مائارىپ دوقمۇشىدىكى پاراڭلار
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2012-08-10 22:23
مائارىپ دوقمۇشىدىكى پاراڭلار
ئابدۇللا ئېلى بەگزاد
«ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش ــ ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتىگورىيە.» (ۋ. ئى. لېنىن) مائارىپ ــ ئىنسانلارغا خاس بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئادەم تەربىيىلەيدىغان پائالىيەت. ئۇنىڭ تارىخى ئىنسانلار تارىخى بىلەن، تەقدىرى ئىنسانلار تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. دېمەكچىمىزكى، مائارىپ ئىنسانلار پەيدا بولۇشى بىلەن باشلانغان، ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تەرەققى قىلغان. شۇڭا جەمىيەتسىز مائارىپنى، مائارىپسىز جەمىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
مائارىپ ئانا باش تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە تالاي- تالاي ماقالىلەر يېزىلدى. ئەمما مائارىپىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى يېڭىچە مەزمۇن ۋە سۈپەتكە ئىگە بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ھال بىزنى يېڭىدىن- يېڭى تۇيغۇلارغا ھامىلدار قىلىدۇ، تەپەككۈر دونياسىغا باشلايدۇ.
بىزدە مائارىپ ھەققىدە ئاجايىپ رەھنەما پىكىرلەر، شاھانە يوللار بارلىققا كەلگەن. ھەر قانداق قۇۋم ياكى بىر مىللەت تارىختىن بويان ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشنى مۇھىم بىلگەن. مەسىلەن، «قەدىمقى سىپارتالىقلار ۋە رىملىقلارنىڭ پەرزەنتىلىرىنى تەربىيىلەشتە ئاجايىپ ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى بولغان. شۇڭلاشقىمۇ رىم ئېمپىرىيىسى ئۆزىنى ھۆكۈمرانلىقىنى نۇرغۇن ئەسىرلەر داۋاملاشتۇرالىغان.»①
مائارىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى، تەرەققىياتنىڭ قامچىسى. چۈنكى ئۇ ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە. شۇڭا ئۇرۇشخۇمار مىللەت گىرمانلار «مائارىپ ھەربىي ئىشلاردىنمۇ مۇھىم» دەپ بىكار ئېيتمىغان. دەرۋەقە مائارىپتىن ئايرىۋەتكەندە، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يامغۇر سۈيى قاقاس دالىلارنى تىرىلدۈرگەندەك، مائارىپ ئىنسان قەلبىنى تىرىلدۈرىدۇ . چۈنكى ئۇ «ئەقىل ۋە ئېتىقادنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق.» (مۇھەممەتئىمىن ئۆمەرۇف)
خەلقىمىز ئەزەلدىن مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى بالا تەربىيىلەش ھەققىدىكى بايانلىرى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى چاغدا تەربىيىسىز، نادان قالسا، چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولمىقى تەسكە توختايدۇ» دېگەن بايانلىرى خەلقىمىزنىڭ ساغلام مائارىپ قاراشلىرىنىڭ تارىختىكى ئىنكاسى. بۇلار ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىغان ئىزدىنىش ۋە سىناقلارنىڭ نەتىجىسى بولغاچقا، بىزگە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ھەقىقەتلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا مائارىپنى ئەقلىي يۈكسەكلىكتە يۇرۇتۇپ ئۆتەلەيدۇ.
«ياشاش بىر خىل تەبىئىي ھەرىكەت. ئۇ ئېھتىياج ئۈستىگە قۇرۇلغان زۆرۈرىيەت، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش قاتارلىق جەريانلار بىلەن مەزمۇنلىنىدۇ. بۇ جەريان مۇئەييەن تەجرىبە ۋە تەجرىبىدىن كەلگەن باسقۇچلۇق بىلىش ھەرىكىتى بىلەن خاراكتىرلەنگەن بولىدۇ. مائارىپ ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كېلىپ چىققان.»②
«نادانلىقنىڭ بىپايان دالاسىدا تىنەپ- تەمتىرەپ يۈرگەن خەلقلەر ئەنگۈشتەرگە، زۇلمەت باسقان زېمىننىڭ قۇچىقىدا ئىڭىراۋاتقان خەلقلەر مەشئەلگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ. دانكونىڭ قىممىتى شۇڭا بىباھا، ئوت ئوغرىسى پرومىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇڭا تەڭداشسىز!»③
بىر ئادەمنىڭ باي ياكى نامرات ھالەتتە، كۈچلۈك ياكى ئاجىز ھالەتتە،ھۆكۈمران ياكى قۇل ھالەتتە ياشىشىنى ئۇ ئىگىلىگەن ماددىي كۈچ بەلگىلەيدۇ. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە بولسا بىر ئادەمنىڭ ماددىي كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى ئۇ ئىگىلىگەن بىلىم بەلگىلەيدۇ.
نۇرغۇن ئىشلار ئەسلى ئىنتايىن ئاددى بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، ئىزاھلىنىشى تولىمۇ بىمەنە، مۇرەككەپلەشتۈرۈۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەسلى شۇنداق ئاددىي ئىشلارمۇ ئاجايىپ بالايى- ئاپەتلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. ئاۋامنىڭ غاپىللىقى مۇقەررەر ھادىسىدۇر. ئۇلارنىڭ قانداق بولمىقى كۈپىنچە ھاللاردا شۇلارنىڭ ئالىم- سەردارلىرىغا باغلىق. ئۇلار مەسىلىلەرنى قانداق چۈشەندۈرسە، خەلق شۇنداق ئىشىنىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز ئەينى ۋاقىتتا ئاپاق خوجا: «پەيغەمبىرىمىزگە ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھى چۈشكەندە، مېنىڭ نۇرۇم شۇ غارنىڭ بولۇڭىدا ئىدى. ماڭا قول بەرمىگەنلەر جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»④ دېگەندىمۇ گەپ- سۆزسىز ئىشىنىشكەن.
تەيپىڭ تىيەنگۇنىڭ رەھبىرى خۇاڭ شىيۇچۈەن ئۆزىنى ئەيسانىڭ ئىنىسى دەۋالغاندىمۇ، نادان ئاۋام ئىشىنىۋەرگەن.
«ــ ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولماقىغا بائىس نىمەدۇر؟
ــ ئىككى نەرسىدۇر، بىرى جاھالەت ۋە نادانلىق، ئىككىنچىسى تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
ــ ئىززەت- ئابرۇي ۋە قۇۋۋەت نىمە بىلەن بولىدۇ؟
ــ ئىلىم- مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.» (ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «ئاقائىد زۆرۈرىيە» ناملىق ئەسىرىدىن)⑤
ئىنساننىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى نادانلىقتىن تۇغۇلىدۇ. نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۆسۈپ چىققان. بۇلار: قارا نىيەت، ساختا شۆھرەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق. ( شۇپىنخاۋىر)
ياخشى مائارىپ مەدەنىيەتنىڭ كاپالىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىيەتنى ئالغا سىلجىتىدىغان تۈرتكىلىك كۈچ بولالايدۇ. بىلىم بىلەن شىجائەت ئۆلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ سېنىمۇ ئۆلمەس قىلالايدۇ.
مائارىپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەقسىتى بىر ئادەمنى تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى ئەڭ ياخشى ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ياكى شۇ ئىمكانىيەتلەرگە يېتىشنىڭ يولىغا باشلاش. ئادەمنىڭ ياشاش مەقسىتى ئوخشاش بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ مائارىپتىن ئىبارەت قورال خەزىنىسىدىن ياشاش ئۈچۈن ئالىدىغان قورالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مائارىپ ھەر كىمنى ئېھتىياجى ماس قوراللار بىلەن تەمىنلەش جەريانىدۇر. لىكىن مائارىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشى بىكىتىلمەسلىكى، مائارىپ ئىدىيىسىنىڭ ئېنىق، مۇكەممەل بولماسلىقى بۇ قوراللارنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
«ئادەمنى تېخنىكىغا ئىگە قىلىش مائارىپنىڭ بىر مەقسىتى بولسا، ئەخلاقلىق، ئېتىقادلىق قىلىپ تەربىيىلەپ، ئۇنى كائىناتتىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تونىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى مائارىپ مەقامىغا يەتكۈزۈش ــ مائارىپنىڭ يەنە بىر مەقسىتى. بۇ ئىككى مەقسەت ــ مائارىپتىن ئىبارەت ماشىنىنىڭ ماتورى ۋە رولى.»⑥
بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا مۇستەقىللىقنى دېگەندەك يېتىلدۈرۈپ بولالمىدۇق. ئۇلارنى جانلىق ئادەم قاتارىدا قاراش ھېلىمۇ كەمچىل. «جوڭگۇلۇقلار، سىلەر نېمىشقا ئاچچىقلانمايسىلەر؟» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتۇرى لوڭ يىڭتەي خانىم جۇڭگۇ مائارىپى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى قەدىرلەيمەن. ئۇلار قوياشقا تەلپۈنگەن ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايدۇ. ئۇلار پاك، جاسارەتلىك، ئەقىللىق، ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي ھېسسىياتقا ئىگە. لېكىن ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تىپىك جوڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرى: مۇستەقىل ئىندىۋىدىئاللىقى كەمچىل، نۇپۇزغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق.»
ئەگەر بىز نەزەرىمىزنى يىراققا ئاغدۇرساق، دۆلەتنى چىن كۆڭلىمىزدىن تۈزىمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بىز پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ھۆكۈم قىلالايدىغان، غەيرەتلىك، ۋىجدانلىق پۇقراغا مۇھتاج.
ئىنسان تۇغما ھالەتتە ئەقلىنى قانداق ئاچسا ئېچىلىۋىرىدىغان، قانچە تەرەققىي قىلدۇرسا، شۇنچە تەرەققىي قىلىدىغان مىڭىگە ئىگە. ھەر بىر بالا گۇياھ ئاپئاق قەغەز پېتى دونياغا كېلىدۇ. ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ياكى گۈل سىزىدۇ ۋە ياكى ئۇنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار قورقۇنچاق، تۇخۇ يۈرەك، جۈرئەتسىزمۇ ياكى بىز نۇپۇزغا ئىشىنىپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز كەمچىل بولغانلىقتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزگە جەڭ ئېلان قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەيۋاتىمىزمۇ؟
تالانتىلىق بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمىيەت ئۇنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەيدىكەن ياكى ئۇنىڭ تالانتىنى باستۇرىدىكەن، ئۇ لۈكچەك، ھاراقكەش ياكى جىنايەتچى بولۇپ كېتىشى مۈمكىن.
«مېنىڭچە مەكتەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ يامىنى خىزمەتنى قورقۇتۇش، زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ۋە سۈنئىي نۇپۇزغا تايىنىشتەك ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىشتۇر. بۇنداق ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ھېسسىياتى ۋە سەمىمىي ئىشەنچىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ يېتىلدۈرىدىغىنى ئىتائەتچان ئادەم.» (ئېينىشتىيىن)
گىرمانىيەلىك دونياغا مەشھۇر فىزىكا ئالىمى ئالبىرىت ئېينىشتىيىن «ئامىرىكا ئالىي مائارىپىنىڭ 300 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى»دا سۆزلىگەن نۇتقىدا: «بىلىم ئۆلۈك نەرسە، مەكتەپ بولسا جانلىق ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ياشلار ئارىسىدا جامائەتكە پايدىلىق پەزىلەت ۋە قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. لىكىن بۇ ئىنسانلارنى ئۆز ئىندىۋىدىئاللىقىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەسەل ھەرىسى ياكى چۆمۈلىگە ئوخشاش پەقەتلا جەمىيەتنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى شەخسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادچانلىقى بىلەن ئارزۇسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئادەملەردىن تەشكىل تاپمىغان جەمىيەت تەرەققى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان بەختسىز جەمىيەتتۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە مەكتەپنىڭ نىشانى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان كىشىلەرنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. مەكتەپتە مۇشۇنداق تەربىيىلىنىپ چىققانلار جەمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئالىي ۋەزىپە دەپ قارايدىغان بولىدۇ» دېگەنىدى. مەكتەپتىن بىرى قۇرۇلسا، تۈرمىدىن بىرى ئازىيىدۇ. (ۋېكتۇر ھىيۇگۇ)
بىزنىڭ مائارىپ مەقسىتىمىزمۇ خېلى يىللارغىچە ئەمەلىيەتتىن بەكلا يىراقلاپ كەتتى. بىز ياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مۇستەقىل قاراشقا ۋە قول سېلىپ ئىشلەشكە ماھىر ئونۋېرسال ساپاغا ئىگە ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئەمەس، بىراقلا «ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىقتىساسلاشقان»لارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ئاددىي پۇقراغا ئايلىنىش، بىزنىڭ مائارىپ ئىدىيىمىز بولسا ئالىم، مۇتەخەسىس، ماتېماتىك، فىزىك، خىمىك، تىلشۇناس يېتىشتۈرۈش بولۇپ كەلدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بىز ئالىم يېتىشتۈرىمىز دېگىنىمىز بىلەن، نۇرغۇن ئادەمنى ساپالىق قىلىپ يېتىشتۈرەلمىدۇق. ئۇلار ئاددىي پۇقرا يېتىشتۈرىمىز دېسە، نۇرغۇنى ئالىمغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان.
مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەمنى جەمىيەت تەرەققىياتىغا لايىقلاشتۇرۇش، ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش بولۇشى كېرەك. مائارىپ ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئىلغارلىقى ئادەم ھەققىدىكى تونۇشنىڭ ئىلغارلىقىنى شەرت قىلىدۇ. ئادەم ھەققىدىكى تونۇشنىڭ چوڭقۇر ۋە ئىلغارلىقى مائارىپ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ جەريان ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ئۈچۈن مائارىپنى پەيدا قىلىشى، پەيدا بولغان مائارىپنىڭ ئادەمنى تونۇشتىكى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا يېتەكلىنىشىنىڭ مەھسولىدۇر.
«ئادەمنى ھاياتلىق ئۈچۈن مەلۇم قورال ۋاسىتىسىگە ئىگە قىلىش مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى. ئادەمگە ئۆزىنى تونۇتۇپ، قانداق قورالغا ئېرىشىش يولىنى ئىگىلىتىش ئۇنىڭ ئالىي غايىسى.»⑦
«بىزنىڭ مائارىپىمىز ئاللىقاچان يۇقۇرى نۇپۇزلۇق، تۆۋەن ئىقتىدارلىق، قۇلىقى يۇمشاق، ئىتائەتچان، ئۆلچەملىك زاپچاسلارنى يېتىشتۈرۈش مائارىپىغا ئايلىنىپ قالدى.» (قاسىم سىدىق)
ئەلۋەتتە مائارىپ بايلىق يارىتىدۇ. ئەمما مۇنداق ئىككى خىل ئۈستۈنلۈكنى ئالغان چاغدا كىرىزىسقا دۈچ كېلىدۇ: بىرى، يىراق كەلگۈسىدە مۇھىم ئىلمىي قىممەت يارىتىدىغان ئەمەس، بەلكى تىز ئارىدا تاۋار قىممىتى يارىتىدىغان مائارىپ ئەۋجىرەپ كەتكەندە؛ يەنە بىرى مەنىۋىي بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلماي، ماددىي بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن چاغدا.
بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۆز مۇستەقىللىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت ۋە سەھنىنى ئايىماي ھازىرلاپ بېرىشىمىز لازىمكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ساغلام ھەۋەس- قىزىقىشلىرىنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالساق بولمايدۇ. سىز ئالدىڭىزدىكى بالىلارنى سەل قارىماڭ. ئالايلى، ئىتالىيەلىك شائىر دانتى توققۇز يېشىدا شېئىر يازالىغان. ئاۋىستىرالىيەلىك كومپوزىتور مۇزارت ئالتە يېشىدا مۇزىكا ئولتۇرۇشىنىڭ باش رولچىلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىغان. گىرمانىيەلىك كومپوزىتور بىتخوۋىن 13 يېشىدا ئۈچ ئاھاڭلىق مۇزىكا ئىجاد قىلالىغان. فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ ۋە ئالىم پاسكال 13 يېشىدا مۇتەپەككۈر بولۇپ قالغان. ئەنگىلىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى ھامىلتون بەش يېشىدا لاتىن يېزىقى، گېرىك يېزىقى ۋە ئىبراي يېزىقلىرىنى ئوقىيالايدىغان بولغان.
مائارىپ كىشىلەرنى تەربىيىلەش مەسىلىسى دېيىلسە، بۇ مۇتەئەسسىپ مائارىپ بولىدۇ. مائارىپ كىشىلەرنى داۋاملىق تۈردە ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەشكە يېتەكلەش دەپ قارالسا، بىر قەدەر راستچىل مائارىپ بولغان بولىدۇ. رۇشەنكى، «مائارىپ خۇددى تۇغۇلۇشتەك تەبىئىي، ھاياتتەك جانلىق، روھتەك ئەركىن بولغاندا، كىشىلەرگە ھاۋادەك سېخى بولغاندا، جەمىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۈچۈن ئۆزى ھەم باشقىلار كۈتكەندەك كېرەكلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ.»⑧
بالىلار گۈزەللىك، ئويۇن، چۆچەك، مۇزىكا، رەسىم، خىيال، ئىجادىيەت ئالىمىدە ياشاشلىرى كېرەك. (ۋ. ئا. سۇخۇملىنىسكىي)
بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەمىيەت ساغلام بولسا، ئۇنىڭ بىر ھۆجەيرىسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنڭ روھىمۇ ساغلام، ھىسسىياتى گۈزەل بولىدۇ. ئىپلاسلىقلار ئەۋج ئالسا، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ روھىمۇ ئاستا- ئاستا قۇرتلاشقا باشلايدۇ. سوقراتنى ئۆلۈم ئالدىدا «نىمە ئارزۇيىڭىز بار؟» دەپ سورىغاندا، «مەن بالامنىڭ ساغلام بولغان بىر جەمىيەتتە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن.
مائارىپ بالىلاردا ساغلام خاراكتىر، ۋىجدان، غۇرۇر، نۇمۇس، شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، بۇ يەردە تەربىيىلىنىپ چىققان بالىلارنىڭ ماشىنىدىن پەرقى بولمايدۇ. ئىجادىي روھ تەربىيە ۋە كاپالەتكە ئېرىشەلمىگەن جەمىيەتتە كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارى كۆمۈلۈپ قالىدۇ. ئەقىل يۈزەكى ھالدىكى دورامچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
بىز بالىلارغا جان بېقىش مائارىپىنى ئەمەس، خوجايىنلىق مائارىپىنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك.
«ھازىرقى كىشىلەر ئاجايىپ تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. ئىمتىھانلاردا يۇقىرى نومۇر ئالالايدۇ. زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدا چېمپىيون بولالايدۇ. توم- توم كىتاب، لۇغەتلەرنى يادلىۋىتەلەيدۇ. تىز ئىگىلەش، تىز يادلاشلارنىڭ ئاجايىپ ئۇسۇللىرىنى ئىختىرا قىلىشقان. ئۇلار بىر ئۆگىنىش ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ روھى قۇپقۇرۇق، تۇرمۇشى مەنىسىز. ھەممىدىن قاخشايدۇ، ئوڭايلا ئۈمىتسىزلىنىدۇ، مەنىۋىيىتى قاغجىرىغان. ئەمما ئۇلار بۇ تەشنالىقىنى قانداق قاندۇرۇشنى بىلمەيدۇ.»⑨
ئىنسان قەلبى ۋە مەنىۋىيىتىگە زۆرۈر بولغان ساغلام، پاكىز ئۇزۇق ئۆزى تەربىيىلىۋاتقان مائارىپتىن تېپىلمىغاندا، بۇ خىل مائارىپ ئۇلارنى تېخىمۇ گۇمراھلىققا، زالالەتكە باشلىشى، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بىز ئىقتىدار، بىلىم بىلەن بايلىقنى قولغا كەلتۈرەلىسەكمۇ، بەختنى قولغا كەلتۈرەلمەيمىز. بەخت ماھىيەتتە روھنىڭ قانائەتلىنىشىدۇر.
پۇل قىممەت قارىشىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن مائارىپىمىزغىمۇ چىركىنلىك، نانكورلۇق سايە تاشلاپ قالدى. زەئىبلىك ۋە رەزىللىكلەرنى جۇل- جۇل كىيىملىك تىلەمچىلەر، نامرات بىچارىلەردىن ئىزدەپ تېپىش ئاسان. چۈنكى ئۇلاردىكى ئاجىزلىق، ئۇلاردىكى پاجىئە، ئۇلاردىكى خاراكتىر مېيىپلىقى، ئۇلاردىكى ئاددىي نەيرەڭ خۇددى يېقىمسىز ئۈستى- باشلىرىغا ئوخشاشلا كۆزگە ئۇچۇق- ئاشكارا تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق ئەمەلدارلار، زەردارلار، ئاتالمىش زىيالىلاردىكى زەئىبلىك ۋە مەينەتچىلىك دىنىي ھەل، ئەخلاقىي تون، ئالىيجانابلىق رەڭلىرى، دىيانەت زىغزىقلىرى، تەلىمات ھەشەمەتلىرى بىلەن توسۇلۇپ قالىدۇ.
«مائارىپ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلماي، سىياسىي ئېھتىياج ياكى باشقا زۆرۈرىيەتتىن ئۆز رەڭگىدىن ياتلاشسا، بۇ خىل مائارىپتىن جەمىيەتكە بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەركىن رىقابەت يۈرگۈزۈلمىگەن جەمىيەتتىكى ئادەملەر كۆپ ھاللاردا بۇزۇلغان ھۆجەيرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق مەۋجۇتلۇق قەۋىتىدىكى رولى تۆگەيدۇ. ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ. نەتىجىدە جەمىيەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىدىكى خامۇشلۇقنى ھەتتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»⑩
مائارىپنىڭ مەزمۇنىنى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى بەلگىلىشى كېرەك ئىدى. لىكىن بىزدە بۇنى سىياسىئونلارنىڭ ئىدىيىسى، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بەلگىلەيدۇ.
تەپەككۈر ئىنساننىڭ دونيانى تونۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم قورالى. تەپەككۈرنىڭ قانداق بولۇشى بىزنىڭ تونۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام بولمىغان تەپەككۈر ئادىتى تونۇشىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، كۆزىمىزنى خىرەلەشتۈرىدۇ.
يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بىزگە كىرگەن سۇپىزىم، بۇ يولسىز ئەقىدىدىن تارالغان ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك جاھالەت تۇمانلىرى ۋە فېئودال مىللىتارستلارنىڭ «خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتى» بىزنىڭ 20- ئەسىرىمىزدىكى «روزا موللا» (ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى جاللات شىڭسىسەيگە چېقىشتۇرغان مىللىي مۇناپىق)، «ئەمەت مەزىن» (ئابدۇقادىر داموللىنىڭ قاتىلى)، شاپتۇل داموللام (1930- يىللاردا قەشقەردە ئۆتكەن چوڭ دىنى، مىللىي مۇناپىق) ۋە ئۇلارنىڭ يېڭىچە ۋارىسلىرىنىڭ تۇغۇلۇپ تۇرۇشىنى دەۋرنىڭ مۇۋاپىق ھادىسىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.
«بىز ئوتتۇرا ئەسىر ئىگىلىك شەكلىدە تورۇپ، ئىنتىرنىت دەۋرىدە ھېچقانداق كىرىزىس ھېس قىلماي ياشاۋاتقان بىغەم كىشىلەرمىز. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، بىز ۋەيران بولغان مىللىي ئەقىدە ۋە مەدەنىيەتنىڭ خارابىسىدىكى ئۆلۈم ئۇسۇلىنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئويناۋاتىمىز.»
«ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان مىللەت ھامىنى باش كۆتۈرىدۇ. مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ. »
ھەر قانداق بىر ئادەم ۋە خەلقنىڭ ھەر قانداق بىر شەيئى، نەرسە- ھادىسىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە كۈلەملەشكەن ئاممىۋىي ئېڭى بولىدۇ. جەمىيەت ئەزالىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ئومۇمىيلاشقان بۇ خىل ئاڭ- تونۇش تەبىئى ھالدا ئۇلارنىڭ ئونۋىرسال تەرەققىيات كۈچ- سەۋىيىسىگە ھەل قىلغۇچ ياخشى ياكى يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭمۇ تەبىئىي پەن روھىمىز سۇس بولغاچقا، ئەسىرلەردىن بېرى «بوياقچىدىن ئارتۇق خېمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىك چىقمىدى.» (ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن) ھەقىقەتەنمۇ ئاڭدىكى، ئىدىيىدىكى كورلۇق مەۋجۇتلۇقنىڭ زۇلمەتلىك گۆرىنى قازىدۇ. ئاڭنىڭ تېڭى ئاتمىغۇچە بىزنىڭ جاھالەتنىڭ ھاڭىدا ياتقىنىمىز ياتقان.
ئەقىدە تەربىيىسىنىڭ سۇسلىشىشى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ يەكلەشكە ئۇچرىشى، نۇقۇل ئەقلىيچىلىكنى بەلگە قىلغان پەنگە چوقۇنۇشنىڭ كۈچەپ تەرغىب قىلىنىشى، قارىقۇيۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي قىزغىنلىقنىڭ بىنورمال يۈنىلىشتە ئەۋجىگە چىقىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيىنىڭ ئەقلىيلىقتىن ھالقىپ چىقالماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۇرمۇشىمىزمۇ ناھايىتى پۇچەكلىشىپ كەتتى. بىزدە ھەر قانداق ئىدىيە، نەزەرىيە ھەققىدىمۇ ئىلمىي پاراڭ ھاۋاسى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى.
كىرىيە ناھىيىسىنىڭ دەريا بويى يېزىسىدىن ئىبارەت تەكلىماكان قوملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بېكىك، ئىپتىدائىي مۇھىتتا قامىلىپ نەچچە يۈز ياشىغان كىشىلەر دەريا بويىدىن باشقا ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە دونيا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا دەريا بويىدا تۇنجى كىنو قويۇلغاندا قورقۇپ قېچىشقان، يېزىغا تۇنجى قېتىم ماشىنا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا يىسۇن دەپ قۇمۇش، پاسار تاشلىغانىدى.
ساغلام مەۋجۇتلۇق ئېڭى بىر مىللەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەركىبلەرنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئەقىلگە، ئىقتىدارغا، تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىش تەبىئىي ھالدىلا مائارىپنىڭ يۈكسېلىشىنى شەرت قىلىدۇ.
ئىجتىمائىي ئىنسانشۇناسلىقنىڭ پىشىۋاسى ھىسابلىنىدىغان مالىنوۋىسكىي: «بىر مىللەتنىڭ كۈچلۈك- ئاجىز، ئىلغار- قالاقلىقى ئۈستىدىكى بەس- مۇنازىرىدە ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى قورال چىقىرىدۇ.» دەيدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان قورال نۇقۇل ھەربىي قورال ئەمەس، بەلكى شۇ مىللەت ئەزالىرى ئىگە بولغان دېھقانچىلىق، تۇرالغۇ، قاتناش، ئالاقە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتەتتى. يەنى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق قوراللىنىش سەۋىيىسى مەركەزلىك تۇتقا قىلىنغانىدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ئالىمى ئاجايىپ سىرلىق مەنا ۋە مۆجىزىلەرگە تولغان بولىدۇ. ئۇلار تەبىئەت ۋە جەمىيەتتىكى ھەر بىر نەرسىگە قىزىقىش ۋە ھېرىسمەنلىك قارايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىدراك قاتلىمىدا تەپەككۈر مايسىلىرى بىخلىنىدۇ. ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ تۆھپىسى ئاددىي ھادىسىلەرگە ھەيران قېلىشتىن باشلانغان. ياخشى تەربىيىلەنگەن ئادەم ئۆز ھاياتىنى ھەر قانداق ئۇقۇم ۋە ئېتىقادنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سوبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، بايقالماي قالغان يېڭى ئالامەتلەرنى تېپىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ. بۇ مەنىۋىي ھاياتى ساغلام ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.
مېنىڭچە، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى يورغا ئاتتەك ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ، ئۆز رېتىمىغا قويىۋەتسەك ياخشىدەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولغانلىقتىن، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەبىئىي ھالدا ئۆز مۇقامىنى تاپالايدۇ. ئەلۋەتتە مائارىپ پىداگۇكىدىكى «مۇقەددەس» قائىدىلەرنىڭ روھى سۈپىتىدە ياشايمەن دېسە، بۇ بىر ئىسكىلىتقا خاس سۈپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«بىر مىللەتنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى نەدىن كېلىدۇ؟ قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدىن كېلىدۇ. بۇ ھايات ئۆزى تۇغۇلغان تەبىئىي مۇھىتقا يارىشا خاس ئىنكاس شەكلىگە، پىكىر يوللىرىغا، ئىزدىنىش جەريانلىرىغا تولغان بولىدۇ.»
ئۇيغۇر مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىن، پىسىخىك يىلتىزىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىمىزنىڭ مەكتەپ تەلىم- تەربىيىسىدىكى رولى جارى قىلىنمىدى. ئەكسىچە مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي ئەخلاق ئامىللىرى تاشلىۋىتىلدى. مىللىي مائارىپىمىز جۇڭگۇ مىقياسىدا ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان ئىدىئولوگىيە كۈرىشى ۋە ئاڭ فورمىسىنىڭ بېسىمىغا دۈچ كەلدى. ھوقۇقچىلىق مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئورگانىزىمىنى راك ھۆجەيرىسىدەك قاپلاپ كەتتى. بىزدە بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى، بىر ياخشى ئوقۇغۇچى ياكى بىر ياخشى مائارىپ مەمۇرىي كادىرى ئاڭ فورمىسىغا سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكى بىلەن ئۆلچەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۇڭزىچە ساداقەت ئىدىيىسىنىڭ زامانىۋىي شەكلىدىن ئىبارەت.
جۇڭگۇلۇقلار ھازىرچە مەنسەبدار بولۇش ئۈچۈن ئوقۇپ، مەنسەبدار بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھان بەردى. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن تۈزۈم تەرىپىدىن بىكىتىلگەن ئاڭ فورمىسىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە دۈچ كەلدى ۋە شۇنداق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىجادىي روھ ئۆلدى.
باي پۇقرانى ئون يىلدا ياراتقىلى بولىدۇ. ئەمما روھى كامالەتكە يەتكەن پۇقرانى يارىتىش ئۈچۈن يۈز يىلمۇ ئازلىق قىلىدۇ.
«چەتئەلنىڭ كىيىملىرىنى قاملاشتۇرۇپ كىيىۋالغان، لېكىن زامانىۋىي ئىلىملەردىن خەۋىرى يوق ھالدا شاھادەتنامە ئالغان سىتودىنت يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ چۇرۇقىنى ئۆزى تىكىپ كىيگەن دېھقاننىڭ روھىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن؟ ئۆزى سالغان كەپە باشقىلار سېلىپ بەرگەن شاھانە قەسىردىن نەچچە ھەسسە ئەلا، چۈنكى ئاشۇ كەپىدە ئىجادكارلىق ۋە ھالال مېھنەت بار.»
مەكتەپلەر بارچە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنىڭ غۇرۇرى ۋە نۇپۇزلۇق ئورگىنى. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ھەم تەرەققىياتىنىڭ خەۋەرچىلىرى ۋە لايىھىلىگۈچىلىرى. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز جەمىيەتنىڭ ۋە دونيانىڭ چاقىرىقلىرىنى ئەڭ كېچىكىپ ئاڭلايدىغان، جەمىيەتتىكى ئورنىنى دىپلومغا تايىنىپ تىكلىگۈچى جان باقارلارنى تەربىيىلەيدىغان خىلۋەت قولتۇققا ئايلىنىپ قالدى.
مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەن خەلق ھامان دونياۋىي سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا غايەت زور روللارنى ئوينىغان ۋە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ھېنىرىخ ھېينى، بىتخوۋىن، ماركىس، فىروئىد، سىمىنوف، سېپنوزا، چاپلىن، گىنسورىلىن، ئاللونپوئى، پىكاسسو، ئېينىشتىيىن قاتارلىق مەشھۇر ئالىم، سىياسىئون، سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرگەن يەھۇدى مىللىتى بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانچە تەبىئىي بايلىقى بولمىغان ئىسرائىلىيىنى قانداق قىلىپ دونيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزەلىدى؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا: «يەھۇدى مىللىتى مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار ۋەتىنى يوق ئادەمنىڭ مال- مۈلكى ھەر ۋاقىت بۇلاڭ- تالاڭغا ئۇچراش خەۋپىگە دۈچ كېلىدۇ. لېكىن بىلىم بىلەن ھۆنەر مەڭگۈ تۈگىمەس بايلىقتۇر دەپ قارايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە ئىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىتىش يولىدا خانىۋەيران بولۇپ كېتىشتىنمۇ قورقمايدۇ.
«ئىلىم ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن باشلانغان ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ خاسىيىتى ۋە پەزلىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئىلىم گۇياھ پاراۋۇزنىڭ بېشىغا ئوخشاش يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن ئىنسانىيەتنى سۆرەپ، ئالغا ئىتتىرىپ كەلدى.»
يەھۇدىلاردىن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىدىكى سىر شۇكى، ئۇلار مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ قارىشىچە، «ۋەتىنى بولمىغان» ئادەمنىڭ مال- دونياسى ھەر ۋاقىت بۆلۈنۈپ كىتىش خەۋپى ئاستىدا تورىدۇ. لىكىن بىلىم ۋە قابىلىيەت «ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان، ئۆمۈر بويى ئىشلىتىپ بولغىلى بولمايدىغان بىردىنبىر مال- دونيا» ئىكەن.
ئەقىل ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى، ئىنسانىيەت مەھىشەتلىرىنىڭ ئاچقۇچى. تارىختىكى ھەر بىر مۇۋەپپىقىيەت، ھەر قېتىملىق تەرەققىيات ئىنسان ئەقلى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ مىۋىسى. زامانىۋىي جەمىيەتتىكى ئىنسان ھەممىنى قولايلاشتۇرغان شۇنچىۋالا كەشپىيات- ئىختىرالارنىڭ ئىگىسى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۈچۈن، ئىنساننىڭ بەختى ئۈچۈن. بىراق، ئەقىل بىزەكلىرى بىلەن جابدۇلغان پارقىراق جەمىيەتتە قۇرۇغدىلىپ قېلىۋاتقان ئىنسانلار ئۆزىدە نىمە كەملىكىنى كۆرەلمىدى. بۇ دەل ئەخلاقىي مۇكەممەللىك، كىشىلىك پەزىلەت ئىدى.
«مۇكەممەل ئادەم بولۇش نەدىن باشلىنىدۇ؟ ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي ساغلاملىقتىن، پىكىر تىرەنلىكىدىن باشلىنىدۇ.»
كۇڭزىچىلىقنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، جۇڭگۇدا يەنە ئەزەلدىن بىلىملىك كىشىلەر ھاكىمىيەتكە خىرىس قىلىدۇ، تولا كىتاب ئوقىغان ئادەم ھۆكۈمەتكە پۇت ئاتىدۇ دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى. كۈلپەت ۋە رىيازەت زاماننىڭ زىيالىلارغا بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ئىككى مۇكاپاتى بولدى. ھەتتا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا «ئادەم قانچە بىلىملىك بولسا، شۇنچە ئەكسىيەتچى بولىدۇ» دېگەن ئىدىيە ئوتتۇرىغا چىقتى.
نۆۋەتتىمۇ، بىر قىسم ئەمەلدارلار بىلىم ئەھلىدىن ئاجايىپ قورقىدۇ. ئامال قىلىپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ ياكى كۆزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ خەلقىنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ياڭ زىڭشىن قىلمىش- ئەتمىشلىرى ھېلىمۇ يادىمىزدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.
قايسى مىللەتنىڭ مائارىپ ئېڭى ئەڭ يۇقۇرى، مائارىپ تەپەككۈرى ئەڭ سەر خىل بولسا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى ئەڭ يۇقىرى، مەدەنىيەت، ئىلىم- پەن سەۋىيىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. مائارىپ ئېڭى تۆۋەن مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
ئەڭ ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسى مىللەتنىڭ مۇتەپەككۈرلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ سېستىمىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇتەپەككۈرلار مىللىي تەپەككۈر قۇرۇلمىسى ۋە مائارىپ نىشانىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. بۇ خىل مائارىپ قۇرۇلمىسى مائارىپ ئېڭى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلىدۇ. مىللىي قاششاقلىق بۇ خىل قانۇنىي كۈچكە ئىگە مائارىپ ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ كاللىسىدا يېڭىلىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل يېڭىلىنىش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
پەن- تېخنىكىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىغان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ سۈپەت تەشۋىشى ھەممىمىزنى جىددىي رەۋىشتە ئويلاندۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىدىن ئېيتقاندىمۇ، بىزدە نۇرغۇن مەسىلە بار. بىزدىكى ئەڭ ئەجەللىك مەسىلە تەپەككۈر ئەندىزىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى مائارىپىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشالماسلىق، تەپەككۈر قۇرۇلمىمىزدىكى روھىي چۈشكۈنلۈك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئىسكەنجىلەردۇر. «تەپەككۈرى ئەنئەنىنىڭ ئۈلۈك ئىسكەنجىسىدە قالغان ئادەم مەڭگۇ ئىجادچانلىقنىڭ ئارامبەخىش ۋەھىيسىنى ئاڭلىيالمايدۇ.»
بىر خەلقتە مەلۇم دەۋردىكى زىيالىلارنىڭ جانلىنىشى شۇ خەلقنىڭ جانلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. زىيالىلاردىكى بۇرۇختۇرمىلىق دەۋرنىڭ بۇرۇختۇرمىلىقى ۋە غېرىبلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيالىلاردىكى بىچارىلىك دەۋرنىڭ چىرايىدا مەغلۇبىيەت، خارلىق بىلەن ئەكس ئېتىدۇ.
«ئالىملارنىڭ سىتاتسىتىكىسىغا قارىغاندا، ئىنسانىيەتنىڭ پەن- مەرىپەت بايلىقلىرىنىڭ جۇغلانمىسى 19-ئەسىرگە قەدەر ئىككى يۈز يىلدا بىر قاتلانغان بولسا، 19-ئەسىردىن باشلاپ ھەر 100 يىلدا، كېيىن 50 يىلدا، 25 يىلدا بىر قاتلىنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. بەزىلەرنىڭ ئۈمىدلىك پەرەزلىرىدىن قارىغاندا، 21-ئەسىردىن باشلاپ بۇ ئىمكانىيەت تېخىمۇ تىزلىشىپ، ۋاقىت تېخىمۇ قىسقىرايدىكەن. ھەر بەش- ئون يىلدا بىر قېتىم قاتلىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس ئىكەن.»
بۇ بىر نەچچە يۈز يىلدا مائارىپنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تىز بولغان بىلەن، ئادەمنى تېخنىكا نوقتىسىدىن تەربىيىلەش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، ئەخلاق ۋە ئەقىدە نوقتىسىدىن تەربىيىلەشكە سەل قارالدى. شۇ سەۋەبتىن ماددىي بايلىقنىڭ ئېشىشى تىزلەشكەن بىلەن، ئادەمنىڭ بەخىتسىزلىكى ئېشىپ كەتتى. جەمىيەتتە روھىي مەسىلىلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى.
نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە يازۇ- پۈتۈكلىرىمىز بىزگە خەلقىمىزنىڭ پىسىخىكىسى ۋە ھاياتلىق مىزانى ھەققىدە قىممەتلىك تەلقىن ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.
ئىنساننىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرى نادانلىقتىن تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق خەلقنىڭ نادانلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
«مائارىپى يوق مىللەت كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدىكى قۇڭغۇزغا ئوخشايدۇ. جاھان مۇشۇ دەپ يۈرىۋىرىدۇ. نادان خەلقنى باشقۇرۇش ئاسان ئۇلارنى قويغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ.» (ياڭ زىڭشىن)
خەلقىمىز تېخى نامرات، ئۇنىڭدىن باشقا زور كۆپچىلىكى يېزىدا ياشايدۇ شۇ تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى بەكمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار كېچىكىپ كېلىدىغان پايدا- مەنپەئەتتىن ھازىرلا دەرتكە دەرمان بولالايدىغان مەنپەئەتكە بەكرەك قىزىقىدۇ شۇ تۈپەيلىدىن خەلقىمىزدە مائارىپتىن قىيداش خاھىشى يوق ئەمەس.
مائارىپتىن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «بىزدە ئوقۇغانلار كۆپ بولسىمۇ، كارغا كېلىدىغانلار ئاز. بۇ دەل نىمىشقا ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقماي تۇرۇپ ئۇقۇپ سالغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.»
بىزدە ئەمگەك قىلىۋاتقانلار كۆپ بولغىنى بىلەن ھوسۇل ئېلىۋاتقانلار ئاز.
بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىز خۇددى ئابدۇقادىر جالالىددىن ئېيتقاندەك: «قولىدىن ئىش كەلمەيغانلارنى ئالمان- تالمان ئىشقا ئالىدىغان، بەرداشلىققا باي، سېخىي ماكانغا ئايلىنىپ قالدى»
مىللەت بىر ئىجتىمائىي گەۋدىدۇر. مىللەت گەۋدىسىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئۆز ھاياتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈشى ماھىيەتتە مىللەت ئومۇمىي ھاياتىنىڭ قىممىتى ۋە رىئال ئەھمىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. سۇنىڭ سۈزۈكلۈكى ھەر بىر تامچە سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىگە باغلىقتۇر. ئىجتىمائىي ساپا يەككە ساپانى مەنبە قىلىدۇ.
«ئۇيغۇرلاردا ئويغاق زىيالىلاردىن گۈمراھ زىيالىلار كۆپ بولدى. ئۇلار تا بۈگۈنگىچە ئۆزىگە خاس قىممەت سېستىمىسى يارىتالمىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىدىيىسى بولمىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار نىمىنى تەتقىق قىلسا، شۇنىڭ قۇلىغا، قايسى ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، شۇنىڭ گۇماشتىسىغا ئايلىنىپ، ئۆزىگە خاس مەۋقە شەكىللەندۈرەلمىدى.»
بىلىمنىڭ قەدرى بولمايدىغان، بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتمايدىغان، بىلىملىكلەرنىڭ تىزگىنىنى بىلىمسىزلەر قولىغا ئېلىۋالغان، بىلىملىكلەر بىلىمسىزلەر بىلەن باراۋەر، ھەتتا بىلىمسىزلەر ئۈستۈن تۇرىۋالغان بۇ جەمىيەتتە، زىيالىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىگە بولغان تاشقى بېسىم، زۆرۈرىيەت يېتەرلىك كۈچلۈك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بىزنىڭ زىيالىلىرىمىزمۇ بىلىمنى ئانچە مۇھىم بىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم ياشاۋىرىدۇ.
«ھەرقانداق بىر مىللىي مەدەنىيەتتە بەلگىلىك ئىمۇنت كۈچى، شۇنداقلا يات مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى ھەزىم قىلالىغۇدەك ساغلام ئاشقازان بولۇشى كېرەك. بۇ ئاشقازان ماھىيەتتە شۇ مىللەتتىكى دانالارنى كۆرسىتىدۇ.»
بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز بىر ئۆمۈر تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى قىلىپ بولالماي ئۆلۈپ كېتىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىگە ئورۇنلاشتۇرغان خىزمىتى، پىلانى يوق. ئۆزىنىڭ پىلانى يوق ئادەم باشقىلارنىڭ پىلانىنىڭ مەزمۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مىللەتنىڭ ئەقىل پىرامىداسى شۇ دەۋردىكى مىللەت ئاقىللىرىنىڭ ئاز- ئازدىن ئەمگەك قوشۇشى ۋە سىرتتىن پايدىلىق جەۋھەرلەرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن قوپۇرۇلىدۇ. ناۋادا ئۇنداق ئاقىللار بولمىسا، مىللەتنىڭ روھى ئۆزىنىڭ روھى بولالمايدۇ. بۇنداق روھ پاھىشىنىڭ تىنىگە ئوخشاش ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولمايدۇ. بۇ خىل روھ خۇددى زەيكەش يەردەك سۈپەتلىك ئۇرۇقنىمۇ كۆيدۈرىۋىتىدۇ.
بىر جەمىيەتتە بىلىمنىڭ ياكى نۇپۇزنىڭ قازى بولۇشى شۇ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادالىتىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنى بىلىشتە مەزكۇر جەمىيەتتىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئالىمنىڭ ئورنىغا قاراش كېرەك. ئىلىمنى ھوقۇق تىزگىنلىگەن جەمىيەتتە، چۇقۇمكى نۇپۇزنىڭ ئورنى بىلىمدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر تېرىقچىلىقتا ئاگرانومنىڭ ئەمەس، يېزا باشلىقىنىڭ، ئوقۇتۇشتا پىداگوكنىڭ ئەمەس، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ، زاۋۇتتا ئېنژىنىرنىڭ ئەمەس، زاۋۇت باشلىقىنىڭ گېپى گەپ بولۇپ قالسا، ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئالىملار ئەمەس، باشلىقلار باھالىسا، بۇ جەمىيەت يىرىڭدىغان جەمىيەت ھېسابلىنىدۇ. «بىلىم ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلسا، نۇپۇز خاھىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەقىقەتنىڭ خاھىشقا ئايلىنىپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق مۇستەبىتلىك بارمۇ؟»
ئۇنداقتا بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ قانداق خاراكتېرلىنىشى مۇمكىن؟
ــ بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈشكە زىمىن ھازىرلايدىغان مائارىپتۇر.
ــ بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان، ئىجاد قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپتۇر.
ــ بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل بەس- مۇنازىرىگە تولغان، ئېچىۋىتىلگەن، ئەركىن، دېمۇكراتىك دەرسخانا مۇھىتىنى تەكىتلەيدىغان مائارىپتۇر.
ــ بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرالايدىغان مائارىپتۇر.
ئەگەر بالىلار ئىلھامبەخىش مۇھىتتا ياشىسا، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەگەر بالىلار باراۋەرلىك مۇھىتىدا ياشىسا، ھەققانىيەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەگەر بالىلار ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە دوستانە مۇھىتتا ياشىسا، بۇ دونيادىن مۇھەببەت ئىزدەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ياشاشنى ئۆگىنىۋىلىش ــ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۆمۈرۋايەت تەرەققىي قىلىشىدىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك. «مەلۇم بىر ئۆيدە تۇيۇقسىزلا بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ئۆيدە ئىتالىيەلىك، فىرانسىيەلىك ۋە گىرمانىيەلىك ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىچىككىنە ئىشقا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرغان: ئىيالىيان مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپلا پەرۋاسىزلارچە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. فىرانسۇز رەسمىيەت يۈزىسىدىنلار قولى بىلەن يەرنى بىر- ئىككى قېتىم سىلاپ قويغان- يۇ، يىڭنىنى تېپىۋىلىشقا كۈچەپ كەتمىگەن. پەقەت ‹ئىزدەپ كۆردۈم› دېگەن روھىي تەسەللىي بىلەن بولدى قىلغان. گىرمان قولىغا بىر سىزغۇچ بىلەن بورنى ئېلىپ، پولغا كىچىك- كىچىك چەمبەرلەرنى سىزغان. ئاندىن ھەر بىر چەمبەر ئىچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ، ئاخىرى ھىلىقى يىڭنىنى تېپىۋالغان. ناھايىتى ئاددىي بۇ بايان نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ مىسال يۇقىرىقى ئۈچ مىللەتنىڭ خاراكتىرىگە سىمۇۋۇل قىلىنغانىدى. »
بىز ئىزدەۋاتىمىز، ئىزدىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدە. لىكىن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيۋاتىمىز. بىز سۆزلەۋاتىمىز. سۆزلىرىمىزدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەقلىي يۈكسەكلىكتە چۈشەنمەيۋاتىمىز.
بىزنىڭ مائارىپتىكى مەسىلىمىز قانداق قىلىپ ئەركىن ئادەملەرنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدۇر. ھەرگىزمۇ تېخنىكا جەھەتتىلا تەربىيە كۆرگەن بىر توپ ساپاسىز ئادەملەرنى تەربىيىلەش ئەمەس.
«تارىختا سەلتەنەت سۈرگەن نۇرغۇن خانلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ئۇنتۇلۇپ كەتسىمۇ، مائارىپ مۆجىزىلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە ياندىشىپ كەلمەكتە. دېمەككى، ئەقىل بىلەن ئىلىم- ئېرپاننىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھوقۇق ۋە ھۆكۈمرانلىققا قارىغاندا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت داۋام ئېتىدۇ. ‹ھومىر داستانلىرى› دونياغا كەلگەندىن بويانقى 2500 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە، شېئىر- داستانلار يۇقىلىپ كەتكىنى يوق. ئەمما تالاي ئوردا- قەسىرلەر، ئىبادەتخانا- چېركاۋلار، قەلئە- سېپىللار ھەمدە شەھەر- يېزىلار قاقاسلىققا ياكى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتىغۇ؟» (فىرانسىس باكون)
مائارىپ ئۇلۇغلىنىشى ۋە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشى كېرەك! ھەشەمەتلىك شەھەر- بىنالارغا، چىرايلىق كوچا- رەستىلەرگە مەبلەغ سالغاندا پايدا- زىيان، بەدەل- تاپاۋەت نوقتىسىدىن قاراش كېرەك. ئەمما مائارىپقا مەبلەغ سالغاندا زىيان- بەدەل نوقتىسىدىن قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى، «ئىجتىمائىي بەخت- سائادەت ۋە كىشىلىك كامالىتىنىڭ ھەقىقى ئوق يىلتىزى، ئۇلى ۋە پىشىڭى مائارىپتۇر.»
«مائارىپ كىشىنى ئۆزى ھەم باشقىلار ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇشتۇر.» ( جامىس مىل)
ئوقۇتقۇچى ــ كەڭ مەنىدە ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ ئەقىل چىرىقى، بىلىم بولىقى ۋە تەلىم- تەربىيە باغۋىنى، روھىيەت يېتەكچىسى، ھەقىقەت جەڭچىسى! قەدىمقى زاماندىلا ئۇلار كاھىن-ـ قەبىلە ئۇستازلىرى بولغان. ئۇلار قەيەردە ئەۋلاد تەربىيىلىمىسون، خەلقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ نامايەندىلىرى.
«ئەجدادلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئەخلاقسىزلىقنىڭ بىرىنچى بەلگىسى. ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى.»
ئوقۇتقۇچى ھەسەل ھەرىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەجرى بىلەن يىغقان نېمەتلىرىنى باشقىلارنىڭ قەلبىگە قويىدۇ... ئوقۇتقۇچى مېھىر بولىقى. ئۇ تەشنا يۈرەكلەرنى قاندۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى باھار يامغۇرىدەك تامچە- تامچە شىرنىلىرى ئارقىلىق يۇمران نوتا، ياش مايسىلارغا جان ئاتا قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ــ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم- پەن دونياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى! ئۇ بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىنى ئاچقۇچى، ئەقىل دوردانىلىرىنى چاچقۇچى، ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنزىلىنى يەشكۈچى. تارىخ بىلەن ماكان، تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، مۇتەپەككۈرلەر بىلەن سۆھبەتلەشكۈچى، ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز، پىداكار جەڭچى، مېھرىبان، ساپ قەلب ئىگىسى.
خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى بالىلارنى توغرا تەربىيىلەشكە باغلىق. (ژ. لوكىك)
ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، يۈرەك قان- تەرىنى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلايدۇ. ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتىلىرىنى كۆرگەندەك كۆرىدۇ، كۆيۈنىدۇ. دېمەك، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى مۇشۇ يولدا قۇربان قىلىدۇ. مۇشۇ ئەقىدە ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.
كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان بالىلار ھەر قانداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولۇپ، شۇ مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى داۋام ئەتكۈچى ـ- بالىلارنىڭ قولىدا تۇرغان بولىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز قەۋمىگە تەۋە بالىلارنى ياراملىق، ئىجادچان، جاپا- مۇشەققەتكە چىدايدىغان، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىغا، مۇستەقىل ئىش تەۋرىتەلەيدىغان خاسلىققا، توختىماي ئالغا ئىنتىلىدىغان روھقا، ھەم مىللىي، ھەم زامانىۋىي ئاڭغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش- چىقالماسلىقى شۇ مىللەتنىڭ كەسكىن رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىشى- تۇرالماسلىقى، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش- قالالماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. دېمەك، قانداق ئەۋلاد بولسا شۇنداق تەغدىردىكى مىللەت بولىدۇ.« دەريا سۆيىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى ھامان دەريا قېنىدىكى تۇپراق ساپاسىنىڭ ياخشى- يامان ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»
بىز جەزمەن ئۆز ئەمگىكىمىزدىن تەۋپىق روھىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، زاماننىڭ غەپلەتلىرىدىن تىزرەك ئويغىنىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ روھىنى ئەجدادلارنىڭ باتۇرانە روھى، پاكىز ئەقىدىسى، يىمىرىلمەس ئېتىقادى، گۈزەل پەزىلىتى، پارلاق ئۈمىدى بىلەن سۇغۇرۇشىمىز لازىم. ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئويغىنىشى ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنى ئەمەس، بەلكى ئەقلىنىڭ ئاجايىپ بىر چوڭقۇرلۇقتا كۆز ئاچقىنىدۇر.
بىر سائەت ئەقىل تاپماي قايمۇقساڭ، بىر ئەسىر ئەخمەق بولىسەن. دېگەندەك، يۈرىكىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرىۋەرسەك، قىيامەتكە شۇنچە يېقىنلاپ قالىمىز. «مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، يېرىم قەدەمدىن چامداپ كەلمىسەك، بىر چاقىرىم يولنى بېسىپ بولغىلى بولمايدۇ.» (بىتخۇۋېن)
يۈسۈپ خاس ھاجىب: «بىلىم ــ دوزاخ ئىشىكىنى پىچەتلەيدىغان تامغا» دەپ ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ تامغىنى قانداق تۇتۇش ۋە ئىشلىتىش بىزنىڭ رەغدىمىزگە باغلىق.
بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن سەۋر- تاقەت ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە قىلچىمۇ بۇشاشماي، سەۋرىچان بولۇشىمىز زۆرۈردۇر. خۇددى سۈنزى: «ئۆگىنىپ زېرىكمە، ئۆگىتىپ زېرىكمە.» دېگەندەك.
بىز بالىلارنى تەربىيىلەشتە، ئۆزىمىزنى تەربىيىلىشىمىزمۇ ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە ساغلام خاراكتىر، ئەخلاقىي گۈزەللىك ۋە ئەقلىي يۈكسەكلىك بولمايدىكەن، تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىمىزدە نىمە بولسا، پەرزەنتلەرگە شۇ مىراس قالىدۇ. ئۇ شۇلارنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۈلگە بولىدۇ. «پەقەت ساپ بولغان مەنىۋىي كۈچلا جەمىيەتنى، ئەۋلادنى چېرىكلىشىشتىن ساقلاپ قالالايدىغان ‹تۇز›دۇر.»
21-ئەسىردە، بىلىمنىڭ قېرىلىشىشى ناھايىتى تىز بولۇۋاتىدۇ. بىلىمنىڭ قېرىلىشىشى ــ ئادەملەر ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى كېرەكسىز ھالەتكە ئۆتۈپ قېلىشىدۇر. چەتئەلنىڭ سىتاتسىتىكا ماتىرىياللىرىغا قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىلدىن كېيىن، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىمىنىڭ تەخمىنەن %15 ى كونىراپ كېتىدىكەن. بەش يىلدىن كېيىن 50-70 %گىچە كونىراپ كېتىدىكەن. شۇڭلاشقا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر 8-10 يىلدا بىر قېتىم بىلىمىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ تۇرۇشى زۆرۈر ئىكەن. دەل شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئوقۇتقۇچىلار پەن- تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ۋە مائارىپ ئىسلاھاتلىرىغا ئىنتايىن سەگەك بولۇشىمىز لازىم.
«ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە جەزمەن ساغلام، سۈزۈك، ئۆتكۈر تەپەككۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.»
ئوقيا ھەر قانچە تۈز، نوقسانسىز بولسىمۇ، مۇبادا ئوقيا تۇتقۇچىنىڭ كۆزى ئەلەس بولىدىكەن، نىشانغا ھەرگىز تەككۈزەلمەيدۇ- دە، نەتىجىدە ئوقيانىمۇ، نىشاننىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
«مائارىپ ــ بىر- ئىككى يىل كۆڭۈل بۆلىنىدىغان سېغىن كالا بولماي، بىر قانچە ئەسىر نىشانلىنىدىغان ئىجتىمائىي بىناكارلىق.» (ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن) بۇ بىنانى قانداق ھالەتتە، قانداق سۈپەتتە سېلىپ، كېيىنلىكىلەرگە تاپشۇرۇش بىزنىڭ ئىچكىي ئېنىرگىيىمىزگە، تاشقى بېغىشلاشلىرىمىزغا باغلىق.
شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، «دونيا زىددىيەتلەر بىرلىكىدىكى زىددىيەتلەر جېڭىدۇر.» بۇ جەڭدە ئەقىل ئىگىلىرىگە تايانغانلار غەلىبە قىلىدۇ. ئېتىبارنى كۆتۈپ ياتقانلار ھامان مەغلۇب بولىدۇ.
مائارىپ ھەققىدىكى ئىزدىنىش توختاپ قالمايدۇ. ئۇ خۇددى چۆللەردە كولدۇرما ئاۋازى تۆگىلەرنى ۋە كارۋانلارنى ئويغىتىپ تۇرغاندەك، بىزنى ئاۋامنىڭ روھىي قىرغاقلىرى ھەققىدە مۇتالىئە قىلىشقا چىللاپ تورىدۇ. خەلقىمىز مائارىپ ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ نانكورلۇق ھەققىدىكى پاراڭلاردىن كۆپ يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى ھامان بىلىۋالىدۇ.
سىتاتا مەنبەلىرى:
① ئەركىن رۇزى: «بىچارە كۈلكىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 3 –بەت؛
② ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 194-بەت ؛
③ يالقۇن رۇزى: «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 127-بەت ؛
④ ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 205-بەت ؛
⑤ ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 118-بەت ؛
⑥ ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 408-بەت؛
⑦ ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 420-بەت؛
⑧ ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 196-بەت ؛
⑨ ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 188-بەت ؛
⑩ ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 120-بەت؛
. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 182-بەت ؛
. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 203-بەت ؛
. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 217-بەت ؛
. نەزىرە مۇھەممەتسالىھ: «شەرق يۇلتۇزىنى ئىزدەپ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 1-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 320-بەت ؛
. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 365-بەت ؛
. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 279-بەت؛
. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 411-بەت؛
. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 9-بەت ؛
. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 35-، 36-بەتلەر ؛
. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 47-بەت ؛
. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 183-بەت ؛
. ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 1-بەت ؛
. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 240-بەت ؛
. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 103-بەت ؛
. بالتاسار گىراسئەن: «ئەقىل- پاراسەت دەستۇرى»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 9-بەت ؛
. لوئىس پروۋېل: «سىياسىنىڭ رەزىللىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 2-بەت ؛
. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 97-بەت .
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
2. «ھۈسەيىنىيە روھى ـ- تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش»، ئىبراھىم ئالىپ تېكىن تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 9-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
3. باتۇر رۇزى: «باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم»، ئىچكىي ماتىرىيال، قاغىلىق ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى باستۇرغان؛
4. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
5. ئابدۇرېھىم دۆلەت: «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
6. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
7. مورتېمېر ئادلېر: «غەربنىڭ تەپەككۈرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
8. بالتاسار گىراسئەن: «ئەقىل- پاراسەت دەستۇرى»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
9. ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
10. نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن: «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتۇ سۈرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2009-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
11. تەلئەت قادىرى: «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
12. ئەخمەت كېبىر: «ساپا مائارىپىمۇ، خاتا مائارىپىمۇ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 6-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
13. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»، شىجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 2001-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
14. ئۆمەرجان ئىمىن: «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى)
15. ھاياتنۇپۇس مۇھەممەت: «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
16. «ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى»، (ئىچكى ماتىرىيال)، تەلئەت قادىرى تۈزگەن. ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئېنىستىتوتى باستۇرغان.
17. مىرئەخمەت سىيىت، يالقۇن رۇزى: «مەمتىلى ئەپەندى»، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 1997-يىل 5-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
18. «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ»، تەلئەت قادىرى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 9-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
19. «ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا دىئاگنوز»، تەلئەت قادىرى تۈزگەن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2002-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
20. ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل 2-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
21. «يۈرەك سوۋغىسى ــ جەزبىدار گۈلدەستىلەر»-3، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى؛
22. ئەركىن رۇزى: «بىچارە كۈلكىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى،3 –بەت؛
23. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 194-بەت ؛
24. يالقۇن رۇزى: «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 127-بەت ؛
25. ئەسەت سولايمان ئۇيغار: «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 118-بەت ؛
26. نەزىرە مۇھەممەتسالىھ: «شەرق يۇلتۇزىنى ئىزدەپ»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 1-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 320-بەت ؛
27. ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 365-بەت ؛
28. لوئىس پروۋېل: «سىياسىنىڭ رەزىللىكى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل 4-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 2-بەت .
(2011-يىل 5-ئاۋغۇست، ئونسۇ)
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]