خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسلىق كېرەك

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2013-09-30 14:42

 
ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسلىق كېرەك
 
(تەرجىمان: ئابدىراخمان رىشىت)
 
        جياڭ شى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرى لىن چۈەن 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر قېتىملىق قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ مەكتەپتىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى لېي سىنىپ مەسئولى سۈننىڭ باشقۇرۇشىنىڭ قاتتىقلىقىدىن نارازىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىسىغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆلتۈرۋەتتى.
     يېقىنقى يىللاردىكى ھەر تۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئىشلىرىنى بىر قىسىم ياخشى بولمىغان تاراتقۇلاربۇ ئىشلارنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىسىغا ئايلاندى.ئۇلار يەكۈنلىگەن سەۋەبلەرتۆۋەندىكىچە:
1.ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەت قىلىشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيە ئېڭىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا.
2. ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ئۆلتۈرۈشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى زىيادە قاتتىق باشقۇرغانلىقىدا.
3.جەمىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىغا ئۆچ بۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتىل مەزگىلىدا ئوقۇغۇچىغا ھەقلىق يوسۇندادەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشى.
جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى بەك يۇقىرى بۇنداق بۇلۇشى ئوقۇتقۇچى ئەخلاقىنىڭ ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ ياخشىسى چىن دىلىدىن مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى تېپىش كېرەك دەپ قارايدۇ.
بۇپىكىرگە مەنمۇ ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەيمەن.
خەلق ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئەتىگەن سائەت 5:00 تىن كەچ سائەت 10:00 گىچەئائىلەمنى ، ئاتا- ئانامنى ، ئۇنۇتقان ھالدا ئوقۇغۇچىلىرىم پايپېتەك بۇلۇپ ئەينەككەقاراشقىمۇ ۋاقتىم يەتمەيدۇ. يەنە كېلىپ مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن ھەر خىل دەرىجىلەر ئۈچۈن تىنىمسىز خىزمەت قىلىمەن. دۇرۇس، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ھەقىقەتەن يۇقىرى.
ھېسابلاپ باقايلى، ھەر كۈنى 14-16 سائەتلەپ خىزمەت قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈنلۈك مائاشى تەخمىنەن 100 يۈەن. بۇ مائاش 》كېندې جى 《 دا ئىشلەيدىغان سائەتلىك ئىشچىنىڭ مائاشىدىن 》تولىمۇ، بەكمۇ يۇقىرى《.
ئەمەلىيەتتەمەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەڭ كەم دېگەندىمۇ يېرىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.بۇنداق بولغاندا
بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بالدۇر ھالدا ئارامخۇدائۇخلىيالايدۇ.ئۇنچەكۆپ ئىشلارغا پەرۋا قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟!تۈن كېچىگىچە ئۇخلىماي خىزمەت قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟!
ئوقۇغۇچىلارئارسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا باش قاتۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى؟!ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ نىمە ھاجىتى؟!جەمىيەتنىڭ باھاسىغا پەرۋا قىلىشنىىڭ نېمە ھاجىتى؟!ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟!ھەر كىم ئۆز يولىداماڭغىنى ياخشى.بۇئىشلار مائارىپ ئىدارىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئاشۇ تۆۋەن مائاشلىق يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ ئىشى.بىزيەنىلا بالدۇرراق ئۇخلاپ، ئائىلىمىزدىكى كىشىلەرگە، بالىلىرىمىزغا ئىللىقلىق ئاتاقىلايلى.
مەن چىن دىلىمدىن شۇنداق دەيمەنكى:
چىن دىلىدىن مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىنى تېپىش ئۈچۈن،2015-يىلدىن بۇرۇن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىشىنى ياكىبىرتىينمۇ بەرمەيدىغان ئالمايدىغان ھەقسىز ئوقۇتقۇچىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02