(2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(7 – نومۇرلۇق)
‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.
2008 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ چارە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى›› نى يولغا قويۇش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى شەھەر، بازار، يېزا، كەنت ۋە شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى رايونى سىرتىدىكى چېگرا پورتى ۋە سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يىرىك پىلان رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىشتا بۇ چارىگە رىئايە قىلىشى شەرت.
3 – ماددا شەھەر، بازارلار شەھەر يىرىك پىلانى، بازار يىرىك پىلانى تۈزۈشى، يىرىك پىلان رايونىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيىتى يىرىك پىلاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
چېگرا پورتى، سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى چېگرا پورتى يىرىك پىلانى، سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى، يىرىك پىلان رايونىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى يىرىك پىلاننىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تېگىشلىك رايونلارنى قانۇن بويىچە بېكىتىشى، بېكىتىلگەن رايوندىكى يېزا، كەنتلەر مۇشۇ چارە بويىچە يىرىك پىلاننى تۈزۈشى، يىرىك پىلان رايونىدىكى يېزا، كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى يىرىك پىلاندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن قىلىشى كېرەك.
يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانىدا يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە يېزا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ.
5 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، نامرات جايلارنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىراجىتى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىلىدۇ.
6 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلانغان شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك.
7 – ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ھەمدە ئېلان قىلىنغان شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىشى، يىرىك پىلاننى باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى كېرەك. ئۇلار ئالاقىدار يىرىك پىلاننى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىرىك پىلان مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
2 – باب شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش
8 – ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر، بازار، چېگرا پورتى، سانائەت – كان رايونلىرى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى ۋە رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى قويىدۇ.
ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر رايون خاراكتېرلىك شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا قاراپ، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.
9 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزىلارنى بىر تۇتاش تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى، شەھەر، بازارلارنىڭ ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى، كۆلىمىنى تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە مەجبۇرلاش مەزمۇنى بولۇشى، رايونلارنىڭ چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى جايلاشتۇرۇش تەلىپى، بايلىق ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مۇھاپىزەت رايونىنىڭ يىرىك پىلان تەلىپى شۇنىڭدەك تۆۋەن دەرىجىلىك شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك.
رايون خاراكتېرلىك شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە شەھەر، بازارلارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈشتە ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
10 – ماددا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشكىللەپ تۈزگەن قاتناش، سۇچىلىق، ئوت مۇداپىئەسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تېلېگراف، پوچتا، ئېنېرگىيە، ئورمانچىلىق، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش جەھەتتىكى ماكان بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا چېتىلىدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون خاراكتېرلىك شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى ۋە رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانغا ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك شەھەر، بازارلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون خاراكتېرلىك شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان، شەھەر، بازار ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن، مۇھىت تەسىرىنى قانۇن بويىچە باھالىتىش كېرەك.
11 – ماددا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىلىدۇ. رايون بار شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ. باشقا شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىلىدۇ.
ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تەستىقلايدۇ.
12 – ماددا شەھەر پىلانى بويىچە قۇرۇلغان رايوندىكى بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانى، يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانىنى ئايرىم تۈزۈشكە بولمايدۇ، ئۇ، شەھەر يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ.
شەھەر يىرىك پىلانىدا تىزگىنلىنىدىغان رايون چېتىدىكى بازار، يېزا، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بازارلىق، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى شەھەرنىڭ يىرىك پىلانى بويىچە تۈزىدۇ.
يېزىلىق – بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ تۈزگەن يېزا يىرىك پىلانى، كەنت يىرىك پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش كېرەك.
13 – ماددا شەھەرنىڭ ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىم كوچا، مۇھىم مەنزىرە رايونى، مەيدان، باغچا، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى يېرى، شەھەر، بازارنىڭ ئاساسلىق كىرىش – چىقىش ئېغىزى، جامائەت ئەسلىھەلىرى يېرى شۇنىڭدەك باشقا مۇھىم بۆلەكلەرنى قۇرۇش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزسە بولىدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇندىن قۇرۇش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى تۈزگەندە، شەھەرنىڭ ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى بويىچە يىرىك پىلان شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
14 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى رايونى سىرتىدىكى چېگرا پورتى، سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ۋە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ.
چېگرا پورتىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ، تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.
سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى سانائەت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلايدۇ؛ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان قاراشلىق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ، قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورگان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارمىقى بولسا، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ.
15 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى، رايونلارنىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ۋە شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق بازارنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا يوللاشتىن ئاۋۋال شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىشى كېرەك، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.
بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ تۈزگەن بازار ئومۇمىي پىلانىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىشى كېرەك، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.
يىرىك پىلاننى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىتىشتا شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ياكى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە پىلاننى قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماتېرىيالنىمۇ يوللىشى كېرەك.
16 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگانلاردىن شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى تۈزۈشنى ھاۋالە قىلىدىغانلىرى لايىھىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە خېرىدار چاقىرىش ياكى باشقا رىقابەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تاللىشى كېرەك.
17 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگۈچى ئورۇن شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى تۈزۈشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى تۈزۈشكە دائىر ئۆلچەم، قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى، بىر دەرىجە يۇقىرى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.
18 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەققى ئېلىشتا، ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلىدۇ. يىرىك پىلان تۈزگۈچى ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسىنىڭ بەلگىلەنگەن پەرق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈشى ياكى تۆۋەنلىتىشىگە؛ يىرىك پىلان تۈزۈش ئىشىنى ناتوغرا رىقابەت ئۇسۇلى بىلەن ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
19 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ياكى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىپ، يىرىك پىلان لايىھىسىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرتۈشى كېرەك.
20 – ماددا تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈشتە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى تۈزۈش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ:
(1) شەھەر ئومۇمىي پىلانى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلانلاردىكى تەلەپكە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن بولغان، ئىشلىتىلىش ئورنى ئوخشاش بولمىغان يەرنىڭ چېگرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلگەن بولۇش، ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل يەردىكى قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋاپىق بولغان – بولمىغانلىقى ياكى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىمارەت تۈرىنىڭ شۇ جاينىڭ شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى، ئەسقاتىدىغان – ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بېكىتىش؛
(2) قۇرۇلۇش يېرى، ئىمارەتنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە كۆكەرتىلگەن يەر نىسبىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان بولۇش، تېرىلغۇ يەر، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت، بايلىق، تەبىئىي ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارلىق رايونلار قوغدىلىپ، بايلىق، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇش؛
(3) يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئەنئەنىۋى قىياپەت ساقلانغان بولۇش؛
(4) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىرىك پىلان ئۆلچىمى، قائىدىسى ۋە مەجبۇرلاش مەزمۇنىغا، رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش، پاناھلىنىش سورۇنى ۋە جامائەت تازىلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولغان بولۇش.
21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى سۈرۈك ئىچىدە باھالىشى كېرەك:
(1) ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان يىرىك پىلان تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى سەككىز يىل ئىچىدە؛
(2) شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۆت يىل ئىچىدە.
22 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلانغان شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى مۇقىم سورۇن ئاجرىتىپ جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك؛ شەھەرنىڭ، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى ياكى بازارلىق، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يىرىك پىلان رايونىدا ۋە قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئېلان تاختىسى ئورنىتىپ، قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى، قۇرۇلۇش لايىھىسى ۋە ئومۇمىي تەكشىلىك ئىسخېمىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
3 – باب شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزىتىش
23 – ماددا شەھەر، بازار ئومۇمىي پىلانلىرىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى ۋە رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىنى قانۇن بويىچە تەڭشەش ياكى تۈزىتىش كېرەك.
24 – ماددا تەستىقلانغان شەھەر، بازار يىرىك پىلانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۈزىتىشكە بولمايدۇ؛ ئاپتونوم رايون تەستىقلىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى، مەمۇرىي رايونغا ئايرىلىشىنى تەڭشەش شۇنىڭدەك باھالاش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۈزىتىشكە توغرا كەلگەنلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشۇشى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە تۈزىتىلىشى شەرت. شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىشتىن بۇرۇن مۇشۇ چارىنىڭ 15 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.
25 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولۇپ قالسا، ئۇنى تۈزىتىش ئىناۋەتسىز:
(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈزىتىش شەرتىگە توشمىسا؛
(2) تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، تەستىقلاش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا؛
(3) شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايونلارنىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى، رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان ۋە شەھەر ئومۇمىي پىلانىدا ئەسلىي يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى خۇلاسىلەنمىگەن ھەمدە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا دوكلات قىلمىغان، شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش مەزمۇنى ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا مەخسۇس دوكلات قىلىنمىغان ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا؛
(4) تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى تۈزىتىشتە دەلىللىمىگەن، يىرىك پىلان بۆلىكىدىكى مەنپەئەتدارلاردىن پىكىر ئالمىغان، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا مەخسۇس دوكلات قىلمىغان ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ياكى ئومۇمىي پىلاننى شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش مەزمۇنى بويىچە تۈزەتمىگەن بولسا.
4 – باب شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش
26 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيىلىك، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر ئومۇمىي پىلانى، بازار ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، يىللىق پىلان شۇنىڭدەك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، ئومۇمىي پىلاننى تەكشۈرگۈچى ۋە تەستىقلىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
27 – ماددا يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ئەنگە ئالغۇچى ئورگان يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك:
(1) شەھەر، بازار ئومۇمىي پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى ۋە يىللىق پىلان شۇنىڭدەك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە، بەش يىللىق قۇرۇلۇش تەرەققىيات ۋاقىت تەرتىپى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛
(2) ئۇل ئەسلىھەلەر، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈرلىرىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇش؛
(3) بېكىتىلگەن يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش تۈرى، چېقىش – كۆچۈرۈش دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش؛
(4) تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە كوچا، مەھەللە، ئىمارەت ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك، ئەنئەنىۋى قىياپەتنى قوغداش.
ئەنگە ئالىدىغان يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئەنگە ئالغان ئورگان تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزگۈچى ئورگاندىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
28 – ماددا قۇرۇلۇش ئورنى تاللاشتا، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا، بېكىتىلگەن يەر ئىشلىتىش خاراكتېرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، يەر ئېچىش سىجىللىقىنى تىزگىنلەپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، پوچتا، ئېنېرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى، ئاپەت مۇداپىئە يىرىك پىلانى، تۇرالغۇ رايونى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلارغا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى سىرتىدىن ئورۇن تاللاشقا توغرا كەلسە، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەلىللەشنى تەشكىللەيدۇ، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگۈچى ئورۇنغا ئورۇن تاللاشنى دەلىللەش دوكلاتى تەييارلاشنى ھاۋالە قىلىپ، قۇرۇلۇشقا ئورۇن تاللاش پىكرىنى تۈزۈلگەن ياكى تۈزىتىلگەن يىرىك پىلان بىلەن بىللە تەستىقلىغۇچى ئورگانغا يوللايدۇ.
29 – ماددا دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:
(1) تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ رۇخسەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان قۇرۇلۇشلار ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلاش ۋە تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، تەستىقلىغۇچى ۋە تەكشۈرگۈچى تارماق بىلەن تەڭ دەرىجىلىك شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛
(2) ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان قۇرۇلۇشلار ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگە ئالغان تارماق بىلەن تەڭ دەرىجىلىك شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ؛
(3) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەستىقلايدىغان، تەكشۈرىدىغان ياكى ئەنگە ئالىدىغان شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان رايوندىكى قۇرۇلۇشلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ.
دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن قۇرۇلۇشلاردا شۇ جايدىكى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پىلانلاش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇنىڭدا ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى ئېلىنمايدۇ.
30 – ماددا ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسى ئېلىشتا، تۈرنىڭ نامى، خاراكتېرى، يەر، قۇرۇلۇش كۆلىمى، سۇ، ئېنېرگىيە ئېھتىياج مىقدارى، توشۇش ئۇسۇلى، توشۇش مىقدارى، كېرەكسىز گاز، داشقال، كېرەكسىز سۇ چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى شۇنىڭدەك بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدىغانلىرىدا، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە يەر شەكلى خەرىتىسىنىمۇ قوشۇمچە قىلىشى كېرەك.
31 – ماددا دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئايرىپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنى ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلىغان، تەكشۈرگەن ياكى ئەنگە ئالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايدىكى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى؛ دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقلىق بېرىلىشتىن بۇرۇن، شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىغا ئاساسەن، پىلانلاش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
32 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالغۇچىغا پىلانلاش شەرتى قويۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىق تەلەپ قىلىشى كېرەك:
(1) ھەقلىق بېرىلگەن يەرنىڭ ئورنى، ئىشلىتىش خاراكتېرى ۋە دائىرىسى؛
(2) يەر ئىشلىتىش سىجىللىقى ئاساسلىقى سىغىمچانلىقى، ئىمارەتنىڭ زىچلىقى ۋە ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى؛
(3) پاناھلىنىش سورۇنى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى بولۇش؛
(4) ئىمارەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، يېشىلزارلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياساش، قاتناش كىرىش – چىقىش ئېغىزى، ئاپتوموبىل توختالغۇسى، گاراژ ۋە ئۆي – زېمىن خوجىلىق مۇلازىمەتخانىسى قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنى بېكىتىش؛
(5) ئۆي – زېمىن تەرەققىيات تۈرلىرىگە قويۇلغان كاپالەت ئۆي قۇرۇلۇشى تەلىپى؛
(6) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار ۋە ئالاقىدار قائىدە، ئۆلچەملەردىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى.
شەھەر، بازار ئومۇمىي پىلانىدا قۇرۇلۇشقا چەك قويۇلغان رايوندىكى قۇرۇلۇشلار، يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەرگەن ئورۇن تاللاش پىكىرنامىسىدىكى قۇرۇلۇشلار شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن چەكتىن ئارتۇق قۇرۇلۇشلارنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتى بېرىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.
33 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ سىغىمچانلىق، ئىمارەت زىچلىقى ۋە ئىمارەت ئېگىزلىكى قاتارلىق يىرىك پىلان شەرتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئالاھىدە ئېھتىياج بىلەن تەڭشەيدىغانلىرى ئۆزگەرتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆزگەرتىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشى، قۇرۇلۇشقا چېتىشلىق رايوندىكى مەنپەئەتدارلار ۋە شۇ يەرنى رىقابەتلىشىپ سېتىۋالغۇچىلارغا يىغىنغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۆزگەرتىش قارارىدىن قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىغان ئورگاننى خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك.
قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ھەقلىق بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن پىلانلاش شەرتىنى ئۆزگەرتىش قانۇن بويىچە تەستىقلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قايتىدىن ھەقلىق بېرىدۇ، قايتىدىن ھەقلىق بەرگىلى بولمىسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن كۆپەيتىلگەن ھەجىمىدىن ئاز بولمىغان قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە يەرنى ھەقلىق بېرىش ھەققى ئالىدۇ. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ھەقنى بەلگىلەنگەن سۈرۈكتە تۆلىمىسە، قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىغان ئورگان قايتۇرۇۋالىدۇ.
34 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن شەھەر، بازار پىلانلانغان رايوندا ئىمارەت سالىدىغان، قۇرۇلما، يول، تۇرۇبا ياسايدىغان ۋە باشقا قۇرۇلۇش قىلىدىغانلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى بېكىتىلىدىغان بازارلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) مۇستەقىل بازار بولۇش ياكى شەھەر يىرىك پىلانى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان رايون چېتىگە جايلاشقان بازار بولۇش؛
(2) بازار ئومۇمىي پىلانى ۋە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە تەستىقلىغان بولۇش؛
(3) يىرىك پىلاننى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى مەخسۇس يىرىك پىلان باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش.
قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ئىجازەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى بېكىتىلىدىغان بازارلارنىڭ تىزىملىكىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوبلاستلىق (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىشىگە يوللايدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
35 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتى ئېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشتا، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك:
(1) قۇرۇلۇشنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، ئۆلچىمى، ھەجىمى، شەكلى، ئېگىزلىكى، يۆنىلىشى، ئارىلىقى، زىچلىقى، سىغىمى، رەڭگى ۋە ئۇسلۇبى قاتارلىقلار؛
(2) تۇرۇبا يوللىرىنىڭ يۆنىلىشى، كوئوردىناتى ۋە ئۆلچىمى، يولنىڭ كەڭلىكى، دەرىجىسى، كېسىشىش ئېغىزى بىلەن توغرا كەسمە يۈز لايىھىسى، قوشۇمچە ئەسلىھە قاتارلىقلار؛
(3) تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ خاراكتېرى، كەسمە يۈزى، يۆنىلىشى، كوئوردىناتى، ئۆلچىمى، كۆمۈلۈشى، ئېگىزلىكى ياكى كۆمۈش چوڭقۇرلۇقى ۋە تۇرۇبا لىنىيىسى ئارىلىقىدىكى تىك ئارىلىق، كېسىشىش نۇقتىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار؛
(4) پاناھلىنىش سورۇنى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە كاپالەت تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تەلىپى، ئاپتوموبىل توختالغۇسى، گاراژ شۇنىڭدەك جامائەت سورۇنى، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە ئۆي – زېمىن خوجىلىق مۇلازىمەتخانىسى جەھەتتىكى تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى؛
(5) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردىكى باشقا بەلگىلىمىلەر ۋە ئالاقىدار قائىدە، ئۆلچەمدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى.
36 – ماددا لايىھە تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ۋە پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى لايىھىلەشنى ھاۋالە قىلىدۇ. شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىغا ۋە پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرسە، قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ.
37 – ماددا يېزا، كەنت پىلانلانغان رايوندا يېزا – بازار كارخانىسى، يېزا – كەنت جامائەت ئەسلىھەسى قۇرۇش ۋە جامائەت پاراۋانلىقى قۇرۇلۇشتا شۇنىڭدەك يېزا، كەنت ئاھالىلىرى ئەسلىدىكى ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىدۇ، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر – يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللاپ، يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ.
38 – ماددا يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
(1) يېزا، كەنت يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى دائىرىسىدە بولۇش، يېزا يىرىك پىلانى ۋە كەنت يىرىك پىلانىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش؛
(2) يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، يېزا ئىگىلىك يېرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش تەستىق رەسمىيىتىنى بېجىرىش؛
(3) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
39 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغان يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ:
(1) يېزا، كەنت يىرىك پىلانى قانۇن بويىچە تەستىقلانغان؛
(2) يېزا – بازار قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى يېزا – بازار قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس باشقۇرغۇچىلىرى بولغان.
40 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر بىناكارلىق – قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ۋە يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش قىلدۇرۇشى كېرەك. قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگان قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۆزگەرتىشنى ئەسلىي لايىھىلىگەن ئورۇنغا ھاۋالە قىلىش كېرەك.
شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى، قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتىدە بېكىتىلگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
41 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن شەھەر، بازار پىلانلانغان رايوندا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، ۋاقىتلىق يەر ئىگىلەپ ئاددىي ئىمارەت سالىدىغان، قۇرۇلما ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى ياسايدىغانلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ئىجازەت ئىلتىماسى سۇنۇشى لازىم. ۋاقىتلىق ئىمارەتنى مەڭگۈلۈك ئىمارەتكە ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسىنىڭ نۇسخىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.
42 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنىڭ شەرتى، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى شۇنىڭدەك ئىشلىتىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۆزى چېقىشتىكى قانۇن مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشى، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن يازما ۋەدە ئېلىشى كېرەك.
43 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارغا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بەرسە بولمايدۇ:
(1) شەھەر، بازارنىڭ تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى بولمىغانلار؛
(2) تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ياكى يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشقا شۇنىڭدەك قاتناش، شەھەر قىياپىتى ۋە بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
(3) ۋاقىتلىق ئىشلىتىلگەن يەرگە مۇرەككەپ ئىمارەت سالغان، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى ياسىغانلار؛
(4) ۋاقىتلىق قۇرۇش نامى بىلەن، تۇرالغۇ ياكى سودا – سانائەت، ئىسكىلات، يېمەك – ئىچمەك ۋە باقمىچىلىق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى قىلىدىغان ئىمارەت سالغان، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەرنى ياسىغانلار؛
(5) قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردە ئىجازەت بېرىلمەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
44 – ماددا ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتى ئارقىلىق تەسىقلانغان ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئىشلىتىلىش مۇددىتى توشۇشتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش لازىم. شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە مۇددەتنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىش – قىلماسلىق ھەققىدە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىشى لازىم.
شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىدا بېكىتىلگەن ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
45 – ماددا شەھەر، يېزا پىلانلانغان رايون سىرتىدىكى چېگرا پورتى، زاۋۇت – كان رايونى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى قاتارلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا چېگرا پورتى، زاۋۇت، كان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدان – رايونلىرى ئۆزىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدا يىرىك پىلاننى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرىدۇ.
46 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇرۇلۇشنىڭ جايلىشىشى، ياسىلىشى، ئىشلىتىلىش خاراكتېرى، يانداش ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازىتى ۋە قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى، چېقىۋېتىشكە تېگىشلىك ئۆي ۋە ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ چېقىۋېتىلگەن ياكى چېقىۋېتىلمىگەنلىكىنى ئېنىقلىشى كېرەك. پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن قۇرۇلۇش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى بېرىشى؛ پىلانلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، قايتا ئېنىقلىشى كېرەك.
قۇرۇلۇش پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى ئالالمىغانلارنىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇشىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئەنگە ئالسا بولمايدۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلار كۆچمەس مۈلۈكنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىسا بولمايدۇ.
47 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە، ئىلتىماس قىلىنغان ئىشنىڭ باشقىلارنىڭ زور مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىلگىرى ئېلان قىلغان تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ۋە قۇرۇش تەپسىلىي پىلانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىسا، قۇرۇلۇش چېتىلىدىغان رايوندا ئېلان چىقىرىشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بولىدۇ، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە مەنپەئەتدارلار ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، ئىسپات ئاڭلاشنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى لازىم.
48 – ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قۇرۇلۇش قىلدۇرۇشى ۋە نازارەت قىلىشى؛ چارلاپ لايىھىلىگۈچى ئورۇنلار پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چارلاپ لايىھىلىشى شەرت. قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش ۋە بېكىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان قۇرۇلۇشلاردا، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ۋە قۇرۇلۇش تەستىقلىغۇچى، بېكىتكۈچى ئورگان پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇرۇلۇشنى تەستىقلاش ۋە بېكىتىش ھەققىدە قارار چىقىرىشى شەرت.
49 – ماددا ئۆلچىگۈچى ئورۇنلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەشكە دائىر تېخنىكا قائىدىسى ۋە پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇرۇلۇش لايىھىلىشى ۋە قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئۆلچەپ سىزىشى ھەمدە نەتىجىسىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
50 – ماددا ئۆي ئىشلەتكۈچىلەر ئۆينى پىلانلاش ئىجازىتىدىكى ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى، ئۆزگەرتىدىغانلىرى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش، يەر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك. شەھەر ئۆيلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ. يېزا ئۆيلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
51 – ماددا ھەر خىل تەرەققىيات رايونلىرى ۋە شەھەر يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا، ھازىرقى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىدىن تولۇق پايدىلىنىش، شەھەر، بازار ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى دائىرىسىدىن سىرت، تەرەققىيات رايونلىرى ۋە شەھەر يېڭى رايونى قۇرماسلىق كېرەك؛ ئىلگىرى قۇرۇلۇپ بولغانلىرىنىڭ شەھەر، بازار ئومۇمىي پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، قۇرۇلۇش يېرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش لازىم.
5 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
52 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش، تۈزىتىش، يولغا قويۇش جەھەتتىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى نازارەتچىسى ئەۋەتىش ئۇسۇلى قاتارلىق باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
53 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
54 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىرىك پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزگەنلىكى ياكى يولغا قويغانلىقىنى بايقىسا، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شەھەر، بازار پىلانلاش مەسئۇل تارمىقىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.
55 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن شەھەر، يېزا پىلانلاش ئىجازىتىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە توسمىغان ياكى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك.
6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
56 – ماددا ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شەھەر – يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:
(1) بۇ چارىدە بېكىتىلگەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛
(2) شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان، ئەنگە ئالغۇچى ئورگاننىڭ ئەنگە ئېلىشنى تەكشۈرۈش پىكرى بويىچە تۈزەتمىگەنلەر؛
(3) شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىغا خىلاپ ھالدا تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلار؛
(4) شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەستىقلاش ۋە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ھوقۇقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۆۋەنگە بەرگەنلەر؛
(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، پىلانلاش ئىجازىتىنى ئۆزگەرتىش قارارى چىقارغانلار؛
(6) مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشنى تەستىقلىغانلار؛
(7) يىرىك پىلان ئېتىراپ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن قۇرۇلۇشلارغا پۈتكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنماي تۇرۇپ قۇرۇلۇش ھۆججىتى بەرگەنلەر.
57 – ماددا قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالماي ياكى قۇرۇلۇش پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي قۇرۇلۇش قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان تەسىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۈزەتكۈزىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ %5 ىدىن يۇقىرى، %10 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىپمۇ تەسىرنى تۈگىتەلمەيدىغانلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە چېقىۋېتىدۇ، بولمىسا، شۇ قۇرۇلۇشنى ياكى قانۇنغا خىلاپ كىرىمنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنىڭ %10 ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
58 – ماددا قۇرۇلۇش چارلىغۇچى لايىھىلىگۈچى ئورۇنلار ۋە قۇرۇلۇش چېرتيوژ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتلاردىن شەھەر، يېزا پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ياكى شەھەر، يېزا پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى لايىھىلىگەن، قۇرۇلۇش چېرتيوژى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ھۆججىتى بەرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، توختامدا پۈتۈشكەن چارلاش ھەققى، لايىھىلەش ھەققى، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغان چارلىغۇچى، لايىھىلىگۈچى ئورۇنلارنى ساپانامە بەرگەن ئورگان ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساپا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بېكىتكۈچى ئورگان قۇرۇلۇش چېرتيوژى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ؛ زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
59 – ماددا ئۆلچەش – سىزىش ئورۇنلىرىدىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەشكە دائىر تېخنىكا قائىدىسى ۋە پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، پۈتۈشكەن ئۆلچەش – سىزىش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپا دەرىجىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ.
60 – ماددا پۈتكەنلىك ئېتىراپ ھۆججىتى ئالمىغانلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قۇرۇلۇش پۈتۈش باھاسىنىڭ %4 — %2 بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئەنگە ئالغان، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملىغان بولسا، ئەنگە ئالغۇچى، تىزىملىغۇچى ئورگان بىكار قىلىدۇ.
61 – ماددا شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى مەمۇرىي مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش ۋە ۋاقىتلىق ئىمارەتنى توختىتىش ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە چېقىۋېتىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلاردىن قۇرۇلۇشنى توختاتمىغان ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە چاقمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى پېچەتلەش، قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇش ۋە ۋاقىتلىق ئىمارەتنى مەجبۇرىي چېقىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ. مەجبۇرىي چېقىش خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپ قىلغان قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخس چىقىرىدۇ.
62 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
63 – ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1) شەھەر (بازار) ئومۇمىي پىلانى: بۇ، مەلۇم مەزگىلدە، شەھەر (بازار) نىڭ خاراكتېرى، تەرەققىيات نىشانى، تەرەققىيات كۆلىمى، يەردىن پايدىلىنىش، ماكان جەھەتتىن جايلىشىش شۇنىڭدەك قۇرۇلۇشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر (بازار) ئومۇمىي پىلانىنىڭ مۇددىتى ئادەتتە 20 يىل بولىدۇ. (2) ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى: بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى، ماكان بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماكان جەھەتتە جايلىشىشىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.
(3) رايون خاراكتېرلىك شەھەر، يېزا سىستېمىسى يىرىك پىلانى: بۇ، ئاپتونوم ئوبلاست، ۋىلايەت (شەھەر) دائىرىسىدە شەھەر، يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى، ماكان بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماكان جەھەتتە جايلىشىشىنى ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلىشىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.
(4) رايون ھالقىيدىغان مەخسۇس يىرىك پىلان: بۇ، بىر دەرىجە تۆۋەن مەمۇرىي بىرلىك ھالقىغان دائىرىدە، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ماكان بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش مەقسىتىدە، رايونلاردىكى شەھەر، بازار مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىرىك پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.
(5) يېقىن مەزگىللىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى: بۇ، شەھەر (بازار) ئومۇمىي پىلانىدا قىسقا مۇددەتلىك قۇرۇلۇش نىشانى، تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇلۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
(6) تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى: بۇ، شەھەر (بازار) ئومۇمىي پىلانىنى ئاساس قىلىپ، قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يەر ئىشلىتىش خاراكتېرى ۋە سىجىللىقىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى، يول ۋە قۇرۇلۇش تۇرۇبا لىنىيىسى تىزگىنلەش ئورنى، شۇنىڭدەك ماكان مۇھىتىنى تىزگىنلەش يىرىك پىلان تەلىپىنى كۆرسىتىدۇ.
(7) قۇرۇش تەپسىلىي پىلانى: بۇ، تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانى ئاساس قىلىپ تۈزۈلىدىغان، ئىمارەت ۋە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى لايىھىلەش، سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىلان لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ.
(8) شەھەر، يېزا يىرىك پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنى قۇرۇلۇشقا چەك قويۇلغان رايون، قۇرۇش مەنئى قىلىنغان رايوننى ئايرىش پرىنسىپى ۋە باشقۇرۇش تەلىپى؛ مۇھىم بايلىق ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش نىشانى؛ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە رايون خاراكتېرلىك چوڭ – چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنى رايوننىڭ شەھەر، بازار يىرىك پىلانىنىڭ مەجبۇرلاش مەزمۇنى قىلىش كېرەك.
(9) شەھەر ئومۇمىي پىلانى ۋە بازار ئومۇمىي پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى: بۇ، شەھەر، بازار پىلانلانغان رايوننىڭ دائىرىسى، تەرەققىيات كۆلىمى، يەر ئىشلىتىش جەھەتتىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرنى؛ داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، سۇلۇق يەر، سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى ۋە سۇ سىستېمىسى قاتارلىق ئېكولوگىيىسى نازۇك رايون، ئاساسىي ئېتىز – ئېرىق، يەر ئاستى قېزىلما بايلىقى جايلاشقان رايون قاتارلىق شەھەر، بازار دائىرىسىدە قاتتىق تىزگىنلىنىدىغان رايونلارنى؛ يېشىلزارلىقنىڭ جايلىشىشى؛ شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى يېرىنىڭ جايلىشىشى؛ تەبىئەت ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، شەھەر، بازاردا ئاپەتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(10) شەھەر، بازار تىزگىنلەش تەپسىلىي پىلانىدىكى مەجبۇرلاش مەزمۇنى پىلانلانغان بۆلەكتىكى يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، سىغىمچانلىقى، ئىمارەتنىڭ ئېگىزلىكى، زىچلىقى، كۆكەرتىش نىسبىتى، جامائەت يېشىلزارلىق كۆلىمى، پىلانلانغان بۆلەكتىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ياساش ھەققىدىكى بەلگىلىمە شۇنىڭدەك تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە كوچا – مەھەللە، ئىمارەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان بۆلىكىدە قۇرۇلۇش قىلىشنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
64 – ماددا بۇ چارە 2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر پىلانلاش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى›› بىكار قىلىنىدۇ.
(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن، نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]