خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مائارىپىمىز نىمە ئۈچۈن چىقىش يۇلى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : تۇردى توختى2010-03-14 20:57

مائارىپىمىز نىمە ئۈچۈن چىقىش يۇلى تاپالمايدۇ؟

 

 

 

  تۇردى توختى

 

مائارىپنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بۇلۇپ،ماھىيەتتە دۇنيادا مائارىپقا چېتىلمايدىغان ھىچقانداق كەسىپ ۋە ھىچقانداق يەككە ھەركەت بولمىسا كېرەك.(ئەلبەتتە بالىنىڭ ئانىنى ئىمىشىگە ئوخشاش ھەركەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا)
مائارىپمىزنىڭ تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق دىن بىلەن سىياسەت مائارىپىمىزغا ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ،مائارىپىمىزنىڭ تەرەقىيادى ۋە چىقىش يۇلىنى تۇسۇپ،مائارىپ تارىخىمىز ۋە نەتىچىلىرىمىزنى ئۈزۈپ قويغان.
  مەسىلەن: بىز دىننىي تارىخىمىزنى ئەسلەيدىغان بولساق مىللىتىمىز ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ بىرنەچچە دىنغا ئېتىقات قىلغان ياكى ئېتىقات قىلغان دىنىدىن ۋاز كەچكەن.مانى دىنى-يۇرۇقلۇق ئاساسى مەنبە قىلغان دىن،نېستىرۇيان دىنى-ماريەنى ئىلاھى ئانا دەپ ئىتىراپ قىلماي،خىرىستوسنى ھەم ئىلاھ ھەم ئادەم(پەيغەمبەر) دەپ قارايدىغان دىن،تويىن دىنى-تەرىقەت دىنى، بۇددا دىنى -بۇتنى ئىلاھ دەپ ئۇلۇغلايدىغان دىن ،ئىسلام دىنى...قاتارلىقلارغا ئېتىقات قىلغان بۇلۇپ،بۇ دىنلارنىڭ ئالمىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ،مەدىنىيەتىنىڭ زەنجىرسىمان باغلىنىپ تەرەققى قىلىشىنى ئۈزۈپ قويغان،بۇ دىگەنلىك ئۇيغۇرلار ھەر بىر دىننى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن مەدىنىيەت ۋە مائارىپ نەتىچىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ماڭغان.
بۇ ئاساسەن مۇنداق ئىككى خىل كۈچنىڭ قۇدرىتىدىن بولغان.بىرسى دىننىڭ بىرىنى يەنە بىرى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتەك ئىنكارچىلىق كۈچى(دىننىي كۈچ)،يەنە بىرسى بولسا دىننىي ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىنقى دىنلار ياراتقان بارلىق نەتىچىلەرنىڭ ئىزىنى يۇقۇتىۋېتىشقا چۈشۇرگەن پەرمانلىرى (دىننىي سىياسەت).بۇنىڭدىن شۇنى كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى بىزنىڭ بۇنداق يىنىكلىك بىلەن قىلغان مەدىنىيەتنى يوقۇتۇش ھەركەتلىرىمىز ،خەلىقنى نادان قۇيۇش بىلەن بىرگە شانلىق تارىخى ئىزىمىزنى ئۈزۈپ قۇيۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كىيىنمۇ مائارىپىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىزگە بىر قىسىم سۇپىي-ئىشانلارنىڭ پەتۋالىرى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىپ،مىللىتىمىز ياراتقان بۇددا مەدىنىيەتىگە ئائىت كىتاپ-ماتىرياللارۋە يىتىشكەن ئالىملارغا نىسپەتەن ئېغىر تالاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن(بۇنىڭدا بەك ئۈزۈن توختالمىساممۇ بۇ ئىشلار ھەممىزگە تۇنۇشلۇق)
  نىمە ئۈچۈن بۇگۇنكىدەك زامانىۋىلاشقان دەۋرىدىمۇ مائارىپىمىز چىقىش يۇلى تاپالمايدۇ؟
مەن بۇ مەسىلىنى يۇقارقى مەسىلىلەر ئاساسىدا تۈۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
  1.يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەسىلىسى
  مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدىمۇ بەك تەپسىلى توختىلىپ كەتمەيمەن،بۇنىڭ مائارىپنىڭ تەرەققىيادىنى چۈشەپ، ئورنى ۋە رۇلىنى خۇنۇكلەشتۈرىۋەتكەن ئەھۋالىنى ئازراق ئوترىغا قۇيۇپ ئۆتەي.
  مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنداق ئۈچ قېتىملىق پاجىئەنى ئىككى قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىش كەلتۈرۈپ چىقاردى.بىر ئوبدان ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللىنىپ كىلۋاتقان ئۇيغۇرلار بىرىنچى قېتىملىق لاتىن يېزىقىنى ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ قوللىنىش ھەركىتىدە پۇتۇنلەي ئۇيغۇر ساۋاتسىزلىرغا ئايلىنىپ مىللەتنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى بىراقلا چۈشۇپ،مىللىتىمىز يارالغاندىلا قالاق،ياۋايى مىللەت ئىدى دىگەن <<شەرەپلىك>>نامغا ئىرىشتى.ئىككىنچى قېتىم 1982-يىلدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتى بۇلۇپ ئۇ مۇنداق ئىككى خىل پاجەنى مىللىتىمىزگە ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىرى 10نەچچە قوللۇنۇلغان لاتىن يېزىغى ئاساسىدىكى ئۇقۇتۇش بىراقلا يىمىرىلىپ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېڭىدىن ساۋاتسىز قىلىپ قويدى.يەنە بىرسى بولسا مەكتەپلەر مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىشتەك ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كىلىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭى ساۋاتسىزلارنى ئۇقۇتۇشتەك ۋەزنى ئېغىر،قىلىش تەس بولغان يەنە بىر خىل خىزمەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى...
  2.مىللى مائارىپىمىزدىكى ئىسلاھاتلارنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ يوق بۇلۇشى
  يېقىنىقى يىللاردىن بىرسى بۇلۇپمۇ 1990-يىللاردىن كىيىن مائارىپىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن مائارىپ ئىسلاھاتلىرىنى قارىغۇلارچە قوللىنىپ،بىرەر قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىچىسىنى راست گەپ قىلغاندا ھىچقانداق بىر ئەۋلات ياكى مائارىپ خىزمەتچىلىر ۋە ياكى ئىسلاھ قىلىشنى ئوترىغا قويغان ئىسلاھاتچىلار كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدى.
نىمە ئۈچۈن مائارىپىمىزدا يولغا قۇيۇلغان ئىسلاھتلار مائارىپىمىزغا چىقىش يۇلى تېپىپ بېرەلمەيدۇ؟
بۇ نوختىنىمۇ ھۈكۈمەتنىڭ، شەخسىنىڭ(تەسىرى زور شەخسىلەر) ئارزۇسىنى چىقىشى قىلىپ،ئوترىغا قۇيغان سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى.چۈنكى دۆلىتىمىزدە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش تۇلۇق ئەمەلگە ئاشمىغان،سىياسەت بىلەن باشقۇرلىدىغان دۆلەت بۇلۇپ،ھەرقانداق بىر مەمۇرى باشلىقنىڭ كىتىپ بېرىپ دەپ قويغان گىپى دۆلىتىمىز قانۇنلىرىدىن ئۈستۈن ئابرۇيغا ئىگە بۇلۇشتەك رىياللىق مەۋجۇت بولغاچقا مائارىپىمىز قانۇنىيەتنى بۇزۇپ ئاشۇ يانچۇق سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ئۈزىنىڭ چىقىش يۇلىنى تېپىشتەك رىياللىقتىن مۇستەسنا بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.
بىز تۈۋەندىكى رىياللىقا قاراپ باقايلى
  90-يىللارنىڭ بېشىدا يولغا قۇيۇلغان نىشانلىق ئۇقۇتۇش (ئۇقۇتقۇچى سىنىپقا دوسكا يۇدۇپ كىرىپ ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇقۇتۇش)ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزنىڭ نەتىچىلىرىنى يوققا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتائۈزىنىڭ رۇلىنى نامايەن قىلالمىدى.چۈنكى ئۇ ئۈزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ بولغۇچە يەنە بىر سىياسەتنىڭ تەسىرى بىلەن ساپا مائارىپى مەيدانغا چىقىپ،نىشانلىق ئۇقۇتۇشنىڭمۇ،ئەنئەنىۋى ئۇقۇتۇشنىڭمۇ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىپ،ئوخشىمىغان ئوبىكتىغا قارىتا ئوخشىمىغان تەربىيەنىڭ رۇلىنى كۈچەيتىپ،ھەم ئۇقۇغۇچىنىڭ خاسلىغىنى ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسىنى ساپالىق قىلىش نىشانىنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر قەدەر ئەركىنرەك ئىزدىنىپ،دەرس ئۆتىشىنى تەلەپ قىلغان بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچىلار ئەمدىلەتتىن بىر ئازادىچىلىك ھىس قىلىپ بولغۇچە،يېڭى دەرس ئىسلاھاتى دەيدىغان يەنە بىر ئىسلاھات يىتىپ كىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلارغا چىرايلىق نوقتا ياساپ شۇنى ئۇلارغا سېلىپ قويدى.بۇنداق نوقتا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجدىھات بىلەن دەرس تەييارلىشى ۋە ئۈتۈشىدىكى قىزغىنلىققا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ساپا مائارىپى دىگەن ئەندىزىنى سۇسلاشتۇرۇپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قاتماللاشتۇرىۋەتتى.ئەمدى بۇ قېلىپقا كۈنۈپ قالىلى دىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارغا <<قوش تىل>>ۋەسۋىسىسى چۈشۈپ،مەكتەپلەردە قوش تىل ئۇقۇتۇشى يولغا قۇيۇلۇپ،مىللى ئۇقۇغۇچىلار خەنزۇچە سوزلىيەلەيدىغان ھالەت بارلىققا كەلسىلا بۇ نەتىچە دەپ قارىلىۋاتىدۇ.ئۇيغۇرچە ساپاسى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوقتەك ۋەزىيەت بولىۋاتىدۇ.تەبىكى قوش تىل ئۇقۇتۇشى رايۇنىمىزدا يۇز بەرگەن مائارىپ ئىسلاھاتلىرىنى ئۈزۈنغا قالمايلا بىزگە ئۇنتۇلدۇرۇدۇ...(بەزى تەتقىقاتچى ۋە مائارىپ مەمۇرىلىرى يۇقىردىكى ئىسلاھاتلارنى ئاقلاپ،ئۇ مائارىپىمىزدىكى تەرەققىياتنىڭ ئۇمۇمى جەريانى،بىرى-بىرىنى تۇلۇقلايدۇ،ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈشمەكتە)
  يۇقىردىكىسى ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن رىياللىق.مائارىپىمىز مۇشۇنداق يېڭىدىن باشلاشتەك تەكرارچىلىقنىڭ ئاسارىتى ۋە يانچۇق سىياسىتىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ تۇرىۋاتسا،ئۇ قانداقمۇ ئۈزىگە خاس خاسلىقنى يارتىپ،ئۈزىنىڭ چىقىش يۇلىنى تاپالىسۇن.

پايدىلانغان ماتىريال:نۇرمەھەممەت توختىنىڭ<<ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئېتىقات قىلغان دىنلىرى>>دىگەن ماقالىسى
 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار