خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

2015–يىللىق شىنجاڭ تولۇق ، كەسپىي تولۇق،تولۇقسىز ئوتتۇرا سىياسىتى توغرىسىدا چۈشەنچ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-03-14 15:21

 
2015–يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇراسىنىپى، شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا چۈشەنچە

2015 – يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى (قىسقارتىپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى دېيىلدى)غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 2015 – يىلى 10 – مارت باشلىنىپ، 10 – ئاپرىل ئاخىرلىشىدۇ. بۇ يىل پىلان بويىچە ئايرىم – ئايرىم 9880 ئوقۇغۇچى (بىڭتۈەندىكى 350 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 3300 ئوقۇغۇچى (بىڭتۈەندىكى 300 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە 10000 ئوقۇغۇچى (بىڭتۈەندىكى 500 ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈرىمىز:

    1 . تىزىملىتىش شەرتلىرى

    ئورتاق شەرتلەر:

    1) ئوقۇغۇچى، بىۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە ئاساسلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى سىياسىي تەكشۈرۈش تەلىپىگە ماس كېلىشى كېرەك.

    2) ساغلام بولۇشى، سالامەتلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

    3). ئوقۇغۇچى، ئاتا – ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ھامىيسىنىڭ شىنجاڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولۇشى كېرەك.

    ئايرىم شەرتلەر:

    شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان بولۇشى، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تولۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، 1998 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئوقۇغۇچى، ئاتا – ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ھامىيسىنىڭ نوپۇسى 2011 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن يەرلىك نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇلغان بولۇشى كېرەك.

    شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان بولۇشى، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تولۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

    شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى: باشلانغۇچنى پۈتكۈزىدىغان بولۇشى، 2001 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئوقۇغۇچى، ئاتا – ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ھامىيسىنىڭ نوپۇسى 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن يەرلىك نوپۇسقا ئولتۇرغۇزۇلغان بولۇشى كېرەك.

    2 . تىزىملىتىش ئورنى

    يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەكتەپ، مائارىپ ئىدارىلىرىگە تىزىملىتىدۇ؛ بىڭتۈەندىكى ئوقۇغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىڭتۈەن مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا تىزىملىتىدۇ.

  3. ئىمتىھان ۋاقتى

    شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈش سەۋىيە ئىمتىھانى (شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئايرىم سوئال چىقىرىلىدۇ)غا بىر تۇتاش قاتنىشىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتى 20 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە بولىدۇ. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا تاللىنالمىغانلارنىڭ نەتىجىسى تەلەپ بويىچە ئالماشتۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسى قىلىنىدۇ.

    شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش سىنىقىنىڭ ۋاقتى 15 – ماي بولىدۇ. بۇ يىل قوش تىل سىنىپى ۋە مىللىي سىنىپ ئەدەبىيات ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى خەنزۇ تىلى ۋە ئانا تىلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر قايسىسى %50 نى ئىگىلەيدۇ.

   4.  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى

    ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئادىل رىقابەتلىشىش، ئادىل تاللاش، ئەلالىرىنى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا رايونلارغا ئايرىش بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىدۇ. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرۇلىدۇ. شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا سىنىپ تەسىس قىلغان شەھەرلەر ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)لاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا نومۇر قوشۇپ مۇكاپاتلاش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر، يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا باسقۇچىدا ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سەنئەت ياكى تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 3 – لىككە ئېرىشكەنلەر، كوللېكتىپ 1 – لىككە ئېرىشكەن كوللېكتىپنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى قاتارلىقلار ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي سىنىقىدا تەنتەربىيە، سەنئەت تۈرلىرىدە مۇئەييەن تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن ساپاسى بار دەپ قارالغانلار ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ.

5.  ئوقۇش تۈزۈمى ۋە دەرسلەر

    شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: 2011 – يىلىدىن باشلاپ جانلىق ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈچ يىل ياكى تۆت يىل ئوقۇيدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان سىناققا قاتنىشىدۇ، نەتىجىسى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكەنلەر ئۆز ئىختىيارلىقى ئارىلاش سىنىپتا ئوقۇسا بولىدۇ. ئوقۇش تۈزۈمى ئۈچ يىل، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدىن بىر قېتىملا بەھرىمەن بولىدۇ. ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە ئوقۇشتا قىينالسا تەييارلىق باسقۇچىغا قايتىپ ئوقۇسا بولىدۇ، ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ. سىناقتا تەلەپكە يېتەلمىگەنلەر بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇيدۇ، ئوقۇش تۈزۈمى تۆت يىل بولىدۇ.

    شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى: ئوقۇش تۈزۈمى ئۈچ يىل بولىدۇ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. خەنزۇ تىلى ئاساسى ئاجىزلارغا يېرىم يىل تەييارلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    6 .ئۆرلەپ ئوقۇش سىياسىتى

    شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: يەرلىكنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى چۈشۈرىدۇ. ‹‹بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، ئايرىم نومۇر سىزىقى چىقىرىش، ئايرىم قوبۇل قىلىش›› چارىسى قوللىنىدۇ.

    شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: ئىچكىرىدە ياكى شىنجاڭدا ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاللىسا بولىدۇ. شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ياكى ‹‹كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تېخنىكوم›› ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي ئالىي مەكتەپ ماھارەت مۇسابىقىسىدە 3 – لىكتىن يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسپىگە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

    شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى (شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيە ئىمتىھانى)غا قاتنىشىدۇ. نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەر نەتىجىسى ۋە ئارزۇسى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ياكى بەش يىللىق تۈزۈمدىكى يەسلى مائارىپى ئالىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا كىرسە بولىدۇ.

  7. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى

    شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر: م خ ]2008[ 3 – نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئىچكىرىدە قېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، شىنجاڭغا قايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ››. باشقا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بازارنى يېتەكچى قىلىش، قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. ئىچكىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. 2015 – يىلى بەزى كەسىپلەردە ‹‹زاكازلىق تەربىيەلەش›› يولغا قويۇلىدۇ.

    تەپسىلاتىنى تۇرۇشلۇق مەكتەپ، يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىن ياكى شىنجاڭ سىنىپى تور بېكىتى www.xjban.com دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#FF0000'>2015 -يىللىق روزا ھېيتلىق</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار