خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ «تىنچ- ئامان» ئائىلە بەرپا قىلىش ئۆلچىمى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-03 13:31

 
xxx مەكتەپتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ «تىنچ- ئامان» ئائىلە بەرپا قىلىش ئۆلچىمى
 
1. قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى ئىشلىتىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىق، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ئائىلە بەرپا قىلىش. پارتىيىنىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىش، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاياللارنى كەمسىتمەسلىك، بالىلارنى خورلىماسلىق، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلماسلىق، ئائىلە ئەزالىرى سەمىمىي ئىشەنچلىك، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش.
2. ئىلىم- پەننى ئۇلۇغلاپ، ئەخلاقلىق بولۇش، مەدەنىيەتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش. ئىلىم- پەننى ئۇلۇغلاپ، خوراپاتلىققا قارشى تۇرۇش. بىدئەتنى چەكلەش، قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرگە قاتناشماسلىق. توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك قىلماسلىق. ئىلىم- پەننى ئۇلۇغلاش. «ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئەدەبلىك، سەمىمىي بولۇش، ئىتتىپاق دوستانە ئۆتۈش، تىجەشلىك تېرىشچان بولۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە يارىتىش»- پۇقرالار ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مەدەنىيەتلىك پۇقرالاردىن بولۇش. «سېرىق، قىمار، زەھەر» دىن يىراق مەدەنىيەتلىك پۇقرالاردىن بولۇش.
3. زىددىيەتنى پەسەيتىش، «زوراۋان بولماسلىق»، دوستانە ئائىلە بەرپا قىلىش. ئائىلە ئەزالىرى ئىناق ئۆتۈش، ئائىلىدىكى زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش. «زوراۋان بولماسلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، خوشنىلار، توغقانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش.
4. ئۆزىنى قوغداش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەر ئائىلە بەرپا قىلىش. ئوتتىن، ئوغرىلىقتىن، بۇلاڭچىلىقتىن، زوراۋانلىقتىن، قاتناش ۋەقەسىدىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى پىششىق بېلىش، ئالدىنى ئېلىش ئېڭى كۈچلۈك بولۇش، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئۆزى ۋە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
5. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئائىلە بەرپا قىلىش. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»ئىىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش. قوش ھىمايە قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيىنى قوللاشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش.
6. ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، مۇھەببەتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش، ياشانغانلارنى ئۆزلۈگىدىن كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئىختىيارىغا ھۆرمەت قىلىش، ئىلمىي بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش كۆز قارىشىنى تۇرغۇزۇش، ئىلمىي بولغان تەربىيە ئۇسۇلىنى ئىگىلەش، پەرزەنتلىرىگە بولغان ئەخلاق تەربىيىنى كۈچەيتىش، ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش. پەرزەنتلىرىنى مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، ئالغا ئىنتىلىدىغان، توغرا يولدا ماڭىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ، ئائىلىدىكى ياشانغانلار، كېسەللەرگە ياخشى قاراش، بولۇپمۇ ئازغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئالاھىدە كۆيۈزۈش، ئۇلارنىڭ قايتىدىن ئادەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇقىمسىزلىق ئامىلىنى ئازايتىش.
7. تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، باي ئائىلە بەرپا قىلىش، ئىلىم- پەن ئۆگىنىش، ئىلىم- پەننى ئىشلىتىش، تىرىشىپ باي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش.
8. جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، مېھرى- شەپقەتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش. پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆز- ئارا ياردەم بېرىش، ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش.
9. ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، يولسىز ئەرز قىلماسلىق، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش، قانۇندىن قېيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە قانۇندىن مەسلىھەت سوراش ئورۇنلىرىغا بېرىش ۋە قانۇن يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلماسلىق.
10. تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ساغلاملىقنى چىڭ تۇتۇش، ساغلام ئائىلە بەرپا قىلىش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىچىملىك سۈيى پاكىزە بولۇش، كوچىلار پاكىزە بولۇش، ھويلا- ئارام پاكىزە بولۇش، ئۆي ئىچى پاكىزە بولۇشتىن ئىبارەت «4 پاكىزە بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتىگە پائال قاتنىشىش، تەنتەربىيىدە چېنىقىشنى كۈچەيتىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېڭىنى كۈچەيتىش.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار