خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئالىپتىكىن2013-09-30 14:42


ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
 
تەرجىمان: ئابدىراخمان رىشىت
 
       ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلىق ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ يۈكسەك كەسىپ دەپ قاراپ كەلگەنىدىم، ئەمما 18 يىللىق خىزمەت ھاياتىمدىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەڭ پەس كەسىپ ئىكەن.
      بىرىنچى پەس يېرى: مۇئاش تەمىنات تۆۋەن، ئائىلىنى قەدىر ئەھۋال بېقىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق.40تىن ھالقىغان مەندەك بىر ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشى ئاران 2300 يۈەن. بۇ ئازغىنە پۇلنى قانداقمۇ ئوغۇل-قىزلىرىمغا، ئايالىمغا، ئاتا-ئانامغا، قىيناتا-قىينئانامغا يېتىشتۈرەلەيمەن، مەندە ئاخىرى قانچىلىق پۇل ئېشىپ قالماقچى!؟
        ئىككىنچى پەس يېرى: ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىماي بالا باققۇچىغا ئايلىنىش
       سىنىپ مەسئولى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ، ھەر كۈنى 5:00 تە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئەتتىگەن كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تازلىق قىلىشىغا نازارەتچىلىق قىلىپ، سىنىپ ئالدىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ، ئاندىن ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا زورلاش. ھەركۈنى ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك تاماقنى ئالدىراپ يەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش.ئەل ئېغىر ئۇيقۇدا لېكىن مەن ئۇستەل چىرىقى يورۇقىدا ئىرماش-چىرماش خەتلەر بىلەن توشقان تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئاۋارە.كىممۇ مېنى قابىليەتسىز بولۇپ قېلىپ ئاران ئوقۇتقۇچى بولسۇن دەپتۇ!؟ ئۆزەمنىڭ ئىززىتىنى ساقلىماي بالا باققۇچىغا ئايلاندىم، ئەگەر بالا باققۇچىمۇ بولالمىسام يەنە كىممۇ مېنى كۆزگە ئىلسۇن.
ئۈچىنچى پەس يېرى: كىشىلىك قەدىر-قىممەتنىڭ تۆۋەنلىشى
     ئوقۇغۇچى ھاقارەتلىك تىللار بىلەن ئوقۇتقۇچىنى تىللىيالايدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچى چوقۇم مەدەنىي گەپ سۆزلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك،چۈنكى ئۇ ئالىي تەربىيە ئالغاندە.
ئوقۇغۇچى ئاغزىغا كەلگەننى دەۋەرسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تېخى گۈدەك، ئەمما ئوقۇتقۇچى پەقەت ئىللىق مۇئامىلە بىلەن ئوقۇغۇچىنى قايىل قىلىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى،شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى ۋە پىسخىكىلىق ھوجۇم قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ گۈدەك قەلبى بۇلارنى كۆتۈرەلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ پەقەت مۇشۇ ئامراق پەرزەنتىلا بار تۇرسا، ئۇلار ئوقۇتقۇچىنى قانداقمۇ بوش قويىۋەتسۇن.
      ئەگەر ئوقۇتقۇچى خاتالىق ئۆتكۈزسە، ھېچكىممۇ ئۇنى بوش قويىۋەتمەيدۇ، تور دۇنياسىدا ھەسسىلەپ كۆپتۈرۈلدۇ، پۈتۈن جەمىيەت ھەر جەھەتتىن لەنەت ياغدۇرىدۇ، سەندەك ئادىمىي ھايۋان قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا سالاھىيىتى توشسۇن؟!
       تۆتىنچى پەس يېرى: قانون ۋە تۈزۈم قاتمۇقات ئورىۋالغان
سىز دەپ بېقىڭ، 2000يۈەندىن كۆپرەك پۇل بىلەن قانداقمۇ ئائىلىنىڭ قامدىغىلى بولسۇن. ئازراق باشقا ئىش قىلاي دىسىڭىز ياكى قانونغا خىلاپ ياكى مەكتەپ تۈزۈمىگە خىلاپ، جەمىيەتتىكى كىشىلەر پەقەت ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن نازارەت قىلىشقا يارالغاندەكلا.
       ئوقۇتقۇچى سەن پەقەت مەنپەئەت بولمىغان ، نەپسى-خاھىش بولمىغان، شەخسىيەتچىلىك بولمىغان ھالدا ئۈنسىز تۆھپە قوشۇپ، شامغا ئوخشاش ئۆزۈڭنى قۇربان قىلىپ باشقىلارنى يورۇتىشىڭ كېرەك. سەن چوقۇم نامرات ھەم يەككە-يىگانە ئىشىق-مۇھەببەتسىز تۇرمۇش كەچۈرىشىڭ كېرەك. مانا بۇ جەمىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان تەلىپى.
ئەمما مەسىلە 14 مىليون ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈستىدە ئاتا-ئانىسى، ئاستىدا پەرزەنتلىرى باردە، ئۇلار قانداق قىلىدۇ؟
     ھاياتلىق ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ساھەسىدىكىلەر نۇرغۇن ھاقارەتلىك بەتناملارنى زىممىسىگە يۈكلەپ، چاڭ-توزان كەبى،شامالدا ئۇچۇپ، يامغۇردا سوقۇلۇپ، گاھ كۆتۈرلۈپ گاھ تۆۋەنلەپ يۈرسىمۇ، ئەمما قەيسەرلىك بىلەن ئىزدەنمەكتىن باشقا ئامال يوق...
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-13 00:02