خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئامانلىق ساقلاش تۈزۈمى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:32

 
xxxمەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش تۈزۈمى
 
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىناق جەميەت قۇرۇش چاقىرقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇش مۇقىملىق،بىخەتەرلىكنى  ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تىنىچ -ئامان  مەكتەپ بەرپا قىلىپ مەكتەپتە خاتىرجەم ظو-ئوقۇتۇش موھىىتى يارىتىش مەقسىتىدە مەزكۇر قائىدە تۈزۈم تۈزۈپ چىقىلدى. مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچى مەزكۇر قائىدە تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ ئۆزمەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلىپ دىجۈرنلىك نۆۋىتى كەلگەندە مەكتەپنى ئۆزئائىلىسىدەك قوغدىشى ،مەكتەپنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىكىنى ،مال مۈلكىنى كۆزقارىچۇغىدەك ئاسىرىشى ،ئوغۇرلۇق ۋەقەسى يۈبىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەميەتتكى يامان نىيەتلىك كىشلەرنىڭ مەكتەپكە بۇزغۇنچىلىق خارەكتىردىكى ھەرىكەتلەرنى ئىلىپ بىرشقا يول قويماسلىقى لازىم. مەكتەپ بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسى.مەكتەپ ئامانلىقىنىڭ ياخشى بولىشى، شۇ مەكتەپنىڭ پۈتكۈل خىزمەتلىرىنىڭ ياخشى بولىشىنىڭ ئاساسى. شۇڭا مەكتەپ ئامانلىقىنى قەتئى كۈچەيتىش كىرەك.
 بىرىنجى : مەكتەپ ئامانلىقىنى كۈچەيتىشكە قويۇلىدىغان تەلەپلەر
1)دىجۈرنى بولغۇچى كىشى بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىشى، كېچىكمەسلىكى، بالدۇر قايىتماسلىقى كىرەك.ئۆتكۈزۈپ بىرىش، ئۆتكۈزۈپ ئىلىش، رەسمىيىتىنى تولۇق بىجىرىشى كىرەك.
2)دىجۈرنىلىك قىلغان ۋاقىتتا مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش. تۈرلۈك ھادىسە، يامان ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
3)دىجۈرنىلىك قىلغۇچى ھەر ۋاقىت مەكتەپ ئىچىدە بولىشى، مەكتەپتىن ئايرىلماسلىقى كىرەك.
4)دىجۈرنىلىك قىلغان مەزگىلدە قەتئى ھاراق ئىچمەسلىكى، مەسىت ھالەتتە دىجۈرنىلكتە تۇرماسلىقى كىرەك.
5)مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ دىجۈرنىلىك ئورنىغا چىقىپ بىللە تۇرىشىغا بولمايدۇ.
6)دىجۈرنىلىك ئۆيىنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى ئاسرىشى. ياخشى ساقلىشى لازىم.
7)دىجۈرنىلىك ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىقى، يىتىۋالماسلىقى، باشقا ئىشخانىلارغا كىرمەسلىكى لازىم.
ئىككىنجى :مەكتەپ ئامانلىقىغا قويىلىدىغان تەدبىر
1)دىجۈرنىلىككە كىچىكسە ياكى بالدۇر قايىتسا، دەرىس تاشلىغان قاتاردا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.دىجۈرنىلىكتە تۇرمىغان مەزگىلدە كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەھۋالنىڭ ئىغىر يىنىكلىكىگە 50يۈەندىن 200يۈەنگىچە تۇتۇپ قىلىنىدۇ. كىلىپ چىققان زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
2)دىجۈرنىلىك مەزگىلىدىكى مەكتەپتىن ئايرىلغان ۋاقتى دىجۈرنىلىككە ھىسابلانمايدۇ.
3)دىجۈرنىلىك مەزگىلىدە ھاراق ئىچسە ياكى مەسىت ھالەتتە دىجۈرنىلىككە كەلسە دىجۈرنىلىك قىلغان ۋاقىتى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
4)سىنىپلارنىڭ بىر دەرىزىسى ئوچوق قالسا سىنىپ مۇدىرنىڭ ئىش ھەققىدىن 5يۈەن تۇتۇپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ. ئىشىك ئوچوق قالسا، 20يۈەن تۇتۇپ قىلىنىدۇ. يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە شۇكۈنلۈك دىجۈرنى بىلەن سىنىپ مۇدىرى تەڭ مەسئۇل بولىدۇ.
5)دىجۈرنىلىك ئۆيىنىڭ تازلىقى %98دىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، قايتا قىلدۇ.
ئۈچىنچى.ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىدە مەكتەپ ئۆز ئۈسىتگە ئىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەت
(1)مەكتەپ  تەشكىلى دىجۈرنىلىك قائىدە تۈزۈمى، دىجۈرنىلىك تەرتىۋى، ئامانلىق ساقلاش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ چىقىدۇ. ھەم ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالايدۇ.
(2)مەكتەپ قورۇ تام، دەرۋازا، سىنىپ، ئىشخانىلىرى،  ئامبار، تەجىربىخانا  قاتارلىق جايلارغا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئورنىتىدۇ.ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش تەدبىر قوللىنىدۇ.قەرەرسىز ھالدا ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ ھادىسە يۈزبىرشنىڭ ئىھتىماللىقى بولغان جايلارغا نىسبەتەن ئۆزۋاقتىدا تۈزىتىش ئىلىپ بارىدۇ.
 (3)كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر تەكلىىپ قوبۇل قىلىپ مەكتەپ ئامانلىقىنى ساقلاش،دىجۈرنىلىك قىلىش جەھەتتە يولۇققان قىينچىلىق ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىدۇ.
(4)مالىيەنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن يىتەرلىك مالىيە مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(5)ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ،ھادىسە كۆرۈلسە،مەكتەپ رەھبەرلىكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىدۇ.قائىدە تۈزۈمنىڭ روھى بويىچە مۇناسىۋەتلىك كىشلەرگە مەسئۇلىيەت يۈكلەپ تەدبىر قوللىنىدۇ. ئىغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋەقەلىرى يۈزبەرسە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يوشۇرماي ئەھۋال مەلۇم قىلىدۇ.
تۆتىنچى.ئامانلىق ساقلاشقا نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى :
(1) مەكتەپ مۇدىرى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ،ئامانلىق خىزمىتىگە كونكىرتنى مەسئۇل خاسىم  مەكتەپنىڭ 24سائەتلىك ئامانلىق ساقلاش ،دىجۈرنىلىك خىزمىتىگە كونكىرت نازارەتچىلىك قىلىپ مەكتەپنىڭ ئامانىلق ساقلاش خىزمىتىدىكى قائىدە تۈزۈمنىڭ ئەمەلىلىيشىشى ، تىنىچ –ئامان مەكتەپ بەرپا قىلىش قائىدە تۈزۈملىرىنىڭ ئىزچىللىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
(2)كىچە-كۈندۈزلۈك دىجۈرنىلەرنىڭ دىجۈرنىلىكتە تۇرش ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ، قىلچە مەسىلە كۆرۈلمەسلىك ھادىسە كىلىپ چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەسىلە كۆرۈلسە دىجۈرنىلىكتە تۇرغۇچىلار بىلەن تەڭ نىسپەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ.
(3)كىچىلىك ئامانلىق ساقىلىغۇچىلار نۆۋەتچىلىكنى تاپشۇرۋالغاندا ئۆتكۈزىۋىلىش،ئۆتكۈزۈپ بىرش خاتىرسىگە بىللە ئىمزا قويىدۇ. كۈندۈزلۈك دىجۈرنى نازارەت قىلىش، دىجۈرنىلىكتە ساقلانغان مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، دىجۈرنىلىكنى باھالاش قاتارلىق تەرتىپلەرگە ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بەشىنچى.ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت :
(1)كۈندىلىك دىجۈرنىدىن ئەتتىگەن سائەت 8:00دە كىچىلىك دىجۈرنى مەكتەپنىڭ بارلىق مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالىدۇ.ئۆتكۈزىۋىلىش، ئۆتكۈزۈپ بىرش خاتىرسىدىكى مۇناسىۋەتلىك گىرافىلارتولدۇرلىدۇ.كەچ سائەت 6:00دە كىچىلىك دىجۈرنىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.
(2)مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىيى ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈندۈزلىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلار دىجۈرنىلىك ئىشلەشكە، ئەر ئوقۇتقۇچىلار كىچىلىك دىجۈرنىلىك ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرلدى. مەيلى خىزمەت كۈنلىرى مەيلى دەم ئىلىش كۈنلىرى بولسۇن تۈزۈلگەن تەرتىپ  قەتئى ئۆزگەرتىلمەيدۇ. خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا ئورنىغا ئادەم ئەۋەتىشكە، ھاۋالە قىلىشقا ،  كېچىكىشكە بالدۇر قايتىشقا بولمايدۇ.
(3)كۈندۈزلۈك دىجۈرنى مەيلى خىزمەت كۈنلىرى ، ياكى دەم ئىلىش كۈنلىرى بولسۇن مەكتەپنىڭ كۈندۈزلۈك ئامانلىق ھەم بىركۈنلۈك مەشغۇلىيەتنى ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ. مەشغۇلىيەت باشقۇرۇش ، بىر كۈنلۈك ئومۇمى ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە نەچچە تۈرلۈك خاتالىق كۆرۈلسە شۈنچە كۈن قايتا دىجۈرنىلىك ئىشلەيدۇ.
(4)كىچىلىك دىجۈرنى بولغۇچى كەچ سائەت 6:00دە دىجۈرنىلىكنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كىيىن مەكتەپتىن ئايىرلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر دىجۈرنىلىك قىلغۇچىلار دىجۈرنىلىكتە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا خالىغانچە دىجۈرنىلىك ئورنىدن ئايىرىلسا ئايلىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالىنىدۇ.
 5.كىچىلىك دىجورنىلىكتە نازارەتچى بولغۇچى بىر كىچىدە ئىككى قىتىم يەنى ئالدىنقى يېرىم كىچىدە بىر قىتىم كىيىنكى يېرىم كىچىدە بىر قىتىم دۈجۈرنىلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈش خاتىرىسىدىكى گرافىكلارنى تولدۇرۇشى لازىم.
6.دۈجۈرنىلەر دۈجۈرنىلىك ئۆيىدە ئۇخلاپ قىلىشقا بولمايدۇ. قەرەلسىز ھالدا مەكتەپ ئىچىنى تەپسىلىي ئىنچىكە تەكشۈرۈشى، قول چىرىغىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىنى كۆزىتىشى مەكتەپ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىنورمال ئەھۋاللارنى چوقۇم خاتىرلىشى تۈزىتىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ مەكتەپ رەھبەرلىكىنى خەۋەردار قىلىشى لازىم.
7.كىچە-كۈندۈزلۈك دۈجۈرنىلەر مەكتەپ دەرۋازىسىغا بولغان باشقۇرۇشنى قاتتىق كۈچەيتىپ مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنى كىرگۈزمەسلىكى لازىم.
 8.مەكتەپتە ئوغۇرلۇق ۋەقەسى، ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى، قاتناش ھادىسىسى، ھاراق ئىچىش، قىمارۋازلىق، بىنورمال مۇناسىۋەت، دىننىي پائالىيەت بىلەن شۇغىللىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە نازارەتچى، دۈجۈرنى بولغۇچىلاردىن شۇ كۈنلۈك ئەھۋال ئۈچۈن ئايلىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالانغاندىن باشقا قانونى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار