) ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن بولۇش ، غەمغۇرلۇق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسراش، ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيە – سىياسىي خىزمىتىنى ياخىشى ئىشلەشكە مەسئۇل بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە بويسۇنۇش تەربىيسى ئىشلەپ ، ئۆز سىنىپ كوللىكتىۋىنى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ، تىرشىپ ئۈگىنىدىغان ، جۇشقۇن روھقا ئىگە بىر سىنىپ كوللىكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى ، ئەقلى ، جىسىمانىي جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىياتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش.
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ياخشى ئىنىقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى پىششىق ئىگەللەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىۋى ھالىتىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاشقا ماھىر بولوش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دىننىڭ سىڭىپ كىرشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش.
3) داۋاملىق تۈردە باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ، ئىددىيە ئەھۋالىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىگەللەپ ۋە تەتقىق قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگىنىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۈرۈش تەربىيسى ئىشلەپ ، ئۈگىنىش پوزىتسىيسىنى توغرىلاپ ، ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ، ھەرقايسى پەن دەرسلىرىنى ياخشى ئۈگىنىش ئارقىلىق ئۈگىنىش نەتىجىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىشكە يىتەكچىلىك قىلىش .
4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەن ساقلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ ۋە يىتەكچىلىك قىلىش ، تازىلىقنى ياخشى قىلىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش .
5) سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىگە ياخشى يىتەكچىلىك قىلىپ ، ئۆز سىنىپىنىڭ پىئونىرلار پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش .
6) سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائى ئەمەلىيەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىشقا يىتەكلەش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىش ، مۇناسىۋەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا ماسلىشىپ دەرستىن سىرتقى پەن – تىخنىكا پائالىيەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش .
7) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقى ۋە جەمىئەتتىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىددىيۋى –سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش .
8) مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسىغا يىقىندىن ماسلىشىپ، «ئىككى دەرس، بىر مۇراسىم»نىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا تۈرلۈك تەربىيەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىلىپ بىرىش