ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2013- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى كىچىكتۈرۈلدى
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ئاي كىچىكىپ چۈشۈرگەنلىكتىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2013- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى كىچىكتۈرۈلۈپ، 6- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 دىن 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18 گىچە قىلىپ تەڭشەلدى.30-ماي ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى<<ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2013- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى توردا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش>>نى تارقاتتى. <<ئۇقتۇرۇش>>تا ئېيتىلىشىچە، 6- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىدىن ئىبارەت 3 خىل تىلدا <<2013- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش كەسىپلەر مۇندەرىجىسى>> ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇندەرىجىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈم سانى، پەن تۈرلىرى، نامى، كەسىپ ۋە ۋاكالەت نومۇرى ھەمدە ئارزۇ تولدۇرۇش تەلەپلىرى بويىچە مەزمۇنلارنى ھەقىقىي، توغرا تولدۇرۇشى كېرەككەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى ئەڭ كىچىككەندىمۇ 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18 دىن بۇرۇن تاماملىنىشى لازىمكەن. بۇ ۋاقىتقىچە ئارزۇسىنى يوللىمىغانلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن ھېسابلىنىپ، ئاقىۋىتىگە ئۈزى ئىگە بولىدىكەن.