خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : تۇردى توختى2010-03-14 20:50

مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇتۇش ئۈنىمى ۋە مائارىپ


تۇردى توختى


  3                                   
                                ئۇقۇتۇش ئۈنىمى

ئۇقۇتۇش ئۈنىمى مەسىلىسى مائارىپنىڭ نەتىچىسى مەسىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنىڭ قانداق بۇلۇشى ماھىيەتتە مائارىپنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نەتىچىسى بولغان كىشىلەرنىڭ ،مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە تەرەققىياتى،ئاخرقى ھىساپتا پۇتكۈل ئىنسانىيەت جەمىيەتىنىڭ تەرەققىيادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ھالقا.مىنىڭچە ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمى يۇقىرى بولسا مائارىپنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىسىمۇ يۇقىرى بۇلۇدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى تىرىشىپ مائارىپ بايلىقلىرىنى توپلاش بىلەن بىرگە ئۈزىنى ئاتا قىلىشتەك مىللى روھىنى ئۇرغۇتۇپ ،تىرشىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ ،ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشى كېرەك.
ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزىدە بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى مۇھىم مائارىپ بايلىغى ھىساپلىنىدىغا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىش جەريانىنى تەكشۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىنىڭ خاسلىغى(ئىندىۋىداللىغى) نى بايقاپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تۆھپە قۇشۇش لازىم.بۇ ھەر قانداق ئۇقۇتقۇچى ھازىرلاشقا تىگىشلىك مۇھىم كەسپىي ئەخلاق ھىساپلىنىدۇ.مۇشۇنداق كەسپىي ئەخلاقنى يىتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش مەخسىتىگە يەتكىلى بۇلۇدۇ.
ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش ماھىيەتتە مۇنداق ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇنىڭ بىرى سىنىپتىكى ئۇقۇتۇشنڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش،يەنە بىرى بولسا دەرستىن سىرتقى پالىيەتلەرنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش .مۇشۇ ئىككى تەرەپتىكى ئۈنىمنى ئۆستۈرگەندىلا ،ئاندىن ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستىرىشتىن ئىبارەت بۇ مەخسەتكە يەتكىلى بۇلۇدۇ.ئەگەر بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرسىگە سەل قارالسا ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش مەخسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماي يەنە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەەققى قىلىشىدىن ئىبارەت ئاساسى مەخسەتكىمۇ يەتكىلى بولمايدۇ.
سىنىپتىكى ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش بولسا-ئۇقۇتقۇچىنىڭ سېسىتمىلاشقان نەزىريىۋى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ،نەزىريە بىلەن ئەمىليەتنى بىرلەشتۈرۈپ،ئۇقۇتۇشنى ئەمىليەتكە، تۇرمۇشقا باغلاپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ئىختىدارىنى،تەپەككۈر قىلىش ئىختىدارىنى،مۇستىقىل ياشاش ئىختىدارىنى يىتىلدۇرۇپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەلگۈلۈك نەزىريەۋى قابۇليىتى ۋە ئەمىلى بىلىمىنى يىتىلدۇرىدىغان ئۇقۇتۇش شەكلى.بۇنداق ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارغاندا چۇقۇم ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۇقۇغۇچىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قول سېلىپ ئىشلەش مۇھىتىنى يارتىپ، بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۈگۈنىش پۇرسىتىنى يارتىپ بىرىش كېرەك.ئۇنداق قىلمىغاندا ھازىرقى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرالمايلا قالماي،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان بولىمىز.
  بىز بۇنداق ئۇقۇتۇشنى ئېلىپ بارغان ۋاختىمىزدا چۇقۇم پايدىلانغىلى بۇلىدىغان مائارىپ بايلىقلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىش بىلەن بىرگە چۇقۇم بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىشىمىز (ئۇقۇتقۇچى،ئۇقۇغۇچى،سىنىپ،سىنىپ ئىچىنىڭ بەزىلىشى،سىنىپ ئىچىدىكى ئەسلەھەلەر ئۇقۇتقۇچى تەييارلىغان بايلىقلار...)لازىم.بۇلارنىڭ رۇلىغا سەل قارىغانلىق بولسا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئېڭىنى بوغۇپ قويغانلىق بولىدۇ.بىز ھەر بىر مەسىلىنى تەھلىل قىلغاندا چۇقۇم ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئەتراپىمىزدىن،تۇرمۇشىمىزدىن،ئۆز كۈچۈرمىشىمىز ...ئىچىدىن ئىزدەشكە ماھىر بۇلىشىمىز لازىم ھەم ئۇقۇغۇچىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا يىتەكلىشىمىز كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن سىنىپتىكى ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغا بەلگۈلىك ئاساس سېلىپ ،ئۇقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق ئۇرۇندىيالايمىز.
  دەرستىن سىرتقى پالىيەتلەرنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنۋىرسال تەرەققىيادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ،ئۇرۇنلىماق قىيىن بولغان تەربىيە ئۇسۇلى.بۇنداق بۇلۇشتىكى سەۋەپ بۇ تەربىيە پالىيەتىگە قاتنىشىدىغان تەرەپلەرنىڭ دائىرىسى كەڭرى،قاتلاملىرى مۇرەككەپ،مەدىنىيەت سەۋىيەسى ھەر خىل،دۇنيا قارىشى ئوخشىمايدىغان... بولغاچقا بىر خىل تەربىيەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇقۇغۇچىغا سىڭىشىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ چۈنكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى تۇلۇق يىتىلمىگەن بولغاچقا نىمەنىڭ ھەقىقەت،نىمەنىڭ سەپسىتە،نىمەنىڭ ئىلمىي دۇنيا قاراش ،نىمىنىڭ بۇرمىلانغان خاتا ئىنكاس ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى ئىنتايىن قىيىن.
مەسىلەن:سىز ئۇقۇغۇچىلارغا ئاتىزىم تەربىيەسى بىرىپ ،ئۇلارغا ئىلىم-پەننى سويۇش توغرىسىدا سەپەرۋەر قىلسىڭىز،ئۇقۇغۇچى ئائىلىسىگە قايتقاندا ياكى باشقىلار بىلەن ئارىلاشقاندا باشقىچە تەربىيەنى ئۈزى بىلىپ، بىلمەي قۇبۇل قىلىشى شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تەربىيەڭىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتەلمەي قېلىشى مۇمكىن،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇقۇتقۇچىلاردىكى مەجبۇريەت ئېغىر،بىز ئۇقۇغۇچىغا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا ئەمەس، بىلكى مەكتەپتىن سىرتقى ۋاقىتلىرى، جۇملىدىن ئۇلار جەمىيەتكە چىققان ۋاقىتلاردىمۇ ئۇلارنى تەربىلەشكە كۆڭۈل بىلىشىمىز لازىم.بۇ- بىز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقى بۇرۇچى.
  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پالىيەتلەرنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشتە چۇقۇم مەكتەپ ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ئۇقۇغۇچىنى تەربىلەشتىكى مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك.ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىلەشتە بۇ ئۈچ تەرەپ بىرى بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلا بۇلۇپ قالماي ،بەزى ئەھۋاللاردا بىرسى بىرسى چەكلىشى مۈمكىن.يەنە قىسمەن ئەھۋاللاردا مەكتەپ بىلەن جەمىيەت ۋە مەكتەپ بىلەن ئائىلەنىڭ زىدىيىتى كەسكىنلىشىپ كىتىشى مۇمكىن .بىز مۇشۇ زىدىيەتلەرنى قانداق ھەل قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۇپ ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستىرەلەيمىز .بۇ-ھەر بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ،ھەر بىر مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ،ھەر بىر مەكتەپنىڭ ،شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان ھەم نازۇك ھەم قىيىن مەسىلە.
بۇ مەسىلەرنى ھەل قىلىپ ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە تۈۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. 1)مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئىجدىمائى پالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرلۈك ئەمىلى پالىيەتلەرگە بولغان تۇنىشىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئۇلاردا بەلگۈلۈك دۇنيا قاراشنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
2) مەكتەپ تەسىرلەندۇرۇپ تەربىلەشتىن ئىبارەت تەربىلەش پالىيەتنى قانات يايدۇرۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھىغا تەسىر كۈرسۈتۈپ ،ئۇلاردا بەلگۈلۈك ھەق-ناھەق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ،دۇنيانىڭ گۈزەللىك بىلەن تولغانلىغىنى ،شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ رەزىللىك بىلەن كۈرەش قىلىشمىزنىڭ زۇرۈرلىگىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
3)ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى توغرىلاپ، ئاتا-ئانىلاردا پەرزەنتىلەرنىڭ ئۈزى ئۈچۈن ئۇقۇسىلا بولمايدىغانلىغىنى چۇقۇم ئۇلارنىڭ مىللەت ئۈچۈن،دۆلەت ئۈچۈن ئۇقۇشىنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئۇلارغا بىلدىرىش ئۈچۈن تىرىشىش لاشىم(ئەلۋەتتە بۇ ئاسان ئىش ئەمەس)
4)ئاتا-ئانىلار چۇقۇم پەرزەنتىلەرنى بېقىش،تەربىلەشتىن ئىبارەت يۇكسەك بۇرۇچىنى قانۇن بۇيۇچە ئۈتەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنى قانداق تەربىلەش مەسىلىسىدە كۆپرەك باش قاتتۇرۇش كېرەك.
5)جەمىيەت بولسا ئۇقۇغۇچىلارغا ئىجدىما ئەخلاقنى ھىس قىلدۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلاردا ياخشى-يامانغا بولغان تۇنىشنى يىتىلدۇرۇپ،كىشىلەرنى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ھىس قىلدۇرۇپ،جەمىيەتنىڭ باغرىنىڭ ئىللىقلىغىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش لازىم.
6)مائارىپنى قانۇن بۇيۇچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ،مەكتەپ،جەمىيەت،ئائىلىنىڭ مەجبۇريىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇليىتى ۋە مەجبۇريىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلدۇرۇش.
...
يۇقارقىلارنى توغرا ھەل قىلىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پالىيەتلىرىنى جاللاندۇرۇپ، ئۇلاردا دۈنيانىڭ گۈزەللىككە تولغانلىغىنى بىزنىڭ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللىككە پۈركەش مەجبۇريىتىمىزنىڭ بارلىغىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللىككە قارشى تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلىشىمىزنىڭ بىر ھەقىقەت ۋە ئادەم بولۇشنىڭ يۇلى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرەلىسەك، بىز ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 2-قەدىمىنىمۇ ئوڭۇشلشق ھەل قىلغان بۇلىمىز.
يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكەن 1-،2-قەدەمنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرلەشتۈرەلىسەك،بىز ئۇقۇتۇش ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت مەخسەتكە يىتىپ،مائارىپنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى خەلق ئىچىدە نامايەن قىلالايمىز.
4                                       
مائارىپ
مائارىپ ئىنسانىيەت جەمىيەتى پەيدا بولغاندىن باشلاپلا ،ئىنسانلار بىلەن بىرگە پەيدا بولغان .ئۇزىگە تەربىيە ۋە تەجىربىنى قان قىلغان مەڭگۈلۈك،ھادىسە.ئۇ مىللەتنىڭ،دۆلەتنىڭ ۋە باشقا ئاڭ پۇرماتسىيەلەرنىڭ يوقۇلۇشىغا ئەگىشىپ يۇقۇلۇپ كەتمەيدۇ.(بۇ دىگەنلىك ئىنسانلار جەمىيەتى مەۋجۇتلا بۇلىدىكەن مائارىپمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇدۇ دىگەنلىكتۇر).يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىش مۇمكىنكى مائارىپ ئىنسانلارنىڭ،ئىنسانىيەت جەمىيەتىنىڭ بىر قېنى بۇلۇپ ئۇلارنڭ تەرەققى قىلىشىدا بولمىسا بولمايدىغان،بۇلۇپمۇ ئىنسانىيەت جەمىيەتىنىڭ ئىلمىي قانۇنىيەتلىك تەرەققى قىلىشىدا بولمىسا بولمايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ.شۇنداقلا ئادەمنىڭ دۇنيادا ئادەمدەك ياشىشى ياكى ئادىمى ئەخلەت قاتارىدا ياشىشىدىكى مۇھىم بەلگە.مىللەتنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيەتى ،ۋە ھازىرقى زامان تەرەققىياتىدا ياشاشنىڭ(ئادەمدەك) ئاساسى.
  يۇقارقى ھۈكۈمدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلىمىزكى مائارىپ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتىكى روھى تۈۋرۈك.مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئىدىيەۋى سېلىنما.مەلۇم مەنىدىن ئېتقاندا ئۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ماددى ئاساس.شۇڭا مىللى مائارىپىنى قايسى يۆلىنىشتە تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسى پۇتۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرى جۇملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان قىيىن ھەم تەخىرسىز مەسىلە بۇلۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم چۇقۇم ئۈزىنىڭ،مىللىتىنىڭ ،دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيادى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ، ئۈزىنىڭ يۈكسەك بۇرۇچىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەردەمائارىپنى گۈللەندۈرۈش مائارىپچىلارنىڭ ئىشى،كىشىلەرنىڭ مەدىنىيەت ساپاسى ۋە ئىجدىمائى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى دەپ پۇتكۇل جەمىيەت ئورتاق تىرىشقاندىمۇ ھەل كىلىش قىيىن بولغان مەسىلىنى ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قۇيۇپ مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيادىنى چەكلىمەگە ئۇچرۇتۇشتەك چوڭ خاتالىققا يول قۇيۇۋاتىدۇ،بۇنداق بۇلىۋەرسە بىز ئۇزااققا قالماي تولدۇرۋالغۇسىز  زىيانغا،تولدۈرۋالغۇسىز زامانن پۇرسىتى ئىسراپچىلىقىغا يول قۇيغانلىغىمىزنى ئۆكىنىش بىلەن ھىس قىلىمىز.
  مەسىلەن: ھازىر دۆلىتىمىز بىر پەرزەنتىنى ئاز تۇققان ئاتا ئانىلارنى نۇرغۇن ئىتىبار سىياسىتى بىلەن تەمىن ئىتىۋاتىدۇ.بىر پەرزەنتىنى مەكتەپتە تەلەپ بۇيۇچە ئۇقۇتقان ئاتا-ئانىلارغا قانداق قىسمەتلەر دۇچار بۇلۇۋاتىدۇ.(بۇ يەردە تۈگىمەيۋاتقان ئۇقۇش پۇلى،پارچە راسخۇت ...ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىنىڭ قىيىن بۇلۇشى مەسىلىلىرى كۆزدە تۇتۇلغان) بۇپىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى مىنىڭچە مائارىپ تەرەققى قىلىپ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئازات بولغاندا ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدىغان مەسىلە.مەن بۇ يەردە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويماسلىك كېرەك دىمەكچىى ئەمەس بەلكى مائارىپتىمۇ مۇشۇنداق قوللاش بولسا دىمەكچى-ئەلۋەتتە
بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بار بۇلۇپ،ئۇ بولسىمۇ ھۈكۈمەت تارماقلىرى،كەڭ جامائەت ۋە ئىجدىمائى تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپنىڭ ئىقدىسات ۋە ئىختىساسلىقلارنى يارتىدىغان  رۇلىنى توغرا تۇنىماسلىق ياكى ئىتىراپ قىلماسلىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت.بۇ مەسىلە نىمە ئۈچۈن ساقلىنىپ تۇرۇدۇ؟بۇنىڭدا مىنىڭچە ئىككى تۈرلۈك ئامىل مەۋجۇت.بۇڭنىڭ بىرى مائارىپىمىزنىڭ تۈزىلمىسىنىڭ ئۆلۈك بۇلۇشى مەسىلىسى،يەنە بىرى بولسا كىشىلەرنىڭ ئېڭىنىڭ،ھۈكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تۇنىشىنىڭ مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رۇلىغا بولغان خاتا ئىنكاسى.
مائارىپ تۈزىلمىسىنىڭ  ئۆلۈك بۇلۇش مەسىلىسى يەنە ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1)ئۇقۇ -ئۇقۇتۇش جەھەتتىكى ئۆلۈكلۈك-مەكتەپلىرىمىز دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئۇقۇتۇش پىرۇگىراممىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈلۈك ھالدا نەزىريەنىلا ئۇقۇتۇپ ،ئەمىليەتكە سەل قاراپ ،جەمىيەت بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىغىدا ھاڭ پەيدا قىلىپ قۇيۇش مەسىلىسى ئېغىر.
مەسىلەن:ئىنۋىرسىتنىڭ تۇلۇق كۈرس فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ،ئائىلىسىنىڭ توك سىملىرىنى تارتىيالماسلىقتەك ئەمىليەت.سىز ئۇنىڭغا 15پورمىلا بىلان ئىشلەپ چىققىلى بولىدىغان بىر قىيىن نەزىيەۋى مەسىلىنى يىشىپ باق دىسىىڭىز ئۇ شۇ ھامان يەشەلەيدۇ.بۇ ئۇقۇغۇچىغا ئاتا-ئانىسى باھا بەرگەندە ئالدىدىكى سىم تارتىيالماسلىق مەسىلىسى بۇيۇچە باھا بېرىدۇ،چۈنكى بۇ ئاتا-ئانىنىڭ 15پورمىلالىق ھىساپقا ئېتىياجى يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپتا چۇقۇم ئېغىزدا ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت شەكىلنى تاشلاپ قۇيۇپ تۈپ نوختىدىن ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت يولغا مېڭىش كېرەك.بۇنىڭدا چۇقۇم ھەم ئەمىليەتچانلىقنى ھەم نەزىريىنى بىردەك ئېلىپ بارالايدىغان ئىسلاھات ئەندىزىسىنى تېپىش كېرەك.بۇنىڭدا بىز غەرەپ ئۈلگە نەزىيەسىگە قارشى تۇرۇپ ئۆز رايۇنىمىزنىڭ ،دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىليىتىنى چىقىش نوختىسى قىلساق مائارىپ بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئارلىغىنى قىسقاتقىلى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ كىشىلەرنىڭ تۇنىشىنى ئۆزگەرتكىلى بۇلۇدۇ.مىنىڭچە بىز تەربىلىگەن ئۇقۇغۇچىدا چۇقۇم ئەمىليەت تەجىربىسى بۇلۇش كېرەك .بۇنداق بولغاندا ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ پۇتتۇرۇپلا(ھەر دەرجىلىك مەكتەپلەرنى-تۇلۇقسىز ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى)جەمىيەتكە سىڭىشىپ كېتەلەيدۇ.
2) قۇرۇلما جەھەتتىكى نامۇۋاپىقلىق-بۇ مائارىپ،بۇلۇپمۇ مىللى مائارىپىمىزدىكى مائارىپ بايلىقلىرى،ئادەم كۈچى .مالىيە كۈچى،ئۈسكىنە ئەسلىھەلەرنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كىتىشتەك كىرسىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مائارىپ كىرسىزى بۇلۇپ مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى يە بىر مەغلۇبىيەت ھىساپلىنىدۇ.مەن دىگەن بۇ مەسىلە بىزنىڭ رايۇنىمىزدا بەكرەك ئېغىر
مەسىلەن:يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئېچىلۋاتقان تۈرلۈك كەسپىي سىنىپلار(مىنىڭ تەكشۇرۇشۇمچە 95%تى شەكىل)،بەزى جايلاردا باشلانغۇچنىڭ 6يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر سىنىپتا دەرس ئۇقۇشى......دىسە يەنە نۇرغۇن رىيال مەسىلىلەر
يۇقارقى كىرسىستىن قۇتۇلۇشنىڭ يۇلى ئۇنداقمۇ مۇرەككەپ ئەمەس،لىكىن بىز ئويلىغانداك ئاددىمۇ ئەمەس(دۆلىتىمىزدە دېرىقىمۇ دېرىجە تەستىقلاش تۈزىمى يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ بۇ ھال ئىش قىلاي دىگەن ئادەمنى چارچىتىپ قۇيۇدۇ).مىنىڭچە چۇقۇم كەسپىي سىنىپلارنى مۇنتىزىم كەسپىي مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىش كېرەك.(قىسمەن ئورۇنلاردا ئەمەلگە ئاشتى) يۇقىردىكىدە مەكتەپلەرنى چۇقۇم قۇشىۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەم ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش پۇرسىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەم مائارىپ بايلىقلىرىنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
يەنە بىر مەسىلى بولسا جەمىيەتنىڭ مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رۇلىغا بولغان خاتا ئىنكاسى مەسىلىسى
دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ ئاساسى لۇشەننىڭ يادىروسى<< ئىقدىسادى قۇرلۇشنى مەرگەز قىلىش>>بۇلۇپ ،ئىقدىسادى قىزغىنلىق زور دېرىجىدە يۈز بىرىپ پۇتۇن مەمىلىكەت دائىرىسىدە پۇل،ئىقدىسات مەسىلىسى توسىۋالغىلى بولمايدىغانئېقىمغا ئايلاندى،ئىلگىرى روھى باي بولسىمۇ ،قوسىقى تويمىغان بۇ كىشىلەر قانداقلا بولسا پۇل تېپىش كۇيىغا كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە تىز بېيىسا شۇنچە ياخشى بۇلۇش،شۇنچە ئىمتىياز ۋە ئۇرۇندىن بەھرىمان بۇلۇش ئەمىليىتىنى شەكىللەندۇردى.بۇنداق بۇلۇشتىكى سەۋەپ دۆلەت ئاۋال بېيىغانلارنى يولەشتىن ئىبارەت سىياسەتلەرنى تۈزۇپ كىشىلەرنى تېخىمۇ پۇل خۇمار قىلىۋەتتى.بۇنداق داۋاملاشقان ئىقدىسات قىزغىنچىلىغى قىسقىغىنە بىرنەچچە يىلدا كىشىلەردە قانۇننى كېرەك قىلماسلىق،ئەخلاقنى كېرەك قىلماسلىق ھەتتا ھۈكۈمەتسىزلىكنى كەلتۈرۇپ چىقىشتەك يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى پەيدا قىلدى.
كىشىلەرنىڭ،ھۇكۇمەت ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن نىيىتى ئاز دەسمايە سېلىپ كۆپ مەنپەتلىنىش،دەسمايسىنىڭ مەنپەتىنى تىز كۈرۈش بولغانلىغى ئۈچۈن مائارىپتىن ئىبارەت كۆپ دەسمايە سېلىپ مەنپەتىنى تەستە كۆردىغان بۇنداق كەسىپكە ئېغىزىدا ھە دەپ قۇيۇپ ئەمىليەتتە پۇلنىڭ قۇلى بۇلۇپ كىتىشتىن ئىبارەت رىياللىق مائارىپنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە رۇلىنى بارغانچە تۈۋەنلىتىۋەتتى.بۇنداق رىياللىق داماملىشېۋەرسە بۇنداق ئىقدىسادى تەرەققىيات زاۋانلىققا يۈز تۇتماي قالمايدۇ
  بۇ نۇختىنى تۇنۇپ يەتكەن پارتىيە مەرگىزى كومىتىتى مائارىپنىڭ سىتىرادىگىيەلىك ئورنىنى ھە دەپ تەكىتلىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن تۈۋەندە تېخى ئويغىنىش يوق.بۇ نوختا ھەممىمىزگە ئايان.
يۇقارقىدەك رىيال مەسىلىلەر مائارىپنىڭ ،بۇلۇپمۇ مىللى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا زور توسقۇنلۇق قىلىپ ،جەمىيەتتە ئۇقۇتقۇچى،مائارىپ دىگەنلەرنىڭ ئورنى يۇقىرى بولماسلىقتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ،مىللەتنىڭ،دۆلەتنىڭ تەرەقىيادىغا ماسلىشالماسلىقتەك ھالەت شەكىللىنىپ،قاتمۇ قات ئىسلاھاتلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىپ قانداق قىلىشنى بىلمەي گاڭەىراپ،قارىغۇلارچە ئىلگىرلەش ھالىتى شەكىللىنىپ،پۇتۇن دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سۈپىتىدە چىكىنىش كۈرۈلدى.بۇنداق چىكىنىش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنى كۆپەيتىپ،ھالىدىن كەتتۈرۋەتكەچكە ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇتقۇچىلىقتىن،ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپتىن زىرىكىدىغان رىياللىق مەيدانغا كەلگەن.
مەسىلەن:شاڭخەي،بېيجىڭلاردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش بولماسلىق توغرىسىدىكى رايىنى سىناشتىن ئىرىشكەن نەتىچە بۇنىڭغا دەلىل بۇلالايدۇ.(بۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ70-80%ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشنى ىالىماي ،باشقا كەسىپكە ئالمىشىپ كىتىشنى تەلەپ قىلغان).ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئىنتىھان بەرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ئارزۇسىغا تولدۇرمىغانلىق ئەھۋالى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ ئورننى كۆرسىتىپ بەرەلەيدۇ.
بۇ ھال مىللى مائارىپىمىزدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بۇلىۋاتىدۇ.ھازىرقى رىياللىقتىن قارىغاندا خەنزۇلارنىڭ ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى،ئۇقۇتۇش قۇرۇلمىسى،ئۇقۇتۇشنى باشقۇرۇش جەريانى بىلەن مىللى مائارىپىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمىليىتىدە پەرىق خېلى كۆپ ساقلىنۋاتىدۇ،مۇنداقچە دىگەندە ئۇلار ئەنئەنىدىن ۋاز كەچمىدى،بىز بولساق ئەنئەنىنى كېرەك قىلمىدۇق.ماھىيەتتە ئەنئەنىنىڭ مىلىلى روھ ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالدۇق.
مۇشۇنداق رىياللىققا دۇچ كەلگەن مىللى مائارىپ قانداق قىلىشى كېرەك؟شاللىنىپ كىتىشى لازىممۇ؟بۇ مەسىلىگە جىددى مۇئامىلە قىلمىغاندا چۇقۇم شاللىنىپ،ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كىتىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ.ئەگەر مۇشۇنداق رىياللىق يۇز بىرىپ قالىدىغان ئىش بولسا ئۇزاققا قالماي تارىختىن يەنە بىر مىللەتنىڭ نامى ئۈچۈرۈلىدۇ.
بىز بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىللى روھ،مائارىپ بايلىغى،ئۇقۇتۇش ئۈنىمى ۋە مائارىپ قارارلىقلارنى چىقىش قىلىپ پۇتۇن مىللىتىمىز ئىچىدى مائارىپ ئېڭىنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.مىنىڭچە مائارىپ ئېڭى يىتىلمىگەن مىللەت چۇقۇمكى دەۋرىنىڭ شاللىشىغا دۇچ كېلىدۇ.
ھازىرقىدىك بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىدە كىمنىڭ قۇلدا مائارىپ ،بىلىم،ئىختىساسلىقلار كۆپ بولسا شۇ مىللەت ياكى شۇ دۆلەت دۇنيانىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا ،كىمىنىڭ ،قايسى مىللەتنىڭ قۇلىدا بۇ 3ئەنگۈشتەر بولمىسا ئۇ باشقۇرۇلغۇچىغا ئايلىنىپ،دۇنيادا ئادەمدەك ياشاش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قۇيۇدۇ.يەنە قۇپالراق تىل بىلەن بايان قىلساق بۇنداق مىللەت<< بىر توغرام ناننىڭ قۇلى >>بۇلۇپ،كىيىنكى كۈنلىرىنى باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ ئۆتكىزىدۇ.مۇشۇ يەردە يەنە شۇ نوختىنى ئەسكەرتىش كېرەككى مائارىپ ئېڭى يىتىلمىگەن مىللەتنىڭ مەيلى سانى كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن تەقدىرى ئوخشاش بۇلۇدۇ.

ئالدىنقىسى: يوق
كېيىنكىسى: مائارىپىمىز نىمە ئۈچۈن چىقىش يۇلى
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار