ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى

ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى 1969-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر ئاددىي زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. ئىككى يىللىق تەييارلىق كۇرسىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا، ئۇ كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئەبەيدۇللا 1993-يىلى نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى نېفىتلىكتە قېلىپ قېلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. شۇ يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. شۇ يىلدىن باشلاپ تاكى 1997-يىلىغىچە تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەترەتتە گېئو-فىزىك (geophysicist)، گېئوفىزىكا بۆلۈم باشلىقى، ۋە ئەترەتنىڭ تېخنىكا باشلىقى قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىدى.
1997-يىلى باھار ئايلىرىدا، ئەبەيدۇللا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقات مەركىزىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، گېئوفىزىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. مۇھىم نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 2000-يىللىرى، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ دۇنياغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. 2001-يىلى ئەبەيدۇللا كەسپىي ۋە ئىنگلىزچە ئىمتىھانلاردا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى گېئوفىزىكا تەتقىقات باشقارمىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ تەتقىقات مەركىزىدە سۇدان، ئەزەربەيجان، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نېفىتلىكلەرنىڭ گېئوفىزىكا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 2002-يىلى ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ باش گېئو-فىزىك خىزمىتىگە تەيىنلىنىپ، باكۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلدى. ئەبەيدۇللا ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى.
ئەبەيدۇللا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، خىزمەت قىلىش جەريانىدا بولسۇن، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. 2002-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى. 2005-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، گېئوفىزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلىنىڭ 9-ئايلىرىدا تېكساس شتاتىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى باكېرخيۇس (BakerHughes) نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ئۇ باكېرخيۇستا قۇدۇق گېئوفىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2006-يىلى ئاناداركو نېفىت شىركىتىنىڭ ھيۇستوندىكى تەتقىقات مەركىزىگە قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ مەركەزدە گېئوفىزىكا تېخنىكىسى ئارقىلىق، شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت چارلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. گانا (Ghana) ۋە موزامبىك (Mozambique) تىكى چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەبەيدۇللا 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز شىركىتىنىڭ مېكسىكا بوغۇزى باشقارمىسىدا چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت چارلاش، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش، ۋە نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.