- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ دەلىل- ئىسپات توپلاش مەنئىي قىلىنىدۇ.

قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن توپلىغان دەلىل- ئىسپاتلارنى جازا ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

80- ماددا جامائەت خەۋپسسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش دېلوسىنى بېجىرىشتە، دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

81-ماددا خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە،چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك،ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى،زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگـەن ۋەكالەتچىسىمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلشقا ھوقۇقلۇق:

(1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار ياكى ئالاقىدارلانىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا،

(2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقىنىنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا ،

(3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا .

خەلق ساقچىسىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئۆزى ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قارار قىلىدۇ،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى قارار قىلىدۇ.

82-=ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن چاقىرتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلدىغانلىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى دېلو بېجىرىش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ،چاقىرتىش قەغىزى بىلەن چاقىرتىلىدۇ.نەق مەيداندا بايقالغان ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى خەلق ساقچىسى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ،ئاغزاكى چاقىرسا بولىدۇ،لېكىن،سوراق خاتىرىسىدە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى چاقىرتىش سەۋەبىنى ۋە ئاساسىنى چاقىرتىلغۇچىغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.چاقىرتقاندا،يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كەلمىگەن ياكى باش تارتقانلار مەجبۇرىي چاقىرتىلسا بولىدۇ.

83-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خلاپلىق قىلغۇچىنى چاقىرتقاندىن كېيىن،ۋاقتىدا سوراپ ئېنىقلىشى،سوراپ ئېنىقلاش ۋاقتىنى 8 سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك،ئەھۋال مۇرەككەپ بولۇپ،مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ سوراپ ئېنىقلاش ۋاقىتىنى 24سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى چاقىرتىش سەۋەبى ۋە چاقىرتىلغان جاينى چاقىرتىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

84-ماددا سوراق خاتىرىسىنى سوراق قىلىنغۇچىغا كۆرستىش،ئۇقۇيالمايدىغانلىرىغا ئوقۇپ بېرىش كېرەك. خاتىرىنىڭ چالا قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى سوراق قىلىنغۇچى تولۇقلاش ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى سوراق قىلىنغۇچى تولۇقلاش ياكى تۈزىتىشىنى دېسە بولىدۇ.سوراق قىلىنغۇچى سوراق خاتىرىسىدە خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن،ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى،سوراق قىلغان خەلق ساقچىسىمۇ سوراق خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

سوراق قىلىنغۇچى سوراق قىلىنىدىغان ئىشقا دائىر يازما ماتېرىيالىنى ئۆزى بېرىشنى تەلەپ قىلسا ،رۇخسەت قىلىش كېرەك،زۆرۈر تېپىلغاندا ،خەلق ساقچىسى سوراق قىلىنغۇچىدىن ئۆزى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 16ياشقا توشمىغانلىرىنى سوراق قىلىشتا،ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسسيلىرىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

85-ماددا خەلق ساقچىسى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى تۇرار جايىغا بېرىپ گەپ سورىسا بولىدۇ،زۆرۈر تېپىلغاندا،ئۇلارغا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىغا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشنى ئۇقتۇرسىمۇ بولىدۇ.

خەلق ساقچىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ سىرتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن گەپ سورىغاندا خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىدىن گەپ سوراشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 84-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسمۇ تەتبىقلىنىدۇ،

86-ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى،زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ گاس-گاچىلىرىدىن گەپ سوراشتا،ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلار ياردەم بىرىشى ھەمدە سوراق خاتىرىسىگە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.

ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى باشقا گۇۋاھچىلارنىڭ شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقىنى بىلمەيدىغانلىرىدىن گەپ سوراشتا،تەرجىمان ئىشلتىش ھەمدە خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.

87-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلمىشقا ئالاقىدار سورۇن،بۇيۇم ۋە ئادەمنى تەكشۈرسە بولىدۇ.تەكشۈرگەن چاغدا،خەلق ساقچىىى ئىككىدىن كەم بولماسىلىقى ھەمدە خىزمەت كىنىشكىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەرگەن تەكشۈرۈش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك،دەرھال تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا،خەلق ساقچىسى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ.لېكىن،پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈشتە،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى يېزىپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئايال خادىملار تەكشۈرۈشى كېرەك.

88-ماددا تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇش،ئۇنىڭغا تەكشۈرگۈچى ،تەكشۈرۈلگۈچى ۋە گۇۋاھچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىش كېرەك،تەكشۈرۈلگۈچى ئىمزا قويۇشىنى رەت قىلسا،خەلق ساقچىسى خاتىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

89-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرىشتە،دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بولغان،دەلىل-ئىسپات قىلىنىدىغان بۇيۇمنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ،زىيانغا ئۇچرىغۇچى ياكى ياخشى نىيەتلىك 3-كىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىگەن مال – مۈلكىنى تۇتۇپ قالماي،تىزىملىشى كېرەك.دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بويۇملارنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى گۇۋاھچى ۋە تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدا ئېدىتلاپ،شۇ جايدا ئوخشاش ئىككى نۇسخا تىزىملىك يېزىپ،تەكشۈرگۈچى،گۇۋاھچى ۋە بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغىسنى باسقاندىن كېيىن ،بىر نۇسخىسىنى بۇيۇمنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغۇچىغا بېرىش،يەنە بىر نۇسخىسىنى دېلوغا سېلىپ قويۇش كېرەك.

تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇمنى ياخشى ساقلاش،ئىشلىتىۋالماسلىق كېرەك.ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغان بۇيۇمنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.دېلوغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ چىققانلىرىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مال – مۈلكى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىرىنى تىزىملىغاندىن كېيىن،دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش.6ئاي توشقىچە ،مال-مۈلۈكنىڭ ئىگىسى چىقمىسا ياكى تېپىلمىسا، ئاشكارا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ،تاپاۋەتنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك.

90-ماددا دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،دېلودىكى تالاش-تارتىشتا قالغان مەخسۇس مەسلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە،كەسىپ ئەھلىلىرىنى باھالاپ بېرىشكە ئەۋەتىش ياكى تەكلىپ قىلىش كېرەك.باھالىغۇچى باھالىغاندىن كېيىن،باھالاش پىكرى يېزىشى ھەمدە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

2- پاراگراف

91-ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قارار قىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش،500يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسىنى ساقچىخانا قارار قىلسا بولىدۇ.

92- ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغانلارنىڭ جازا بېرىلىشتىن ئىلگىركى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ۋاقتىنى جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇش كېرەك.جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن بىر كۈن،مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلغان بىر كۈنگە سۇندۇرۇلىدۇ.

93- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرگەندە،شۇ كىشىنىڭ بايانى بولمىسىمۇ،باشقا دەلىل – ئىسپاتلار دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلىيالىسا،ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلسا بولۇۋېرىدۇ.لېكىن،شۇ كىشىنىڭ بايانىلا بولۇپ،باشقا دەلىل- ئىسپات بولمىسا،ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

94- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن،ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىش پاكىتى،سەۋەبى ۋە ئاساسىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى پىكرىنى بايان قىلىشقا ۋە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق.جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ پىكرىگە ئوبدان قۇلاق سېلىشى شەرت.ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت،سەۋەب ۋە دەلىل – ئىسپاتنى قايتا قاراپ چىقىشى،ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت،سەۋەب ۋە دەلىل- ئىسپات پۇت تىرەپ تۇرالىسا،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى پىكرىنى بايان قىلدى،ئۆزىنى ئاقلىدى دەپ جازانى ئېغىرلىتىۋەتسە بولمايدۇ.

95- ماددا ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ،مۇنداق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

(1) قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ۋە كونكرىت ئەھۋالىغا قاراپ جازا قارارى چىقىرىش.

(2) قانۇن بويىچە جازا بېرىلمەيدىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىرى ئۈستىدە جازالىماسلىق قارارى چىقىرىش.

(3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلسا،مەسئۇل ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

(4) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بايقالسا،ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى ئۈستىدە جازا قارارى چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.

96- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلغاندا،ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى تەييارلىشى كېرەك.قاراردا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) جازالانغۇچىنىڭ ئىسم-فامىلسى،جىنسى،يېشى،سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ نامى ۋە نومۇرى،ئادېرىسى.

(2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتى.

(3) جازا تۈرى ۋە ئاساسى.

(4) جازا ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۆھلىتى.

(5) جازا قارارىغا قايىل بولماي مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش،مەمۇرىي دەۋا قىلىشنىڭ يولى ۋە مۆھلىتى.

(6) جازا قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ نامى ۋە قارار چىقارغان ۋاقتى.

قارارغا جازا قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى تامغا بېسىشى كېرەك.

97-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى جازالانغۇچىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە جازالانغۇچىغا شۇ جايدا بېرىشى :جازالانغۇچىغا شۇ جايدا ئېلان قىلغىلى بولمىسا،2كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغان بولسا،جازالانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولسا،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قارارنىڭ قوشۇمچە نۇسخسىسنى بېرىش كېرەك.

98-ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدىغان ۋە 2000يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدىغان ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن،ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە ئېچىشى كېرەك.

99- جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش دېلوسىنى بېجىرىش مۆھلىتى دېلو قوبۇل قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.دېلو چوڭ،ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا،بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن مۆھلەتنى 30كۈنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەتكەن باھالاش ۋاقتى ئامانلىق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش مۆھلىتىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

100- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل – ئىسپاتى تولۇق بولۇپ،ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان ياكى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىغان بولسا،ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلسا بولىدۇ.

101- ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلىدىغان بولسا،خەلق ساقچىسى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جازا قارارىنى تولدۇرۇشى كېرەك.جازا قارارىنى شۇ جايدا جازالانغۇچىغا بېرىش .زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولسا ،قارارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جازا قارارىغا جازالانغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى،قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى،جازا ئاساسى،جەرىمانە سوممىسى،ۋاقتى،ئورنى ۋە جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ نامى يېزىلىشى ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلغان بولسا،دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىغا 24سائەت ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

 

102-ماددا جازالانغۇچىلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

3-پاراگراف ئىجرا قىلىش

103- ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگۈچىگە بېرىلدىغان جازانى قارار      چىقارغان جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇش ئورنىدا ئىجرا قىلىدۇ.

104- ماددا جەرىمانە جازاسى بېرىلگۈچى جازا قارارىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە،بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشى كېرەك.لېكىن،تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى  بولسا،خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالسا بولىدۇ:

(1) 50يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلغاندا،جازالانغۇچىنىڭ جەرىمانىگە باشقىچە پىكرى بولمىسا.

(2) چەت – ياقا جايلاردا،سۇ ئۈستىدە،قاتناش قولايسىز جايلاردا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قارارى چىقارغاندىن كېيىن،جازالانغۇچى بەلگىلەنگەن بانكىغا جەرىمانە تاپشۇرۇشتا قىينىلىدىغانلىقىنى ئېيىتسا.

(3)جازالانغۇچىنىڭ شۇ جايدا مۇقىم تۇرالغۇسى بولمىغانلىقتىن،نەق مەيداندا ئالمىغاندا كېىن ئالغىلى بولمايدىغان بولسا.

105-ماددا خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانىنى جەرىمانە ئالغان كۈندىن باشلاپ 2كۈن ئىچىدە ،ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى،سۇ ئۈستىدە ،يۇلۇچىلار پويىزىدا ئالغان جەرىمانىنى قىرغاققا ياكى ۋوگزالغا يېتىپ بارغان كۈندىن باشلاپ 2كۈن ئىچىدە ،ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى جەرىمانىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 2كۈن ئىچىدە بەلگىلەنگەن بانكىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

106- ماددا خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا جەرىمانە ئالغاندا،جازالانغۇچىغا ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلىغان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك.بىر تۇتاش تەييارلانغان جەرىمانە تالونى بېرىشى كېرەك.بىر تۇتاش تەييارلىغان جەرىمانە تالونى بەرمىگەن بولسا،جازالانغۇچى جەرىمانىنى تاپشۇرماسلىققا ھوقۇقلۇق.

107- ماددا جازالانغۇچىلاردىن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارىغا قايىل بولماي،مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغن،مەمۇرىي دەۋا قىلدىغانلىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىغا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى مەمۇرىي توختتىىپ قويۇش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلسە جەمئىيەتكە خەۋپ يەتمەيدۇ دەپ قارىسا،جازالانغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 108- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېپىل تاپسا ياكى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلىدىغان ھەر كۈنىگە 200يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا،مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

108- ماددا كېپىل تۆۋەندىكى شەرتلەرگە تۇشۇشى كېرەك:

(1) بۇ دېلو بىلەن چېتىشلىقى بولماسلىق.

 (2) سىياسىي ھوقۇقى بولۇش،جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنمىگەن بولۇش.

(3) شۇ جايدا دائىملىق نوپۇسى ۋە مۇقىم تۇرالغۇسى بۇلۇش.

(4) كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولۇش.

109- ماددا كېپىل كېپىل بولغۇچىنىڭ مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنىڭ ئىجراسىدىن باش تارتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كېپىللەردىن كېپىللىك مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلماي،كېپىل بولغۇچىسىنىڭ مەمۇرىي توختىتپ قويۇش جازاسىنى ئىجرا قىىلشتىن باش تارتىشىغا سەۋەبچى بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى 3000يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

110- ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغانلاردىن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ ،مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنىڭ ئىجراسىدىن باش تارتقانلىرىنىڭ كاپالەت پۇلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش قارارى ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ.

111-ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازا قارارى بىكار قىلىنغان ياكى مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسىنىڭ ئىجرا سى باشلانغان بولسا،جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ئالغان كاپالەت پۇلىنى ۋاقىتدا قايتۇرۇشى كېرەك.

5- باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

112- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى قانۇن بويىچە،ئادىل،پۇختا،ئۈنۈملۈك بېجىرىشى،قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى ،نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك.

113- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە،ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئۇرۇشى،تىللىشى،خورلىشى ياكى ھاقارەتلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

114- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە،جەمئىيەت ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك.

جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق ساقچىلىرىدىن ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان ياكى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىرى ئۈستىدىن ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىغا  يااكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا ئەرز – شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.ئەرز- شىكايەتنى تاپشۇرۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

115- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جەرىمانە جازاسى بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن،مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ،جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىشى،ئالغان جەرىمانىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.

116- ماددا خەلق ساقچىلىرىدىن ئامانلىق دېلولىرىنى بېجىرىشتە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) باشقىلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغان،تەن جازاسى بەرگەن،ھاقارەتلىگەنلەر.

(2) سوراق قىلىپ ئېنىقلايمەن دەپ،جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتكەنلەر.

(3) جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغان ياكى جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل- ماللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنسىگە تاپشۇرمىغان ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار.

(4) ئالغان،تۇتۇپ تۇرغان مال–دۇنيانى ئاستىرتتىن بۆلۈشىۋالغان،ئىگەللىۋالغان،ئىشلىتىۋالغان،قەستەن بۇزىۋەتكەنلەر.

(5) زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل- مېلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەن ياكى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلار.

  (6) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،كاپالەت پۇلىنى ۋاقىتدا قايتۇرمىغانلار.

  (7) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلنىپ،باشقىلاردىن پۇل- مال ئالغان ياكى باشقا نەپ ئالغانلار.

  (8) نەق مەيداندا جەرىمانىگە تالون كېسىپ بەرمىگەنلەر ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغانلار.

 (9) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى توسۇش تەلىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ،ۋاقتىدا بارمىغانلار.

  (10) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا،قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىگە خەۋەر يەتكۈزگەنلەر.

(11) نەپسانىيەتچىلىك قىلىش،خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلنىش،قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋالى بولغانلار. 

   ئامانلىق دېلوسىنى بېجىرگۈچى جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگانلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

117- ماددا جامائەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ ساقچىلىرىدىن خىزمەت ھلوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ،پۇقرالار،قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلغانلىرى ناماقۇل بولۇشى،زىيان سالغانلىرى قانۇن بويچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

118- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان <...دىن يۇقىرى،...دىن تۆۋەن،...ئىچىدە > دېيىلگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

 

119- بۇ قانۇن 2006- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.1986-يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى ئېلان قىلىنغان.1994-يىلى 5- ئاينىڭ 12-كۈنى تۈزىتىپ ئېلان قىلىنغان.<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى > بىكار قىلىنىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار