سىنىپ مۇدىرلىرىنڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى . ئوقوغۇچىلارغا ئىدىيى 1 ۋى- سىياسى تەربىيە ئىلىپ بىرىپ،ئۇلارنى توغىرا كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە قىلىش، ئۇلاردا ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى، پارتىينى، ئىلىم- پەننى،ئۆزكوللىكتىپنى قىزغىن سۆيىىدىغان، جاپاغا چىداپ ئىجتھىات بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھىنى يىتىلدۇرۇرۇش، جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىشىغا ئۆزىنى بىغشلاشتەك ئۇلۇغۋار غايە، جەسۇرانە ئىرادىنى تىكلەشكە يىتەكلەش.
2. ئەخلاق پەزىلەت تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش. ئوقوغۇچىلارغا قانۇن – تۇزۇم تەربىيسى ، كوممۇنىستىك ئەخلاق تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش ئارقلىق ئۇلارنىڭ قانۇن –تۇزۇم ئىڭىنىى يۇقىرى كۇرتۇرۇش ،دۇلەت قانۇنى، جەمىئيەت تەرتىپى ،مەكتەپنىڭ تۇرلۇك قائىدە– تۇزۇملىرى،ئۆز سىنىپىنىڭ ئىنتىزامى ، ئوقوغۇچىلار قائىدىسى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەركەت ئۆلچىمىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى يىتىلدۇرۇش .
3. ئوقوغۇچىلاغا جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئۇگىنىش تەربىيىسى ئىلىپ بىرىش ، ئۇلارنىڭ ئۇگۇ نۇش ئاكتىپچانلىىقى ۋە ئۇگۇنۇش قىزغىنلىقىنى قوغداش ، توغىرا بولغان ئۇگۇنۇش مەقسىتى ۋە ئۇگۇنۇش پوزىتسىيسىنى تۇرغۇزۇش، ئۇگۇنۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بىرىش ، دەرىس ئىنتىزامى ۋە مۇزاكىرە ئىنتىزامىنى . ئۇنۇملۇك تەشكىللەش ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاساسى بىلىم ۋە ئاساسى ماھارەتنى ئىگەللەشكە ياردەم بىرىپ ئوقوتۇش ئۇنۇمىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۇتۇرۇش .
4 . ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ، مەكتەپتىكى ئىتتىپاق، پىئونىرىرلار تەشكىلى ، قاتارلىق تەشكىلى ئاپىراتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى پائال قوللاش ۋە يىقىندىن ماسلىشىش، دەرىسخانا ئوقۇتىشى بىلەن دەرىستىن سىرىتقى پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ماسلاشتۇرۇش ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى دەرسلەر ئۇستىدىكى پىكىر ئىنكاسلىرىنى دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇز ۋاختىدا يەتكۇزۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقوغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇش .
5. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەلەپ ، تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش ، بىۋاستە كۇزۇتۇش ، بىۋاستە تەكشۇرۇش ، يازما ماتىرىياللارنى تەتقىق قىلىش ، سۇپەت تەھلىلى ئىلىپ بىرىش ، ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇرش ، سىنىپ كادىرلىرىنڭ دوكىلاتىنى ئاڭلاش ، ئايرىم سۇھبەت ئىلىپ بىرىش ، ئائىلە زىيارىتى قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى ئىدىيۋى ئەھۋالىنى دائىم ئىگەلەپ ، چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، تەلىم – تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقىنى يۇقىرى كۇتۇرش.
6. ئوقوغۇچىلارنى سۇيۇش ۋە ئاسىراش، ئۇلارغا قىزغىن، سەمىمى ، بارەۋەر، دوستانە مۇئامىلە قىلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە سالامەتلىكىگە كۇڭۇل بۇلۇش ، ئۇز سىنىپىدىكى ئوقوغۇچىلارنى تەنتەربىيە ، مەدىنىيى كۇڭۇل ئىچىش پائالىيەلىرىگە ياخشى تەشكىلەش ، تازىلق ۋە ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگەياخشى ئەھمىيەت بىرىش ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۇگۇنۇش ئادىتىنى ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىى ۋە ياخشى تازلىق ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ، ئوقوغۇچىلارنىڭ شەخسى تازلىقىنى قەرەلىلىك تەكشۇرۇپ تۇرۇش ، دەرىسخانىدىكى ئولتۇرۇش ئورنىنى 15 كۈندە ياكى ئايدا بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ،كۆز گمناستىكىسىنى ئومۇلاشتۇرۇش ، ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ئەمگەك بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۇچەيتىش ، ئوقوغۇچىلارنى يىشى ، جىنسى ، سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمەيدىغان ئىغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە تەشكىلەشتەك قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش ۋە چەكلەش . ئىجتىمائىي ئەمگەك پائالىيەتلىرىدە قىز ئوقوغۇچىلار ۋە جىسمانى قۇۋۋىتى ئاجىز ئوقوغۇچىلارنى ئالاھىدە قوغداش. سىنىپ كوللىكتىپىنى سەپەرۋەر قىلىپ ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتىن يادەم بىرىپ ئىللىقلىق يەتكۇزۇش .
7. ئۇگۇنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقوغۇچىلارنى يىتشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش . ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنۇملۇك بولغان يىتشتۇرۇش پىلانىنى تۇزۇپ يولغا قويۇش .
8. ئۇز سىنىپىدىكى ئوقوغۇچىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە تەشكىلەش ، ئوقوغۇچىلارغا ئەمگەك نوختىنەزىرى توغۇرسىدا تەربىيە ئىلىپ بىرىش ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئىنتىزامى ۋە مەشخۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ، ئەمگەك قۇرالى ۋە ئەمگەك مىۋىلىرىنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىقىنى ئۇستۇرۇش . ئالاقىدار خادىملارغا ماسلىشىپ دەرىستىن سىرىتقى پەن– تەخنىكا پائالىيتى، ھەربىي تەلىم –تەربىيە پائالىيەتتلىرىنى قانات يايدۇرۇش .
9. سىنىپ تەشكىلىنى ياخشى قۇرۇش ، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ، ئۇلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىش ، سىنىپ ئاكتىپلىرىنى تەربىيەلەش ، سىنىپتىكى پىئونىرلار ئەتىرتىنىڭ پائالىيتىنى قانات يادۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ، سىنىپ يىغىنلىرىنى ئۇز قەرەلىدە ياخشى ئىچىش .
10. ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمىيەتتىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ، مەكتەپ ،ئائىلە ،جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپ بىرلەشكەن تەلىم – تەربىيە تورىنى شەكللەندۇش .بۇنىڭدا ئائىلە زىيارىتى قىلىش، ئاتا- ئانىلار يىغىنىنى چاقىرىش، دوكىلات يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئوقوغۇچىلارنى كىنو، تىياتىر كۇرۇشكە تەشكىللەش، قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيەسى دوكىلات يىغىنى ،چوڭ تىپتىكى خاتىرلەش پائالىيتى ئاممىۋى خاركتىرلىك مۇسابىقە پائالىيتى ،كۇرگەزمە، ئىكسكۇرسىيە پائالىيتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ، تەربىيە مەزمۇنىنىڭ مول خىلمۇ خىل ،جانىلىق بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىش.
11. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالاش،«ئۇچتەياخشى» ئوقوغۇچىلانى باھالاش خىزمىتى ۋە ئوقوغۇچىلار ئارخىپىنى ياخشى ئىشلەش .
12.سىنىپتىكى مال-مۇلۇكلەرنى ياخشى ئاسىراش ھەم ياخشى باشقۇرۇش،
13. تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئشلەش، ئوقوغۇچىلارنى گىزىت –ژورناللارغا مۇشتىرى قىلىش، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلىقئارا ۋەزىيەتىتن ئوقوغۇچىلارنى دائىم خەۋەردارقىلىپ تۇرۇش،تام گىزىتى ،قول گىزىتى قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ ، سىنىپتىكى ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى كەڭ تۇردە تەشۋىق قىلىش .
14. سىنىپ مۇدىرلىق خىزمەت پىلانىنى تۇزۇش ۋە خىزمەتلەرنى خۇلاسلەشكە ياخشى ئەھمىيەت بىرىش ،خىزمەتلەرنى پىلانلىق ،تەرتىپلىك قانات ياىدۇرۇش ،نەتىجىلەر ۋە تەجىرىبە- ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ مىڭشىقا ئەھمىيەت بىرىش. ھەر ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن سىنپنىڭ خىزمەت پىلانىنى تۇزۇش ،ھەر بىر باسقۇچ ياكى ھەر ماۋسۇملۇق خىزمەت ئاخىرلاشقاندا خىزمەت خۇلاسىسى يىزىش .
15. ھەر ماۋسۇمدا بىر قىتىم ئوقوغۇچىلارنىڭ كىڭەيتىلگەن ئانكىتىنى ئىلىش ،يىڭىدىن قوشۇلغان ئوقوغۇچىلارنى ئىلمى بۇلۇمىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئوقوغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش، داۋامسىزلىق قىلغان ئوقوغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تولۇقلاش، ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرىسكە قاتنىشىش نىسپىتىنى ئىزچىل يۇقىرى كۇتۇرۇش ،تەبئىي كىمەيگەن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى پۇختا تۇرغۇزۇش.