ئىسكەندەر ئەنۋەر
دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان ئون يىل مابەينىدە، ساپا مائارىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ھەدەپ جار سېلىندى. تاپشۇرۇق دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملەرنى مۇستەھكەملىشىنىڭ ئاساسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىندى.
ھازىر، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تاپشۇرۇقنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۆتكۈر›› ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇنداق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى تاپشۇرۇقلار ئاساسى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق بولغان بىلەن، كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلاردا تاپشۇرۇق بېسىمىدىن ‹‹قورقۇش››، تاپشۇرۇق دېسە ‹‹بېشى ئاغرىش››تەك ھالەت شەكىللەندى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان تاپشۇرۇقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
مەن قىشلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان بىر پارچە قىسقا ئۇچۇر يېزىپ، ئۆيدىكىلەر، ئوقۇتقۇچىلار ياكى دوستلىرىغا يوللاپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم. مېنىڭ بۇنداق تاپشۇرۇق بېرىش ئۇسۇلۇم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى يىلدا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى باش قاتۇرۇپ يېزىپ چىققان يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى، بالىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلىگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدى. مەن بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇق ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردۇم، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئاتا – ئانىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتىم.
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق تالانتى بولىدۇ، لېكىن تالانتىنىڭ ئىپادىلىنىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە، پەلەمپەي شەكلىدىكى تاپشۇرۇق ئوخشاش بولمىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى شوتا ھېسابلىنىدۇ. پەلەمپەي شەكلىدىكى تاپشۇرۇق بەرگەندە، تاپشۇرۇقنىڭ سانى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماي، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.
قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شېنجېندىكى نەنشەن چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىز تىلىدىكى كىنولارنى قويۇپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇشتا ئىنگلىزچە سۆزلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇنداق تاپشۇرۇق بېرىش ئۇسۇلى يېڭى، شۇنداقلا دەرستىن سىرتقى بىلىملەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرگەن.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ئوقۇغۇچىلارغا يېتەرلىك ئويلىنىش بوشلۇقى بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرۇقنى تاللاپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرغان تاپشۇرۇققا بولغان ئويلىغانلىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]