خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قايسى مەكتەپ، قايسى كەسىپلەر قىزىق نۇقتا بولىدۇ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2013-06-03 15:45

 
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قايسى مەكتەپ، قايسى كەسىپلەر قىزىق نۇقتا بولىدۇ

يىلدا بىر ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى قانداق؟ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قايسى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللايدۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا، مۇخبىر بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى زىيارەت قىلدى.

مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ئىمتىھان تورىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسىپلىرى مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنغان. ئالىي مەكتەپلەر 1-تۈركۈمدە تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە 15 مىڭ 647 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، قوبۇل قىلىش نىسبىتى %23 بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىكەن، تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېيجىڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئوقۇغۇچى سانى بۇلتۇرقىدىن 23 ى ئازايغان، ئەمما گۇاڭدۇڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭىيىدىكەن، كونكرېت قوبۇل قىلىش سانى ھەققىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخىرقى تەستىقىنى ساقلىماقتىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ يىل بۇ ئىككى داڭلىق مەكتەپ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى سەل كۆپەيتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 30 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.
بۇ يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى پىدائىي بولۇپ تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نومۇر سىزىقىدىن بىر، ئىككى نومۇر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن يۈز-خاتىرە بىلەن قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتى بار ئىكەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بېيجىڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ چوڭرېن يېقىندا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كونكرېت سان ۋە لايىھەنىڭ ئاي ئاخىرىدا چىقىشىدىن ئۈمىد بار دېدى.

شۈ چوڭرېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملاتقان ئەمەلىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىگىلەپ بولالمايدىكەن. ئەگەر توردا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنسىمۇ يەنىلا پەرەز قىلىنغان سان بولىدىكەن، ياكى كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان سان بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، مۇخبىرنىڭ خۇبېي، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق جايلاردىن ئۇقۇشىچە، نەتىجىسى ئەلا بولغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئالدى بىلەن تىزىملىتىدىكەن.

بىر قەدەر نوپۇزلۇق مائارىپ تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش مۇھىم نۇقتىسى-كەسىپتە ياردەم بېرىش، ھازىرقى باسقۇچتىكى كىرىمنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات بوشلۇقى ئىكەن. بۇ ئورگاننىڭ مۇخبىرنى تەمىنلىگەن ماتېرىيالىدىن ئايان بولۇشىچە، زوئولوگىيە، پاراخوت ئىنژېنېرى، ئېلانچىلىق، يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى مولېكۇلا ماتېرىيالى ۋە قۇرۇلۇشى، سودا-سانائەت باشقۇرۇش، ماتېرىيال فىزىكىسى، ئانئورگانىك، مېتاللوئىد ماتېرىيال قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى، ساياھەت باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور دەپ قارالغان كەسىپلەرمۇ بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار پىدائىي بولۇپ تىزىملىتىدىغان قىزىق نۇقتىلار بولىدىكەن.

بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى بىر نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدىكى ئەسلىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملىتىشنى ئويلاشقان. بۇ مەكتەپ يىللىقلار گۇرۇپپىسى باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بىر نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى كەسپى دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ، بۇ بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ھاياجىنىنى ئۇرغۇتقان. يەنە بېيجىڭدىكى بىر نەچچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ئەلا ئوقۇغۇچىسىمۇ ۋەتەننىڭ غەربىي جەنۇب ۋە غەربىي شىمالىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملاتماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاساسىي پەنلەر، بەزىلىرى ھەربىي سانائەت، بەزىلىرى يادرو سانائىتى، گېئولوگىيە، كانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى ئويلاشقان.
يېزا ئىگىلىك، بىيو قۇرۇلۇش-بۇ ئىككى يىلدا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قوغلىشىدىغان كەسىپ بولغان. بۇ يىل جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى قىسقارتىپ، ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش سانىنى كۆپەيتكەنلىكتىن، بېيجىڭدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار شىمالىي جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، جەنۇبىي جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى تاللىغان.

بۇ يىل تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە، تولۇق كۇرس يېڭى كەسپى، ئىقتىساد ئىستاتىستىكا ئىلمى، باج ئىلمى، ئىقتىساد-پۇل مۇئامىلە، پارس تىلى كۆپەيتىلدى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولغان بۇ ئالىي مەكتەپكە بولغان قىزغىنلىق ھازىر پەسىيىپ قالدى، ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپكە بەس-بەستە تىزىملاتماي، ئۆزلىرى تاللايدىغان كەسىپلەرنى تەڭشىمەكتە.

مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 5-ئايدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى ۋە تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، نەتىجىدە 258 كەسىپ تەستىقلانمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىق نۇقتا بولغان بوغالتىرلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپلەرمۇ بار، بۇلارنىڭ نۇرغۇنى بىر قىسىم مۇستەقىل ئىنستىتۇت ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرى ئىكەن. مائارىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا كەسىپكە تىزىملاتقاندا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى ئىنچىكە ئوقۇغۇچىلار مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىن بىر قىسىم كەسىپ ناملىرىنىڭ ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنىنى بايقىدى، مەسىلەن: ئەسلىدىكى ئىستاتىستىكا ئىلمى ئىقتىساد ئىستاتىستىكىسىغا، ئەسلىدىكى شەھەر پىلانلاش شەھەر-يېزا پىلانلاشقا ئۆزگەرگەن.

مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، بۇ يىلدىن تارتىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېڭى «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس مۇندەرىجىسى»گە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىكەن، يېڭى مۇندەرىجىدىكى پەن تۈرلىرى ئەسلىدىكى 11 دىن 12 كۆپەيتىلگەن، يېڭىدىن سەنئەت تۈرى قېتىلغان، كەسىپلەر ئەسلىدىكى 635 تىن 506 گە ئازايتىلىپ، 129 ى ئازايغان. كەسىپ تەڭشەش-بىرىكتۈرۈش، ئايرىش، بىكار قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسۇللارغا چېتىلغان، مەسىلەن: بىيو قۇرۇلۇشى، بىيو سىستېما قۇرۇلۇشى، يېنىك سانائەت بىيو تېخنىكىسى بىرىكتۈرۈلۈپ، بىيو قۇرۇلۇش قىلىنغان؛ ئورمان ئىشلەپچىقىرىش مائارىپى قاتارلىق 12 كەسىپ بىكار قىلىنغان؛ ئىقتىساد ئىلمى ئىقتىساد ئىلمى، مالىيە ئىلمى، پۇل مۇئامىلە ئىلمى، ئىقتىساد-سودا ئىلمىغا بۆلۈنگەن؛ كىتاب ئارخىپشۇناسلىقى كىتاب ئاخباراتى ۋە ئارخىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگەن.

جۇڭگو مائارىپ پەنلىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ جاۋخۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى تەڭشەشتە، ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى سەۋەبنى ئويلاشتى: 1-جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كەسىپلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى تەربىيەلەش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمىدى؛ 2-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئويلىشىلدى، بىر قىسىم ئاساسىي كەسىپلەر قوللىنىشچان كەسىپلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار