ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 31-مارت بىڭتۇەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جەمئىيەتتىن 1228 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەر قايسى دىۋېزىيەلەرنىڭ ئورگان-ئىدارىلىرىغا 173 نەپەر، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر قايسى ئورگانلارغا 1055 نەپەر قوبۇل قىلىدىكەن. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار 3-ئاپرېلدىن باشلاپ توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن.
بىڭتۇەن مەمۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ چىڭشەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان، خىزمەت ئورۇنلىرى تەلەپ قىلغان ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋانى، شۇنداقلا خىزمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلار بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن. قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار؛ شىنجاڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ‹‹تۆت تۈر خادىملىرى (ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى، ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› پىلانىدىكىلەر، ‹‹ئىستۇدېنتلار پىدائىيلىق مۇلازىمىتى غەربىي شىمال پىلانى››دىكىلەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار)؛ بىڭتۇەن تاللاپ ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەر ياكى ئۆز يېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىچكىرىلىك ئوقۇغۇچىلار (2015-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ شىنجاڭ نوپۇسىدىكى خادىملارنىڭ جورىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ جورىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى؛ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقانلارنىڭ جورىلىرى ياكى پەرزەنتلىرى ئىكەن.
بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار بۈگۈن (1-ئاپرېل) سائەت 10(بېيجىڭ ۋاقتى)دىن كېيىن بىڭتۇەن ئىمتىھان تورى ( www.btpta.gov.cn)، بىڭتۇەن كادىرلار-ئىختىساسلىقلار تورى(www.xbrs.gov.cn) ياكى بىڭتۇەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى تورى(www.xjbt.gov.cn)غا كىرىپ ئالاقىدار ئىشلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدكەن، تىزىملاش خىزمىتى 3-ئاپرېل سائەت 10(بېيجىڭ ۋاقتى) 9-ئاپرېل سائەت 18گىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، 25-ئاپرېل يازما ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]