«ھايات- يېقىلغۇ. سەن ئۇنىڭ يۇرىقىدا دونيانى كۆرىسەن ۋە چۈشىنىسەن، روھىڭنى يۇيىسەن.»
-ئابدۇقادىر جالالىددىن
«دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمقى مىسىرنىڭ تىببىس دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان»① دىن باشلاپ، ھازىرغىچە تالاي ئەسىرلەر ئۆتتى. ماس ھالدا نۇرغۇنلىغان مائارىپ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى بارلىققا كەلدى. پەيلاسوپلاردىن تارتىپ داھىلارغىچە، ساۋاتسىز ئاددىي ئاۋامدىن پىداگوكلارغىچە مائارىپقا ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بويىچە باھا بېرىپ ئۈلگۈردى. مائارىپ ئەنە شۇ نەچچە مىڭ يىللىق سىلكىنىشلەردىن كېيىن، بۆگۈنكى بالاغەتكە يەتتى.
«پەن- تېخنىكا- بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» ئىكەنلىكى گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان مۇتلەق ھەقىقەتكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، يەر شارىدا مائارىپنىڭ ھەر قايسى قەۋملەردىكى ئورنى ۋە رولى يەنىلا تەكشىسىز بولماقتا. جۈملىدىن، مىللىي مائارىپىمىزدىمۇ پۇرسەت ۋە خىرىس، يېڭىلىق ۋە تېڭىرقاش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
بەلكىم، ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نىشانلىق ئوقۇتۇش، ساپا مائارىپى دېگەندەك ئەگرى- توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 2003-يىلى داغدۇغىلىق ھالدا دەرس ئىسلاھاتى دولقۇنىنى قوزغىدۇق. ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى دېگۈدەك ھاياجانلىق ھېسسىياتتا ئاۋاز قوشتۇق. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئىچكى- تاشقى بېسىم، ئېھتىياجلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. «خەلق ئۆزىدىكى ئەنئەنىۋىي مائارىپ ئۇسۇللىرى ياكى ئامىللىرى بىلەن مۇنتىزىم مائارىپنى، قانۇنىي كۈچكە ئىگە مائارىپنى سېلىشتۇرۇپ كۆردى. مەسىلەن، بىر دېھقان ئوغلىنى يەتتە ياشقا كىرگەندە بىر موزدۇزغا شاگىرتلىققا بەرسە، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇش يېشى بويىچە 11 يىل موزدۇزلۇق ئۆگىنىپ چىقسا، ھەر قانچە دۆت بولسىمۇ، ھەر قانداق ئاياغنى تىكەلەيدىغان، لايىھەلىيەلەيدىغان ئۇستىغا ئايلىنىپ چىقالايدۇ. لېكىن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بالىچۇ؟ خەلقىمىز بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مائارىپتىكى مەلۇم خۇسۇسىيەتنى بايقاپ قالغان. ئۇلار دېھقانچىلىق تەپەككۈرى بويىچە پايدا- زىياننى ھېسابلاپ كۆرۈپ، مائارىپىمىزدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان.»② ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمانلىنىشقا ھەقلىق. چۈنكى، مائارىپنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئونۋېرسال ساپاغا ئىگە قىلىش، ئۇلارغا ياشاشنى ئۆگىتىش. ئەمەلىيەتتىن يىراق، ئادەم كولدۇرلىتىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، دەبدەنىلىك دىپلوم ئالغاندىن كۆرە، بىر- ئىككى ھۈنەرنى پۇختا ئۆگەنگەن ياخشىراق.
ھالبۇكى، نۆۋەتتىكى رىياللىقىمىز قانداق؟ مائارىپ گۈلىستانى ئۆزىگە سەمىمىي، سادىق بولغان ئىخلاسمەن پەرۋىشكارلىرىغا ئېرىشەلىدىمۇ؟ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ بۇلاقلىرى ھېلىمۇ قايناۋاتامدۇ؟ بۇ سوئاللار قويۇلغاندا، سۈكۈتتە بىر دەم تۇرۇپ قالىمىز. مائارىپىمىزدىكى رىياكارلىق، ساپاسىزلىق، جانباقتى ھەلەپبازلىق... ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىدۇ. پۇل قىممەت قارىشىنىڭ سېھىرلىك كۆلەڭگىسى ئاستىدا مائارىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئاتا- ئانىلار ۋە باشقىلارغا ئوخشاش بولمىغان سۈپەتتە ياندىشىپ كەلمەكتە. «پۇل بىزنىڭ كاللىمىزنىڭ ‹خاتىرجەملىكى›نى زور دەرىجىدە بۇزۇپ، مېڭە رايۇنىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى دېگۈدەك ‹ئىشغال› قىلىۋالدى. مۇشۇنداق بولغاچقا، كۆپىنچىمىز ئۆزىمىزنى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە ئوقۇتقۇچى دەپ قاراۋاتىمىز ياكى ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىدىلا ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەملىكىمىزنى ئەسكە ئېلىۋاتىمىز. قالغان ۋاقىتلاردا بولسا، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازى، سالاھىيىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان، ئۆزىمىزنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويىۋاتىمىز. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بەزىلىرىمىز تېخى بۇ كەسىپنى سۆيۈش دەرىجىسىدە بىر تازىلىق ئىشچىسىنىڭ ئورنىنىمۇ باسالمايۋاتىمىز...»③
بىزنىڭ ئىدارىدە ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۈستىدە «ئوقۇتقۇچى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر. ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا، دۇنيا ئۇنىڭغا ئالتە ئايلىق بوۋاقتەك تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ.» دېگەن ئىبارىلەر بار. مەن ھەر قېتىم ئۇ جۈملىلەرنى كۆرگەندە، تەگسىز خىياللارغا ئەسىر بولىمەن. چۈنكى، دۇنيا بىزگە تاتلىق كۈلگەندە، بىز ھاياتقا تاتلىق كۈلەلىدۇقمۇ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى سەبىي بالىلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلالىدۇق؟ يالقۇن رۇزى: «ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇنىڭ قىممىتى ھەم ئېرىشكىنى، ھەم بۇ دۇنياغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدە» دېگەندەك، بىز «ئوقۇتقۇچى»دىن ئىبارەت شەرەپلىك نامغا يۈز كېلەلەيمىز دېسەك، جەزمەن ئەۋلادلارغا روھىمىزدىن نۇر، پەزىلەت بېرەلىشىمىز كېرەك. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە تەقدىرى ئەۋلادلارنىڭ قولىدا. ھەر قانداق بىر جەمىيەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراپ بولۇشى شۇ ئەۋلادلارنىڭ قولىدا. شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەككى، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بولغان، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىرادىلىك، تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن بىرگە، جەمىيەتكىمۇ مەسئۇل بولالايدىغان، جەمىيەتتىكى بۇلغىنىشلارنى سۈزۈلدۈرۈش ئۈچۈن جۈرئەتلىك بولغان قۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش- بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەرەپلىك ۋە مۇقەددەس بۇرچى. بىز سەللا بىخەستىلىك قىلساق، ئەتراپىمىزنى ھاقارەت ئالدىدىمۇ، خورلۇق ۋە مەھكۇملۇق ئالدىدىمۇ، نادانلىق ۋە نامراتلىققىمۇ، ئۆزى قولدىن بېرىپ قويغان قىممەتلىك ھوقۇق- مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنمۇ پەرۋا قىلماي، كۆزىگە ماسكا تاقاپ ئۆتىۋىرىدىغان تىرىك ئۆلۈك پەرزەنتلەر قاپلاپ كېتىدۇ. «ئىنسانىيەت تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۈيۈك ئىشلارنى قىلىپ، تىللاردا داستان بولغان تۆھپىكار ئەزىمەتلەر كىچىكىدىنلا تەربىيە تاپقانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك زور قۇدرەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئاساسىنى قۇرالىغان.»④
ئىشخانا مەدەنىيىتىگە كۈنۈپ كەتكەن ئالىي مەكتەپ پروفىسورلىرىغا جەنۇبىي شىنجاڭدا ھېلىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قاچىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە سۆھبىتىگە بارغاندا، ھەتتا بەزىدە بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرسەك، ئۇلار ھەيران قېلىشى مۈمكىن. لېكىن، بۇ ئەمەلىيەت. خەلقىمىزدە مائارىپتىن قىيداش پىسىخىكىسى يەنىلا ئېغىر. ئەڭ چوڭ سەۋەب مائارىپىمىز ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلار سەۋەبىدىن مائارىپنىڭ ئەقىل بولىقىنى ئاچىدىغان سېھىرلىك قورالىنى خەلققە بېرەلمەۋاتىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆزى يېمەي- ئىچمەي دېگۈدەك مىڭ بىر جاپادا بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقانلىقىغا كەلسەك، «مائارىپ ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، نان ئۈچۈن بولغان كۆرەشتە بالىلىرىغا ئىمكانقەدەر يۇمشاق نان يەيدىغان پۇرسەتنى كەلتۈرۈپ بېرىش، ھېچبولمىغاندا قاتتىق- قۇرۇق ناننى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بوپقالدى»⑤ ئۇلاردىن رەنجىشكە قىلچىلىك ئاساسىمىز يوق. چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ «تۆمۈر دەپتىرى»گە ئەپلەپ- سەپلەپ يېزىلىۋالغان كۆپىنچىلىرىمىزنى تاسقىسا، ئاخىرىدا ئېشىپ قالغىنى مازغاب بىلىم ۋە ساختا شۆھرەت بولىدۇ خالاس. بۇنىڭدىن 7 يىل ئىلگىرى قايسى بىر گېزىتتىن جوڭگۇدىكى ساختا دىپلوملارنىڭ سانى 5 مىليۇنغا يېتىدىغانلىقىنى ئوقۇپ، ھەيران قالغانىدىم. بۈگۈنكى كۈندە، بەلكىم بۇ سان ھەسسىلەپ ئاشقاندۇ. كوچىلاردا ماڭغاندا يوللارغا، تاملارغا، پايىلەرگە يېزىلغان، قولىمىزغا مەجبۇرىي تۇتقۇزۇپ قويۇلىدىغان «شاھادەتنامە» ياساش ئېلانلىرى بۇنىڭ پاكىتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ بەزىدە «ئالا» چىقىپ قالماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئانچە- مۇنچە جۈملىلەرنى يادىلىۋالغان ئەقىدىسىز ھايۋانلاردۇر» (ئابدۇقادىر جالالىددىن). رۇس نەسىرچىسى مېخائىل پىرشىۋىن: «ئەگەر سۇ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدا بېلىقلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ سۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن؛ ئەگەر ھاۋا كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدا پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن قارلىغاچلار بولمىسا، مەن ئۇنىڭ ھاۋا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.» دېگەنىدى. دۇرۇس، 7-ئايلاردا باققاللارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان قوغۇن- تاۋۇزلىرىنى «ۋاشاڭ» قىلىپ ساتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگىلى 3 ئايچە بولدى. بەزىدە كوچىدا كېتىۋاتقىنىمدا، كىمدۇ بىرلىرى «دىپلوم ۋاشاڭ» دېگەندەك تويۇلىدۇ. بەلكىم، بەزى ئىجدىمائىي ھادىسىلەرگە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىقىم ئېشىپ كەتكەندۇر. شۇنى يۇشۇرۇپ قالالمايمىزكى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىمۇ باھالاش، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش جەھەتلەردە «غەيرى رەسمىي قائىدىلەر» شەكىللەنگەن. «ئونۋان زامانىمىز كەسىپدارلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاج. ئۇنى كېيىپ يۈرگىلى بولمىسىمۇ، كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر كېيىپ يۈرگەنگە قارىغاندا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئاقىلانىراق. چۈنكى، بۇنداق تاجلار باشقا كىچىك كېلىشىمۇ مۈمكىن،چوڭ كېلىشىمۇ مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنۋان كېيىپ يۈرىدىغان تاج ئەمەس. ئۇ زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ شەرەپ ۋە نومۇس تۇيغۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا كىنىشكىغا نەقىشلىنىدۇ. ئۇ كىشلەرگە نامۇناسىب بولسىمۇ، سەت كۆرۈنۈپ دەرھال چېلىقىپ كېتىدىغان ئىشلار بولمايدۇ.»⑥ يۇقىرقى قۇرلارغا يۇشۇرۇنغان ئاچچىق ئىستېھزا ۋە تەدبىھنى ئەلۋەتتە ھېس قىلىمىز. ئەمما مېنىڭچە، «يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن»دەك، ساختا ئىلىم قازىلىرى ۋە مازغاب ئۆلىمالار ئىلىم ھاۋاسىنىڭ شەپقەتسىز يامغۇرىدا ئەپتى- بەشىرىسى ئاشكارىلىنىپ، سەت «ھاڭراپ» تاشلىشى مۈمكىن. چۈنكى، باشقىلارنىڭ كۆز يېشى بىلەن تىرىكلىك ئېتىزىنى ئۇسا قىلىدىغانلارنىڭ ئۇرۇقى ھامان پۇچەك بولۇپ چىقىدۇ. پاكىز بولمىغان سۇ قۇرتلايدۇ. روھ ساغلام بولمىسا، ئادەم چۈشكۈنلىشىدۇ. پارقىراپ تۇرغان قوڭغۇراقتىن زىل ئاۋاز چىقسا، دات باسقان قوڭغۇراقتىن ئەبجەش ئاۋاز چىقىدۇ.
«چەتئەلنىڭ كېيىملىرىنى قاملاشتۇرۇپ كېيىۋالغان، لېكىن زامانىۋىي ئىلىملەردىن خەۋىرى يوق ھالدا شاھادەتنامە ئالغان سىتودىنت يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ چۇرۇقىنى ئۆزى تىكىپ كېيگەن دېھقاننىڭ روھىنى سېلىشتۇرغاندا قانداق خۇلاسىگە كېلىش مۈمكىن؟ ئۆزى سالغان كەپە باشقىلار سېلىپ بەرگەن شاھانە قەسىردىن نەچچە ھەسسە ئەلا، چۈنكى ئاشۇ كەپىدە ئىجادكارلىق ۋە ھالال مېھنەت بار.»⑦
يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن رۇزى، تەلئەت قادىرى، ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي قاتارلىقلار مائارىپىمىزنىڭ قىسمىتى ۋە ھىممىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ئېسىل ماقالىلەرنى يېزىپ، دۇردانە پىكىرلەرنى بىزگە تەقدىم ئەتتى. «ئىلىم ھايانكەشلىكى، ماغزاب بىلىم ۋە ساختا تەتقىقات ھادىسىسى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا خاس ھادىسە بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا يىلتىز تارتقان ھادىسىدۇر. مەملىكەتتىكى ھوقۇقنىڭ دائىرىسىدىن چىقالمىغان ناتوغرا ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە چىرىك ئىلىم ھاۋاسىنىڭ ئىنكاسىدۇر. بۇ خىل ھادىسىنىڭ يىلتىزىدىن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىلىم ھايانكەشلىكىنى ھار ئالىدىغان بىلىم- ھوقۇق مۇناسىۋىتى، ئىلىم چىرىكلىكىگە يۇل قويمايدىغان ئۈستقۇرۇلما بولۇشى كېرەك.»⑧
بىر خەلقتە مەلۇم دەۋردىكى زىيالىلارنىڭ جانلىنىشى شۇ خەلقنىڭ جانلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. زىيالىلاردىكى بۇرۇختۇرمىلىق دەۋرنىڭ بۇرۇختۇرمىلىقى ۋە غېرىبلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيالىلاردىكى بىچارىلىك دەۋرنىڭ چىرايىدا مەغلۇبىيەت، خارلىق بىلەن ئەكس ئېتىدۇ...
ئوقۇتقۇچى زىيالىلار ئىچىدىكى تۆۋرۈكتىن ئىبارەت. 1935-يىلى يىرۇسالىمدا تۇغۇلغان، ھازىر ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان ئىجدىمائىيەت تەتقىقاتچىسى ئېدۋارد سەئىد مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەت ئۈچۈن شەخسىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان، چىرىكلىككە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان، ساغلام بولمىغان نوپۇزغا قارشى تۇرالايدىغان كىشىلەر ھەقىقىي زىيالىلاردۇر.» بۇ مۇھاكىمىلىك بايانلاردىن قارىغاندا، كۆپلىرىمىز ھەقىقىي زىيالىيلىق سۆپىتىگە تېخى يىراقتا. لېكىن ئىشىنىش كېرەككى، بىزدە ئېتىقاد، ئىشەنچ، ئىرادە بولسا، مەنزىلگە يېتەلەيمىز. مۇھىمى، بىر ئادەمدە ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان روھ بولمىسا، ئۇ ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. «قوياش پاتسا، يەنە پەيدا بولىدۇ، يەرگە دان تۆكۈلسە ئۈنۈپ چىقىدۇ.» (جالالىددىن رومىي)
ئەسلى چۈشەنسەك، مائارىپىمىزغا ھازىر «يېشىل چىراغ» يېقىغلىق. بىزدە قوياشنىڭ گۈزەللىكىنى قاراڭغۇلۇقتىلا ھېس قىلىدىغانلار كۆپ. ئۇخلاپ يېتىۋەرسەك، ئۆزىمىز بەھرلىنىۋاتقان شەپەق نۇرلىرىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئەڭ ئاخىرى شام ياندۇرۇش ئۈچۈن سەرەڭگە ئىزدەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز.
بىز نۆۋەتتىكى مائارىپ رىياللىمىزنى ئوبيېكتىپ ۋە سوبيېكتىپ جەھەتتىن توغرا تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. شۇندىلا «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. نۆۋەتتە، زۇڭلى ۋېن جىياباۋنىڭ گېپى بويىچە مائارىپىمىزدا مۇنداق «ئىككىگە ماسلىشالماسلىق» مەسىلىسى ساقلىنىۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە، ئىككىنچىدىن دۆلەتنىڭ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ. بىزدە ئۆز- ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىش، ماختىنىش كېسلىمىز بەك ئېغىر. «دۇنيادىكى داڭدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۇلار ئارىسىدا ئادەم سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. ھالبۇكى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار بىر- بىرىدىن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك. بىنا- ئىمارەتلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. ئەمما، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ساپاسىز قارا قۇرساقلارمۇ ئاز ئەمەس. قۇرۇلغىنىغا 900يىل بولغان ئوكىسفورد ئونۋېرسىتىتىنىڭ بىنا- ئىمارەتلىرى گەرچە كونا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا تەلىم ئالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك داڭدارلاردىن بولۇپ چىقتى. مىسالەن، يەتتە دۆلەتنىڭ 11 نەپەر پادىشاھى، 47 نەپەر نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى، 19 دۆلەتنىڭ 53 نەپەر رەئىس جۇمھۇرى ۋە باش ۋەزىرى (بۇ ئەنگىلىيەنىڭ 25 نەپەر باش ۋەزىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 12 نەپەر ئالىم، 86 نەپەر باش ئېپىسكوپ ۋە 18 نەپەر كاردىنال دەل ئوكىسفورد ئونۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن.»⑨ يۇقىرىدىكى سان- سېفىرلار بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا ئانچە ياقمايدۇ. قانچىلىك غۇلغۇلا قىلىشىمىزدىن قەتئىي نەزەر نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئىلىم- پەن تاجىدىكى تەڭداشسىز گۈھەر ئىكەنلىكىگە ھەرگىز كۆز يۇمالمايمىز. نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىلىرىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى ئورنىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ھالبۇكى، ئىلىمىز دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىدىن بىرەرىمۇ چىقمىدى. (دالاي لاما بىلەن ھازىر جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، 2010-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سىياسىي جىنايەتچى ليۇ شاۋبو نەزەرگە ئېلىنمىدى). رۇشەن سېلىشتۇرما بولىۋاتقىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئۈچ مىليۇن جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى ئاللىقاچان ئىلىم ساھەسىگە سەككىز نەپەر نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنى تەقدىم ئېتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، ئىلىم- پەن تالانتىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.
«ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، تەرەققىيات ئۆزىنىڭ ئەخلەتلىرىنى ئارقىدا قالغانلارنىڭ دۇنياسىغا تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدا قالغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى پاكلىمىسا بولمايدىغان بىر باسقۇچ كېلىپ چىقىدۇ. بۆگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ باشقىلار زېرىكىپ تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ مىراسخورى بولۇپ قېلىشىمىز يۇقىرىقىنىڭ بىر پاكىتى.»⑩
داڭلىق پەيلاسوپ فىيىرباخنىڭ: «دۇنيا ئېچىغلىق مېڭىلەر ئۈچۈن ئېچىغلىق» دەيدىغان مەشھۇر سۆزى بار. بىز كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن خۇدىمىزنى يۇقاتماستىن، بەلكى، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، يېڭى تەپەككۈر يولىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز زۆرۈر. «بىزدىكى ئەڭ ئەجەللىك مەسىلە تەپەككۈر ئەندىزىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى مائارىپىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشالماسلىق، تەپەككۈر قۇرۇلمىمىزدىكى روھى چۈشكۈنلۈك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئىسكەنجىلەردۇر. تەپەككۈرى ئەنئەنىنىڭ ئۆلۈك ئىسكەنجىسىدە قالغان ئادەم مەڭگۈ ئىجادچانلىقنىڭ ئارامبەخىش ۋەھىسىنى ئاڭلىيالمايدۇ»
بىزدە «ھورۇنغا دەرەخ سايىسىمۇ ھارام» دەيدىغان ماقال بار. تەپەككۈر ھورۇنلۇقى ئىجادچانلىقىمىزنى تېخىمۇ بۇغىدۇ. بولۇپمۇ مائارىپىمىزغا ئىنتايىن سەزگۈر ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان مىللەت ھامىنى بىر كۈن قەد كۆتۈرىدۇ. ئەمما مائارىپتا مەغلۇب بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
دۇنيانى تۆت نەرسە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ:
بىرىنچىسى، پادىشاھنىڭ ئادالىتى؛
ئىككىنچىسى، باتۇرلارنىڭ كامالىتى؛
ئۈچىنچىسى، ئالىملارنىڭ شىجائىتى؛
تۆتىنچىسى، مىسكىنلەرنىڭ دوئاسى.
بۇ ھېكمەتلەرنى بىر- بىرلەپ يېشىپ ئولتۇرمىساقمۇ، تەپەككۈر قىرغاقلىرى سۈزۈكلەرگە ئانچە ناتۇنۇش ئەمەستۇر. مەن بۇ ھېكمەتلەرنى ئۆزۈمچە مائارىپقا تەدبىقلاپ باقتىم. مائارىپتىمۇ ئالدى بىلەن باشقۇرغۇچىلار، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، دەۋرگە ماسلىشالايدىغان، يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە بولۇشى مۇھىم ئىكەن. بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ، خاتىرەمگە يېزىۋالغان مۇنۇ دېئالۇگلار ئېسىمگە كەچتى:
«-قاچان قىيامەت بولىدۇ؟
-ئىشەنچ يوقالغاندا.
-ئىشەنچ قاچان يوقىلىدۇ؟
-ئىشلار شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە تاپشۇرۇلمىغاندا.»
نۆۋەتتە، مائارىپتىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق بەزى ئەمەلدارلارنىڭ مائارىپقا مەنسەبدار بولۇشى، پىداگوگىكا، پىسىخولۇگىيەدىن ساۋاتسىز «تولۇق كۇرس»لارنىڭ مەكتەپلىرىمىزنى قاپلاپ كېتىشى بەزىدە بىزنى مەسخىرە قىلىدۇ.
ئىدىيە بىلەن تۈزۈلمە ئوخشاشلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دېمەكتۇر. قايسى مىللەت دۇنياۋىي ئىلغار مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسىگە يۈرەكلىك ياندىشالىغاندىلا، جەزمەن بەلگىلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ نوقتىنى تارىخ ئاللىقاچان ئىسپاتلىغان.
مائارىپنىڭ داشقازىنىدا قايناۋاتقان ھەر بىرەيلەن ئۆزىگە قايتا دىياگنۇز قويۇپ باقسا، كۆپ ساندىكىلەر «كېسەل» چىقىشى تۇرغانلا گەپ. خەلققە، ئەۋلادلارغا بۇنداق «كېسەل»لەر كېرەك ئەمەس ئەلۋەتتە. «ئېسىل ناۋاي بىلەن چۈپەي ناۋاينىڭ پەرقى شۇكى، چۈپەي ناۋاي پۇل ئۈچۈنلا نان ياقىدۇ. ئېسىل ناۋاي نان يېقىشقا دائىر ياخشى- يامان، پاسكىنا- پاكىز، ھالال- ھارام، خېرىدار ۋە بازار قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق چۆپقەتلىرىنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە مەسئۇل بولىدۇ. مېنىڭ نەزەرىمدە بۇنداق ناۋاي پۇل ئۈچۈن تەتقىقات تۈرى ئىشلەيدىغان ئالىمدىن ئادىمىيلىك جەھەتتە خېلىلا ئۇلۇغ!»
دەرھەقىقەت، ئەلىشىر نەۋائىي: «ئىلىمگە ئەمەل قىلمىغان ئالىم – ئۈستىگە كىتاب ئارتىلغان ئىشەككە ئوخشايدۇ» دەپ ئېيتقان. بىزدە يەنە« ئىزىڭدىن تىكەن ئۆنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر» دېگەن ماقال بار. كەلگۈسى ئەۋلادقا قانداق جاۋاب بېرىش، مائارىپقا قانداق ياندىشىپ مېڭىش ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق مۇھىم تاللاشتۇر.
«ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش- ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتىگورىيە» (ۋ.ئى.لېنىن). مائارىپ ئالدى بىلەن خاراكتېر قۇرۇلۇشى. بولۇپمۇ دەرس ئىسلاھاتى تەكىتلىنىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە، بىز ئالدى بىلەن بالىلارغا ياشاشنى، ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىمىز. ياپۇنىيەلىك داڭلىق پىداگۇك ئۇخارا: «مائارىپ ئادەمنىڭ كۆپ خىل يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز- ئۆزىنى بايقاش ۋە ئۆز ئىستەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتايىن توغرا يەكۈن. مەكتەپ ئالىيجاناپ ھاياتنىڭ ماكانى بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ تۇرمۇشتىن يىراقلاپ كەتكەن ئۇقۇم ۋە رامكىلارنىڭ ئىسكىلاتى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
ئەرەبلەرنىڭ «ھەسەل يەي دېسەڭ، ھەسەل ھەرىسى باق» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار. بۇ كۆپ قىرلىق مەنىگە ئىگە. مائارىپقا تەدبىقلىساق، پارلاق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشتە، بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئىشارە قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. ھەسەل يېيىش ھەممە ئادەمگە نېسىب بولىۋەرمەيدۇ. ئەمما يۇقىرىدىكى ماقالدا دېيىلگىنىدەك، ھەسەل ھەرىسى باققانلار ئۇنداق ئەمەس. ئەۋلاد ئۈچۈن كۆيگەنلەرنىڭ يېگىنى ھامان ھەسەلدۇر.
سىتاتا مەنبەلىرى:
①ئابدۇللا تالىپ: «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1986-يىلى 12-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 2-بەت؛
②ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «مائارىپ ئېڭى ۋە تەرەققىيات» ناملىق ماقالە، «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 399-بەت؛
③تەلئەت قادىرى: «قوياش يۈزىدىكى داغلار» ناملىق ماقالە، «مائارىپ دوقمۇشىدىكى خىياللار»، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 3-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 383-بەت؛
④يالقۇن رۇزى: «بىزگە قانداق ئەۋلادلار كېرەك»، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى، 2007-يىلى 6-سان؛
⑤ئابدۇقادىر جالالىددىن: «مائارىپنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى، 2010-يىلى 4-سان، 16-بەت؛
⑥ئابدۇقادىر جالالىددىن: «ئونۋان: قاچا بىلەن داشقازان مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالە، «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 108-بەت؛
⑦ئابدۇقادىر جالالىددىن: «مائارىپىمىزدا بىلىم كىرىزىسى» ناملىق ماقالە، «ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى ؛
⑧زۇلپىقار بارات ئۆزباش: «ئۇيغۇرلاردا ئىجدىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2010-يىلى 4-سان؛
⑨خۇجىنلىياڭ: «جۇڭگۇ ياشلىرى گېزىتى» 2010-يىل 16-ئاپرىل سانى؛
⑩ئابدۇقادىر جالالىددىن: «مائارىپىمىزدا بىلىم كىرىزىسى» ناملىق ماقالە،«ئابدۇقادىر جالالىددىن ماقالىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 213-بەت؛
ئابدۇلئەھەت ئابدۇلرەشىد بەرقىي: «ساپا ۋە مازغاپ» ناملىق ماقالە، «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل 7-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 279-بەت؛
ئابدۇقادىر جالالىددىن: «مائارىپنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2010-يىلى 4-سان 16-بەت.
(2010-يىلى 16-نۇيابىر، ئۈرۈمچى)
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]