نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە نېمە ئۈچۈن ئارقا ئارقىدىن قاتىللىق دېلولىرى يۈز بېرىدۇ؟
يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئۈچ ئالىي مەكتەپتە قاتىللىق دېلولىرى يۈز بېرىپ، توردا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، نۇرغۇن تورداشلار، ئالىي مەكتەپلەرگە نېمە بولدى دەپ سۇئال قويدى، جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىي ئىلگىرى ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈش مەلۇماتىن ئايان بولىشىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %25.4 دە تەشۋىشلىنىش، نېرۋا ئاجىزلىق، مەجبۇرلاش قاتارلىق كېسەللەر باركەن.
1-فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاسپىرانتنىڭ زەھەرلىنىپ قازا قىلىشى
16-ئاپرېل سائەت 15دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىببىي پەن ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان خۇاڭ ياڭ زەھەرلىنىپ قازا قىلدى، شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خۇاڭياڭنىڭ ياتاقدىشى لىن فامىلىلىك بالىنىڭ بۇ دېلودىكى بىرىنچى گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، لىن 13-ئاپرېل ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى، ئۇنىڭ دېلو سادىر قىلىش مۇددئاسى ۋە سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.
2-نەنچاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ياتىقىدا بىر بالىنىڭ سېسىپ كەتكەن جەسىتى بايقالدى
17-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 20مىنۇت ئۆتكەنلەردە نەنچاڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوغۇللار ياتىقىدا بىر ئوغۇل بالىنىڭ جەسىتى بايقالدى، 17-ئاپرېل كەچتە مەزكۇر مەكتەپنىڭ تەشۋىقات بۆلىمى مۇخبىرغا ئۆلگۈچىنىڭ بۇ مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتىپېڭ فامىلىلىك بالا ئىكەنلىكى، ھازىر دېلونى ساقچىلار تەكشرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
3-جاڭجياگاڭدا يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ پىچاق بىلەن يارىلىنىش ۋەقەسى
تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 17-ئاپرېل جياڭسۇ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جاڭجياگاڭدىكى مەكتەپ رايونىدا بىر قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن، 19-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر بۇ دېلوغا مەسئۇل چېڭبېي ساقچىخانىسى بىلەن تېلىفونلاشتى، ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بوينىغا ئىككى قېتىم پىچاق ئۇرۇلغان، ئەمما دەل ۋاقىتدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاچقا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان، جىنايەت سادىر قىلغۇچى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىرىنى تونۇمايدىكەن، جىنايەت سادىر قىلىش مۇدئاسى تەكشۈرۈلمەكتە.
4-نەنجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلوسى
16-ئاپرېل كەچ سائەت ئونلاردا نەنجىڭ ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جىنچېڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ياتاق بىناسىدا بىر ياتاقتا يېتىۋاتقان ياتاقداشلار كىچىككىنە ئىش سەۋەبىدىن جىدەللىشىپ قېلىپ، بىر تەرەپ قارشى تەرەپنى پىچاق بىلەن ئېغىر يارىلاندۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يارىلانغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، ئىگەللىنىشىچە بۇ ئىككىلىسى بۇ مەكتەپنىڭ 2010-يىللىق ئاپتوموتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن، ھازىر جىنايەت سادىر قىلغۇچى نەنجىڭ جياڭنىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
2004-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن ماجياجۆ دېلوسى پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتكەن ئىدى، بىزنى ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرغان ئىدى، بۈگۈن ئون يىل ئۆتۈپ بۇنىڭغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق دېلولار نېمىشقا يەنە يۈز بېرىدۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەردە يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلوللىرىنى بەك مۇبالىغە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلولىرىدىن مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك ئايان بولدى دېسەك ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە پات پات يۈز بېرىۋاتقان ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى نېمە دېگۈلى بولىدۇ؟
دەرۋەقە بۇ دېلولارنىڭ كۆپۈنچىسى تاسادىپى يۈز بەرگەن ياكى قاتىللىق قىلغۇچىنىڭ مېجەزى، تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرۈنىشى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما قانلىق دېلوللارغا قايتا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ دېلولارنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز، ئەجىبا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا ھىچقانداق يوچۇق يوقمۇ؟
نەتىجە ئاساس قىلىنغان شارائىتتا بىزنىڭ بالىلارنى ياخشى يامان دەپ ئايرىيدىغان چېگرىمىز ناھايىتى ئېنىق، بىز ياشلىق دەۋرىدىكى بالىلارنىڭ مۇرەككەپ پىسخىكىسىغا سەل قاراپ قالدۇقمۇ قانداق؟
خۇددى تورداشلار ئېيتقاندەك ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا، ئەسلەشكە ۋە قەدىرلەشكە تېگىشلىكى يەنىلا ئالىي مەكتەپ ھاياتى، مۇشۇنداق گۈزەل ئەسلىمىگە تولغان ھاياتتا زورۋانلىق ۋە قانلىق ۋەقە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يادرولۇق ئىقتىدارى ئىلمىي تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ پەقەت بىلىم ئۆگىتىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارىنى، مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى، ئادىمىيلىك ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا بۇلارنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ ھەممىگە مەلۇم ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپلەر زور مىقداردا قوشۇۋېتىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن ئاقىۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار يېتىشمىدى، ئەكسىنچە ئوقۇغۇچىلار كۆپىيىپ، خۇددىي بىر قوتان پادىدەك چوڭ سىنىپلار بارلىققا كەلدى، ئاسپىرانتلىق مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلار يېرىم يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ سۆزلەر كونا خەۋەرگە ئايلىنىپ قالدى.
ئەلۋەتتە گۇنانىڭ ھەممىسىنى ئالىي مائارىپقا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىزنىڭ باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغىچە، تولۇق ئوتتۇرىغىچە يولغا قويۇۋاتقىنىمىز ئىمتىھان مائارىپى. بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى تىلغا ئېلىنمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ھازىرقى زاماندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلارنىڭ كۆپۈنچىسى يالغۇز پەرزەنتلەر، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى يوق، ئائىلە تەربىيەسىدە بىرى بىرىگە كۆيۈنىدىغان، ھىسداشلىق قىلىدىغان ھەمكارلىشىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش قىيىن.
پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا يۈز بەرگەن بۇ قاتىللىق دېلولىرى كۆپ ئەمەس، ئەمما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ھاياتنىڭ يوقۇلىشى ئۇلارغا ھالاكەتلىك قاتتىق زەربە بولىدۇ، قانداق قىلىپ مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ھۆكۈمەت، مەكتەپ، تاراتقۇ، ئائىلە، ئاۋامنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.