خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مىللى مائارىپىمىزدىكى كىرزىس ۋە م

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : bayawan2010-03-14 22:22

مىللىي مائارىپىمىزدىكى كىرزىس ۋە مەسئۇلىيەت

ئادىل ئابدۇقادىر


مائارىپ – ئاددى قىلىپ ئېيقاندا ، ئەۋلادلارنى ئىجتىمائىي ئىﻬتىياجنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيلەيدىغان بىر سېستىمىلىق جەريان. ئادەملەر مائارىپ ۋاستىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئەجداتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدۇ. بۈگۈنكى دەۋىردە مائارىپنىڭ بۇ جەﻫەتتىكى رۈلى ئۆتكەنكى ﻫەرقانداق دەۋىردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ روشەن بولماقتا. زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ پەن-تېخنىكا ﻫەم جەمىئيەتنىڭ مائارىپقا قۇيىدىغان تەلپى كۈنسىرى ئارتىپ بېرىشقا باشلىدى. مائارىپ ئاددى ﻫالدىكى مەكتەپ تەلىم-تەربىيسىدىن ﻫالقىپ ئائىلە ﻫەم جەمىئيەت ئىشلەپچىقىرىش ﻫالقىللىرىنىڭ ﻫەربىر ئۆگزىسىگە قەدەر سىڭىپ كىردى .ئىجتىمائىي رىقابەت تەلەپ قىلغان ماﻫارەت ﻫۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆگۈنىش، بىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ﻫەرقانداق بىر تارىخى دەۋىردىكىدىن چوڭقۇر ﻫېس قىلىشقا باشلىدى. ئەمما ئائىلە ﻫەم ئەنئەنە مائارىپ تەربىيسىنى پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئېلىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان بولغاچقا، جەمىئيەتنىڭ تەرەققىياتى ﻫەم مۇكەممەللىكى يۈكسەك دەرىجىدە مەكتەپ مائارىپىغا باغلىق بۇلۇپ قالدى. كىشىلەر ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتى بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولدى .
ئۇچۇر ئىنقىلاۋى پارتلىغاندىن كىيىن، مائارىپ سۈپىتى ئىجتىمائى تەرەققىياتنىڭ يۆلىنىشى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ﻫەل قىلغۇچ ئامىل بۇلۇپ قالدى. مەكتەپلەر ئىقتىساسلىقلارنى ﻫەم پەن-تەخنىكا خادىملىرىنى يىتۈشتۈرىدىغان بازىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقلا مائارىپ سۈپىتى بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋىرسال تەرەقىياتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ئىجتىمائى تەرەقىيات يۈلۈنىشى ئالدىن بەلگىلەنگەن مائارىپ مەقسىتى بۇيىچە مائارىپ قۇرلمىسى ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسى ﻫەم پىداگوگىكا مەسىلىللىرىدە پۈتۈن دۇنيادا ئىسلاﻫات ئېلىپ بېرىلىپ، غەرىپلىكلەرنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ﻫەم ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى خېلى كۆپ مەملىكەتلەردە قوللىنىلىشقا باشلىدى.
ﻫەقلىق مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى ﻫەم دۆلەت بىرتۇتاش تەقسىملەشتەك ئۇمۇمىي تەقسىمات ئۇسۇلۇنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، ئەمدىلا ساۋاتسىزلىق سىزىقىدىن ﻫالقىغان خەلقىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى. شۇنداقلا مائارىپنىڭ ئۆز كۈچىگە تاينىش يۇلىغا مېڭىشى، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئۇقۇتۇش سۈپۈتى، ئۇقۇتقۇچىلار ساپاسى قاتارلىق جەﻫەتلەردە نۇرغۇن مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مىللى مائارىپىمىز ماددى ۋە مەنىۋى جەﻫەتتىن كىرزىسكە دۇچ كەلدى.
بۇ ﻫەقتە بىر قانچە يىلدىن بۇيان نەشىر ئەپكارلىرىمىزدا ئاز-تۇلا مۇلاﻫىيزە بولدى. بۇ مۇلاﻫىزىلەر ئىچىدە مەسىلىنى ﻫەل قىلىشنىڭ چارىسىدڭن كۆرە، مەسىلىلەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى قاقشاش، ئاغىرنىش بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگىلىدى. ئەلۋەتتە، نەشىر ئەپكار لىرىدىكى مۇلاﻫىيزىلەر بىزنىڭ رىئاللىقىمىزدا، ئۇ مەسىلىلەر ﻫەقىيقەتەن مىللىي مائارىپىمىزدا مەۋجۇت، شۇنداقلا ﻫەممىمىز ئۇنىڭ ﻫەل بۇلۇشىدىن ئۈمۈت كۈتىمىز، ئەمما كىرزىز بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئۇ ئوتكۈرلىشىدۇ. بىزنىڭ رىئاللىقتىن قاقشىشىمىز پەقەت ئاجىزلىقىمىزنى ﻫەم بىزدىكى مەنىۋى كىرزىسنى ئاشكارلاپ بىرەلەيدۇكى، ﻫەرگىزمۇ مەسىللىرىمىزنى ﻫەل قىلالمايدۇ. بىز بەلكىم شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەسەللىيسى ، ئىچ ئاغىرتىشىغا ئىرشەلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما مەسىلىلىرىمىزنى ئۆزىمىز ﻫەل قىلمىساق بولمايدۇ، مانا بۇ رىئاللىق.
پېقىر گەرچە مائارىپ خىزەتچىسى بولمىساممۇ، مىللى مائارىپنىڭ پەرۋىشىدە ئۆسكەن ئاددى زىيالىمەن. بىزدە «يىگەن تۇزىنى قايتۇرۇش»دەيدىغان بىر گەپ بار. مائارىپ پەرۋىشىدە ئۆسۈپ مائارىپنى، ئۇقۇتقۇچىنى تىللايدىغانلار ئارىمىزدا كۈرمىڭ، ئۇنداقلار ئەلۋەتتە نەپرەتكىمۇ ئەرزىمەيدۇ. پىقىر مائارىپتىن ئالغان ئاشۇ«تۇز»نى تۇلۇق قايتۇرالمىساممۇ، لىكىن شۇنىڭ ﻫۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ ماقالە ئارقىلىق مىللى مائارىپىمىزغا بولغان كىچىككىنە ساداقەت ﻫەم تەشۋىشىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن.
مائارىپىمىزدىكى كىرزىس
مىللى مائارىپمىزدىكى كىرزىس ﻫەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن مائارىپ، ئۇنىڭ رۇلى ﻫەم مەقسىتى ﻫەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. مائارىپ يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئەۋلاتلانى تەربىيەلەيدىغان بىر سېستىمىلىق جەريان. بۇ بىر جەريان بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل تەربىيىلىنىش باسقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا ئۇ نۇقۇل ﻫالدىكى مەكتەپ مائارىپى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. مەكتەپ مائارىپىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ئادەملەرگە ساۋات خارەكتىرلىك ئاساسى نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئىگىلىتىش ﻫەم شۇ ئاساستا تۇغما ئىقتىدارنى ماﻫارەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇسسۇلىرىنى ئۆگۈتۈشدىن ئىبارە. مائارىپ بولسا، ئادەملەرنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ﻫەم ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۈگۈنىدىغان بىر جەريان بۇلۇپ، بۇ جەريان ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ئۆلۈشىگىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىنى ئۆزىگە مەزمۇن ﻫەم ۋەزىپە قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى، ئادەملەرنى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىقتىدارغا ئىرىشتۈرۈشتىن ئىبارە. بۇلۇپمۇ بۈگۈنكىدەك زامانىۋى پەن-مەدەنىيەتنىڭ تەرەقىياتى تىز بۇلۇۋاتقان، ئۇچۇر ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىۋاتقان پەيىتتە تېخىمۇ شۇنداق.
بىر نىسپەتەن ئېيىتقاندا، بىر شەخىسنىڭ ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئاللىقنى تەرەقى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان مائارىپ ئەڭ ياخشى مائارىپ ﻫېساپلىنىدۇ. چۈنكى جەمىئەت پەقەت شەخىسلەرنىڭ ئىجاتچانلىقى بىلەن تەرەقى قىلىدۇ ﻫەم جەمىئەتنىڭ ئىجتىمائىلىقى پەقەت شەخىسلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شەخىسلەر ئۆزىگە خاس ئىجادچانلىقى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنى يۇقاتقان جەمىئەت تەرەقى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەﻫرۇم قالغان جەمىئەتتۇر. ئېنىشتىيىن ئۆزىنىڭ مائارىپ قارىشىنى شەرﻫىلەپ مۇنداق دەيدۇ:«بىلىم___ ئۆلۈك نەرسە، مەكتەپ بولسا جانلىق ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ياشلار ئارىسىدا جامائەتكە پايدىلىق پەزىلەت ﻫەم ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك. لىكىن بۇ ئىنسانلارنى ئۆز ئىندىۋىدۇئاللىقىدىن مەﻫرۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى ﻫەسەل ﻫەرىسى ياكى چۈمۈلىگە ئوخشاش پەقەتلا جەمىئەتنىڭ قورالىغا ئايلاندۈرۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.» شۇڭا مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسى قانداقتۇر پىرىنسىپ ياكى گوروﻫنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئىنژىنىرلارنى تەربىيەلەشنىلا مەقسەت قىلماستىن، ئەڭ مۇﻫىمى «ئادەم»تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئادەملەر جەمئىيەت ئىجتىمائى ئىسلاﻫاتىنىڭ قوشۇنىغا ئايلىنالايدۇ. بىراق مائارىپ ﻫۆكۈمران سىنىپلارنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغاندا بولسا، تەربىيىلەنگۈچىلەر پەقەت شۇ ﻫۆكۈمران سىنىپ ﻫەم ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدىيە، كۆزقاراشلارنىڭ گۇماشتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ﻫەم ئۇ شۇ جەمىئەتنىڭ قۇرالى سۈپىتىدىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ. بۇ خىل مائارىپنىڭ خارەكتىرى تەربىيىلەنگۈچىلەرنى ئۆز مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئىتىش ئەمەس، بەلكى تەربىيەلىگۈچىلەرنى ﻫۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئاڭلىق خىزمەتكارىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇلىدۇ. شۇڭا بۇخىل مائارىپ ئۇسۇلىدا تەربىيەلىنىپ چىققانلاردىكى تۇغما قىززىقىش، ﻫەقىقەت ئىزلەش، ﻫەقىقەتنى چۈشۈنۈش ئارزۇسى، ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەش ئىقتىدارى، تەۋەككۈلچىلىك روﻫى ئۆلگەن بۇلىدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر ياشىسىمۇ ئۆزى ياشىغان دۆلەت، جەمىئەت ﻫەم مىللەتنىڭلا پۇقراسى بۇلالايدۇكى، مەڭگۈ دۇنيانىڭ پۇقراسى بۇلالمايدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر ئۆزلىرى باغلانغان كۆرۈنمەس ئارقاننىڭ يېتىلىگىنىدە ياشاشقا مەجبۇر.
بۇ خىل تەربىيە نەتىجسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ﻫېچكىم مائارىپنىڭ ئاساسى ئاپراتى بولغان مەكتەپلەرنىڭ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يوق دىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئاساسى مائارىپ مەكتەپ مائارىپى ئارقىلىق تاماملىنىدىغان بۈگۈنكىدەك جەمىئەتتە، مەكتەپ شارائىتى، ئۇنىڭ باشقۇرۇلۈش تۆزىمى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىۋاستە ﻫالدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسى، ئىندىۋىدۇئاللىقى ﻫەم ئىجادچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت پۇقرالىرىنىڭ ئىجتىمائى ساپاسىنى مەكتەپ ﻫەم ئۇقۇتقۇچى بەلگىلەيدۇ دېسە ئارتۇق كەيمەيدۇ. شۇنداقلا بىر جەمىئيەتنىڭ كىرزىسى مائارىپنىڭ كىرزىسى دەپ قاراشمۇ مۇمكىن.
ئەمدى مىللى مائارىپىمىز ئۈستىدىكى كىرزىس ئۈستىدە توختىلايلى. يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر قارىماققا بىز بىلەن ئالاقىسى يوقدەك كۆرۈنسىمۇ، لىكىن جەمىئىتىمىزدىكى مائارىپىمىزنىڭ بۇ كىرزىسى، مىللى مائارىپىمىزنىڭ كىرزىسىنى قىسمەن بەلگىلەپ قۇيۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى بىزنىڭ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەت ﻫەم جەمىئەت، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ماكان، زاماننىڭ تۈرلۈك تەسىرلىرىگە ئۈچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەﻫۋالدا دۇنيانىڭ ﻫەم ئۆزىمىزنى ياشاۋاتقان تىرىتورىينىڭ تۈرلۈك كىرزىسى بىزنىڭمۇ كىرزىسىمىز بۇلۇپ قالىدۇ.
بۈگۈنكى مىللى مائارىپىمىزنىڭ كىرزىسىنى خەلقىمىزنىڭ مائارىپ تونۇشىدىكى يىتەرسىزلىك ﻫەم مىللى مائارىپ سېپىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
خەلقىمىزنىڭ مائارىپ تۇنۇشىدىكى يىتەرسىزلىك: مەكتەپ مائارىپى ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ ئاساسلىق شەكلى، ئەمما ئۇ پۈتۈن مائارىپنىڭ ئاساسلىق جەريانى ئەمەس. تەربىيلىگۈچى بىلەن تەربىيەلەنگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بىلىم يەتكۈزۈش جەريانىنى كىشلەر مائارىپ دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا تەربىيەلەش جەريانىنى مائارىپ ئاپراتلىرىنىڭ ﻫەم خىزمەتچىللىرىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ ئويلاش، بۈگۈنكى جەمىئەتدىكى بۇلۇپمۇ بىزنىڭ جەمىئىتىمىزدىكى ئومۇمى يۈزلۈك قاراش. كىشىلەر بەزىدە مەكتەپنى بىرخىل قورال دەپ ئاددىلا چۈشۈنىدۇ، ئۇ ئارقىلىق ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقان ئەۋلاتلارغا كۆپ بىلىم بەرگىلى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ خىل قاراشنى پۈتۈنلەي توغرا دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى مائارىپ كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى تاماملىنىدىغان جەريان ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ خەلقىمىز ئويلىغاندەك نۇقۇل مەكتەپ ئىچىدىلا بولمايدۇ. چۈنكى مەكتەپ مائارىپى ئاساسى مەشىق ئىگىلىتىش جەريانىنىلا تاماملايدۇ، ئۇ قانداق قىلىشنى ئۈگۈتىدۇ. نىمە قىلىشنى ئۆگەتمەيدۇ. ئۇ تۈرلۈك چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى بىر ئادەمنى ئۆز خاسلىقى ﻫەم ئىجادچانلىقىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. مەشﻬۇر شەخىسلەر، ئالىملار، كەشپىياتچىلارنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ﻫاياتىدىكى مەكتەپ تەربىيەسى پەقەت ئۇلارنىڭ ساۋات چىقىرىش جەريانىلا بولغان، خالاس. شۇڭا، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ رۇلىغا بەك ئىشىنىپ كىتىش ﻫەم ئۇنىڭغا زور ئۈمۈت باغلاش بەزىدە خاتالىققا يول قۇيۇش بۇلۇپ ﻫىساپلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ بۈگۈنكىدەك پەن-تەخنىكا تەرەقىياتى تىز، ئۇچۇر كۈنسىرى يىڭىلىنىۋاتقان، تەرەقىيات ئىﻬتىياجى بىلەن مائارىپ ئىقتىدارى ئوتتۇرسىدا بوشلۇق شەكىللىنىۋاتقان جەمىئيەتتە تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى بۈگۈنكى جەمىئيەت بىلىم ئەڭ تىز كونىرايدىغان، مەكتەپ مائارىپى جەمىئيەت تەرەقىياتىغا يىتىشەلمەيۋاتقان جەمىئيەت. بىر ئادەم مەكتەپتە ئۇقۇپ ئالى مەكتەپتە كەسىپ ئىگەللەپ جەمىئەتكە چىققۇچە ئۇنىڭ ئۈگەنگەنلىرى ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇلۇپمۇ كومپىيوتىر تەخنىكىسى ﻫەم تەبىئى پەن بىلىملىرى تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا، مائارىپنى مەكتەپتىلا بۇلىدۇ دەپ قاراش ئەخمىقانىلىك.
مەن بۇيەردە مەكتەپ مائارىپىنىڭ رولىنى چەتكە قاقماقچى ئەمەسمەن، پەقەت جەمىئىتىمىز كىشىللىرىنىڭ مائارىپ قارىشىدا ئۆزگۈرۈش بۇلۇشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىمەكچىمەن. چۈنكى، بۈگۈنكى ﻫەم بۇنىڭدىن كىيىنكى جەمىئەتتە، مەكتەپ مائارىپى پۈتۈن جەمىئيەتنىڭ ئىﻬتىياجىدىن چىقالىشى ناتايىن. شۇنداقلا مائارىپ ئىپتىدائى مائارىپقا ئوخشاش ئائىلە ﻫەم جەمىئيەتنىڭ ﻫەربىر ﻫالقىللىرىغا قەدەر سىڭىپ كىرىشى، شەخىسلەرنىڭ ئاڭلىق ئىﻬتىياجى ﻫەم ﻫەركىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
مىللى مائارىپ سېپىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك: مۇبادا سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى ئۆلچەش مۇمكىن بولسا، بەلكىم «مەسئۇلىيەت» دىگەن سۆزنىڭ ۋەزنى ئەڭ ئېغىر بۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى مەسئۇلىيەت____ جاۋاپكارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىچكى ئىﻬتىياج. ﻫەرقانداق جەمئىيەتتە جەمىئيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بىر قۇشۇن بۇلىدۇ. بۇ قۇشۇن جەمىئيەت تەرەقىياتنىڭ ئاساسى كۈچى ﻫىساپلىنىدۇ. بۇخىل قۇشۇندىن مەﻫرۇم جەمىئيەت تەرەقى قىلالمايدۇ. بۇخىل قۇشۇننى دەل مائارىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئېيىتقاندا ئۇقۇتقۇچى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ ﻫەقتە ئىنىشتىيىن مۇنداق دەيدۇ:«شەخىسلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادچانلىقى بىلەن ئارزۇسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئادەملەردىن تەشكىل تاپمىغان جەمىئيەت تەرەقى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەﻫرۇم بولغان بەخىتسىز جەمىئيەتتۇر.»
مائارىپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا مەكتەپلەر ئورتاق مەسئۇلىيەت تويغۇسىغا ئىگە كىشىلەرنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن، ئالدى بىلەن مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا شۇخىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۇلۇشى كېرەك. ئۇلار تارىخ، مىللەت ئالدىدا ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى تونىماي تۇرۇپ، جەمىئيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان قۇشۇننى تەربىيەلەپ چىقالمايدۇ. بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز نۇرغۇن كىشىلەر ئېيىتقاندەك ئىقتىسادى قىيىنچىلىق، مۇستەقىل نەزىرىيەۋى يىتەكچىلىكتىن مەﻫرۇم ﻫالەتتە تۇرماقتا. ئەمما مۇشۇنداق شارائىتتا بىزنىڭ كۆپ قىسسىم مىللى مائارىپ خىزمەتچىللىرىمىز ﻫە دىگەندە رىئاللىقتىن ئاغىرىنىپ، خىزمەتتىن قاقشاپ، قېيداش پوزىتسىيەسى ئىچىدە ياشىماقتا. شۇنداقلا بۇخىل قېيىداش پىسخىكىسى مىللى مائارىپىمىزنىڭ سۈپىتىنى زور دەرىجىدە بەلگىلەپ قويماقتا. بۇنى نەشىر ئەپكارلىرىمىزدىكى مۇلاﻫىزىلەردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مەرﻫۇم شائىرىمىز روزى سايىت «دىﻬقان بولماق تەس» دىگەن مۇخەممەسنى يازغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىنغان «مۇئەللىم بولماق تەس»دىگەندەك مۇخەممەسلەرمۇ مەيدانغا كەلدى. شۇنداق، ئۇقۇتقۇچى بولماق تەس. ئۇنىڭ تەسلىكى قانداقتۇر بىز تىلغا ئېلىۋاتقان مائاشنى ۋاقتىدا ئالالماسلىق، دەرىسىتىن سىرىتقى پۇل تېپىش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلاش قاتارلىقلاردا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر ئىجادى ئەمگەك بولغانلىقىدا. يەنى، ﻫەربىر تەربىيەلەنگۈچىنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشنىڭ مۇرەككەپ بولغانلىقىدا.
ئۇقۇتقۇچىلىق بىر شەرەپلىك خىزمەت، چۈنكى ئۇقۇتقۇچى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىئەتنىڭ پەرۋىشكارى ﻫەم روﻫىي دوختۇرى. شۇڭا، كىشىلەر ئۇقۇتقۇچىنى «ئىنسان روﻫىنىڭ ئىنجىنىرى»دەيدۇ. ئەمما بىر جەمىئيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىر جەمىيئەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تۇنۇپ يىتەلمىگەنلەر ﻫەم تەرەقىيات ئىﻬتىياجىغا لايىق ئادەم تەربىيىلىيەلمىگەنلەر بۇ نامغا مۇناسىپ ئەمەس. بىزنىڭ رىئال ئەﻫۋالىمىز ﻫەممىمىزگە مەلۇم. جەمىئىيىتىمىزدە تۈرلۈك بولمىغۇرلۇقلار، بۇزۇقچىلىقلار ئىجتىمائى مەسىلە سۈپىتىدە ئاشكارە تۇرۇپتۇ. بۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ يۇقۇرىسى ئالى مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلار، تۆۋىنىمۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر. ئۇلارنىڭ ﻫەممىسىدىن جەمىئيەتتە ئۈستىگە ئالماقچى بولغان ئورتاق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئوشۇقچە ئىش. چۈنكى ئۇلار جەمىئيىتىمىزدە ئۆز ﻫۆددىسىدىن ئاران چىقىپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ﻫۆددىسىدىن چىقالمىغانلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، تانسىخانا، كوچا-كويلانى قىززىتىپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ مىللى مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتى بولماي نىمە؟ بىزدىن دوكتۇر، ئالىم چىققىنى راسىت، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالى مائارىپتا ئىگەللەيدىغان نىسپىتى يەنىلا تۆۋەن. شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدىن 2001-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئاسپىرانىت ئۇقۇغۇچى 97، بۇنىڭ 11ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچى، قالغان 86سى بولسا خەنزۇ ئۇقۇغۇچى، بۇ سان نىمىنى دېرەكلەيدۇ؟ ئوقۇرمەن ئويلاپ باقسا بۇلىدۇ.
بۇ ئەﻫۋاللارنىڭ ساقلىنىشىدا، مائارىپ خىزمەتچىللىرىمىزنىڭ، تۆۋىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىللىرىدىن تارتىپ يۇقۇرىسى ئالى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىللىرىغىچە بولغان پۈتۈن سىستىمىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ_يوق؟ جەمىئيەت ئۇلاردىن باشقىلارغا ئوخشاش جەمىئيەت تەرەقىياتىنىڭ ئىﻬيتىياجىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان سەزگۈرلۈك ﻫەم شۇنىڭغا لايىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدىغان پىلانىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ﻫۇقۇقلۇقمۇ_يوق؟ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ ئىمتاﻫانلىرىدا 100نۇمۇر ئېلىپ ئۇقۇۋاتقان بالىللىرى نىمە ئۈچۈن جەمىئيەتنىڭ، ئادەم بۇلۇشنىڭ ئىمتاﻫانلىرىدىن ئۆتەلمەيدۇ؟
سوئاللار نۇرغۇن، جەمىئيەتدىكى ﻫەرقانداق كەسىپ ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرسىدە يۇقۇرغا سانلىق مەلۇمات يوللاپ ياكى يالغان دوكلات يوللاپ مەسئۇلىيەتدىن قۇتۇلالايدۇ. شۇنداقلا بىرقىسسىم كەسىپلەرنىڭ جەمىئيەت، مىللەت، تارىخ ئالدىدا سۈرۈشتۈرگۈدەك مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ، بانكىدىن قەرىز ئالغان قەرىزدار قەرىزنى تۆلەپ قۇتۇلۇشى، دىﻬقان ﻫوسۇلىدىن ئالۋاڭ تۆلەپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالىشى مۇمكىن. ئۇقۇتقۇچىچۇ؟ ئۇقۇتقۇچى تارىخ ئالدىدا جاۋاپكار، مىللەت، جەمىئيەت ئالدىدا، مەكتەپ تەربىيەسىنى ئالغان ﻫەربىر تەربىيەلەنگۈچى ئالدىدا جاۋاپكار. مۇبادا ئۇقۇتقۇچىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن تەخىت ياساشقا توغرا كەلسە، شاﻫلىق تەختى كەملىق قىلىدۇ. خاتالىقى ئۈچۈن سوت ئېچىشقا توغرا كەلسە، ئۇقۇتقۇچىغا كەچۈرگۈسىز جىنايەت يۈكلىنىدۇ. شۇڭا ئۇقۇتقۇچى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشىلەردىن بۇلۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇلار«ئون قەدەم نېرىدىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان كىشى» بۇلالايدۇ. ئۇنداقتا ئۇلاردا قانداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بۇلۇشى كېرەك ؟
①تارىخى مەسئۇلىيەت ئېڭى
ئىنسانىيەت تارىخى بەئەينى بىر كۆپ تارماقتىن تەركىپ تاپقان غول ئېقىمغا ئوخشايدۇ. ﻫەرقايسى ئەل، مىللەت خەلقلىرىنىڭ تارىخى مۇشۇ غول ئېقىمنى شەكىللەندۈرگەن تارماق ئېقىملاردۇر. شۇڭا، ئىنسانىيەت تارىخىدا ﻫەرقايسى ئەل، مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئازدۇر_ كۆپتۇر تۆﻫپىسى بار. ئەمما بۇ تۆﻫپە ئوخشاش ئەمەس. ئۆزلىرى ئېرىشكەن تارىخى پۇرسەتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئىلگىرى-كېيىنلىكى تۈپەيلى، بەزىلەرنىڭ تۆﻫپىسى يىراق ئۆتمۈشكە مەنسۇپ بۇلىدۇ، بەزىلەرنىڭ تۆﻫپىسى بولسا بۆگۈننىڭ ئۆزىدە بۇلىدۇ. بۈگۈنگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتمۈش سەلتەنىتىنىڭ ئەسلىمىللىرى ﻫېچقانداق بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى رىئال پاكىت. بۈگۈنكى تارىخقا قاتنىشىش ئۈچۈن چۇقۇم بۈگۈننىڭ ئادىمى بۇلۇپ ياشاشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ بۈگۈنكى تەرەقىيات ﻫەم رىئاللىقنىڭ تەقەززاسى. پەقەت بۈگۈنكى تەرەقىياتنىڭ، پەن- تەخنىكىنىڭ ئۇيغۇنلىشالايدىغان بىرتۈركۈم قۇشۇنى بار مىللەتلا، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالايدۇ. ئەمما مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ خىل شەرتىنى پەقەت تارىخى مەسئۇلىيەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنگەن ﻫەم ئۇنىڭ ﻫۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈستىگە ئېلىشى، كەلگۈسى تارىخنى روياپقا چىقىرىشقا ﻫەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ساﻫە ئورۇندىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ﻫەرقانداق مىللەت كەلگۈسى ئۈستىدە مۇلاﻫىزە يۈرگۈزۈپ ئولتۇرمىسىمۇ بۇلىدۇ. چۈنكى تارىخى مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمىگەن خەلقنىڭ تارىخقا قاتنىشىش سالاﻫىيىتى بولمايدۇ ﻫەم ئۇلار تارىخ يارىتالمايدۇ.
بىرمىللەتنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئەڭ مۇناسىپ ساﻫە بەلكىم مائارىپ بۇلۇشى مۇمكىن. بۇلۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ﻫەممە ئادەم مائارىپتىن تۇلۇق بەﻫرىمان بۇلۇش ﻫۇقۇقىغا ئىرىشكەن جەمىئيەتتە تېخىمۇ شۇنداق. بۈگۈنكى دۇنيادا بەلكىم ئۆز مىللى مائارىپى ﻫەم ئۇقۇتقۇچىسى بولمىغان مىللەتلەر ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۆز مائارىپى ﻫەم ئۇقۇتقۇچىللىرى تارىخى مەسئۇلىيىتىنىڭ ﻫۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالىغان مىللەت كۆپ ئەمەس. يەﻫۇدىلار دەل مائارىپتىن تۇلۇق پايدىلانغان ﻫەم مائارىپى تارىخى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئىسرائىلىيەدە يۇقۇرى ساپالىق پەن-تەخنىكا خادىملىرى ناﻫايىتى كۆپ بۇلۇپ، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمى نۇپۇسنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ب د ت نىڭ ئەڭ يىڭى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە، «ﻫەر ئون مىڭ ئەمگەك كۈچى ئىچىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار» ئامىرىكىدا90، ياپۇنىيىدە 81، فىرانسىيەدە 62، ئەنگىلىيەدە 40ئادەم ئىكەن. ئىسرائىلىيەدە بولسا 160ئادەم ئىكەن. پۈتۈن دۇنيانىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن 600نەپەر ئالىمنىڭ %20تى يەﻫۇدى قان سېستىمىسىدىن ئىكەن. يەﻫۇدىلار ئازاب-ئوقۇبەتلىك تارىخىدىن «خەتەرلىك پەيىتتە بىرگە ئېلىپ كەتكىلى بۇلىدىغان چوڭ مىڭە»نىڭ چوڭ بايلىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن. شۇڭا، يەﻫۇدىلار مائارىپقا ئالاﻫىدە ئىتىبار بىرىدۇ ﻫەم ﻫەربىر تەربىيەلەنگۈچىنى كەلگۈسىنىڭ ئالىمى، يەﻫۇدىلارنىڭ بايلىقى دەپ قارايدۇ.
بىز ئۆزىمىزنى يەﻫۇدىلار بىلەن سېلىشتۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە. ئەمما بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى تۈپكى پەرىق ئۇلارنىڭ يەﻫۇدى، بىزنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزدا بۇلۇشى ناتايىن. مۇبادا، بۈگۈنكىدەك شارائىتتا ئۇقۇتقۇچىللىرىمىزغا ﻫۆكۈمىتىمىز بىرىپ كېلىۋاتقان ئايلىقنى بەرمىسە يەنە قانچىلىك ئادەم ئۇقۇتقۇچىلىق قىلار؟ ئارىمىزدىكى قانچىلىك مائارىپچى خىزمىتىدىن قاقشىماي، ئۇنى سۈرۈپ ئىشلەيدىغاندۇ؟ ئارىمىزدا ﻫېلى ﻫەم مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوت يۈرەك مائارىپچىلار بارمىدۇ؟ مەمتىلى ئەپەندى ئەينى يىللىرى دەۋىر شارائىتىنىڭ چەكلىمىلىكىگە قارىماي، بىر ئۆزى چېپىپ يۈرۈپ ئاتۇشنىڭ 24كەنتىدە 24مەكتەپ قۇرۇپ، 10000دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى بىلەن دەرىس باشلىغان. ئۇنىڭدىكى جاسارەت، غەيرەت ئادەمنى ﻫەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ﻫاياتى بۈگۈنكى ﻫەربىر مائارىپ خىزمەتچىسى ئۈچۈن دەرىسلىك بۇلالايدۇ. بىراق ئۇنىڭدىكى روﻫنى بۈگۈنكى كۆپ قىسسىم مائارىپ خىزمەتچىللىرىدىن تاپماق تەس.
ئۇقۇتقۇچى، سىز تارىخنىڭ سىزگە قانداق باﻫا بىرىشىنى خالايسىز؟
②مىللى مەسئۇلىيەت ئېڭى
يىراق تاغلىق يېزىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر تاغلىق دوستۇم، ئۆزى خىزمەتكە چىققان تۇنجى يىلى بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىرى ۋەقەنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ بۇ چەت جايغا تەقسىملەنگىنىگە قىلچە ئۈكۈنمىگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ كىچىكىدىنلا ئۇقۇتقۇچى بولغۇسى بار ئىكەن. خىزمەتكە چىققان تۇنجى يىلى ئۇ نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن ناﻫايىتى تىرىشپ ئىشلەپتۇ. ئۇ خەنزۇتىلى ئۇقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ يېزىدا ئۇقۇتقۇچى كەمچىل بولغاچقا، ئۇ ئىككى مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى دەرىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كۈن ئالماشتۇرۇپ ئىككى مەكتەپتە ئىشلەپتۇ. يىل ئاخىرىدا ئىمتاﻫانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىركۈنى، ئۇ ئۇقۇغۇچىللىرىغا ئىمتاﻫاندا كۈچۈرمەسلىك، مۇستەقىل ئىمتاﻫان بىرىش ﻫەققىدە سۆزلەۋاتسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان بىر پىشقەدەم ئۇقۇتقۇچى ئۇنىڭغا«ئۇكام، تۇلىمۇ ساددا ئىكەنسىز، سىز ﻫازىر ئۇلارغا ئىمتاﻫاندا قانداق كۆچۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۈگەتمەي نىمىلەرنى دەۋاتىسىز؟» دەپتۇ. دوستۇم تۇرۇپ كىتىپ، بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟دەپ ﻫەيران قاپتۇ. ﻫېلىقى ئۇقۇتقۇچى كېيىن بىلىپ قالىسىز. ئىمتاﻫان ئېلىنىپتۇ. دوستۇم ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىمتاﻫاندا كۆچۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزى نازارەت قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ سىنىپلارنى ئارىلاپ بىر سىنىپقا كىرسە، ئۇنىڭ بىلەن كەسىپداش بىر ئۇقۇتقۇچى ئىمتاﻫان مەيدانىدا ئۇقۇغۇچىللىرىغا سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى دەپ بىرىۋاتقۇدەك، كىيىن ئىمتاﻫان نەتىجىللىرى چىقىپ، يېزا بۇيىچە خۇلاسىلىنىپتۇ، دوستۇمنىڭ نەتىجىسى خەنزۇتىلى ئۇقۇتقۇچىللىرى ئىچىدە يېزا بۇيىچە ئەڭ تۆۋەن چىقىپتۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر ئايلىق مائاشى تۇتۇپ قېلىنغاننىڭ ئۈستىگە بىر يىللىق خىزمەت نەتىجىسى لاياقەتسىز بۇلۇپ باﻫالىنىپتۇ. ئۇ ئەﻫۋالنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئېيتىپ ئېتىبار بىرىشنى سورىغان ئىكەن، دەككىسىنى يەپتۇ. ئىككىنچى يىلى دوستۇم بۇ ساۋاقنى يەكۈنلەپ، باشقىلارنىڭ نەسىﻬىتىگە كىرىپ، باشقىلارنى ئازراقلا دوراپ قويغان ئىكەن، نەتىجىسى يېزا بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا چىقىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ. ﻫېچكىم ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى نەتىجسى بىلەن بۇ يىلقى نەتىجىسىنىڭ پەرقى ئۈستىدە ﻫېچنىمە دىمەپتۇ.
بۇ ئاساسى مائارىپ باسقۇچىدىكى يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئومۇمى يۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ئەﻫۋال. بەلكى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە تېتىقسىز ئىشلار كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن. مائارىپقا خۇددى دىﻬقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش بۈگۈنكى مائارىپ ئاپراتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە. يۇقۇرى-تۆۋەن يىللىق مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ ئىش بىجىرىش ﻫەرقايسى ساﻫەلەردە ئومۇملاشقاندىن كېيىن، مائارىپتىمۇ ناﻫايىتى تىزلا ئومۇملاشتى. ئۇقۇتقۇچىنىڭ مائاشى مۇشۇ مەسئۇلىيەتنامىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندى. مەكتەپلەردە مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار يىللىق ئۇقۇتۇش سۈپىتى مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالايدۇ___ يۇ، ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا ﻫېچقانداق مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالانمايدۇ. نەتىجىدە مائارىپ سۈپىتى پەقەت ئۇقۇتقۇچى بىلەن مائارىپ ئاپراتلىرى ئوتتۇرسىدىكى كىلىشىمگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مائارىپنىڭ نەتىجىسى ياكى سۈپىتى، ﻫازىرقى كىشىللىرىمىزنىڭ نەزىرىدىكىدەك بىرەر يىلدا ياكى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈشى بىلەن ئۆلچىنىدىغان نەرسە ئەمەس. مائارىپنىڭ سۈپىتى ئادەتتە بىر ئەۋلات كىشلەرنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەمما جەمىئيىتىمىزدە مائارىپ سۈپىتى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە نەق نۇمۇر بىلەن ئۆلچىنىدىغان، تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسى قەغەز يۈزىدىلا تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان بولغاچقا، مائارىپ ئاپپاراتلىرىمىزدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ساقلانغان.
ئۇيغۇر ئاﻫالىسىنىڭ زور كۆپ سانلىقىنى دىﻬقانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ﻫازىرغىچە ئۇيغۇر مىللى مائارىپى يۈزلىنەلەمدۇ__يوق؟ ئۇ دىﻬقانلارغا قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك. مۇبادا مىللى مائارىپ شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى زور كۆپ سانلىق خەلققە يۈزلىنەلمىسە ﻫەم خىزمەت قىلالمىسا بۇنداق مائارىپنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى دىگىلى بۇلامدۇ؟ 9يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، كەڭ خەلق ئاممسى مەجبۇرى يۇسۇندا بولسىمۇ مائارىپتىن بەﻫرىمەنلىككە ئىرىشتى. ئەمما مىللى مائارىپنىڭ، بۇلۇپمۇ چەت-يېزا قىشلاقلارنىڭ مائارىپىدا سۈپەت ئۆسمىدى. شۇڭا، بىزدە ئالىم، مۇتەخەسسىسكە قارىغاندا يەنىلا دېﻬقان كۆپ بولدى. يېزا مىللى مائارىپىنىڭ سېلىنمىسى يېتەرسىز، ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك يىتىشمەيدۇ، ئۈستەل-ئۇرۇندۇق يىتىشمەيدۇ. ئەمما شەﻫەر مىللى مائارىپىنىڭ ﻫەممە نىمىسى تەل. يېزا مىللى مائارىپى بىلەن شەﻫەر مىللى مائارىپىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرق چوڭ. بۇلار رىئاللىق، كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان رىئاللىق، ئەمما مۇشۇ خىل رىئاللىقتىن قاقشاپ، قېيداش پوزىتىسىيەسىنى تۇتۇۋاتقانلار ئۆزلىرىنىڭ نىمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەمدۇ؟ بىر مەسىلە.
ئادەم كىسەل بولمىسا، ئۇنىڭغا دورىنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. ئەمما كىسەل ئادەم روﻫى جەﻫەتتىن ئۆزىنى تەڭشىمىسە، ئۇنىڭغا ﻫەرقانداق كۈچلۈك دورا، ئوكۇلنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مىللى مائارىپىمىزدا يۇقۇرقىدەك ئەﻫۋاللار بولمىسىدى، بۇ يەردە قەغەز بىكار قىلىپ «مەسئۇلىيەت»ئۈستىدە سەپسەتە سېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.
③ كەسپى مەسئۇلىيەت ئېڭى
ئوقۇتقۇچىلىق جەمىئەتتىكى باشقا كەسىپلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇستەقىل كەسىپچانلىققا ئىگە ساﻫەلەرنىڭ بىرى. ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيەلىنىشكە، مەشىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا خالىغان ئادەم ئۇقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ. شۇنداقلا بىر لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيەلىنىشكە، مەشىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا خالىغان ئادەم ئۇقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ. شۇنداقلا بىر لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈن بىلىم، پەزىلەت، پىداگوگىكا بىلىملىرىنى مەخسۇس ئىگەللەشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ جەﻫەتتە ئۇقۇتقۇچىلىققا قۇيۇلىدىغان كەسپى تەلەپ ئالاﻫىدە يۇقۇرى بۇلىدۇ.
يۇقۇردا بىز ئۇقۇتقۇچىلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك تارىخ مەسئۇلىيەت ئېڭى ﻫەم مىللى مەسئۇلىيەت ئېڭى ئۈستىدە مۇلاﻫىزە يۈرگۈزدۇق. ئەمما بۇ ئىككى خىل مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئالدىنقى شەرىت ئەمەس. چۈنكى، كەسپى مەسئۇلىيەت ئېڭى بولمىغان ئۇقۇتقۇچىدا ئۇ ئىككى مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ بۇلۇشى قۇرۇق گەپ. ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى مەسئۇلىيەت ئېڭى دەل ئۇقۇتقۇچىلىقنىڭ مۇقەددەس كەسىپ بۇلۇشىنى بەلگىلىگەن مۇﻫىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى. ئۇقۇتقۇچىدا پەقەت يىتەرلىك بىلىم ﻫەم ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن مەسئۇلىيەت ئېڭى بولغاندىلا، ئۇ ئاندىن لاياقەتلىك ئۇقۇغۇچى تەربىيەلىيەلەيدۇ. كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى «ئون قەدەم نېرىدىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان كىشى» گە ئايلىنالايدۇ.
ئۇقۇتقۇچى____ ئالىم، ئىنژىنىر، مۇتەخەسسىس، داﻫى، كارخانىچى...... تەربىيەلەيدىغان ئادەم، شۇنداقلا ﻫەر بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ بىلىملىك كىشى. جەمىئەتنىڭ ئىجتىمائى قاتلىمىدىمۇ ئۇقۇتقۇچىلىق خېلىلا ئابرويغا ئىگە. ئەمما، بىزنىڭ رايۇنۇمىزدىكى ئۇقۇتقۇچى ﻫەم ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپى كىشىلەر قاچىدىغان ساﻫەلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ زادى نىمە؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ﻫەربىر مائارىپچى ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاچانكى ساپالىق كىشى كۆپۈيىدىكەن، ئالىم، مۇتەخەسسىس، كارخانىچىلار كۆپ چىقىدىكەن، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيئەتدىكى ئىناۋىتىمۇ، كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان قوللىشىمۇ تەڭ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدىكەن، ئۇقۇتقۇچىلار «ئون قەدەم نېرىدىن كۆرسە كىشلەر قاچىدىغان» كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
بۈگۈنكى مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان مائارىپ خىزمەتچىللىرىدىن بەلكىم، مائارىپقا ئالاقىدار بولمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىمتاﻫان ئېلىنسا لاياقەتلىك بۇلالايدىغانلار ئاز بۇلۇشى مۇمكىن، چۈنكى،مائارىپ خىزمەتچىللىرىدە بىرخىل بىكىنمىچىلىك ئېغىر، بۇلۇپمۇ يېزا مائارىپ خىزمەتچىللىرىدە بۇ خىل ئەﻫۋال ئومۇمى يۈلۈك. ئوقۇتقۇچى ئۆز ساﻫەسىدىن پۈتۈنلەي ﻫالقىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ كۆز بولغاندىلا، ئۇ ئاندىن كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلات يىتىشتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ تەربىيەلىگەنلىرى براك مالدىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا مائارىپ خىزمەتچىللىرىدە كىشىلىك ئەدەپ ئەخلاق ﻫەم سەزگۈرلۈك بۇلۇشى كېرەك. بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ كەسپى سەۋىيەسىدىن مۇﻫىم. چۈنكى تەربىيەلەنگۈچى تەربىيەلىگۈچىنىڭ دىگەنلىرىنى ئۈگەنگەندىن باشقا قىلغانلىرىنىمۇ ئۈگۈنىدۇ. بۈگۈنكى جەمىئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىرقىسسىم ناچار ئىللەت ﻫەم قىلمىشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدە مائارىپ خىزمەتچىللىرىنىڭ بىردەك مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا ئۇقۇتقۇچى ئالىم، ئىنژىنىر، مۇتەخەسسىس تەربىيەلەش بىلەن بىرگە، ئالدى بىلەن «ئادەم»تەربىيەلەشنى بىلىشى كېرەك. جەمىئيەت تەرەقى قىلغانسىرى كىشىلەرنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىغا قۇيۇلىدىغان تەلەپمۇ كۈنسىرى ئېىشىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى قۇرۇلمىسىنى يىڭىلاش بىلەن بىرگە بىلىم دائىرسىنىمۇ كېڭەيتىشى، ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئەﻫمىيەت بىرىشى تولىمۇ زۈرۈر. بۇلۇپمۇ بىزنىڭ رايۇنىمىزغا ئوخشاش بىكىك، تەرەقىياتى ئارقىدا رايۇنلاردا ئۇقۇتقۇچىلار بۇ جەﻫەتتە ئالاﻫىدە سەزگۈر بۇلۇشى زۈرۈر. چۈنكى سۈمرۇغ بالىسىغا قاغا ئۇچۇشىنى ئۈگۈتەلمەيدۇ.
تۈگەنچە
جەمىئىيىتىمىزدە ئۇقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ﻫەممە ئىتىراپ قىلىدىغان، مائارىپ خىزمەتچىللىرىدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشنى ئۇشۇقچە ئويلايدىغان بىرخىل قاراش ﻫۆكۈمران بولغاچقا، ﻫازىرغىچە مائارىپ جەﻫەتتە مۇلاﻫىزە بولۇنسا، ئۇنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىدە تۇلىراق توختالدۇق. ئەمما، مائارىپ خىزمەتچىللىرىنىڭ بىزلەرگە نىمىلەرنى قىلىپ بىرىشى كېرەكلىكى ﻫەققىدە ئاز توختالدۇق ﻫەم ﻫازىرغىچە مائارىپ خىزمەتچىللىرىدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرمىدۇق. دەۋر ﻫەم تەرەقىيات بىزنى قىستاپ بۇخىل قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا. شۇڭا، يۇقۇردا ئۆزۈمنىڭ بۇ ﻫەقدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. بەلكىم بەزى قاراشلىرىم يۈزە ياكى قاتتىق بۇلۇپ كەتكەندۇ. ئەمما شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، بۇ يىڭى بىر مۇلاﻫىزە ﻫەم تالاش تارتىشقا يىپى ئۇچى بۇلۇپ قالسا، باشقىلارنىڭ ﻫەر نىمە دىيىشى مەن ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ ياخشى ئىنئام.


كىرورەن ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار