خاراب روھ، نادانلىق ۋە مائارىپىمىز
پاتىگۈل ئابلىز
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئاسىيا-ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسغا جايلىشىشتەك ئەۋزەللىك؛تارىم،جۇڭغار،تۇرپان،قومۇل ئويمانلىقلىرىدا كۆمۈلۈپ ياتقان غايەت زور نېفىت تەبئىي گاز بايلىقى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ ئالاھىدە جەلىبكار نوقتىغا ئايلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ دېڭىز بويلىرى رايونىدىن غەرىبىي قىسىم رايونلىرىغا يۆتكەلدى. دېمەك، يېڭى ئىرانىڭ دەرۋازىسى بىز تەرەپكە قاراپ ئېچىلىپ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىزگە قوينىنى كەڭ ئاچتى. لېكىن ۋۇجۇدىمىزدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئاجىزلىق،500 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆزىنى ئىنكار قىلىش جەريانى بۇ خىل تەرەققىياتىنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىشىمىزغا خىرىس قىلۋاتىدۇ.
.. شۇنداق دېيشكە بولىدۇكى،«يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» سەرخىللار ئۈچۈن بىر سىناق ۋە مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى. تەپەككۇر قورۇلمىمىز، پەلسەپە سىستېمىمىز ، بۇلارنىڭ ئاساسى بولغان مائارىپ قۇرۇلمىمز ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىش زۆرۈر تاللاش بولۇپ قالدى.
ھازىر 9يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. بىر قىسم ئالدىدا كەتكەن رايونلار ھازىربۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولدى. دېمەك،مەكتەپ يېشىغا يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ئوڭايلاشتى ياكى مۇقەررەر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۈمىدقۇرۇلىشى پائالىيتى بىر قىسىم نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش يولىدا زور كۈچ سەرپ قىلدى.ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ
شۇنىڭغا ماس قەدەمدە راۋاجلىنىۋاتىدۇ. رايونىمىز تەۋەسىدە
خىلى كۆپ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلدى. ھەر يىلى ئۇيغۇرلاردىن ھەر دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى 4-5 مىڭدىن كەم بولماي كېلىۋاتىدۇ ھەم ھەريىلى شۇنچىلىك ساندىكى ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇتتۈرۈپ ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ساپاسى قانداق؟ مىللەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۉرۈشتە ئوينىغان رولى قانداق؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مائارىپىمىزنىڭ قۇرۇلمىسى،ئاچقۇچ پەنلەر بىلەن يانداش پەنلەرنىڭ دەرسلىك قۇرۇلمىسىدىكى ئورنى،ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى دەرس ۋاقتىنىڭ تەقسىملىنىشى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئامىللارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
مەن بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. ئىككى يىللىق خىزمەت ستاژىعا ئىگە. ئۆزۈم دەرس بېرىدىغان تولۇقىسز2-يىللىقنىڭ ئىككى سىنىپىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ،سىتاتستىكا قىلىشمچە، ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيەت ۋاقتى مۇنداق بولغان: بىر ھەپتىدە 32 سائەت مۇقىم دەرس، ئەتىگەنلىك،چۈشتىن كېيىنلىك مۇزاكىرە تۆت سائەت، سىنىپ يىغىنى بىر سائەت، ئىككىنچى دەرسحانا پائالىيتى ئىككى سائەت،چوڭ-كىچىك تازىلىق تەخمىنەن ئىككى سائەت، جەمئى 41سائەت، دېمەك ئۇلار ھەپتىدە 41 سائەت مەكتەپتە پائالىيەت قىلىدۇ.
بىر ھەپتىدە كەم دېگەندە ھەر قايسى پەنلەردىن 27قېتىم تاپشۇرۇق بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى 120 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سەرپ قىلغان ئوتتۇرچە ۋاقتى ھېسابلانغاندا تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈن بىر ھەپتىدە جەمئى 730مىنۇت، يەنى 12 سائەت 16 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلغان.
بىر ھەپتىد ئالدىن كۆرۈپ كېلىدىغان پەنلەرنىڭ سانى 30 قېتىم، سەرپ قىلىنىدىغان ئوتتۇرچە ۋاقىت 510 مىنۇت بولىدۇ. بىر ھەپتىدە كونسىپىك يېزىپ كېلىدىغان دەرس ئالتەخىل بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرچە 410مىنۇت، يەنى تۆت سائەت سەككىز مىنۇت كەتكەن. بىز يۇقىرىدىكىلەرنى ھېسابلاپ يىغىنچاقلىساق 14 سائەت بولىدۇ. دېمەك، بىر كۈندە تەخمىنەن14 سائەت توختىماي كاللا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سىنىپتا ئالدىدا كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى. ئۇنداقتا ئوتتۇرھال مېڭىۋاتقان،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ؟ بىر سوتكا پەقەت24 سائەت تۇرسا بالىلار ئۇخلىمامدۇ؟ سىرتقا چىقىپ تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىپ چارچاپ كەتكەن مىڭسىنى ئارام ئالدۇرمامدۇ؟ ئوينىمامدۇ؟ تاماق يىيىش، تىلىۋىزور كۆرۈشنىغۇ ھىسابقا ئالمايلا قويايلى. شۇنداقتا بىر سوتكىنىڭ نېمىسى قالدى؟ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئويناپ كەتمىسۇن
دەپ كەتمىسۇن دېگەندەك دۆۋە-دۆۋە بېرىۋېتىدىغان تاپشۇرۇقلىرىمىزچۇ تېخى؟ مانا بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرە مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى.نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر.
ئۇلار جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالماي تۇرۇپمۇ،يۈك كۆتۈرۈشنى ئۆگۈنىش ئۈچۈن دوك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق يۇقىرى بېسىم شارائىتىدىكى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى قانداق بولار؟ بۇ خىل بېسم ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆگىنىشكە ، كىتاب ئوقۇشقا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسمۇ؟ ھەممىمىزگە ئايانكى، نەدە بېسىم بولسا شۇ يەردە قارشىلق بولىدۇ.
ئەمدى بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقايلى: مەن خىزمەتكە چىقىپلا بىرسىنىپنىڭ سىنپ مەسئۇللۇق خىزمىتى(ئوتتورا ئەترەت تەربىيىچلىك ۋەزىپىسمۇ بار)ئىككى سىنىپنىڭ ئەدەبىيات دەرسىنى ئۈستۈمگە ئالغانىدىم. ئۆزۇمنىڭ بىر كۈنكۈك خىزمەت قىلدىغان ۋاقتىمنى ھېسابلىسام مۇنداق بولدى: بىر ھەپتىدە دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىت 10سائەت، سىنىپ يىغىنى 1سائەت،سىياسى ئۆگىنىش ۋاقتى بىر سائەت، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشى بىر سائەت، ئىككىنچى دەرسىخانا پائالىيتى ئىككى سائەت، كەسپىي ئۆگىنىش ۋاقتى بىر سائەت، سىنىپ مەسئۇللىرى يىغىنى بىر سائەت بولۇپ جەمئى 17 سائەت.
دەرس پىلانى ئىككى خىل. بىر ھەپتىدە بەش سائەت پىلان تۈزەيمەن. بىر سائەتلىك پىلاننى ماتىرىيال كۆرۈپ، ئەتراپلىق تەييارلاش ئۈچۈن(ھەپتە،سائەتلەر،دەرس تېمىسى خەنزۇچە يىزىلغان بولۇش،مۇھىم نۇقتابىلەن قىيىن نۇقتا ھەرخىل رەڭلىك قەلەمدە گەۋدىلەنگەن بولۇش،خىتى ئالاھىدە چىرايلىق، رەتلىك بولۇش ، پىلان تازىلىقى ئالاھىدە ياخشى بولۇش دېگەندەك تەلەپلەر بار) تەخىمنەن 3 سائەتچە ۋاقىت كىتدۇ. دېمەك، بەش سائەتلىك دەرس پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن تەخمىنەن14-15 سائەت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆلچەملەشكەن تاپشۇرۇق دەپتەر(ئەدەبىيات 1-2 دەپتەر،ئۇيغۇرتىلى بىر دەپتەر)كۈندە دېگۈدە تاپشۇرۇق بولغاچقا ، ھەر كۈنى ئىككى سىنىپتىكى 89 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ دەپتىرىنى تەكشۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. جاۋابتىكى خاتالىقلارنى تۈزۈتىش، ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزۈتىش،كەم جايلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر دەپتەرگە تۆت- بەش مىنۇت كېتىدۇ. بىر كۈندە 276مىنۇت، بىر ھەپتىدە 1880 مىنۇت ۋاقىت تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلمەن.(نۇقىتىلىق يېزىقچىلىق مەشقى ھەم كونسىپىك تەكشۈرۈش بۇنىڭ سىرتىدا) بۇ 31 سائەتكە توغرا كېلدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدە 63 سائەت ئىشلىسەم بىر كۈنگە 12.6 سائەتتىن توغرا كېلىدۇ. ئەشۇ بىر كۈندە ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيۋى تەربىيە ئىشلەش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ، ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن كەم دېگەندە بىر كۈندە 14 سائەت توختىماستىن ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ ئىشلىرىمنىڭ ئايىقىنى چىقىرىشىم تەسكە توختايدۇ. بۇ سىتاستىكا يەنە نۇرغۇن يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. ھەتتا بەزى يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق.
بىر ئادەمنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن نورمال ئىشلەش ۋاقتى بىر كۈندە سەككىز سائەت. ئوقۇتقۇچىلار بىر كۈندە ئاز دېگەندىمۇ 11-12 سائەت، كۆپلىرى ھەتتا12-13 سائەت ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ تاماق تىتىشى، كىر-قات يۇيۇشى،ئۆي يىغشتۇرىشى،ئۆزئارا بىرىپ كېلىش قىلىشى، ئائىلىسى ۋە بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشى(ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئايال) ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟ ئۇلارنىڭ دەم ئىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت قالىدۇ؟ بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچىتىدۇ. بىراق ئىشلار بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ. بۇ جاپاكەشلەر بەش كۈن خىزمەت جەريانىدا تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت قانۇنلۇق بەلگىلەپ بەرگەن، تۆت كۆز بىلەن كۈتىدىغان شەنبە، يەكشەنبىگە سۆرەپ كىرىدۇ. بۇ قويرۇقلانى تۈگۈتىپ بولغۇچە دۈشەنبە كېلىدۇ-دە،ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيماي قالغان ئاراملىرىنىڭ ئارمىنىنى يەپ ئىچىگە تىنىپ قالىدۇ. بەزىدە ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ قۇربان قىلىپ كۈننى تۈنگە ئۇلاپ يۇقىرىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى كۈتىۋىلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. ۇنداق چاغلاردا ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنىمىزدىنمۇ بەھرىمەن بولالمايۋاتقىنىمىزغا ئىچمىز ئاچچىق بولۇپ، باشقا كەسىپتىكلەرگە ھەۋەسلىنىپ قالىمىز. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئىچمىزدە مىڭنى تىللايمىز.«ئىككى ئاساسەن» ئاتالغۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانتى«ئاساسەن دەم ئالماسلىق،ئاساسەن ئۆيدە تۇرماسلىق» بىكاردىن پەيدا بولغان ئەمەس.«غوجامنىڭ غوجىسى بار»دېگەندەك بۇ بېسىملار بىزدەك پۇقرالارنىڭ بېشىغا كەلگەندە شۇنداق ئېغىرلىشىدۇكى، بىرەرسىمىز چىش يېرىپ كۆڭلىمىزدىكىنى ئېيتىشقا جۇرئەت قىلالمايمىز.
ھايات ئادەمگە ناھايىتى قەدىرلىك. لېكىن بىز بولساق بۇ قىممەتلىك ھاياتنى بەش كۈننىڭ تېزراق ئۆتۈپ شەنبە، يەكشەنبە تېزراق كېلىشىنى كۈتۈپ ئۆتكۈزىمىز. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە ئۆلۇمگە قاراپ بىر قەدەم يېقىنلىشىدىغانلىقىمىز بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرىدىغانغا چولىمىز يوق. كىتاب، ماتېرىيال كۆرۈپ قېتىپ كەتكەن كاللىمىزنى، كونىراپ قالغان بىلىمىمىزنى يېڭىلاشقا ئەسلا پۇرسەت يوق. بىر چاغلاردا ئاندا-مۇندا ئوقۇۋالغان كىتابلار، چالا-پۇچۇق ئاڭلىۋالغان خەۋەرلەر يادلىۋالغان ئۈزۈندىلەر بىلەن بالىلىرىمىزنى ئالداپ يۇرۋاتىمىز.
ئوقۇتقۇچى،
ئوقۇققۇچى بولغۇم يوق پەقەت
بۇلدۇممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت،
كۆرمەيمەن راھەت.
بۇ مىسرالانى ھەر قېتىم ئاڭلىغاندا ئادەمنىڭ يۈرىكى تىتىرەيدۇ. لېكىن بۇ تىترەك ئادەمنى قورقۇنچقا سالماي ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىز ئىلىم ئۆگەتكۈچىلەرمىز. لېكىن بۇنداق قاراشتىكى ئوقۇتقۇچىلار زادى قانچىلىك؟ قاقشاپ يۈرۈپ قولىنىڭ ئۇچىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ چالا-بۇلا دەرس ئۆتىدىغانلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ جاپا راستىنلا يەتكىچە بار. لېكىن مۇشۇنداق جاپا بەدىلىگە قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشتۇق؟ مائارىپىمىزنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنى قانچىلىك؟ بىز ھازىرمۇ ئوتتۇرا ئەسر سىياقىدا كېتىپ بارىمىز. خېمىيىدىكى بىرەر ئېلىمىنىتنىڭ نامى تېخى ئۇيغۇرغا مۇناسۋەتلىك ئەمەس. بىرەر زامانىۋىي كەشپىيات ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن چىققىنى يوق.
بالىلارنىڭ دۈمبىسىدىكى نەچچە مىڭ توننا ئېغىر يۈككە ئوخشاپ كېتىدىغان، كىتاب ماتېرىيال قاچىلانغان بوقچا ئۇلارنىڭ ئىككى مۆرىسىدىن بېسىپ ئۇلارنى خۇددى 90 ياشلىق مومايلارغا ئوخشاش ئالدىغا ئىڭىشىپ ماڭىدىغان، يۇقىرىغا ئۆسەلمەي، يەرگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى.ھەددى ھېسابسىز تاپشۇرۇق ۋە بېسىم ئۇلارنى ئوقۇشتىن بىزار قىلىش دەرىجىسگە يەتكۈزدى. بۇ ھەقتە ئۆزۈم دەرس بەرگەن ئىككى سىنىپتىكى 89 نەپەر ئوقۇغۇچى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. تەكشۈرۈشتە«سىز ئوقۇشتىن زېرىكتىڭىزمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ سىزنى ئەڭ بىزار قىلدىغان نەرسە نېمە؟» دېگەن سوئاللارغا مۇتلەق كۆپچىلىك ئوقۇغۇچى«ئوقۇشتىن زېرىكتىم،ئەسلى ئوقۇغۇم بار ئىدى. ئەمما تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپلىكى بېسىم ھېس قىلدۇرۇپ دېمىمىزنى ئالالمايۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇشتىن زېرىكىدىغان بولۇپ قالىدىم. مېنى ئەڭ بىزار قىلدىغان نەرسە تاپشۇرۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ خىل ناچار كەيپىياتنى تۈگتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ يوق؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال بېرىلىۋاتقان تاپشۇرۇقلارنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى: تىل-ئەدەبىيات تاپشۇرۇقىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ئەدەبىيات، ئۇيغۇرتىلى بولۇپ جەمئى ئۈچ دەپتەت تاپشۇرۇق ھەركۈنى دېگۈدەك بار. ئەمما ئەدەبىيات تاپشۇرۇقىدىكى بېرىلگەن سوئاللارنىڭ ھەممىسى كىتابتىكى تەييار نەرسىلەرنى جاۋاب ئورنىدا كۆچۈرۈپ قويسىلا بولىدىغان نەرسىلەردۇر.تېكىست قىسمىنى بولسا ئوقۇتقۇچىلار پىلانىنى ئېيتىپ يازدۇرۇپ،شۇنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا بىرىنچىدىن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى تاپشۇرۇق كۆپ بولغاچقا، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىگىلى ئۇنىمايدۇ. ئىككىنچىدىن،كۆڭۈل قويمايلا ئىشلەيدۇ-دە،ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ.ئۈچىنچىدىن: قالايمىقان جىجىپ ئۆچۈرۈپ قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولۇپ كەتسە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تەكشۈرگەندە بار سەۋەنلىك ئوقۇتقۇچىغا يۈكلۈنۈپ يىللىق خۇلاسىدە نومۇر تارتىلىدۇ. ئۇيغۇرتىلىدىكى تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى كىتابتىكى كۆنۈكمىلەرنىڭ ئەينەن كۆچۈرۈلمىسى(ئەلۋەتتە ئاز بىر قىسمنىڭ ئويلىنىش سوئاللىرى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.) ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتكەندە كۆنۈكمىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ دەپتەرگە يازدۇرۇپ بولىدۇ. ئۇنى يەنە ئەينەن كۆچۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ؟ ناھايىتى ئىنىقكى، بۇخىل كۆچۈرمىكەشلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىيالمايدۇ. ئەگەر بىرەر قېتىم ماقالە يېزىپ كېلىش تاپشۇرۇقى بېرىلدىغان بولسا بىچارە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ كۆتىگە سۆيگۈدەك قىلىپ ئارانلا بىر تۇتام دەپتەرگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇنداق قىلمىسا«تاپشۇرۇق بېرىش قېتىم سانى تەلەپكە لايىق بولمىغان» دەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ تاناۋىنى تارتىدۇ. كونسىپىكتىن تاپشۇرۇققا،تاپشۇرۇقتىن كونسىپىكقا كۆچۈرۈشنىڭ ئاۋارچىلىقىچۇ تېخى؟ بۇ يەردىكى ئۆز-ئۆزىنى ئالداش ھەم بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ جاۋابكارى كىم؟ بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئاجايىپ چوڭ-ئوغرىلىق-ۋاقىت ئوغرىلىقىنىڭ سورىقى يوقمۇ؟
باشقا ئىجتىمائىي پەن،تەبىئىي پەن دەرسلىكىنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرىقىدىن قېلىشمايدۇ. تەكشۈرۈش جەريانىدا«ھازىر بېرىلىۋاتقان تاپشۇرۇق سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى قوزغىيالامدۇ؟»دېگەندەك سوئالغا زور كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار:«قوزغىيالمايدۇ،بىز كىتابتىن چىقالمىدۇق»دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر ساۋاقداش:«قوزغىيالمايدۇ،ھەممىسى قورۇق نەزەرىيە. قىلچە ئەمەلىيەتچانلىقى يوق»دېگەن. نامدا تاپشۇرۇق،ئەمەلىيەتتە «كۆز بويامچىلىق»،«ئالدانچىلىق» خاراكتىرىنى ئېلىپ قالغان بۇخىل خاھش بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئوقۇشتىن بەزدۇرسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ كاللىسىىنى قاتماللاشتۇرۇپ كېرەكسىز«تۆمۈر-تەسەك»كە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. دەرسىنى سىز ئۆتۈپ،تاپشۇرۇقىنى خەق بىرىدىغان ئىش نەدە بار؟ دەرس ئۆتكەن ئادەمدە تاپشۇرۇق بەرگۇدەك ئىقىتدار يوقما؟ قېلىپلىشىپ قالغان بۇساپاسى يوق ئاتالمىش«ئۆلچەملىك تاپشۇرۇقلار»نى يوقىتپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىيالايدىغان«ئاز ھەم ساز» تاپشۇرۇقلار بېرىلسە بۇنىڭ ئۇنۇمى قانچىلىك ياخشى بولاتتى-ھە؟
بىزنىڭ مائارىپىمىز بالىلارنى تەربىيلەشتە ھەرخىل ئامال-چارىلەر بىلەن بالىلارنىڭ نەزەرىنى مەكتەپ سىرتىدىكى ئاشۇ چەكسىز بىلىم دېڭىزغا باشلاپ.ئۇلارنى تەبىئەتتىن ئىبارەت ئەمەلىي دەرسخانىلارغا باشلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك.لېكىن بىزھازىر دەرسخانا ئوقۇتشىدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىمىز.بىزنىڭ ھازىرقى ئۆتۈۋاتقان دەرسلىكىمىز بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىلىي تەپەككۇرىنى قوزغىيالامدۇ يوق؟ دەرسلىككە كىرگۈزىلگەن مەزمۇنلار بالىلارنى سىرتقى دۇنيا بىلەن باغلىيالامدۇ يوق؟ مائارىپىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقستى بالىلارنىڭ تەپەككۇر بۇلىقىنى ئېچىش،ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى، ئۆزىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش،دۇنيانىڭ ھەقىقىي خوجىسغا ئايلاندۇرۇش.
ئىدىيۋى ئەخلاق دەرسىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ دەرسلىكنىڭ قۇرۇلمىسى خەنزۇچىنى تەرجىمە قىلىش ئاساسدا كەلگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەرق مەدەنىيتى سېتىمىسغا كىرسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مىڭ يىللىق ئىسلام ئىدىئولوگيىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن،خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت. بۇ ئىككى مەدەنىيەت مەيلى شەكىلدىن بولسۇن مەيلى مەزمۇنىدىن بولسۇن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. لېكىن ئىدىيۋى ئەخلاق دەرسىنى تۈزگەن چېغىمىزدا قارغۇلارچە خەنزۇ ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسىنى دوراپ،ئۆزىمىزدىكى خاسلىقنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بىز تۈگەن ئىدىيۋى ئەخلاق دەرسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان قىسملىرىغا قارايدىغان بولساق،ئۇنىڭىدىكى تىل ۋە كىشى ئىسملىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان. ئەمما بېرىلگەن قىستۇرۇلما سۈرەتلەر ئەينەن كۆچۈرۈلگەن.ئۇيغۇرچە ئىسملاربىلەن خەنزۇچە رەسىملەر ئوتتۇرسىدىكى مەڭگۈلۈك ماسلاشماسلىق بىزنىڭ ئەمدىلا ئاق قارىنى پەرىق ئېتىشنى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان گۆدەكلىرىمىزنى گاڭگىرتىپ،شەيئىلەرنى ئۆز ئارا باغلىيالمايدىغان قىلىپ قويماقتا. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۆسمۈردىن سوراپ قالدىم:
- بۇ رەسىمدىكىلەرنىڭ قايسىسى روشەنگۈل، قايسىسى ئەكبەركەن؟
- ...............
-ئىسىم ئۇيغۇرچە، رەسىمچۇ؟
- خەنزۇ بالىلارنىڭ رەسىمى ئىكەن.
- سىزچە، بۇنداق بولسا بولامدىكەن؟
- ھەجەب بىر تۇردىكەن،ئىسىم ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن رەسىممۇ ئۇيغۇرچە بولسا بولغۇدەك.بولمىسا ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كەلمەيدىكەن.
كىچىككىنە بالا چېغىدا دەرسلىكتىكى ئىسىم بىلەن رەسىمنىڭ قىلچە باغلىنىشى يوقلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن يەردە، بىزنىڭ دەرسلىك تۈزۈگۈچىلىرىمىز نېمىنى ئويلاپ، قايسى مەقسەتتە مۇشۇنداق دەرسلىكىنى تۈزىدىغاندۇ؟
دېمەك، بىزنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسىمىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆتىلىدىغان ئىدىيۋى ئەخلاق دەرسى ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت سېتىمىسىنى گەۋدىلەندۈرلگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسى ياخشى بولمىغاچقا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئاجايىپ ياخشى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كېتىلىۋاتىدۇ. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش دەپ ئاغزىمىزنى يىرتقىدەك قىلىپ ۋاقىرساقمۇ، ئاتا-ئانانىلارغا تىكىلىپ قارىيالمايدىغان،چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتەلمەيدىغان بالىلىرىمىز ئاتا-ئانىلىرى ئالدىدا قىلچە تەپ تارتماي،ئوڭغۇل-دوڭغۇل دەسسەپ يۈرىدىغان،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى بىرتىيىنغا ئالغۇسىز قىلىپ ، ھەيۋە بىلەن قورقىتىپ ئۆز ئىرادىسگە بوي سۈندۇرۇلغان، ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىمىزغا يات غەيرىي قىلىقلار چىقىۋاتىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قىلىنىدىغان چىرايلىق سۆزلەر،سالام-سائەتلىرىمىز ئۇنتۇپ كېتلىۋاتىدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق دەرسىمىزنىڭ غايەت زور مەغلۇبىيىتى.
دۆلەت تىلغا كەلسەك، دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىپ چىقىلمىدى. دۆلەت تىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇنىڭ گىرامماتىكا ۋە فونتىكسىغا باغلىق قارىتلىپ قېلۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر مىليارد نۇپۇسى بار،نەچچە مىليۇن تىل تەتقىقاتچىسى بار بىر مىللەتنىڭ ئاللاقاچان تەتقىق قىلىنىپ بولغان مەسىلىلرىنى قايتا شاما قىلىپ چايناپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ دۆلەت تىلى دەرسىلىكى باشلانغۇچنىڭ ئۇچىنچى يىللىققىدىن ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
كۆپ تىللىق كىشلەرنىڭ تەجرىبسىدىن قارىغاندا تىل ئۆگىنىشنىڭ ۋاقتى قسىقا، بېسىمى كۈچلۈك بولسا ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن. ۋاقتى قانچە سوزۇلغانچە تۈگمەنگە ئوخشاش مەلۇم دائىرىدە پىقىرايدىغان بولۇپ قېلىپ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدىكەن. بىزدىمۇ ئەھۋال دەل شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقلىىي تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، كىچىك ۋاقتىدىكى تىل ئۆگىنىش قابىلىيتى چوڭ بولغان ۋاقتىغا قارىغاندا ئوڭاي. شۇڭا بىر تىلدىكى ئاساسىي بىلىملەر ئىككى ئۈچ يىلدىلا ئىگىلتىپ بولنىشى كېرەك. مەسلە تىلىنىڭ تەسلىكىدە ئەمەس،ئۇسۇلنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدا. شياڭگاڭلىق تىل تەتقىقاتچىسى ئەنزىجې ئەپەندى خەنزۇتىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،شياڭگاڭدىكى ئاساسلىق گىزىتلەرنىڭ بىر نەچچە كۈندىكى سانلىرىدىن بارلىق خەنزۇچە خەتلەرنى كومپيۇتىرغا كىرگۇزۇپ ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان خەنزۇچە خەتلەرنى تېپىپ چىققان. نەتىجدە 1500گە يىقىن خەت ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان، ھەتتا مۇشۇ ئاساسلىق گىزىتىلەردىكى ماقالىلاردا ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتلەرنىڭ98%ى ئۇ تىپىپ چىققان 1500 خەت بولغان. دېمەك،بۇ كۆپ قوللىنىدىغان 1500 خەتنى تولۇق ئۆگۈنىۋالغاندا خەنزۇ تىلىنڭ ھۆددىسىدىن ئاساسەن چىققىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا خەنزۇتىلى دەرسلىكىنىڭ قۇرۇلمىسنى ئۆزگەرتىپ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىققاندا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆت يىلدىكى ۋاقىتى بىلەنلا،ھەتتا تولۇقىسزنىڭ خەنزۇچە ئۆگۈنۈش ۋاقتى بىلەنلا خەنزۇتىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆگۈنۈپ بولۇش مۇمكىن ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىدا يەنە بىر چەت ئەل تىلىنى ئۆگۈنىشكە ۋاقىت ئىشپ قالغان بولاتتى. مانا ھازىر خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەندە بىز خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىمىز. ئۇلار ئالىي مەكتەپنى تۆت يىلدا پۈتتۈرسە بىز بەش يىلدا ئاران پۈتتۈرىمىز. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئۆگەنگەن چەت ئەل تىلى بىلەن چەت ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقاندا،بىز چەت ئەل تىلى ئۆگۈنىشكە باشلاپ،ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بىز ئاران مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسىدىن كىرىمىز.
14-،15 يىل دۆلەت تىلىنى ئاساسلىق دەرس قىلىپ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە دۆلەت تىلىدىن چالا ساۋات قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئۇۋالى زادى كىمگە؟ مەسلە بىزنىڭ كاللىمىزدىمۇ؟ دەرسلىك قۇرۇلمىسى بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىمۇ؟
ھازىر نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپلەرگە بېرىۋاتىدۇ. بۇ بۈگۈنكى«مودا»دۇر. بەزىلەرنىڭ«مودىنى ساراڭلار يارىتدۇ،ساقلار دورايدۇ»دېگەن پاراڭلىرىنى ئاڭلىغانىدۇق. بەزىلەر شۇ تاپتامىللىي مائارىپتىن
ئۈمىدنى ئۈزۈۋاتىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە مائارىپتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈش بولماستىن،ئۆز مىللىتنىڭ تەپەككۇرىدىن،مىللىي مەدەنىيەتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشتۇر. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە خەنزۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيالى كۆپ، قويۇلىدىغان تەلەپمۇ يۇقىرى ئىمىش. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى يۇقىرى بولارمىش. مەسلە شۇلا بولسا ھەل قىلىش چارسى ئوڭايلاشقان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدىكى مەسلە ئەمەس، بەلكى ئىقتىساتتىكى، مائارىپ قۇرۇلمىسنى تەڭشەشتىكى مەسىلە، ھەرگىزمۇ تىلدىكى مەسىلە ئەمەس. باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئالىدىغان بولساق خەنزۇ بالىلارنىڭ ساۋادى ئىككى-ئۈچ يىلدا ئاران چىقىدۇ. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ساۋادى بولسا بىر يىلدىلا چىقىپ بولىدۇ. لېكىن باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئوخشاشلا ئالتە يىل.
مانا شۇنداق سىزمۇ، مەنمۇ ئۇلارمۇ مۇشۇ ئاددى سەۋەبلەر بىلەن ئۆزمىللىي مائارىپىمىزدىن ئۈمىد ئۈزگىلى تۇرساق، ئەۋلاد بىلەن ئەجداد ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان مۇستەھكەم زەنجىر بىزگە كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالمامدۇ؟
كومپيۇتېر سىنىپىنى قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ھىچقانداق داغدۇغا قوزغىيالماي، تەجرىبە سىنىپىنىڭ ئىچىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىۋىدى، مۇشۇ سىنىپقا بالىلىرىنى كىرگۈش ئۈچۈن چىپىۋاتقان، يول ئىزدەۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كارىدوردىن ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىۋاتقان ئاياغ تىۋىشلىرى بۇ ئىشقا بولغان دىققىتىمنى تارتتى. يەنە بۇنىڭ نەتىجسى قانداق بولار؟ دىگەن ئەندىشەممۇ بار ئىدى. تاللاش ئارقىلىق ئارانلا 35 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كىيىن مەكتەپ سانغا سۈپەتكە ئىتىبار بىرىشنى ئويلاشقان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. چۈنكى باشقا پاراللىل سىنىپلاردا40-45،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى بار ئىدى. بۇ سىنىپتا ماتىماتىكا دەرسىنىڭ خەنزۇتىلدا ئۆتىلدىغانلىقىنى ئاڭلىغا. ئەمما قانداق شەكىلدە ئۆتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ باقمىغانىدىم. تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ دەرس سىتكىسىنى كۆرۈپ باققۇم كىلىپ قالدى. دەرسنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا، ھەپتىدە تۆت سائەت خەنزۇتىلى دەرسى، بەش سائەت خەنزۇتىلدا ئۆتىلىدىغان ماتىماتىكا دەرسى، ئىككى سائەت كەسپىي خەنزۇتىلى دەرسى...... پىشانەمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. بىر ھەپتىدە ئۆتىلىدىغان 39 سائەت دەرسنىڭ 11 سائىتى خەنزۇتىلى دەرسى بولسا،بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيسى قانداقتۇ؟ ئۇلاردىن بىر قانچە ئوقۇغۇچىنى ئەكىرىپ پاراڭلىشىپ پىشانەمدىن سوغۇق تەرنىڭ ئورنىغا ئاچچىق تەر چىقىپ كەتتى. ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئىگلەپ كۆرسەم ماتىماتىكا نەتىجسى پاراللىل يەتتە سىنىپ ئىچدە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن. خەنزۇتىلى ئىمتھان نەتىجسى گەرچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، باشقا سىنپلاردىن بىر نەچچە پىرىسەنتىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىعا گۇمانىم ئاشتى. بۇلارغا ماتىماتىكىنى خەنزۇتىلىدا ئۆتىدىكەن. ھەپتىدە ئىككى سائەت ماتىماتىكىلىق ئاتالعۇلارنى خەنزۇتىلىدا ئۆتىدىكەن. بۇنداقتا ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى بولىدىكەن. تولۇقسىزنى پۈتۈرۈپ يۇقىرىلاپ ئوقۇش جەريانىدا يەنە مىللىي تىل-يىزىق بىلەن ئىمتىھان بىرىدىكەن. بۇنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى باردۇ؟ بۇنداق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى زادى قانچىلىك؟ ئەگەر بەكرەك تەجرىبە قىلغۇمىز كىلىپ كەتسە، بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەڭ يىڭى ئۇسۇلدا دۆلەت تىلى دەرسلىكىدىكى قىلىپ-شەكىللەرنى بۇزۇپ تاشلاپ تەجرىبە قىلىپ باقساق،بۇنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك بولار؟
ئەدەبىيات دەرسىلىكى بالىلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىنى بىيتسا،ماتىماتىكا ئۆزىدىكى لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى جانلاندۇرىدۇ. لىكىن ماتىماتىكا دەرسلىكىدە نوقۇل تۆت ئەمەل ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىلمەيدىغان نەرسىلەر كۆپرەك تەكىتلىنىپ، بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇر قۇرۇلمىسغا تەسىر كۆرسىتدىغان ئامىللار تاشلاپ قويىلۋاتىدۇ. بالىلار نۇرغۇن تىئورمىلارنى، قائىدىلەرنى پىششىق بىلىدۇكى،بىر ئۆيىنىڭ ھەجمىنى ھىسابلاپ چىقىرىشنى بىلمەيدۇ. تۆت ئەمەلنى بىلدۇيۇ، بىر دۆۋە قۇمنى بىر دۆۋە قۇمغا قوشالمايدۇ. سانلار تەرتىپى بويىچە بولغاندا بىردىن ئىككى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۇكى، تۇنجى پەرزەتنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتتىن چوڭ بولدىغانلىقىنىڭ ئەقەللىي سەۋەبىنى ئىيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار نۇرغۇن فىزىكا،خىمىيە فورمۇلالىرىنى بىلدۇكى،ھاۋانىڭ ئوكسىگىندىن،قۇمنىڭ سىلىتسىيدىن تۈزۈلگەنلىكىنى چۈشەنگەندىن باشقا(بەزى ئوقۇغۇچىلار ھەتتا مۇشۇنىمۇ بىلمەيدۇ) يەنە قالغان نەرسىلەرنىڭ نىملەردىن تۈزىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. فىزىكا دەرسىدىكى يورۇقلۇق ئىلىمى توغرىسىدىكى نەچچە بەت، نەچچە بەت نەزەرىيىنى سۇدەك ئىچىۋالىدۇكى،كۆزۈمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن شەيئىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى دەماللىققا ئىيتىپ بىرەلمەيدۇ. شۇڭا پەننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسىرى يىراقلاپ،پەننىي خۇراپاتلىق ۋە دىنىي خۇراپاتلىق يەنىلا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. مانا شۇنداق قائىدىلەرنى بىلىپ تۇرۇپ رىئاللىققا تەدبىقلىيالماسلىق رىئاللىق بىلەن ئىلىم ئارسىدا ئارىلىق پەيدا قىلىپ، بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتەلمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز باشقىلارنىڭ ئىسپاتلاپ بىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن باشقىغا قادىر بولالمايۋاتىمىز، قادىر بولالماسلىقىمىزغۇ بىر گەپ، باشقىلار ئىسپاتلاپ بەرگەن ئەنە شۇ قائىدىلەرنى قايتىدىن بىرمۇ-بىر ئىسپاتلاپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيتى بارمۇ؟
ھازىر ھەممە يەردە 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويىلىۋاتىدۇ.شۇنداق تۇرۇپمۇ ئوقۇشتىن چىكىنىش ئەھۋالى كۆرىلىۋاتىدۇ. بۇخىل ئەھۋال يىزىلاردا تىحمۇ ئىغىر، يىزىلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقانلانى ھالى بولسا تىحىمۇ خاراب. ئۇلار يىراق يولنىڭ جاپاسىنى، تومۇز ئىسسىقنى، قەھرىتان سوغۇقنىڭ ئازابىنى تارتىپ ئۆي-ئۆيلەرگە بىرىپ ئوقۇشتىن چىكىنگەنلەرنى«تىرىپ كىلىش»ئۈچۈن جاپا تارتىشىنى ئاز دەپ، ئاتا-ئانىلانىڭ تاپا-تەنىسى، تىل-ھاقارىتىگە ئۇچرايدۇ. شەھەرلەردىمۇ بۇنداق ئەھۋالنى يوق دەپ ئىيىتقىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟
بۇنىڭدا سەۋەب كۆپ بولسمۇ، ئەمما يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى،ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىش سەۋەبىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ. ئۇلار تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ ھىچقانداق نەتىجە يارىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە ھاراق،خىروئىن ۋە جىنايەتكە يەم بولىۋاتقان بالىلىرىغا قاراپ گۇمانلاندى،ئۈمىدسىزلەندى. ئۇلارنىڭ ئىڭىدىكى ئەنئەنىۋىي تەربىيىلەش(مەسىلەن ساتىراچلىق،موزدوزلۇق،ناۋايلىق)بىلەن ھازىرقى زامان مائارىپى ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. چۈنكى ساۋاتسىز دىھقانمۇ 10يىل ئوقۇپ بىكار يۈرگەنگە قارىغاندا، بەش يىل موزدۇزلۇق ئۆگىنىپ ساۋاتسىز بولسىمۇ جان بىقىۋاتقان ئادەمنىڭ كۈنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سىلشتۇرالايدۇ. بۇ ئىككى خىل مائارىپ يولى بىلەن تەربىيىلىنىپ چىققان بالىلىرىمىزدىكى پەرق، مەنپەئەت نىسبىتى ئاتا-ئانىلارنى «زامانىۋىي مائارىپنىڭ نەتىجسىمۇ تايىنلىقكەن. مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئارتۇق چىقىم قىلغاندىن كۆرە ئىسسىقىدا ئىشنىڭ يولىنى قىلايلى» دىگەن تونۇشقا كەلتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.
دادىسنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئوقۇشتىن چىكىنگەن بىر بالا بىلەن پاراڭلىشپ قالدىم.
- نىمىشقا مەكتەپكە بارمىدىڭىز؟
- ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنتىم.
-ئوقۇغۇڭىز بارمىدى؟
-ھەئە.
- قايتا ئوقۇشنى خالامسىز؟
-خالايمەن.
-ئۇنداقتا مەكتەپكە بىرىڭ بولامدۇ؟
-دادام قوشۇلمايدۇ.«مەكتەپ ساڭا ھىچنىمە بىلدۈرەلمەپتۇ. مەن ساڭا جان بىقىشنى بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قوياي» دەيدۇ.
بۇنىڭغا نىمە دىگۈلىك؟ بالىنىڭ كۆزىدىن چاقناپ ئۆتكەن ھەم ئۈمىدسىزلىك ھەم تەشنالىق ئارىلىشپ كەتكەن ھەم ئۈمىدسىزلىك ھەم تەشنالىق ئارىلىشىپ كەتكەن بىچارىلەرچە روھىي ھالىتى يۈرىكىمنى ئىزىۋەتتى. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سانىلىۋاتقان ياش نوتىلار مىللىي مائارىپىمىزدىن ئەنە شۇنداق ئايرىلىپ قىلىۋاتسا، بىزنىڭ كىيىنلىكىمىز نىمە بولۇپ كىتەر؟
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زور مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىغان ياپونىيە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۈتۈن دۇنياغا خىرىس
قىلىدىغان كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنالىدى. ئاھالىسى 120 مىليون، يەرمەيدانى ئارانلا شىنجاڭنىڭ 4\1 قىسمىغا تەڭ كىلىدىغان مۇشۇ جايدا زادى قاندق سىر باردۇر؟ بۇ يەردىكى سىر دەول ئۇلارنىڭ ئاەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىچىپ، ئادەم ئەقلىنى كاپىتال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدە. بىزچۇ؟ بىز ئاھالىنىڭ كۆپلىكىندىن ۋايسايمىز. ئەمما بىلسەك بۇ بىز ئۈچۈن زور بايلىق،چۇنكى ھەر بىر ئادەمدە بىردىن كاللا بار. ئەگەر شۇ كاللىلارنى ئىشلىتىشنى بىلۋالساق،بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئەقىلىنى كاپتالغا ئايلاندۇرالىساق،ئۇچاغدا بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز مۆلچەرلىگۈسىز بولغان بولاتتى.
مىللىي مائارىپ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. شۇنداق بولغاچقا ئۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەقىقىي جان كۆيدۈرەلەيدىغان،ئەڭ ساپ، ئەڭ قابىل، ئەڭ نوچى ئادەملەرنىڭ جەڭگاھى بولۇشى كىرەك ئىدى.ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپچىلىرىمىز ئەنە شۇنداق كىشلەر ئىدى. ھالا
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ مائارىپىمىز سۈپەتسىز كىشلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئالىنىپ قىلىۋاتىدۇ. مائارىپتىن ئىبارەت قوينى كەڭ زىمىندا ئۇلار مائارىپ ئانىنىڭ سۈتىنى ئىمىپ ھە دەپ سەمرىۋاتىدۇ. بۇ سۈتنى ئەسلى مىللىي مائارىپ ئۈچۈن ھەقىقىي جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان تالماس يۈرەكلەر ئىمىشى كىرەك ئىدى. بىراق جەڭگىۋار سىپىمىزگە كىرىۋالغان، جەمئىيەتكى ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئاتالمىش«مەلۇماتلىقلار»،خەتنىمۇ تۈزۈك ئوقۇيالمايدىغان چالا ساۋاتلار،لەمەلدارلار،پۇلدارلار،پۇلدارلارنىڭ يىقىنلىرىدىن ئىبارەت «چاقىرىلمىغان مىھمانلار»
نىڭ كاساپىتىدىن سەبىي يۈرەكلەر ئالدىنىۋاتىدۇ. مۇنەۋۋەر باغۋەنلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈۋاتىدۇ.مىللىي مائارىپىمىز مەلۇم دەرىجىدە زەئىيپلىشىۋاتىدۇ.مائارىپچىلىرىمىز، مائارىپىمىز خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتىدۇ.خەلقىمىز بىزگە،بىزجان كۆيدۇرۋاتقان مائارىپقا گۇمان نەزەرى بىلەن تىكىلىۋاتىدۇ.خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئۆزى ئشنىڭ تۈگىگىنى ئەمەسمۇ؟11- ئەسىردە ياشغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دىگەن:
ئىتلارغا باش بولسا ئەگەر ئارسلان،
ئىتلارمۇ ئارسلاندەك بولغۇسى يامان.
ناۋادا ئارسلانغا باش بولۇپ قالسا ئىت،
ئارسلانمۇ ئىتلاردەك بولغۇسى ھامان.
مائارىپىمىزدىكى يەنە بىر يوچۇق«قاپاق پۇل ئەمەس،باراڭ پۇل» بولۇپ قىلىشتۇر.بۇنىڭ بىلەن«ئۇنۋان ۋە دىپلومنى پۇلغا سىتىۋالغىلى» بولىدىغان بۈگۈنكى كۈندە،«دىپلوم سودىسى»ئەۋج ئىلىپ،«ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش» قالپىقى ئاستىدىكى تىتقسىزلىقلار ئەدەپ كەتتى. ئەلۋەتتە،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ھەممىلا ئادمنىڭ قولىدىن كېلىۋىردىغان ئىش ئەمەس. لېكىن مائارىپىمىزدىكى سەل قارىلىۋاتقان بۇ يوچۇقىتىن پايدىلىنىپ پۇرھەتپەرەسلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزىنىڭ قولىدىكى دىپلومغا تاينىپ، مەرىپەت ئوچاقلىرىنى ئالقىنىدا پىرقىرتىپ، مەيدىسىنى كېرىپ يۇرىۋاتىدۇ. ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىرنىڭ نەتىجە يارىتىشغا، ئاكىتپلىق بىلەن خىزمەت قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلۋاتىدۇ. مۇشۇنداقلار باش بولغان مەرىپەت ئوچاقلىرىنى قانداقمۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، دېگىلى بولسۇن؟مائارىپتىن ئىبارەت بۇ غايەت زور بىنانىڭ ئۇلى- باشلانغۇچ مەكتەپلەردۇر. لېكىن بۇ ئۇلىمىزمۇ بىرتوپ ساپاسىزلارنىڭ ئۇۋىسغا ئايلاندى. چەت ئەللەردە، بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ياپۇنىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئېرىش ئۈچۈن تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلىققا تالىنىشنىڭ شەرتلىرىمۇ ئىنتايىن قاتتىق بولىدىكەن. ئەمما بىزدە ئەھۋال باشقىچە. بىر - ئىككى يىل ئۇقۇدۇڭمۇ، ئوقۇدۇم قىلغان، ماشىناسازلىق مەكتىپى،خېمىيە سانائەت مەكتىىپى.....نى پۈتتۈرگەنلەر مەكتەپلەردە مەن «ئوقۇتقۇچى» دەپ مەيدىسىگە مۇشتىلاپ يۈرىشىدۇ. ئەجەبا بىز ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئازراق بولسىمۇ ئويلىشىپ باقمامدۇق؟
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتىنىڭ مائارىپ قانۇنىنىڭ جاكارلانغىنىغىمۇ بەش بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا باغلۋەنلىرمىزنىڭ قەلبىنى تىترىتىپ لەرزىگە سالغۇدەك بىرەر قېتىملىق داغدۇغىلىق تەشۋىقات بولۇپ باققىنى يوق. يەر باشقۇرۇش قانۇنى، قاتناش قانۇنى، سۇ قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار ئۈچۈن مەخسۇس سەنئەت فىلىملىرى ئېكرانلارنى قاپلاپ كەتسمۇ، مائارىپ قانۇنى ھەققىدە ھېچنىمىنىڭ بولماسلىقى كىشنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.
چەتكە قىقىش،ئىتىبارسىز مۇئامىلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتلق يۈرىكىنى سوۋۇتۇپ قويىۋاتىدۇ. ھەممە پۇل بىلەن بولىۋاتقان، ئابروي، ھۆرمەت پۇلغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆت تەڭگە مائاشى ئاينىڭ ئاخىرىغا ئۇلاشمايلا قۇرۇقدىلىنىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك سورۇنلاردىكى ئارتۇقچە مېھمانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. قارا دوسكا ئالدىدا بور يەپ 30 كۈننى مىڭ جاپادا ساناپ توشقۇزىدىغان بۇ مېھنەتكەشلەرنىڭ نامرات قولىغا تەككەن شۇ ئۈچ تۆت تەڭگە مائاش تۈرلۈك «جەرىمانە» بىلەن بىرەر قېتىم تولۇق تەگمەيدۇ. كىمنىڭ ياخشى يەپ ، ياخشى كەيگۈسى يوق؟ كىمىنىڭ ئەل - جامائەت ئارىسدا يەرگە قاراپ قالغۇسى بار؟ كىمنىڭمۇ غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرگىسى كېىلىدۇ؟ ئەمما بۇ قانائەتچان كىشىلىرىمىز نامرات، ئوقۇششسىز قالغانلارغا، ۋەيران بولغان كارخانىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ئاكىتىپلىرى بولۇپ، ئىئانە سندڭقىغا ئۆزىنىڭ قان ھەم تەرىنى تاشلاۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسملىرى بولسا ئۆزىنىڭ ئازغىنە مائاشىنى باشقىلارنىڭ گېلىنى مايلاش بىلەن بۇ «نەس باسقان كەسىپ»تىن بالدۇراق قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە ئۈچۈن تەرەپ تەرەپكە قاتراۋاتىدۇ. بۇنى ئۇلاردىنلا كۆرۈش مۇمكىنمۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ قولى ئۇزۇن ئازادە بولۇپ كۆڭۈللۈك ھېس قىلسا،ئاندىن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىيەلەيدۇ- دە!
،ئىرا ھالقىش بوسۇغىدا تۇرۇپتىمىز، يېڭى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇمغا ئالىمەن دەيدىكەنمىز ، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە يەنىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشمىز كېرەك. ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا ئائىت قانۇنلار بۇ ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.ھوقۇق ئالدىدىمۇ ئىككلنىپ تۇرۇش، تاللاش ئالدىدىكى ئارىسالدىلىق ۋە ھاماقەتلىك ئەمدى تۈگىتلىشى كېرەك.
مەنبە: بوستان ژورنىلى1999.3 ھازىرقى كىرورەن ژورنىلى
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]