شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
161 – نومۇرلۇق
‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى›› 2009 – يىل 23 – مارت ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم ، 2009 – يىل 1 – ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىس نۇر بەكرى
2009 – يىل 7 – ئاپرېل
1 – ماددا بۇ چارە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتلاش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش پارتلىتىش مەشغۇلاتى ۋە ئاممۇنىي نىترات سېتىش، سېتىۋېلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
3 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ساقلاشنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ساقلاشنى كۈندىلىك بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ج خ ئورگانلىرى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم جامائەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىۋېلىش، توشۇش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش ۋە ئۇنى ساقلاشنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش –باشقۇرۇش، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى، قاتناش ۋە تۆمۈريول، پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمە بويىچە، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار، ج خ ئورگانلىرى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش پرىنسىپىغا بىنائەن، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ۋە ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
4 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئورۇنلار ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلاردۇر، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز ئورنىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى بىرىنچى جاۋابكار بولۇپ، ئۆز ئورنىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.
5 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە ج خ ئورگانلىرى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ھەرىكەتچان قىلىشى كېرەك.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، سېتىش كارخانىلىرى ۋە پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇنلار پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم تۈرى، سانى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئەينەن خاتىرىلەپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
6 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تېخنولوگىيە ۋە يېڭى ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يەتكۈزۈش ۋە پارتلىتىش مەشغۇلاتىنى بىر گەۋدە قىلغان تىجارەت ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.
7 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى›› ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى›› ئالغان كارخانىلار ئاساسىي قۇرۇلۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماققا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتماس قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماق ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋېلىپ 20 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى ھەم تەكشۈرۈش پىكرىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.
8 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى››نى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى ئالغان ھەم سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملاتقاندىن كېيىن، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ؛ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
9 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمىغا ئاگاھ بەلگىسى ۋە تىزىملاش بەلگىسى سېلىشى ھەم كاپسۇلغا نومۇر سېلىشى كېرەك.
10 – ماددا نەق مەيداندا ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەشتە، مۇشۇ چارىنىڭ 7 – ۋە 8 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەش ئىجازەتنامىسى›› ۋە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىخەتەر ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ئېلىش ھەم مەشغۇلات قىلىشتىن ئون كۈن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماققا مەلۇم قىلىش كېرەك.
نەق مەيداندا ئارىلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىشلەنگەن پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى ئىشلىتىشتە، مۇشۇ چارىنىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ج خ ئورگىنى تارقاتقان ‹‹پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇن ئىجازەتنامىسى›› ئېلىش ھەم پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى ئىجازەتنامىگە يېزىلغان قۇرۇلۇش دائىرىسى ياكى مەشغۇلات رايونىدا ئىشلىتىش كېرەك.
11 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ساتقۇچى كارخانىلار ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماققا ئىلتىماس سۇنۇپ، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىش ئىجازەتنامىسى›› ئالغان ھەم سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملاتقاندىن كېيىن، سېتىش بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ؛ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ساتقۇچى كارخانىلاردىن شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرغانلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماققا ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىشى كېرەك؛ تىزىملاتمىغانلارنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
12 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىۋالىدىغانلىرى ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا سېتىۋېلىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى››نى قانۇن بويىچە ئېلىشى كېرەك.
13 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتا ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يەر تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش، بۆلەكلەر بويىچە تەمىنلەش››كە دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە رەسمىيەت ئۆتەپ، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىۋاسىتە سېتىش چارىسىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇش كېرەك.
14 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىش ۋە سېتىۋېلىشتا قارشى تەرەپنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە بېجىرگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئۆز ئارا تەكشۈرۈش كېرەك.
15 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى كارخانىلار سودىدا پۈتۈشۈپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ساتقان ۋە سېتىۋالغان تۈرى، سانى ھەم سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى ئورۇنلارنى ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماققا ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك )ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
16 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم مەخسۇس ئامبىرىنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىشتە، مۇناسىپ ساپاسى بار ئورۇنلار لايىھىلەش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىخەتەرلىك شارائىتىنى دەلىللەش ۋە بىخەتەرلىكىنى باھالاش كېرەك.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلىگۈچى، ساتقۇچى كارخانىلارنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم مەخسۇس ئامبىرى پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللەيدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم مەخسۇس ئامبىرىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك)ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەشكىللەيدۇ. مەخسۇس ئامبارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆلچەمگە توشقاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
17 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلىگۈچى، ساتقۇچى كارخانىلار ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى مەخسۇس ئامباردا ساقلىشى كېرەك. پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى باشقا بۇيۇم بىلەن بىللە قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
پارتلىتىش مەشغۇلاتى نەق مەيدانىدا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى قويۇپ تۇرۇشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك شەرتىنى ھازىرلاش ھەم مەخسۇس ئادەم باشقۇرۇش، قاراش كېرەك.
18 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم توشۇشتا، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇن شۇ مالنى ئاپىرىدىغان جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم توشۇش ئىجازەتنامىسى›› ئېلىشى كېرەك؛ توشۇش ھەرىكىتى ئىجازەتنامىگە يېزىلغان مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇن، ساتقۇچى كارخانا، توشۇغۇچى، بىر قېتىمدىلا توشۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش مۆھلىتى، توشۇلىدىغان ئورنى، توشۇش لىنىيىسى، ئارىلىقتا توختاش ئورنى شۇنىڭدەك پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنىڭ تۈرى ۋە سانىغا ماس كېلىشى كېرەك.
19 – ماددا يولدا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم توشۇشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك:
1) ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم توشۇش ئىجازەتنامىسى››نى بىللە ئېلىپ يۈرۈش؛
2) ئىجازەتنامىگە يېزىلغان تۈر، سان ھەم ۋاقىت، ئورۇن، لىنىيە بويىچە توشۇش؛
3) توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يول يۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئەسۋابى ياكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى ئورنىتىش؛
4) زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەم ئېلىپ ماڭغۇچى بەلگىلەش؛
5) پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم يوقاپ كەتسە، ئوغرىلانسا ياكى بۇلاپ كېتىلسە، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىش ھەم ئەھۋالنى شۇ ھامان شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش؛
6) قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچى بۇيۇمنى ئامباردىن مەشغۇلات ئورنىغا توشۇشتا، پارتلاشتىن ساقلىنىش ساندۇقى ياكى مەخسۇس توشۇش ماشىنىسى ئىشلىتىش كېرەك.
20 – ماددا پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇنلار ج خ ئورگىنى تارقاتقان ‹‹پارتلىتىش مەشغۇلات ئورنى ئىجازەتنامىسى››نى ئېلىشى كېرەك.
تىجارەتلىك پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇنلار ‹‹پارتلىتىش مەشغۇلات قىلغۇچى ئورۇن ئىجازەتنامىسى›› ئېلىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقاندىن كېيىن، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلسا بولىدۇ؛ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
21 – ماددا پارتلىتىش مەشغۇلات قىلغۇچى ئورۇنلار پارتلىتىش مەشغۇلات تۈرىنى ساپا دەرىجىسى بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى ھەم دۆلەت بەلگىلىگەن دەرسلىك ۋە مەزمۇنى بويىچە ئۆز ئورنىدىكى پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچىلار، بىخەتەرلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە ئامبار باشقۇرغۇچىلارنى كەسىپ – تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىشى؛ پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچىلار ج خ ئورگىنى تارقاتقان ‹‹پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچىلار ئىجازەتنامىسى››نى قانۇن بويىچە ئېلىپ، ساپا دەرىجىسى بويىچە پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشى كېرەك.
ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت) ھالقىپ پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشتا، پارتلىتىش مەشغۇلات تۈرىگە ئالاقىدار ئەھۋالنى پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇندىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش ھەم ج خ ئورگىنىنىڭ تەلىپى بويىچە پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش كېرەك.
22 – ماددا پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىشتا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك:
(1) ئالغان، تارقاتقان، قايتۇرغان پۇقراۋى پارتلىتىش بۇيۇمنىڭ تۈرى، سانى، نومۇرى شۇنىڭدەك ئالغان، تارقاتقان كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە ئالغان، تارقاتقان، قايتۇرغان ۋاقتىنى ئەينەن خاتىرىلەش ھەم خاتىرىنى ئىككى يىل ساقلاش؛
(2) پارتلىتىش بىخەتەرلىكى مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، مەخسۇس كىشى قوماندانلىق قىلىش؛
(3) خەتەرلىك رايون چېگرىسىغا ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش، ئاگاھلاندۇرغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم پارتلىتىشتىن بۇرۇن سىگنال بېرىش؛
(4) پارتلاتقۇچ بۇيۇم ۋە قۇرۇلما ئورنىتىشتا، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مەشغۇلات قىلىش؛
(5) پارتلىتىش مەشغۇلاتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، پارتلىمىغان پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئېلىۋېتىلىپ، بىخەتەرلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاگاھلاندۇرۇشنى بىكار قىلىش؛
(6) قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن قوللىنىشقا تېگىشلىك باشقا تەدبىرلەر.
23 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سۈپىتى ئۆزگەرگەن ياكى كۈچىدىن قالغان بولسا، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلىگۈچى، ساتقۇچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، تىزىملاپ، كۆيدۈرۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماققا ۋە ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلىگۈچى ۋە ساتقۇچى ئورۇنلار پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى كۆيدۈرمەكچى بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماق نازارەت قىلىدۇ؛ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى كۆيدۈرمەكچى بولسا، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ. ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە يىغىۋالغان پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى كۆيدۈرۈشكە يىغىۋالغان ج خ ئورگىنى مەسئۇل بولىدۇ.
24 – ماددا ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەش ئىجازەتنامىسى››، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىش ئىجازەتنامىسى››، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى››، ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم توشۇش ئىجازەتنامىسى››، ‹‹پارتلىتىش مەشغۇلات قىلغۇچى ئورۇن ئىجازەتنامىسى›› ۋە ‹‹پارتلىتىش مەشغۇلاتچىلىرى ئىجازەتنامىسى››نى ئۆزگەرتىش، ئېلىش – سېتىش، ئىجارە بېرىش، ئارىيەت بېرىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
25 – ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە ج خ ئورگانلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەش، سېتىش، سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلغۇچى ئورۇنلارنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ پاش قىلىشتا تۆھپە قوشقانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار مۇكاپاتلىشى كېرەك.
26 – ماددا بۇ چارىنىڭ 11 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇغۇچى تارماق قانۇنسىز سېتىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز ساتقان پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
27 – ماددا بۇ چارىنىڭ 24 – ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلارغا، ئاپتونوم رايونلۇق پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماق ۋە ج خ ئورگىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
28 – ماددا پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم باشقۇرغۇچى تارماقلار، ج خ ئورگانلىرى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
1) قانۇن بويىچە ئىجازەتنامە بېجىرمىگەنلەر؛
2) پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغانلار؛
3) ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق باشقا قىلمىشلار.
29 – ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا، جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇم بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزام، قائىدىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
30 – ماددا بۇ چارە 2009 – يىل 1 – ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]