خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-04-27 17:08

 
ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى

جاڭ شۆفۇ 
ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى

ياخشى ئوقۇغۇچى ئىمتىھاننى ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى ئىلىم ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەسىلىنى ئىزدىنىشنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ 
مەن «ۋاقىت نەگە كەتتى» دېگەن ناخشىدىن ئىلھاملىنىپ، قاملاشسا-قاملاشمىسا يۈرىكىمدىكى مائارىپقا بولغان گاڭگىراش ۋە ئازاپلىرىمنى يېزىپ چىقتىم.  ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «ياخشى ئوقۇغۇچى» ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئالىي مەكتەپتىكى مەسىلىلەرنى ئىزدىنىشنىڭ نىشانى قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا قېلىپتا قۇيۇلۇپ چىققان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئىمتىھان»چىلار بولۇپ، ئىمتىھاننى ئاساس قىلغان ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. ياخشى ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشتە ئىمتىھاننى ئاساس قىلىۋالمايدۇ، بەلكى ئىلىم ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەسىلىنى ئىزدىنىشنىڭ نىشانى قىلىدۇ.  جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر پروفېسسور ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، ھەر مەكتەپ پۈتتۈرۈش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋېبېرنىڭ «ئىلىمنى ئاساس قىلىش» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇتۇپ ئاندىن كىتاب ئوقۇش سىنىپىدىكىلەرنى ئۇزىتىپ قويىدىكەن. ياخشى ئوقۇغۇچى دېگەن ئەلۋەتتە تار مەنىدىكى ئىلىمنىلا ئاساس قىلىۋېلىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما ياخشى ئوقۇغۇچى چوقۇم كەڭ دائىرىلىك ئىلىم يەنى ئىلىم بىلەن مەسىلىنى ئاساس قىلىشى كېرەك. مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم،  دەل مۇشۇنداق ئىلىم بىلەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئاساس قىلىدىغان ياخشى ئوقۇغۇچىلار زادى نەگە كەتتى؟ ئادەمنى تەشۋىشكە سالىدىغىنى شۇكى، بۇنداق بالىلار مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا چۈشۈپ قېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم بولغان ئۆگىنىش باسقۇچىدا يوقاپ كېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. 
ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى؟ تاراتقۇلاردا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە بولغانلىقى ئېسىمدە. قارىغاندا كۆپچىلىك ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى چۈشكۈنلۈك، شۇنداقلا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىت-تىت بولىۋاتقان بولسا كېرەك. بەلكىم بەزىلەر مەندىن: «نېمىگە ئاساسلىنىپ، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ دەيسىز؟» دەپ سورىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى مەندىن كەڭ بولۇشى، ئىمتىھاندا ئالغان نەتىجىلىرى مەندىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. چۈشكۈنلۈك دېگەن گەپ قەيەردىن كېلىپ قالدى؟ لېكىن بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان «چۈشكۈنلۈك»نىڭ بىر يادرولۇق مەنىسى بار، يەنى غايىگە بولغان ئوتتەك، قايناق ھېسسىيات يوق.  روھى چۈشكۈن بىر ئادەم، بىر توپ چۈشكۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەل غايىگە بولغان قايناق ھېسسىيات كەمچىل بولغان ياشلاردۇر. ئۇنداقتا چۈشكۈنلۈكنى قانداق يوقاتقىلى بولىدۇ؟ بىردىنبىر ئامال بوشاشماستىن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشتۇر. ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسى دۇنياغا بولغان تەسەۋۋۇرىدىن بەك بالدۇر ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بېكىتىپ بېرىلگەن دۇنيا ئىچىدە ياشايدۇ، رىئال دۇنيادا بولسا كۆپىنچىسى ئۆزلىرىگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان «تەقدىر» (يەنى مەسىلە) گە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. «مەسىلە» بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەقدىرى. «مەسىلە» ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىش روھىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئەكسىچە «مەسىلە» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق بولسا دەل بىز دەۋاتقان چۈشكۈنلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسى بىۋاستە بولغان، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت. كاللىسىدا ئويلايدىغىنى پەقەت شۇلا. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىغىچە، ئوقۇغۇچىلاردىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىپادىسى پەقەتلا نەتىجىگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ؛ ئالىي مەكتەپتە بولسا ئوقۇغۇچىلاردىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىپادىسى «كۆپ پۇل تېپىش»نى كەسپىي نىشان قىلىۋېلىش بولىدۇ. ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى؟ ئەمەلىيەتتە بولسا، غايىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق نەگە كەتتى؟
ئەگەر ئوقۇغۇچى غايىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ قويسا، ئەگەر شۇ ئوقۇغۇچى غايىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىققا تولغان مەكتەپ مۇھىتى ئىچىدە تۇرسا، يەنىلا «شاۋ شانكنىڭ ئۆزىنىڭكىنى قايتۇرىۋېلىشى»غا ئوخشاش ئىش بولىدۇ.  قورقۇنۇچلۇق بولغىنى شۇكى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ئىلىمنى ئاساس قىلىش»نى يوقىتىپ قويۇشى دەل غايىگە بولغان قىزغىنلىقنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ھەر قايسى باھالاش تۈزۈملىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغاندا ئالىي مەكتەپتىكى قىزغىنلىق ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولىدۇ؛ ھەر خىل قائىدە-نىزاملار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغان قىيىن مەسىلىسىگە ئايلانغان ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپتىكى قىزغىنلىق ئوقۇتقۇچىلار سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار پەقەت نەتىجە ئۈچۈنلا ئۆگەنگەن ۋاقتىدا، ئالىي مەكتەپ پىل چىشى مۇنارىغا ئوخشاش سۇنۇپ چۈشىدۇ. بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش ئالىي مەكتەپ مەنىۋىيىتىنىڭ يىلتىزى؛ ئالىي مەكتەپنى پىل چىشى مۇنارىغا ئوخشىتىشىمىزدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ يەردە. «ياخشى» ئالىي مەكتەپ چوقۇم ئەخمەق بولۇشى كېرەك،  مۇشۇنداق ئالىي مەكتەپتە ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان كەيپىيات بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق ئالىي مەكتەپلا ئۆزگەرمەس ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىر توپ ئۆزگەرمەس ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئۇستىلىقنى ئۆگەنمىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدىن بىر توپ ھىيلە ئىشلەتمىگەنلىكىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئوقۇغۇچىلار يېتىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئۆزگەرمەسلىكلا ئاندىن ھەقىقىي مەنىۋە ئەنئەنىنى يېتىشتۈرىدۇ. مەنىۋى ئەنئەنە كونسېرۋاتىپ نەرسە، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتنىڭ مۇھتاج بولىدىغىنى دەل شۇنداق كونسېرۋاتىپ ئىدىيە، ھەققانىيەت، ئەركىنلىك، ئادىللىق، دوستلۇق ۋە ئىناقلىق شۇنداقلا مەردانىلىك قاتارلىق ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئۇلۇغۋار ئىدىيەگە بولغان ئىشەنچ، زىممىسىگە غايە ئۈستىدە ئىزچىل تىرىشىشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن. ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى؟ مۇشۇ سوئالنى سوراۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بۈگۈنكىدەك ئادەملەر ماشىنا، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان قورقۇنۇچلۇق دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدە قېلىشتىن قېلىشمايدۇ، چۈنكى ماشىنا، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى قوزغاتماق تولىمۇ قىيىن. ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالىغان ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئوقۇغۇچىلار، چۈنكى ئۇلار باشتىن ئاخىر كونسېرۋاتىپ ھالەتتە تۇرىدۇ. بىر قىز چەتئەللىك ئەر بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ چەتئەللىك كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا بەختلىك سانالمايدۇ؛ بىر ئەر كىشىمۇ ئۆز كەسپىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر كەسىپ بولۇپ قالغانلىقىدىن ئادىمىيلىكى ئابرويى يەرگە ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى ئەركىنلىك ۋە غورۇر، خۇددى بىر تۈپ دەرەخ تېخىمۇ ئېگىز ئۆسۈشى ئۈچۈن، يىلتىزى تېخىمۇ چوڭقۇر يەردىكى بۇلاق سۈيىگە مۇھتاج بولغىنىغا ئوخشايدۇ. 
بىر قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا، ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئافرىقىغا بېرىپ بىر يىل ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات پائالىيىتىگە قاتناشقۇسى بارلىقى، ئاندىن ئافرىقىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان پۇرسەتنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنداق ئوقۇغۇچى ياخشى ئوقۇغۇچى، چۈنكى ئۇ ئۆز ئارزۇسىغا سادىق بولالىغان، ئادىمىيلىكىگە سادىق بولالىغان.  يەنە بىر ئوقۇغۇچى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيتتى، كېيىن ئۆزىنىڭ بىناكارلىق كەسپىگە تېخىمۇ بەكرەك قىزىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇۋاتقان كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كەتتى. ئۆگەنگەنلىرىنىڭ يېڭى كەسىپنى تاماملاشقا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بايقىغاندا، تېخىمۇ تىرىشىدىغان گەپ. رەسىم سىزىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسە بولمايدۇ، تەتىلدە ياكى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا مەشىق قىلسا بولىدۇ؛ فىزىكا، ماتېماتىكا بىلىملىرى تازا يېتەرلىك ئەمەسكەن، ئۇنداقتا ھەر بىر سىكۇنت ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئۆگىنىش كېرەك. بىر نەچچە قېتىم  مەكتەپتە ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم، دائىم كۆزلىرى قىزارغان ھالەتتە بولۇپ، كېچىچە خىزمەت قىلدىم دەيتتى. ئۇ ھەممە يەرگە قاتراپ يۈردى، بارغانلا يېرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىنى ئۆگەندى، بۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش كەسپى ئۈچۈنلا ئەمەس ئىدى. ئۇ مەنىۋى جەھەتكىمۇ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى، تەيۋەنگە بېرىپ، بۇتخانىغا كىرىپ ئىستىقامەتتە ئولتۇردى، ئامېرىكىغا بېرىپ چېركاۋغا كىرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگەندى، شىزاڭغا بارغاندا تاغلىق رايوندا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ باقتى.  ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتمۇ تاپتى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،  ماسساچۇسىتىس تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى تاللىدى. مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇغۇچىلار نەگە كەتتى؟ ئۆزىگە، سوقراتنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆز يۈرىكىگە سادىق ياخشى ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا بۇنداق تۇتىيادەك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟ 

مەنبە: «جەنۇب ھەپتىلىكى» گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
تەربىيەدە سەۋرچانلىق ك

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار